ئەنگىلىيەلىك ئايال ئۆزىنىڭ سۈتى بىلەن دوستلىرىنى تورت پۇشۇرۇپ مېھمان قىلدى |

ئەنگىلىيە «كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ 22-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە برىستول شەھىرىدىكى 30 ياشلىق ئايال ئەيبى.بۇلەيك 8 ئايلىق بولغان قىز بوۋاقنىڭ ئانىسى بولۇپ، ئۇ بالىسىنى تويغۇزۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ يەنە نۇرغۇن سۇتىنىڭ ئىسراپ بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، غەلىتە ئامالدىن بىرنى تىپىپ چىققان. يەنى ئۇ قىزى تۈگىتىپ بولالمىغان سۈتتىن تورت ياساپ دوستلىرىنى مېھمان قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ سۈتى ھەقىقىي يېشىل يىمەكلىك بولۇپ، كىشىلەرگە ئۇزۇقلۇق تولۇقلاپلا قالماي راك كېسىلىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. شۇڭا ئۇ بۇ خىل ئۇسۇلنى تاللىغان ئىكەن.
مەنبە:شىنخۇا تورى 2010-يىلى23-ئاپرېل
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-4-23 13:15:54 ئۇقۇلۇشى: 502 قېتىم] |
|