شىرىنىم تورى-خەۋەرلەر - ج خ مىنىستىرلىقى 2010–يىلى مۇشتۇمزورلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ
 

باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم

باش بەت خەۋەر ئىقتساد ماقالە-ئەسەرلەر mp3 ناخشا دېتال چۈشۈرۈش كۈلدۈرگە شئېرلار پەن-تېخنىكا (PS) ئۆگىنىش رەسىم دۇنياسى
چولپانلار سودا مائارىپ بارلىق پىلاستىنكا MTV ناخشا ئۇيۇن چۈشۈرۈش كىنوخانا ھىكايە كىتاب ئۇچۇرى ئىقتىساسلىقلار سەنئەت ئۇچۇرى
ئۆگۈنۈش ئۇچۇر جەمئىيەت پىلاستىنكا ئۇچۇرى تور ئويۇنى تور بىلىملىرى كارخانىلار يۇمۇرلار سۈرۈشتۈرۈش ئۇلىنىش دۇنياسى سۆز قالدۇرۇش
باش بەت | خەلىقئار | مەملىكەت | شىنجاڭ | مەدىنىيەت | ئىقتىساد | مائارىپ | جەمئىيەت | ئۆرىپ - ئادەت | تەنتەربىيە | قانۇن | سۈرەتلىك
تېمىسى مەزمۇنى باھا  

دۇنيادىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بۇلۇپ تۇرۇشىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز شىرنىم تورى خەۋەر مەركىزى ، ئادرىسىمىز :

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:توۋا! مۇنداقمۇ كىيىم كىيىدىغانلار بار ئىكەن
توۋا! مۇنداقمۇ كى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مودا دىگەن مۇشۇندق بولسا (رەسىم)
مودا دىگەن مۇشۇن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھىندىستاننىڭ دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك گۈزىلى
ھىندىستاننىڭ دۆل..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قورسىقىغا ھەرخىل رەسىملەرنى سىزىۋالغان چەتئەللىكلەر.
قورسىقىغا ھەرخىل..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دۇنيادىكى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق بەدەن ئۆزگەرتىش
دۇنيادىكى ئەڭ قو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئېنتىر مىلەن 45 يىلدىن كىيىن چىمپىيون بولدى
ئېنتىر مىلەن 45 يى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مىليون فوندلۇق قۇرۇلۇش غازنىڭ تۇخۇم بېسىشى ئۈچۈن توختىتىلدى
مىليون فوندلۇق ق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:موسكۋادىكى مۇردىلار بايرىمى
موسكۋادىكى مۇردى..
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

 
توۋا! مۇنداقمۇ كىيىم كىيىدىغانلار بار ئىك..
مودا دىگەن مۇشۇندق بولسا (رەسىم)
ھىندىستاننىڭ دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك گۈزى..
قورسىقىغا ھەرخىل رەسىملەرنى سىزىۋالغان چ..
«گۈزەل بەدەنلىك» گۈزەللەر
يېڭى ياسالغان «تۈرمىدىن قېچىش» ئويۇنىنىڭ..
توكيودىكى مەلۇم قەھۋاخانا ئەر كۈتكۈچىلەر..
دەششەت پەچەت ماشىنىلار
گۈزەل چولپانلار
«شادىمان يىگىت ئاۋازى» ساختا ئايالنى كۈت..
كۈلكىلىك سۆرەتلەر
ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى دەر..
56 دۆلەت گۈزىلى دۆلىتىمىزدىكى 56 مىللەت ۋەك..
«ئەقىللىق تىلەمچى»
دۇنيادىكى كىشىنى ھەيرال قالدۇرىدىغان نور..
تاماقتىن بۇرۇن سۇ ئىچىشنىڭ بەش پايدىلىق ت..
تايلاندتا غەيرى جىنىسلىقلاردىن گۈزەللەر..
ج خ مىنىستىرلىقى 2010–يىلى مۇشتۇمزورلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ

مۇخبىرنىڭ 1 – ئاپرېل ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، 2010 – يىلى ج خ مىنىستىرلىقى مۇشتۇمزورلارغا زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشىنى داۋاملىق كۈچەيتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى تىزگىنلەش، شەھۋانىي، قىمار، زەھەر ھەرىكەتلىرى بىلەن شوغۇللىنىش ھەم يېزا سايلىمىنى كونترول قىلىش، ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىۋېلىش، پۇقرالارغا زۇلۇم سېلىشتەك مۇشتۇمزورلۇققا، شۇنداقلا ‹‹يەر ئاستى ساقچىلىرى››، كەسپىي قەرز سۈيلەش شىركىتى قاتارلىق يېڭى تىپتىكى مۇشتۇمزورلارغا نۇقتىلىق زەربە بېرىدىكەن.

   مەملىكەتلىك مۇشتۇمزورلۇققا زەربە بېرىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ شىنفېڭ يېقىندا ئېچىلغان مۇناسىۋەتلىك يىغىندا مۇنداق دېدى: مەملىكەت بويىچە مۇشتۇمزورلۇققا زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشىدە، ‹‹بالدۇر زەربە بېرىش، باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىش، مۇشتۇمزورلارنى تەلتۆكۈس تۈگىتىش›› تەلىپىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، نۇقتىلىق زەربە بېرىش يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ، تەدبىرلەر كۈچەيتىلىدۇ، مېخانىزم مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مۇشتۇمزورلارغا زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ، 2010 – يىلى تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈك خىزمەت نۇقتىلىق ئىشلىنىدۇ:

   بىرىنچى، بۇ قېتىمقى مەخسۇس كۈرەش داۋاملىق كۈچلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. دۇنيا سودا يەرمەنكىسى، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن زەربە بېرىش ۋەزىيىتى داۋاملىق ساقلىنىپ، مۇشتۇمزورلۇققا زەربە بېرىش سالمىقى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلىدۇ.

   ئىككىنچى، نۇقتىلىق زەربە بېرىش گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. باشقۇرۇش ئاجىز، پايدىسى يۇقىرى كەسىپ ۋە ساھەلەرگە كىرىۋېلىپ، دۆلەت بايلىقىنى خورىتىۋاتقان، مونوپول كەسىپلەرنى باشقۇرۇۋاتقان مۇشتۇمزورلارغا نۇقتىلىق زەربە بېرىش بىلەن بىللە، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى تىزگىنلىۋالغان، شەھۋانىي، قىمار، زەھەر ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋە يېزا سايلىمىنى باشقۇرىدىغان، ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىۋالغان، پۇقرالارغا زۇلۇم سالىدىغان مۇشتۇمزورلۇققا، شۇنداقلا ‹‹يەر ئاستى ساقچىلىرى››، كەسپىي قەرز سۈيلەش شىركەتلىرى قاتارلىق يېڭى تىپتىكى مۇشتۇمزورلارغا زەربە بېرىش گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ.

   ئۈچىنچى، مۇشتۇمزورلۇق جىنايىتى يۈز بەرگەن نۇقتىلىق رايونلار بىرمۇ بىر تەكشۈرۈلۈپ، نۇقتىلىق تەرتىپكە سېلىنىدۇ. دېلو كۆپلەپ پاش قىلىنغان، مەسىلە مەركەزلەشكەن رايونلار يوشۇرۇن تەكشۈرۈلۈپ، تەكشۈرۈش كۈچلۈك بولمىغان جايلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىلىدۇ.

   تۆتىنچى، دەرىجىمۇ دەرىجە زەربە بېرىش، جايلار ئارا ساقچى يۆتكەپ ئىشلىتىش، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش تۈزۈمى داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ. مۇشتۇمزورلۇققا چېتىلىدىغان پەۋقۇلئاددە زور دېلولاردا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ج خ مىنىستىرلىقى خىزمەتلەرگە بىرلىكتە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ، نەق مەيداندا خىزمەت بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىلىدۇ.

   بەشىنچى، مۇشتۇمزورلۇققا زەربە بېرىش ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ. مۇشتۇمزورلۇققا زەربە بېرىش بويىچە پارتكوم، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر ھەمكارلىشىش ئورگىنىنىڭ خىزمىتى نورماللاشتۇرۇلىدۇ. مۇشتۇمزورلۇققا زەربە بېرىش خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، سىياسى – قانۇن تارماقلىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، ئىقتىسادىي تەپتىش تارماقلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ دېلو بېجىرىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. مەركەزنىڭ ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش جەريانىدا، مۇشتۇمزورلۇققا زەربە بېرىشتىكى مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

   جاڭ شىنفېڭ مۇنداق دېدى: 2009 – يىلى مۇشتۇمزورلۇققا زەربە بېرىش كۈرىشىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، مەملىكەت بويىچە ج خ ئورگانلىرى مۇشتۇمزورلۇققا چېتىلىدىغان دېلودىن 453 نى پاش قىلىپ، مۇشتۇمزورلار شايكىسىدىن 4005 نى يوقىتىپ، مۇشتۇمزورلۇقنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى تەرتىپكە سېلىش خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىغا تۈرتكە بولدى. ئەمما شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈش كېرەككى، ئېلىمىز ئىقتىساد تىپى، جەمئىيەت تىپىنى ئۆزگەرتىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، مۇشتۇمزورلار ئەۋج ئالىدىغان شارائىت يەنىلا مەۋجۇت، بەزى مۇشتۇمزورلۇق جىنايىتى يەنىلا ئەۋج ئالماقتا، ئۇنىڭ يامراش، كېڭىيىش، قايتا بارلىققا كېلىش ئىقتىدارىنىڭ تېزلىكى جەمئىيەت ئامانلىقى، مۇقىملىققا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، خەلقنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا تەھدىت سېلىشى مۇمكىن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى





مەنبە:تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى
2010-يىلى14-ئاپرېل

[ئاپتورى:   مەنبەسى:   ۋاقتى: 2010-4-15 16:11:40  ئۇقۇلۇشى: 187 قېتىم]

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:گۈزەل چولپانلار
گۈزەل چولپانلار
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:«شادىمان يىگىت ئاۋازى» ساختا ئايالنى كۈتىۋالدى
«شادىمان يىگىت ئ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كۈلكىلىك سۆرەتلەر
كۈلكىلىك سۆرەتلە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى دەرياغا سەكرەپ باھارنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى
ئوكسفورد ئۇنىۋېر..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:56 دۆلەت گۈزىلى دۆلىتىمىزدىكى 56 مىللەت ۋەكىلى بىلەن بىرلىكتە دۇنيا يەرمەنكىسىنى تەبرىكلىدى
56 دۆلەت گۈزىلى دۆ..

شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,    ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 ICP10001556