جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى |

جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇلى رەئىس سەھنىسى ئالدىدىن ئۆتمەكتە 5–ماي ، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى . ھەيۋەتلىك ھەربىي مۇزىكا ساداسى ئىچىدە جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى جەڭچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن 15 چاسا ئەترەت رەتلىك قەدەملەر بىلەن رەئىس سەھنىسى ئالدىدىن ئۆتتى .
جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمى 1980–يىلى 5–مايدا قۇرۇلغان . جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمى تانكىچى قىسىم ، رازۋېتكىچى قىسىم ، برونىلاشقان قىسىم ، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسمى ۋە قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش پىيادە ئەسكەرلەر قىسمى قاتارلىق 10 نەچچە تارماق قىسىمدىن تەشكىل تاپقان جەڭگىۋار قىسىم بولۇپ ، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىدىكى بەش چوڭ قىسىمنىڭ بىرى . 30 يىلدىن بۇيان ، بۇ قىسىم يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ ، نۇرغۇن سىناقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ،قۇرۇقلۇقتا مۇستەھكەم ئىستىھكامغا ھۇجۇم قىلىش، دېڭىزدا قىيىنچىلىقنى يېڭىش ، ھاۋا بوشلۇقىدا پاراشوت بىلەن سەكرەشتىن ئىبارەت ‹‹ ئۈچ خىل مۇھىتتا جەڭ قىلالايدىغان ›› ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ ، جىددى ، قىيىن ، خەتەرلىك ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالالايدىغان ئارمىيەگە ئايلاندى .












مەنبە:تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى 2010-يىلى6-ماي
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-5-6 17:14:49 ئۇقۇلۇشى: 1094 قېتىم] |
|