خېيلوڭجياڭدا قۇراللىق پۇل يۆتكۈگۈچى بىر يىگىتنى ئېتىۋىتىپ قولغا ئېلىندى |

24-ئاپرېل، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى چىتەيخې شەھىرى شىنشىڭ بازار رايونىدا قۇراللىق ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەردى. پۇل يۆتكەش ماشىنىنىڭ قۇراللىق قوغدىغۇچىسى لوڭجىياڭ بانكىسى ئالدىدا گازىر چېقىپ كېتىۋاتقان 24 ياشلىق ياش يىگىتنى ئېتىۋەتتى. ۋەقەنى نەق مەيداندا كۆرگۈچىنىڭ ئېيتىشىچە، پۇل يۆتكەش ماشىنىسى بۇ يەرگە كىلىپ توختىغاندا بەزى كىشىلەر ئۆزىنى دالدىغا ئالغان بولۇپ، بۇ يىگىت پۇل يۆتكەش ماشىنىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقاندا بۇ كۆرۈرمەنمۇ ئالدىغا قاراپ مېڭىۋەرگەن. كېيىن ئون-نەچچە قەدەم ماڭمايلا ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىغان. كەينىگە قارىسا ھېلىقى ياش يىگىت يەردە يېتىپ قالغان بولۇپ، باش قىسمىدىن قان ئېقىپ چىققان ۋە نەق مەيداندا قازا قىلغان. مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە، بۇ يىگىتنىڭ ئىسمى ۋۇ يى ۋېن بولۇپ، 24 ياش، مەلۇم سىمونت زاۋۇتىنىڭ قوغداش خادىمى ئىكەن. مۇخبىر يەنە خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى چىتەيخې شەھىرى شىنشىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ نۆۋەتتە بۇ قوغداش خادىمىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، بىراق دېلونىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئېنىقلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مەنبە:شىنخۇا تورى 2010-يىلى26-ئاپرېل
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-4-26 12:44:21 ئۇقۇلۇشى: 239 قېتىم] |
|