|   | 
					 
					
						
						
						
						
							
								
 | سىز كۈنلىرىڭىزنى خۇشا.. |  | تۇرمۇشتىكى ئاجايىپ رە.. |  | سۆيگۈ دېگەن بۇزۇلغان ئ.. |  | ئاشىق |  | مەن |   
 | 
								
 | ئاجرىشىش ئالدىدىكى ھى.. |  | ئاز ئۇخلىغاننىڭ پايدى.. |  | سېغىنىش بىلەن ئۆتكەن ھ.. |  | قۇتلۇق {**}ياش |  | ئازاپ |   
 | 
							 
						 
						 | 
					 
					
						|   | 
					 
				 
			 
			 | 
			
			
				
					
						|   | 
					 
					
						
  						
						
							
								| 
								      
 
 ئاجرىشىش ئالدىدىكى ھىسابات 
  | 
 
| 
 | 
 
 
 
 | 
 
بىر كۈنى كەچقۇرۇن ، ئاجرىشىش ئالدىدا تۇرغان بىر جۈپلەر سۆھبەتلەشتى .  ئايالنىڭ ئالغىنى ........  ئايال يىغىدىن قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن كۆزلىرىنى ئەرگە تىكىپ بايا يىزىپ تەييارلاپ قويغان قەغەزنى ئەرگە سۇندى :  ئۈستەل چىرىغى – مەن ئالغان ؛  كىتاپ جازىسى – مەن ئالغان ؛  رەسىم رامكىسى – مەن ئالغان ؛  سائەت – مەن ئالغان ؛  ئورۇندۇق – مەن ئالغان ؛  يۇقارقى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەكىتىمەن .  ئەرنىڭ ئالغىنى ........  ئەر قەغەزدىكىنى كۆردى ئىختىيارسىز كۆزلىرىدە ياش لىغىرلىدى . ئۇ قولىغا قەلەم ئىلىپ ، قەغەزگە بىر نەرسىلەرنى يىزىپ ئايالىغا سۇندى :  يوتقان كۆرپە – ھەقسىز ؛  كىيىم ئىشكابى – ھەقسىز ؛  چايدان – ھەقسىز ؛  تېلېفۇن – ھەقسىز ؛  سىزگە سوۋغا قىلغان كىيىملەر – ھەقسىز ؛  سىزگە سوۋغا قىلغان گۈللەر – ھەقسىز ؛  سىزگە يازغان 200 پارچە خەت – ھەقسىز ؛  سانسىز قىتىم ئالغىلى بىرىش ، ئاپىرىپ قويۇش ، قۇچاقلاش ، سۆيۈش – ھەقسىز ؛  ھەمرا بولۇش ،ھالىڭىزدىن خەۋەر ئىلىش ،كۈتۈش – ھەقسىز ؛  يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز .كۆتۈرۈپ كەتسىڭىز بولىدۇ . سىزگە خوشاللىقتا، خاپىلىقتا بىرگە بولغىنىممۇ – ھەقسىز ؛  ھەممىسىنى قوشۇپ كەلسەك ، سىزگە بولغان چىن مۇھەببىتىممۇ - ھەقسىز ؛  بىزنىڭ .........  ئايالنىڭ ئەمدىلا توختىغان ياشلىرى قايتىدىن تاشتى . ئۇ بۇرنىنى تارتىپ ،بىشىنى كۆتۈرۈپ ئەرگە قارىدى :  - شۇڭا يازغانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئەكىتىمەن ، سىزنىمۇ ...سىزنىمۇ قوشۇپ ئەكىتىمەن .  ئەر گەپ قىلماستىن يۈگۈرۈپ بىرىپ ئايالىنى بارىغا باستى ، خوشاللىقتىن قىن – قىنىغا پاتماي :  - مىنى ئەكىتىڭ ، پۈتۈن ھاياتىم سىزگە مەنسۈپ بولسۇن – دىدى .  شۇنداق ، مۇھەببەتنى ھىساپلىغىلى بولمايدۇ . ئاغرىنىشلىرىمىزنى چۆرۈپ تاشلاپ بىر – بىرىمىزنى مەھكەم قۇچاقلىساقلا مانا مۇشىنىڭ ئۆزى مۇھەببەت . | 
 
 
|          كۆرۈلۈشى:367 |      قوشۇلغان ۋاقتى:2010-6-7 19:40:55 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |  
 | 
							 
 
  						
     
						 | 
					 
					
						|   | 
					 
				 
			 
			 |