بالاك تۇيۇقسىز يارىلىنىپ دۇنيا لوڭقىسىدىن مەھرۇم بولدى ! |
مەنبە:ئىز تورى 2010-يىلى18-ماي

گېرمانىيە پۇتبول بىرلەشمىسى 17-ماي بايانات ئېلان قىلىپ گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ باشلىقى ، ئېنگىلاند چېلسى كۇلۇبىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى مايكىل بالاكنىڭ پۇت قىسمى ئېغىر يارىلانغانلىقتىن بۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى .

گېرمانىيە پۇتبول بىرلەشمىسى تورىدىن ئېلىنغان كەسمە سۈرەت
بالاك ئالدىنقى شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئېنگىلاند پۇتبول بىرلەشمىسى لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە قارشى تەرەپ ماھىرى تەرىپىدىن ھوشۇق قىسمى دەسسىلىپ كېتىپ يارىلانغان بولۇپ ، مۇسابىقىدىن كېيىنكى تەكشۈرۈشتىن ئۇنىڭ يارىسىنىڭ 20 نەچچە كۈندىن كېيىنلا باشلىنىدىغان دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىقا يار بەرمەيدىغانلىقى مەلۇم بولدى .

بالاك مۇسابىقىدە يارىلانغان كۆرۈنۈش

دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تېرىنېرى لوف مۇخبىرلارغا بالاكنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلماقتا

قاباھەتلىك چۈش ...
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-5-18 19:43:47 ئۇقۇلۇشى: 88 قېتىم] |
|