F1 جۇڭگو بېكەت مۇسابىقىسى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى |

2010-يىللىق F1 بەيگە ئاپتوموبىلى سەييارە مۇسابىقىسىنىڭ جۇڭگو بېكىتى 18-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن شاڭخەي خەلقئارا بەيگە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى . يامغۇرلۇق ھاۋادىكى قاتتىق تىركىشىشتىن كېيىن ماكلارېن ماشىنا ئەترىتىدىن پاتتون 1 سائەت 44 مىنۇت 42 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن 1-بولۇپ ، بۇ يىلدىكى 2-قېتىملىق چېمپيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى . ئۇنىڭ سەپدىشى خامىلتون بىر يېرىم سېكۇنتلۇق پەرق بىلەن 2-بولدى ، مېرسېدىس كوماندىسىدىن روسبورگ 3-بولۇپ مۇسابىقىنى تاماملىدى .

ماھىرلارنىڭ ئومۇمىي نومۇر تەرتىپىدە پاتتون ئىككى قېتىملىق چېمپيونلۇققا تايىنىپ 60 نومۇر بىلەن 1-ئورۇندا تۇرماقتا . روسبورگ 50 نومۇر ، ئالونسو بىلەن خامىلتون ئوخشاش 49 نومۇر بىلەن 3-ئورۇندا تاپ بېسىپ كەلمەكتە . كوماندىلار نۇمۇر تەرتىپىدە بولسا ماكلارېن ماشىنا ئەترىتى پاتتون بىلەن خامىلتوننىڭ ئېسىل ئىپادىسىگە تايىنىپ 109 نومۇر يىغىپ بولدى ، فارارى 90 بىلەن ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كەلمەكتە .







مەنبە:ئىز تورى 2010-يىلى19-ئاپرېل
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-4-19 13:03:10 ئۇقۇلۇشى: 546 قېتىم] |
|