لوندون يېڭى قوش قەۋەتلىك ئاپتوبۇسىنىڭ لاھىيىسى ئېلان قىلىندى |
مەنبە:ئىز تورى 2010-يىلى18-ماي

5-ئاينىڭ 17-كۈنى لوندون شەھىرىنىڭ باشلىقى بوررېس جونسون يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن قوش قەۋەتلىك كوچا ئاپتوبۇسىنىڭ ئاخىرقى لاھىيىسىنى ئېلان قىلدى . بۇ خىل قۇيۇق لوندون پۇرىقىغا ئىگە ئۆزگىچە قاتناش ۋاستىسى 2012-يىلىدىن باشلاپ رەسمىي ئىشلىتىلىدۇ .

يېڭىدىن لاھىيىلەنگەن قوش قەۋەتلىك ئاپتوبۇس تېخىمۇ يەڭگىل ماتېرىيالدىن ياسالغان بولۇپ ، يېقىلغۇ تېجەپ بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن . ئەڭ كۆپ بولغاندا 87 ئادەم سىغىدىغان قوش ئىشىكلىك قىلىپ لاھىيىلەنگەن . ئىچىدە قولايلىق قاتلىما ئورۇندۇقتىن باشقا يەنە مېيىپلار ئۈچۈن مەخسۇس رايون بېكىتىلگەن .



[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-5-18 19:24:50 ئۇقۇلۇشى: 11 قېتىم] |
|