2 تىرىليون 600 مىليارد يۈەن كۆپمۇ ياكى ئازمۇ ؟ |
— 1–پەسىللىك كىرېدىت سانلىق مەلۇماتى توغرىسىدا
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى : جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ 12 – ئاپرېل ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 1 – پەسىلدە ئېلىمىزدە يېڭىدىن كۆپەيگەن خەلق پۇلى قەرز پۇلى 2 تىرىليون 600 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن 4 تىرىليون 580 مىليارد يۈەندىن كۆرۈنەرلىك ئازايغان. بىراق، زىيارەت قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر بىردەك: 1 – پەسىلدىكى 2 تىرىليون 600 مىليارد يۈەنلىك ئېشىش سۈرئىتى يەنىلا تارىخىي يۇقىرى نۇقتىدا تۇرماقتا، ھازىر ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجى ناھايىتى كۈچلۈك، كەلگۈسىدە بانكا كىرېدىتى يەنىلا مۇۋاپىق يېتەرلىك ھالەتنى ساقلايدۇ، دەپ قارىدى.
1 – پەسىلدە كىرېدىتنىڭ ئېشىشى مۇۋاپىق بولدى
ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى جۇڭگو ۋاكالەتخانىسىنىڭ ئالىي ئىختىسادشۇناسى جۇاڭ جياجيەن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ئېلىمىزدە ئالدىنقى ئىككى ئايلىق كىرېدىتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى زىيادە تېز بولۇپ كەتتى، 3 – ئايدىكى 500 مىليارد يۈەنلىك ئېشىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى 1 تىرىليون 890 مىليارد يۈەنلىك ئېشىش كۆلىمىدىن خېلى ئاز بولسىمۇ، لېكىن، نىسپىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، خېلى مۇۋاپىق، دېدى.
قاتناش بانكىسىنىڭ باش ئىختىسادشۇناسى ليەن پىڭ: بۇ يىل يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىغان 7 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنلىك كىرېدىت نىشانىنى ئومۇمىي مىقدار قىلىپ ھېسابلىغاندا، 2 تىرىليون 600 مىليارد يۈەنلىك ئېشىش كۆلىمى پۈتۈن يىللىق تەڭشەش نىشانىنىڭ %34ىنى ئىگىلەيدۇ، ئىلگىرىكى تۇرالغۇ قەرز پۇلى قانۇنىيىتىگە ئاساسلانغاندا، %40 ~ %30لىك نىسبەت مۇۋاپىق سەۋىيە ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا بۇ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەرنىڭ تەكشى قەرز بېرىش تەلىپى بىلەن ماس كېلىدۇ، دېدى.
مۇنداقچە ئېيتقاندا، 1 – پەسىلدىكى كىرېدىتنىڭ ئېشىشى ھەمىشە پۈتۈن يىللىق كىرېدىتنىڭ ئېشىش كۆلىمىنى بەلگىلەيدۇ. بۇلتۇر 1 – پەسىلدە ئېلىمىزدە يېڭىدىن كۆپەيگەن قەرز پۇل 4 تىرىليون 580 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، پۈتۈن يىللىق يېڭىدىن كۆپەيگەن كىرېدىتتە ئىگىلىگەن نىسبىتى %45تىن ئېشىپ كەتتى، بۇ زىيادە يۇقىرى نىسبەت پۈتۈن يىللىق كىرېدىتنىڭ ئېشىشىدا ئالدىنقى يېرىم يىلدا يۇقىرى، كېيىنكى يېرىم يىلدا تۆۋەن بولۇشتەك تەكشىسىز ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭغا قارىتا، جۇڭگو خەلق بانكىسى بىلەن بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا كىرېدىتنى تەكشىلەشتىن ئىبارەت تەڭشەش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ 1 – پەسىللىك پۇل مۇئامىلە دوكلاتىدىمۇ: 1 – پەسىلدە ئېلىمىزنىڭ كىرېدىتى مۇۋاپىق ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ جانلىنىپ، ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى، دەپ كۆرسىتىلدى.
ھازىرقى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجى گەۋدىلەندى
پۇل مۇئامىلە زامانىۋى ئىقتىسادنىڭ جان تومۇرى، كىرېدىتنىڭ ئېشىش ئەھۋالى ماكرو ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ كاساتلىشىش ياكى ئاۋاتلىشىش دەرىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. تەھلىلچىلەر: ھازىر كىرېدىتنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشى ھازىرقى بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ مەبلەغقە بولغان كۈچلۈك ئېھتىياجىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە، دەپ قارىدى.
ليەن پىڭ: بۇلتۇر ئىش باشلانغان قىسمەن تۈرلەردىن باشقا، بۇ يىلدىن بۇيان ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ تەدرىجىي جانلىنىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدۇق؛ ئۇنىڭدىن باشقا، پۇل مۇئامىلە بازىرى سىجىل قىزىماقتا، بۇلار كىرېدىت مەبلىغىگە كۈچلۈك ئېھتىياج شەكىللەندۈرىدۇ، دېدى.
جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1 – پەسىلدە ئېلىمىزدە ئاھالە ئالغان قەرز پۇل 920 مىليارد 200 مىليون يۈەن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 497 مىليارد 900 مىليون يۈەن كۆپەيگەن، پۇقرالارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئالغان قەرز پۇلى ئاھالە ئالغان قەرز پۇلىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، تار مەنىدىكى ۋە كەڭ مەنىدىكى پۇل بىلەن تەمىنلەش مىقدارى(M1،M2)نىڭ ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن، يەنىلا يۇقىرىراق سەۋىيەدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئىقتىسادنى مۇۋاپىق قوللىشى ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پۇل مۇئامىلە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى ليۇ يۈخۇي M1 بىلەن M2 نىڭ ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاستىلىغان بولسىمۇ، بۇلتۇرقى ئاساسىي سان يۇقىرىراق بولۇش ئامىلىنىمۇ نەزەرگە ئېلىشىمىز كېرەك، ھازىر پۇل قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تارىخىي نۇقتىدىن ئالغاندا، يەنىلا يۇقىرىراق سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجىنى قوللىيالايدۇ، دېدى.
بۇنىڭدىن كېيىن پۇل كىرېدىتى يەنىلا مۇۋاپىق يېتەرلىك بولغان ھالەتنى ساقلايدۇ
كېيىنكى پۇل كىرېدىتىنىڭ ئېشىش كۆلىمى ھەققىدە، مۇتەخەسسىسلەر ئومۇميۈزلۈك: مۇۋاپىق قويۇۋېتىلگەن پۇل سىياسىتىنىڭ يېتەكلىشىدە، بەلگىلىك مەزگىلدە كىرېدىتنى كۆرۈنەرلىك قىسىش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ، دەپ قارىدى.
يېقىندا ئېچىلغان خەلق بانكىسى پۇل سىياسىتى كومىتېتىنىڭ 1 – پەسىللىك قەرەللىك يىغىنىدا ‹‹كىرېدىتنى نىسپىي تەكشى بېرىش›› تەلەپ قىلىندى، بۇنى ئىلگىرىكى ‹‹تەكشى بېرىش›› دېگەن سۆز بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئازراق ئۆزگىرىش بولدى. بازار تەھلىلچىلىرى: ‹‹نىسپىي›› دېگەن سۆزدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتقانلىقى ئاساس قىلىنغان، كىرېدىتنىڭ ئېشىشى زىيادە مېخانىزملاشتۇرۇلۇپ تەڭشەلمەيدۇ، دەپ قارىدى.
ليەن پىڭ مۇنداق دېدى: ئەگەر كىرېدىتنىڭ ئېشىشى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتسە، شۈبھىسىزكى جانلىنىۋاتقان ئەمەلىي ئىقتىسادقا زىيان يەتكۈزىدۇ، بۇلتۇرقى 4 تىرىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەر ۋە بۇ يىلقى ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ جانلىنىشى يېتەرلىك بانكا كىرېدىتىنىڭ قوللىشىغا ئېھتىياجلىق.
ھازىر ئېلىمىز كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتى ئاساسلىقى بانكىنىڭ قەرز بېرىشىگە تايىنىدۇ، بۇ خىل شارائىتتا، قەرز پۇلنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىشى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن. ئەگەر كىرېدىتنىڭ ئېشىش مىقدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىسە، جانلىنىش مەزگىلىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا ئېغىر زەربە بولۇشى مۇمكىن.
مەنبە:تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى 2010-يىلى15-ئاپرېل
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-4-15 16:16:49 ئۇقۇلۇشى: 1057 قېتىم] |
|