تېتىردا ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بىرلەشمە ‹‹دوستلۇق پائالىيىتى كۈنى›› ئۆتكۈزۈلدى |
مەنبە:تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى 2010-يىلى20-ماي
ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز سىدىق تۇردى ، ئېزىز ئېلىلار خەۋىرى ، فوتوسى : 18–ماي ، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ تېتىر يېزىسى قاغىلىقتا تۇرۇشلۇق 69213–قىسىمدىكى ئوفىتسېر–ئەسكەرلەر بىلەن بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى . پائالىيەتتە بۇ قىسىم رامزان بېغى كەنتىگە 40 مىڭ يۈەن قىممىتىدە كىتاب ، بۇ كەنتتىكى تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار 23 ئائىلىگە 4600 يۈەن نەق پۇل ، يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە 6000 يۈەن قىممىتىدە كومپىيوتېر ، ھەر خىل تەنتەربىيە سايمانلىرى ، تۈرلۈك ئوقۇش ماتېرىياللىرى ، 28 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە 100 يۈەندىن نەق پۇل ياردەم قىلدى .
پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-5-20 19:15:42 ئۇقۇلۇشى: 26 قېتىم] |
|