دوختۇرخانىدا قاتىللىق ۋەقەسى يۈز بەردى |

چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكىنىڭ تېنناسى شىتاتى نوكسۋېل شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا قوراللىق ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، ئىككى ئادەم ئۆلۈپ ئىككى ئادەم يارىلانغان .

ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە ، ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەر شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن شەھەرلىك داۋالاش مەركىزىدە بىر ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ ئىككى ئادەمنى يارىلاندۇرغاندىن كېيىن ساقچىلار يېتىپ كەلگەندە ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلۈۋالغان .
مەنبە:ئىز تورى 2010-يىلى21-ئاپرېل
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-4-21 12:49:35 ئۇقۇلۇشى: 597 قېتىم] |
|