13 نەپەر ئوقۇغۇچىنى چېپىۋەتكەن جىنايەتچى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى |

8-ئاپرېل، نەنپىڭ ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى «3.23» ئېچىنىشلىق ھالدا 13 نەپەر ئوقۇغۇچىنى چېپىۋەتكەن قەبىھ جىنايەتچىگە سوت ئېچىپ جىنايەت بېكىتتى. كېڭەشمە سوت كېڭىشىپ، ئىجرا ھەيئەتلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، جاۋاپكار گو مىن شېڭغا قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بەردى. شۇنداقلا سىياسىي ھوقۇقىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم قىلدى. سوتقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، ئاخبارات ۋاستىلىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

مەنبە:جۇڭگو خەۋەرلەر تورى 2010-يىلى13-ئاپرېل
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-4-14 12:34:21 ئۇقۇلۇشى: 1189 قېتىم] |
|