8 ئوقۇغۇچىنى چاناپ ئۆلتۈرگەن قاتىلغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى |

فۇجيەن ئۆلكىسى نەنپىڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن <23-مارت> پەۋقۇلئاددە زور قاتىللىق ۋەقەسىدىكى باش جاۋابكار جېڭ مىنشېڭغا بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن قانۇن بويىچە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى .

(ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان)
جاۋابكار جېڭ مىنشېڭ بۇ يىل 3-ئاينىڭ 23-كۈنى فۇجيەن ئۆلكىسى نەنپىڭ شەھەرلىك تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتەپ ئالدىدا قالايمىقان ئادەم چاناپ ، 8 ئوقۇغۇچىنى ئۆلتۈرۈپ 5 بالىنى ئېغىر يارىلاندۇرغان . ۋەقەدىن كېيىنكى تەكشۈرۈشتىن ئۇنىڭدا روھىي كېسەللىك ئالامىتى يوقلۇقى بايقالغاندىن كېيىن ، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 8-ئاپرېل 1-سوت ھۆكۈمىدە ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان . جاۋابكار ھۆكۈمگە قايىل بولماي نارازىلىق ئەرزى سۇنغاندىن كېيىن ، 20-ئاپرېل 2-سوت ھۆكۈمىدە ئەسلى سوتنىڭ قارارى ساقلاپ قېلىنىپ ، جاۋابكارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ دەرھال ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇلغان .
مەنبە:ئىز تورى 2010-يىلى28-ئاپرېل
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-4-28 19:19:02 ئۇقۇلۇشى: 231 قېتىم] |
|