برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى |

11-ماي برازىلىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى رېئودى-ژانېرودا 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى . ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغىنى بۇ قېتىم ئاۋۋال 30 كىشىلىك ئۆتكۈنچى تىزىملىك ئېلان قىلىنماستىن بەلكى دۇنيا لوڭقىسىغا كىرىدىغان 23 كىشىلىك ئاخىرقى تىزىملىك بىۋاستە تاللاپ چىقىلغان .
توپ مەستانىلىرى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇنازىرە قىزىق نۇقتىسى بولغان چوڭ-كىچىك رونالدونىڭ ھېچقايسىسى بۇ قېتىم جەنۇبىي ئافرىقىغا بارىدىغان ئايروپىلان بېلىتىگە ئېرىشەلمىگەن . ئۇندىن باشقا داڭلىق ھۇجۇمچىلاردىن پاتو بىلەن ئادرىيانو يارىلىنىش ۋە بەدەن ھالىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى تۈپەيلىدىن بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىن مەھرۇم قالغان .
مەنبە:ئىز تورى 2010-يىلى13-ماي
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-5-13 17:52:44 ئۇقۇلۇشى: 71 قېتىم] |
|