خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا بىرژا سىرتىدىكى ھاسىلىي مەھسۇلاتلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مۇراجىئەت قىلىندى |
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 13 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى 13 – ئاپرېل ئېلان قىلغان دوكلاتتا: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇنيا بويىچە بىرژا سىرتىدىكى ھاسىلىي مەھسۇلات بازىرى كۆرۈنەرلىك راۋاجلاندى، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ خىل پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك، دېيىلدى.
شۇ كۈنى ئېلان قىلىنغان ‹‹دۇنيا پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقى دوكلاتى›› دا ئېيتىلىشىچە، 2009 – يىلى 6 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، دۇنيا بويىچە نامىي بىرژا سىرتىدىكى ھاسىلىي مەھسۇلاتلارنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 60 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. كىرېدىت ئەھدىسىنى بۇزىدىغان قەرەل يەڭگۈشلەش سودىسى بىرژا سىرتىدىكى ھاسىلىي مەھسۇلات بازىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكا خەلقئارا گۇرۇھىنىڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى ۋە لېخمان بۇرادەرلەر شىركىتىنىڭ ۋەيران بولۇش مەسىلىسىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش رولىنى ئوينىغان.
مەنبە:تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى 2010-يىلى15-ئاپرېل
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-4-15 16:06:16 ئۇقۇلۇشى: 61 قېتىم] |
|