مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى |
21–ئاپرېل ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈشۇدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

شىنياڭ شەھىرى ئەدەبىيات–سەنئەت يولىدىكى 2–باشلانغۇچ مەكتەپتە ‹‹يۈشۇ ، غەيرەت قىل›› تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ ، يۈشۈدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى


شەنشى ئۆلكىسى يۈنچېڭ شەھىرى يەنخۇ رايونى تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن تەزىيە بىدۈرۈش مۇراسىمىدا ، ئوقۇغۇچىلار قوللىرىغا شام ئېلىپ ، يۈشۇدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا تەزىيە بىلدۈردى

تيەنجىن تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ ھويلىسىدا يۈرەك ئىچىگە ئېلىنغان ‹‹يۈشۇ››خېتىنىڭ نۇسخىسىنى چىقىرىپ ، يۈشۇدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا تەزىيە بىلدۈردى

جىنەن ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس باش بېكىتىنىڭ بىر خىزمەتچىسى سۈكۈتتە تۇرۇپ ، يۈشۇدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا تەزىيە بىلدۈردى

جياڭشى ئۆلكىسى جيۇجياڭ شەھىرى شۇاڭفېڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى يۈشۇدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ، ئوقۇغۇچىلار مەيداندا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرمەكتە

قوراللىق ساقچى قىسىم جياڭشى باش ئەترىتى يېچۈن شەھەرلىك تارماق ئەترەتنىڭ بىر ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر–ئەسكەرلەر قەغەزدىن تۇرنا قاتلاپ ، يۈشۇدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا تەزىيە بىلدۈردى

ئەنخۇي ئۆلكىسى خۇەيبېي توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ خادىملىرى پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ ، يۈشۇدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا تەزىيە بىلدۈردى

زاۋجۇاڭ مەركىزىي شەھەر رايونىدىكى خۇيزۇ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى كۈنلۈك تۇتۇپ سۈكۈتتە تۇرۇپ ، يۈشۇدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا تەزىيە بىلدۈردى

لياۋنىڭدىكى دوستلۇق كۆۋرۈكى يېنىدا ، چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى بارلىق كۆۋرۈكنى ساقلىغۇچى ئوفىتسېر–ئەسكەرلەر سەپكە تىزىلىپ ، باش كىيىملىرىنى ئېلىۋېتىپ ، يۈشۇدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا تەزىيە بىلدۈردى
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-4-22 14:38:20 ئۇقۇلۇشى: 440 قېتىم] |
|