United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
ئەڭ يېڭى پلاستىنكالار
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> پلاستىنكا مەركىزى >> مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى >> كىتاپ ئۇچۇرلىرى
ئاۋات پىلاستىنكىلار
ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن تۇنجى پەن - تې..
6 مىنۇتتا 270 كىنونى كۆرۈپ چىقىسىز
لى شياۋلوڭنىڭ سىز كۆرۈپ باقمىغان..
ئامىرىكا كىنولىرىدىكى مەخپىيەتل..
كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى..
مۇز دەۋرى 4 نىڭ ئېلان فىلىمىنى كۆر..
قورقۇنۇچلۇق !  فىلىمىدىن پارچە
«گۇمپىچى مۆشۈكئېيىق 2» نىڭ ئېلان ..
تەۋسىيە پىلاستىنكىلار
تەۋسىيە پلاستىنكا يوق!
    پىلاستىنكا ماتىريالىنى كۆرۈش

مېنىڭ كۈرەشلىرىم(ئادلوف گىتلىر)

  رېژىسسور:
  پىلاستىنكا تۈرى:  كىتاپ ئۇچۇرلىرى
  ئاساسلىق ئارتىسلار:
  فىلىم ئىشلىگۈچى:
  باش تارقىتىش ئورنى: يوق
  ئاۋاتلىغى: 397
  قوشقۇچى: xirinim
  قۇشۇلغان ۋاقتى: 2010/8/23 15:08:34
  كۆرۈش(ئاڭلاش):  بۇ پىلاستىنكىنى كۆرۈپ بېقىڭ

 تۇنۇشتۇرۇش  

 

مەنبە : بىلىم - كۈچ تورى

 

«تېنچلىق ئۇسۇلى بىلەن قولغا كەلتۈرۈشكە بولمايدىغان نەرسىلەر مۇشت ئارقىلىق قولغا كەلتۈرىلىدۇ»
(ھىتلىرنىڭ «مىنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگەن كىتابىدىن)

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باش جىنايەتچىسى، گېرمانىيە فاشىستلىرى ئېلىپ بارغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ باشچىسى، قانخور جاللات گىتلېر ھەممىمىزگە تونۇش بولغان شەخس.
مانا بۈگۈن ئۇ يازغان «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» ئۈستىدە ئىككى ئېغىز پاراڭلىشىپ باقايلى.

يېقىندا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 كىتاب» ناملىق كىتابنى ئوقۇپ چىقتىم. بۇ 100 كىتاب ئىچىدە ئوقۇغان كىتابىم ئارانلا 9 كىتاب بوپتۇ. بۇ توققۇز كىتاب ئىچىدە ماڭا ئەڭ تونۇشلۇقى يەنىلا ھىتلېرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» ئىكەن. ئۆزۈم گىتلېرنىڭ ھاياتىي پائالىيىتىگە ۋە ئەينى چاغدىكى يەھۇدىيلارنىڭ قىرىلىشىغا سەۋەب بولغان ناتسىستلار پارتىيىسىگە ئائىت مەزمۇنلارغا قىزىققاچقىمۇ، گىتلېرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» ماڭا ئەڭ تونۇش بولغان كىتابلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

بۇ كىتاب بىلەن تونۇشۇشتىن ئاۋۋال بىزگە گىتلېر ياشىغان دەۋرنى چۈشىنىشىمىز بەكمۇ مۇھىمدەك قىلىدۇ.
گىتلېر بۇ كىتابنى قانداق تارىخىي شارائىتتا يېزىپ چىققان؟
1924-يىلى گىتلېر ميۇنخېندا سوتلىنىپ بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ لەنسېرگدا تۈرمىگە قامالغان ھەم ئىككىنچى يىلى 12-ئايدا مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ تۈرمىدە توققۇز ئاي ياتقان.
مۇشۇ جەرياندا ئۇ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» نى يېزىشقا كىرىشكەن.
1924-يىلىدىن باشلاپ يېزىپ 1925-يىلى 1-تومىنى تاماملىغان. 2-تومىنى 1926-يىلى يېزىپ تاماملىغان.
بۇ كىتاب نەشردىن چىقىپ تاكى گىتلېر ھاكىمىيەتتە ھوقۇق تۇتقىچە بولغان ئارىلىققىچە سېتىلىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ بارغان.
1933-يىلى 1 مىليون نۇسقا سېتىلغان،
1940-يىلىغا كەلگەندە بولسا  6 مىليون نۇسقىغا يەتكەن.

گىتلېر ئەينى چاغدا بۇ كىتابنىڭ ئىسمىنى «يالغانچىلىق، ئەخمەقلىق ۋە قورقۇنچلۇققا قارشى قىلىنغان تۆت يېرىم يىللىق كۈرەش» دەپ ئالغان.
لېكىن كىتاب سودىگىرى ماكس ئامان: «بۇنداق پالاكەت كىتاب ئىسمىنىڭ تىجارەت قىممىتى يوق» دەپ ياراتماي، گىتلېرغا كىتاب ئىسمىنى «مېنىڭ كۈرەشلىرىم»گە ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن كىتابنىڭ ئىسمى «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» بولۇپ قالغان.

ساختىپەزلىككە، قۇتراتقۇلۇققا ئىگە بۇ كىتابتا گىتلېر 3-ئىمپېرىيىنىڭ لايىھىسىنى ۋە ھەركەت پروگراممىسىنى، بولۇپمۇ 1939-يىلىدىن 1945-يىلغىچە ئۆزىنىڭ غالىبىيەت دەۋرىدە بويسۇندۇرغان ياۋروپاغا مەجبۇرىي تاڭغان ۋەھشىيانە «يېڭى تەرتىپى»نىڭ لايىھىسىنى شۇنچىلىك تەپسىلىي تەسۋىرلەپ چىققانكى، ئۇنىڭ ئوچۇق-ئاشكارىلىقى كىشىنى شۈركەندۈرىدۇ.
شۇڭا نۇرغۇن تارىخچىلار گىتلېرنىڭ ئەكسىيەتچىل ئىدىيىسىنى 20 ياشتىن ئاشقاندا ۋېنادا شەكىلللەنگەن دېيىشكەن.
24 يېشىدا ئاۋستىرىيەدىن گىرمانىيىگە بارغاندا، ئۇنىڭ قەلبى گېرمانىيە مىللەتچىلىكىگە بولغان ئەسەبىي قىزغىنلىق، ماركىسىزمغا، دىموكىراتىزمغا ۋە يەھۇدىيلارغا بولغان چوڭقۇر ئۆچمەنلىككە تولغانىدى.


«مېنىڭ كۈرەشلىرىم»نىڭ 1-تومىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى:

(1) «مېنىڭ ئائىلەم»،
(2) «ۋېنادىكى جاپالىق چاغلار»،
(3) «ميۇنخېن»،
(4) «دۇنيا ئۇرۇشى»،
(5) «ئۇرۇش تەشۋىقاتى»،
(6) «ئىنقىلاب»،
(7) «سىياسىي ھاياتىمنىڭ باشلىنىشى»،
(8) «گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى»،
(8) «ۋەيران بولۇشنىڭ سەۋەبى»،
(9) «مىللەت ۋە خەلق»،
(10) «مىللىي سوتسىيالىستك گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ دەسلەپكى تەرەققىيات باسقۇچى»
قاتارلىق 10 بابنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.


«مېنىڭ كۈرەشلىرىم»نىڭ 2-تومىنىڭ مەزمۇنى:

(1) «مىللىي سوتسىيالىزم ھەركىتى»،
(2) «دۇنيا قاراش ۋە سىياسىي پارتىيە»،
(3) «دۆلەت»،
(4) «دۆلەت ۋە پۇقرا»،
(5) «شەخس ۋە مىللەتنىڭ دۆلەت قارىشى»،
(6) «دۇنيا قاراش ۋە تەشكىلات»،
(7) «دەسلەپكى چاغلاردىكى كۈرەش، نۇتۇقنىڭ مۇھىملىغى»،
(8) «قىزىل فرونت بىلەن كۈرەش»،
(9) «كۈچلۈكلەرلا خوجايىنلىق قىلىشقا ئەڭ قادىردۇر»،
(10) «ھۇجۇمغا ئۆتۈشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنى تەشكىللىگۈچىنىڭ تۈپ ئىدىيىسى»،
(11) «چۈمپەردە قىلىنغان فېدېراتسيىزم»،
(12) «تەشۋىقات ۋە تەشكىلات»،
(13) «ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەسىلىسى»،
(14) «گېرمانىيىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىتتىپاق تۈزۈش سىياسىتى»،
(15) «شەرق فاڭجىنى ۋە شەرق سىياسىتى»،
(16) «جىددىي مۇداپىئە كۆرۈش ھوقۇقى»  
قاتارلىق 16 بابنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

1928-يىلى بۇ ئىككى توم كىتاب بىراقلا بىر كىتاب قىلىپ قايتا نەشر قىلىنغان.
ھازىر خەنزۇچىدىكى نۇسخىسى دەل مۇشۇ بىرلەشتۈرۈلگەن نۇسخىسىدىكى مەزمۇننى ئاساس قىلغان.
بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى مەن كۆرۈپ باقمىدىم. توردىكى كەڭ تارىخ ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھەم گىتلېرنىڭ تارىخىغا قىزىققۇچىلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن، بۇ كىتاب مەزمۇنىنىڭ مۇھىم يەرلىرىنى تەرجىمە قىلدىم. بۇ بەك كەڭ ھەجىمدىكى يازما بولغاچقا، ۋاقتىمنىڭ يار بەرمەسلىكى تۈپەيلىدىن تەھرىرلەشكە ئۈلگۈرەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن كېيىنچە يوللاشنى لايىق تاپتىم.

ئاخىرىنى بۇيەردىن كۆرۈڭ


&  ئالدىنقى پلاستىنكا:3.ئېمپىريىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى
&  كېيىنكى پلاستىنكا:گۇلىستان(شەيخ سەئدى)
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

11