نېفىت ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى ئامېرىكىنىڭ يېقىن دېڭىزدا نېفىت–گاز ئېچىشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن |
مەنبە:تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى 2010-يىلى17-ماي
مېكسىكا قولتۇقىدا نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكىدا يېقىن دېڭىزدا نېفىت – گاز ئېچىشقا قارشى تۇرۇش سادالىرى قايتا كۈچىيىپ، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىن دېڭىزدا نېفىت – گاز ئېچىشنى زورايتىپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتىنى قارا كۆلەڭگە قاپلىدى.
ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىستېمال دۆلىتى، شۇنداقلا ئەڭ چوڭ نېفىت ئىمپورت دۆلىتى. نېفىت ئىمپورت مىقدارىنى ئازايتىش، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئامېرىكىنىڭ كۆپ سانلىق كىشىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئېنېرگىيە سىياسىتى. دېڭىز – ئوكيان ئامېرىكىنىڭ نېفىت ئامبىرى. ئامېرىكا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مېكسىكا قولتۇقىدىكى رايونلاردا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانمىغان، ئەمما ئاچقىلى بولىدىغان نېفىت بايلىقى 36 مىليارد تۇڭدىن 41 مىليارد 500 مىليون تۇڭغىچە، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانمىغان، ئەمما ئاچقىلى بولىدىغان تەبىئىي گاز بايلىقى 16 مىليارد 100 مىليون كۇب فۇدتىن 20 مىليارد 700 مىليون كۇب فۇد(بىر كۇب مېتىر تەخمىنەن 35 كۇب فۇدقا تەڭ)قىچە ئىكەن. يېقىن دېڭىزدا نېفىت – گاز بايلىقى مول بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا مۇھىت ئاسراشنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان بۇ يەرلەردە نېفىت – گاز ئېچىشنى مەنئى قىلغانىدى.
ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىدا 1969 – يىلى نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، نېفىت ئېچىش بىخەتەرلىكى جامائەتچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم تېمىغا ئايلانغانىدى. ئامېرىكا پارلامېنتى 1981 – يىلى قانۇن لايىھەسى ماقۇللاپ، دېڭىز قىرغىقى بىلەن بولغان ئارىلىقى 4.8 كىلومېتىردىن 322 كىلومېتىرغىچە بولغان قۇرۇقلۇق سۇپىسى(ماتېرىك سۇپىسى)دا نېفىت ئېچىشنى چەكلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ قانۇن لايىھەسى ھەر يىلى قايتا قاراپ چىقىلىپ، مۇددىتى ئۇزارتىلىپ كەلگەن. 1989 – يىلى، ئالياسكا ئىشتاتىدا ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر بولغان نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەردى. كېيىنكى يىلى، شۇ چاغدىكى زۇڭتۇڭ چوڭ بۇش پەرمان ئىمزالاپ، ئېچىش چەكلەنگەن رايوننىڭ دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى ھەم كۈچكە ئىگە مۇددىتىنى 2002 – يىلىغىچە ئۇزارتتى، 1998 – يىلى شۇ چاغدىكى زۇڭتۇڭ كېلىنتون 2012 – يىلىغىچە ئۇزارتتى.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بۇ يىل 3 – ئاينىڭ ئاخىرىدا يېقىن دېڭىزدا نېفىت چارلاشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى قىسمەن بىكار قىلىپ، يېقىن دېڭىزدا نېفىت – گاز ئېچىش دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. بۇ قېتىمقى نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيەسىدە بىردىنلا ئۆزگىرىش بولدى.
ئاقساراي باياناتچىسى بېن لابورت 30 – ئاپرېل: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كېن سالازار ئوباماغا ھادىسە توغرىسىدا دوكلات يوللىغىچە، ھۆكۈمەت ھېچقانداق كارخانا بىلەن دېڭىزدا قۇدۇق قېزىش توختامى ئىمزالىمايدۇ، دېدى. ئوبامانىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى داۋىد ئاكسېرلود شۇ كۈنى: قۇدۇق بۇرغىلاش سۇپىسى پارتلاش ۋە نېفىت ئېقىپ كېتىش سەۋەبى ئېنىقلانغۇچە، ھۆكۈمەت ھېچقانداق نېفىت قۇدۇقى قۇرۇش پىلانىنى تەستىقلىمايدۇ، دېدى.
مېكسىكا قولتۇقىدىكى نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسىنىڭ تەسىرى كۆپ تەرەپلىك بولۇشى مۇمكىن. بۇ ۋەقە ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان بويىدىكى ئېكولوگىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتكە قارىغاندا، نېفىتنىڭ ئېقىش سۈرئىتى مۆلچەردىكىدىن تېز بولۇپ، مېكسىكا قولتۇقىدىكى لەيلىمە نېفىتنىڭ كۆلىمى 30 – ئاپرېلغىچە 9900 كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكا دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى ۋە ئەنگلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ ‹‹نېفىت كۆيدۈرۈش›› ۋە خىمىيەۋى دورا ئارقىلىق پارچىلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق دېڭىزدىكى لەيلىمە نېفىتنى تازىلىشىنىڭ ئۈنۈمى تازا كۆرۈنەرلىك بولمىدى. مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتلىرى نېفىت ئېقىپ كېتىشنىڭ مېكسىكا قولتۇقى رايونىدىكى نۇرغۇن قۇش، مارجان تاش ۋە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، بۇلغىما ئىقتىسادقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا بېلىقچىلىق ئورۇنلىرى دېڭىز – ئوكيان جانلىقلىرىنىڭ بۇلغىما تۈپەيلىدىن زور كۆلەمدە ئۆلۈپ كېتىشىدىن، ئىستېمالچىلارنىڭ بۇلغانغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالماسلىقىدىن، ساياھەت ئورۇنلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ بۇلغانغان دېڭىز ساھىلىغا كەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ.
ئەڭ بىۋاسىتە تەسىرگە ئۇچرايدىغىنى يەنىلا نېفىت شىركەتلىرىدۇر. ئەنگلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تونى خايۋارد: مېكسىكا قولتۇقىدىكى نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى ئامېرىكىنىڭ يېقىن دېڭىزدا نېفىت – گاز چارلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش پىلانىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، دېدى. ئامېرىكىنىڭ خيوستوندىكى بىر ئېنېرگىيە مەسلىھەتچىلىكى ئاپپاراتىنىڭ تەھلىلچىسى دان پىككېرىنگ: بۇ قېتىمقى نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىن دېڭىزدا نېفىت – گاز ئېچىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەكمۇ – يوق؟ دېگەن مەسىلىنىڭ قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا سەۋەبچى بولدى، دېدى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-5-17 19:29:17 ئۇقۇلۇشى: 34 قېتىم] |
|