| ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن ئەمەلگە ئاشمىغان ئاپتوموبىلبومبا پارتىلتىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان جىنايەتچى سوتلاندى | 
 
 
 
  
 4–ماي ، بىر ساقچى نيۇ يوركنىڭ مانخاتتۇن نيۇ يورك فېدېراتسىيىسى جەنۇبىي تەرىپىدىكى سوت مەھكىمىسىدە قاراۋۇللۇق قىلماقتا 
    نيۇ يورك ‹‹ دەۋر گېزىتى ›› مەيدانىدا ئەمەلگە ئاشمىغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىكى گۇمانلىق ئادەم ، پاكىستاندىن ئامېرىكىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان فىزار شاھزاد 4–ماي چۈشتىن كېيىن سوتقا تارتىلدى . بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن فىزار شاھزاد 3–ماي كەچتە نيۇ يوركنىڭ كېننىدى خەلقئارا ئايرودىرومىدا قولغا چۈشكەن بولۇپ ، ئۇ شۇ ۋاقىتتا دۇبەيگە ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئامېرىكىدىن ئايرىلىشنى پىلانلاۋاتقان ئىكەن . 
 
  
  نيۇ يورك شەھىرىنىڭ باشلىقى بورۇنبوگ ( سولدىن بىرىنچى كىشى ) نيۇ يوركتىكى ئەمەلگە ئاشمىغان تېررورلۇق ھۇجۇمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشماقتا
 
  
 
  نيۇ يورك ‹‹ دەۋر گېزىتى ›› مەيدانىدا ئەمەلگە ئاشمىغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىكى گۇمانلىق ئادەم فىزار شاھزاد        خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، 1–ماي كەچ سائەت 6:30 ئەتراپىدا كۆزەتكۈچى كامېراغا ياپونىيەدە ياسالغان ئاق ئاپتوموبىلنىڭ ‹‹ دەۋر گېزىتى ›› مەيدانى يېنىدىكى 45–كوچىغا كىرگەنلىكى ، ئارقىدىنلا بىر سودىگەرنىڭ بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا ئورۇندۇقى تەرىپىدىن ئىس–تۈتەك چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان كۆرۈنۈش ئېلىنىپ قالغان . ساقچىلار كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇپ ، كىشىلەرنى قامال قىلغان .     نيۇ يورك شەھىرىنىڭ ساقچىلىرى بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا ئورۇندۇقى تەرىپىدىكى ئەينەكنى چېقىپ ، ھەر خىل ئاماللارنى قوللىنىپ ، ھەتتا ماشىنا ئادەمنى ئىشقا سېلىپ ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىنى كۆزىتىپ ، ئۈچ تۇڭ پروپېن ، بەش گاللون بېنزىن قاچىلانغان ئىككى باك ، رەڭلىك نۇر چاچىدىغان پوجاڭزا ۋە باتارىيەلىك ئىككى قوڭغۇراقلىق سائەتنى بايقىغان .نيۇ يورك شەھەرلىك ساقچى دائىرىلىرى : بۇ پارتلاش قۇرۇلمىلىرى پارتلاش ھالىتىدە تۇرغان بولسىمۇ ، كاشىلا چىققان ئىكەن . پارتلاش قۇرۇلمىسىغا قارىغاندا ، بۇنى كەسپ ئەھلىلىرى قىلغاندەك تۇرىدۇ ، دېدى .
 
  
 
 
  
 
  
 
  مەنبە:شىنخۇا تورى 2010-يىلى5-ماي 
| [ئاپتورى:   مەنبەسى:   ۋاقتى: 2010-5-5 17:48:55  ئۇقۇلۇشى: 288 قېتىم] |  
 
 |