جەمئىي مىكروبلوگ 1516 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 56|ئىنكاس: 0

[داۋالاش]جىنسىي ھېسسىيات سۇسلىشىشنى داۋالاش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
رېتسېپ : توشقانزەدىكىدىن 50 گرامنى يالپاقلاپ ، بىر سائەت قايناتقاندىن كېيىن دورا قالدۇقلىرىنى ئايرىۋېتىپ ، ئاندىن ئۇنىڭغا 150 ~ 200 گرام پارچىلانغان قوي گۆشى ، 100 گرام گۈرۈچ ، ئازراق ھۆل زەنجىۋىلدىن قوشۇپ قاينىتىپ پىشۇرۇپ ، تۇزىنى تەڭشەپ ئىستېمال قىلىنىدۇ . تەسىرى : بۆرەك ئاجىزلىقتىن بولغان ئەر - ئاياللارنىڭ جىنسىي تەلىپى تۆۋەن بولۇش كېسەللىكىگە شىپا بولىدۇ . رېتسېپ : سېرىق سۆگەي ، توشقانزەدىكى ، بۇرجۇننىڭ ھەر بىرىدىن 20 گرام ، ئالقات ، مالىنا ،كورنۇس ، سىلىق غوللۇق ئازغان ، بۇغا مۈڭگۈزى قالدۇقىنىڭ ھەر بىرىدىن 15 گرام ، پاقىيوپۇرمىقى ئۇرۇقى ، كۈدە ئۇرۇقى ، ياچىۋەك تۇخۇمى ، نارگۈل ئۇرۇقىنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرام ، شازاندىرادىن 6 گرام ئېلىپ ، ھەر كۈنى بىر بولاق دورىنى قاينىتىپ ، 2 قېتىم ئىچىپ بېرىلىدۇ . تەسىرى : ئاياللاردىكى جىنسىي تەلەپ تۆۋەن بولۇش ، ئەرلەردىكى جىنسىي ئاجىزلىق ، مەنىي بالدۇر كېتىش ، ئېھتىلام بولۇش ، مەنىي سۇيۇق ھەم ئاز بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ . رېتسېپ : قۇرتئوتدىن 4 ~ 5 دانىنى 500 گرام توخۇ گۆشى بىلەن بىرگە پىشۇرۇپ يەپ بېرىلىدۇ . رېتسېپ : ئالقاتتىن 30 گرامنى بىر دانە كەپتەر گۆشى بىلەن قاچىغا سېلىپ ، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قويۇپ قاسقاندا پىشۇرۇپ ، سۈيىنى ئىچىپ كەپتەر گۆشى يەپ بېرىلىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش