ئوباما تېرورچىلارنىڭ قارا تىزىملىكىگە چۈشۈپ قاپتۇ |
مەنبە:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى 2010-يىلى20-ماي
(قىستۇرما سۆرەت)
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ھىندونوزىيە ساقچى تەرەپ يېقىندا، زۇڭتۇڭ ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى قەستلەش پىلانلانغان تېرورلۇق سۈيقەستىنى بىتچىت قىلغان. كىشىنى ھەيران قالدۇردىغىنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ھىندونوزىيە تېرورچىلىرىنىڭ قارا تىزىملىكىگە چۈشۈپ قالغان. ئىگىلىنىشچە، ھىندونوزىيە ساقچى تەرەپ مەسئولىنىڭ ئېيتىشىچە، تېرورچىلار17-ئاۋغۇست ھىندونوزىيە مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدە، زۇڭتۇڭ ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، چەت ئەللىك مېھمانلارنى قەستلىمەكچى بولغان. سۈيقەستنى پىلانلىغان تېرورچىلار ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانى ئىيۇندا ھىندونوزىيەنى زىيارەت قىلغاندا قەستلەشنى پىلانلىغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-5-20 19:04:03 ئۇقۇلۇشى: 246 قېتىم] |
|