قازاقىستان ئىمپورت سودىگەرلىرىگە ياردەم بەرمەيدۇ |
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئالما – ئاتا، 13 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. قازاقىستان زۇڭلىسى مەسىموۋ 13 – ئاپرېل ھۆكۈمەت خىزمىتى يىغىنىدا: قازاقىستاننىڭ ئىمپورت سودىگەرلىرىگە مالىيە ياردىمى بېرىش ئويى يوق، دېدى.
قازاقىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەسىموۋ: ئىمپورت سودىگەرلىرى تاۋارلارنى چەت ئەلدىن كىرگۈزۈپ، چەت ئەللىكلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا، بۇ قازاقىستان ھۆكۈمىتى زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىدىغان ھەرىكەت ئەمەس، دېگەن.
مەسىموۋ يەنە: قازاقىستان ھۆكۈمىتى قازاقىستاننىڭ تاۋارلىرىنى چەت ئەلگە ساتىدىغان ئېكسپورت سودىگەرلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ، دېدى.
مەنبە:تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى 2010-يىلى15-ئاپرېل
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-4-15 16:07:23 ئۇقۇلۇشى: 199 قېتىم] |
|