ھىندى كىلاسسىك ئۇسسۇلى دۇنيا يەرمەنكىسى سەھنىسىدە ئوينالدى |
مەنبە:تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى 2010-يىلى14-ماي

11–ماي ، شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى باغچا رايونىدىكى ئاسىيا مەيدانىدا ھىندى كىلاسسىك ئۇسسۇلى كۆرگەزمە ئويۇنى قويۇلدى . ھىندىستانلىق ئون نەچچە ئۇسسۇلچى ئودىسسى ئۇسسۇلىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى. ئودىسسى ئۇسسۇلى ھىندىستاننىڭ مەشھۇر كىلاسسىك ئۇسسۇلى. بۇ ئۇسسۇل ھىندىستاننىڭ شەرقىدىكى ئورىسسادا بارلىققا كەلگەن بولۇپ ، ئايال كاھىنلار ئىلاھقا چوقۇنۇش مۇراسىملىرىدا ۋە بايراملاردا بۇتخانىلاردا ئوينايدۇ. ئۇ ئۇسسۇلچى بەدىنىنىڭ ئۈچ ئەگمە كۆرۈنۈشى بىلەن مەشھۇر بولۇپ ، ئۇسسۇل ھەرىكىتىدە ئەۋرىشىملىك تەكىتلىنىدۇ.





ھىندىستان ئۇسسۇلچىلىرى دۇنيا يەرمەنكىسى ئاسىيا مەيدانىدا ئودىسسى ئۇسسۇلى ئوينىماقتا
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-5-14 18:09:00 ئۇقۇلۇشى: 212 قېتىم] |
|