سىز ھېچكىمنى سۆيمىسىڭىز، ھېچكىم سىزنى سۆيمەيدۇ.
تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

手机客户端
亲,还没下载论坛手机客户端?跟上潮流做时尚达人。掌中乐趣无处不在,快点下载吧。

كۆرۈش »

جەمئىي مىكروبلوگ 1347 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • Lutun 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئالدىراشمەن ئالدىراش !چىقمىغىلى ئۇزاق بولدى شەربەتكە ئالدىراش!

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دوستلۇق - مەنپەئەت ئالغانلارغا ئەمەس، قەدىرلىگەنلەرگە مەنسۇپتۇر.

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاقىت- كۈتۈپ تۇرغانلارغا ئەمەس، ئۇنى چىڭ تۇتقانلارغا مەنسۇپتۇر.

  • قەيسەر126 2013-5-22 15:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    پات - پات ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقى ئۈستىدە ئويلىنىپ تۇرۇش كىشىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ياخشى ئادەت   

  • مەرىپەت 2013-5-20 11:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    كىم بىلەن دوستلاشقىنىڭىزغا دېققەت قىلىڭ، چۈنكى بۇلبۇل گۈلگە،قاغا ئەخلەتكە ئاپىرىدۇ.

  • مەرىپەت 2013-5-16 22:43 [ئىنكاس(1)] [...]

    ئوغۇللاردا ساداقەت بولسا، قىزلاردا ئىشەنچ بولىدۇ.

  • مەرىپەت 2013-5-16 22:42 [ئىنكاس(1)] [...]

    ئوغۇللاردا كەڭ قورساقلىق بولسا ، قىزلاردا راستچىللىق بولىدۇ.

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايلىق -ئىزدىگۈچىلەرگە ئەمەس، تىرىشىپ ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپتۇر.

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلىم-ئوقۇغانلارغا ئەمەس، تىرىشىپ ئۆگەنگۈچىلەرگە مەنسۇپتۇر.

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاياتلىق- ھايات يۈرگەنلەرگە ئەمەس، ھاياتلىقنى قەدىرلىگەنلەرگە مەنسۇپتۇر.

  • قەيسەر126 2013-5-22 14:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    چىدا يۈركىم چىدا~! ‹‹ياخشىلارغا ناخشلار تولا ››دەيدۇ كونىلار~!

  • xarbat 2013-5-18 17:36 [ئىنكاس(2)] [...]

    بىر كۆرۈشۈپ ئۆمۈر بويى ئەسلەيدىغان ئادەم بار، نەچچە يىل بىللە ياشاپ بىرسائەتتە ئۇنتۇيدىغان ئادەم بار...

  • مەرىپەت 2013-5-16 22:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوغۇللاردا ھايا ۋە ھۆرمەت بولسا، قىزلاردا ئەدەپ- ئەخلاق بولىدۇ.

  • مەلكە 2013-5-15 11:57 [ئىنكاس(1)] [...]

    مىنى قارشى ئالاسىلمۇ

كۆرۈش: 89|ئىنكاس: 1

[ھېكايە]ئادەملىك «ئېنۋان»ى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

47

تېما

1

ئەگەشكۈچى

2920

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2620
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 6
تىللا: 936
تۆھپە : 246
توردا: 50
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-29

تىرىشچان ئەزا ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان شائىرىۋولقان يازغۇچىسىئىجادكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 21:02:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەملىك «ئېنۋان»ى

7 Q1 O. ]! K& S1 U- u# i
(ھىكايە)

! P' ]) N6 p1 S8 z+ }- \0 e
تۇرسۇن جامال(باغۋەنى)
% D: {. m' g3 R/ `  N3 \
زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئادەملەرنىڭ قىممەت قارىشى،كىشىلىك تۇرمۇشتىكى تۇتقان يولىدىمۇ زور ئۆزگىرىشىلەر يۈز بىرىشكە باشلىدى.ئۇلار ناھايتى تىزلا ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن پۇل تاپمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشتى. پۇل تېپىش ئۈچۈن ۋاستەتاللاپ ئولتۇرمىدى. ھەتتا بەزىلىرى،ئۆزلىرىنىڭ «ئادەم» ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىشتى.& h* D1 b8 I$ m
شۇنداق، قارىماققا سىزمۇ، مەنمۇ ئوخشاشلا ئادەم. ھەممىمىز ئادەم سىياقىدا ئۆز تىرىكچىلىكىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقانلار.بىراق سىز ئەتراپىڭىزنى ئنچىكىلىك بىلەن كۈزەتسىڭىز خۇددى كونىلارنىڭ «ئادەمنىڭ ئىچىدە ئادەم بار» دىگىنىدەك بارا- بارا ئادەملەرنىڭ ئۆزىگە ئوخشىماي قېلىۋاتقانلىقىنى،ھەتتائۆزىنڭىزنىڭمۇ بەزى ئەمەللىرىڭىزنىڭ نۇرمال ئادەملەر بىلەن ئوخشىمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز.مانابۇ مەن،سىز ۋە باشقا ئادەملەرنى ئۆزئىچىگە ئالغان كىشىلىك جەمىيتى،مانا بۇ تۇرمۇش.قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر ياراتقان تەڭرى ئالدىدا بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ تىزىملىكىدە بىز يەنىلا ئادەم قاتارىدا سانىلىۋىرىمىز.بىراق ، «ئادەم بولماق ھەقىقىتەن تەس».
$ t# i) l# s1 s0 y3 j9 O2 ?      چاقار مەھەللىدىكى مەتنىياز چۇۋۇق بىنەم ئېچىپ تاپقان ئاز-تولا پۇلىغا كونا قول تراكتۇردىن بىرنى سېتىۋىلىۋىدى، مەھەللىدىكىلەرنىڭ لولىسىغا ئوت كەتتى.قايسىبىرى «سەندىن مەن قالارمەنمۇ» دىگەندەك، ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشىپ، ئېغىلىدىكى كالا-ئۆچكە، چىشقاق پاقلانلىرىنى سېتىپ، ناھىيە بىلەن يېزا ئارلىقىدا قاتنايدىغان كىرا ماشىسىدىن بىرنى سېتىۋىلىپ، ماشىنىسىنىڭ قوڭىدىن ئىس چىقارغان پېتى پۇل تېپىشقا ئاتلىنىپ كەتتى.بۇنى كۆرگەن مەھەللىدىكى يېزىلىق دوختۇرخاننىڭ باشلىقى تۈرەك سالى ئائېلىسىنىڭ كىرىم-چىقىمىنى ئالدىرىماي ھېسابلاپ، قايتا-قايتا ئويلانغاندىن كىيىن، ئائىلە ئايالى- نىكاھىدىكى خوتۇن گۈلسارىخاننى ئۈچ بالسى بىلەن قوشۇپ خېتىنى بىرىپ قوغلاپ چىقىرىپ،ئۇنىڭ ئورنىغا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەيدىغان، يۇقۇرى مائاشلىق ئايالدىن بىرنى نىكاھىغا ئالدى.ئەتراپىغا سەپسېلىپ قاراپ بېقىپ، قۇرداش مەھەللىلىكلىرىنىڭ بېيىپ «ھاللىق سەۋۋىيە»گە يەتكەنلىكىنى كۆرگەن سادىر ئىشەك ئۆزنىڭمۇ بىر ئىش قىلىمىسا بولمايدىغانلىقىغا كۆزى يىتپ، ئويلا-ئولا ئاخىرى ئاغرىپ ،مېيىپ بولۇپ قالغان ئۆلۈپ كەتكەن ئىشەك، پىچاققا ئۈلگۈرمىگەن قوي كالىلارنى ئەرزان ئېلىپ، قىممەت ساتىدىغان بىر يولنى تاپتى.باشتا ئوقىتى يامان ئەمەس كىتىۋاتقان ئىدى، بىراق، ئۇنىڭدىن مال ئالىدىغان لاۋبەنلەر ئۇنىڭ پايدىنى بەك كۆپ ئالغانلىقىنى بىلىپ قالغاچقا، بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزمىدى.ئاخىرى ئۇ مال ئىگىسى بىلەن لاۋبەنلەر ئوتتۇرىسىدا مال تونۇشتۇرغۇچى بولۇپ، شىرىنكانە ئېلىپ، قولى ئازراق پۇل كۆرىۋىدى، مەھەللە ئىمامى«ھارامنى سېتىپ، ھارام يىدىڭيەي، گۈناھقا پاتتڭيەي...»دەپ ئۇنىڭ بۇنداق ئاسان پۇل تاپىدىغان يولىنى ئۈزۈپ قويدى.تېخى بۇمۇ ئاز كەلگەندەك، مەھەللىداشلىقىنىڭ قىلچىمۇ يۈز خاتىرىسىنى قىلماي، ئۇنىڭغا «سادىر ئىشەك» دىگەن بۇ لەقەمنىمۇ ھەدىيە قىلدى. مەھەللە ئىمامىنىڭ گەپلىرىدىن ئاچچىق يۇتقان سادىر ئاچچىقىدا  كەمپىرى گۈلچىخاننىڭ  سەمىگىمۇ سالماي، كەنىتنىڭ سىكىرتارى قاۋۇلغا يېلىنىپ يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ،بانكىدىن 50مىڭ يۈۋەن قەرز ئېلىپ، ئەلا نەسىللىك ،ئۇزۇن قۇلاق دولان قويىدىن  15نى سېتىۋىلىپ، يەم بىرىپ بورداشقا، تۆل ئېلىپ  كۆپەيتىشكە تۇتۇندى.ئايالىنىڭ «زىيان تارتساق قەرزنى قانداق تۆلەيمىز، ئىشەكتەك دۆتلۈك قىلىپ...»دىگەن ئاچچىق تەنىلىرىگە، كوتۇلداشلىرىغىمۇ پەرۋا قىلمدى.
: H( l# ?, h$ ^3 Q     سادىر مۇشۇ كۈنلەردە قەرز قايتۇرۇشنىڭ غېمىدىنمۇ ياكى زىيان تارتىشتىن ئەنسىرىدىمۇ، ياكى بولمىسۇن مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئۆزىگە ئاشۇنداق قاملاشمىغان بىر لەقەمنى قويوپ قويغىنىدىن كۆڭلى ئازار يىدىمۇ، بەكلا جىمغور بولۇپ كەتكەنىدى. دادىسىدىن كىچىك قالغان سادىر قېقىلىپ سولۇپ چوڭ بولدى. قورامىغا يەتكەندىمۇ يوقسۈزچىلىقنىڭ، تۇلچىلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتى.قورساق بېقىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئالدىدا بويۇن قىستى. بىرلىگە يالۋۇردى. بىرلىرىنىڭ نەرسىلىرىنى كۆرمەستە ئۆيىگە توشىدى. بەزىلەرنى قاخشاتتى،  بەزىدە قاخشىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ 25ياشنىڭ قارىسىىنى ئالغان مەزگىلدە  ئۇنىڭ ئاۋازى ياخشى بولۇپ، ناخشىنى ياخشى ئېيتقاچقا، يىزىلىق ھۆكۈمەتتە دەرۋازىغا قارايدىغان بىر تۇغقىننىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن يېزىلىق رادىئۇ ئۇزىلىدا بىر مەزگىل ئىشلىدى، ئۆيلەندى. بىراق، ئۇ ناخشىنى ياخشى ئوقۇغان بىلەن ئاران ئىككىنجى يىللىققىچىلا ئوقۇيالىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە   كونا يېزىقنى بىلمىگەچكە يەنىلا ئۆيىگە قايتىشقا مەجبۇر بولدى. كىيىن ئۇ تۆۋەن مەھەللىدىكى بىرىنىڭ دەرىخنى كىسىشىپ بىرىۋاتقاندا ،كۆزىگە پۇتاق كىرىپ كىتىپ، كۆزى ئەلەس بولۇپ ساقايغانىدى...
4 k* N/ `9 T; T  }$ |0 o) Eئىشىك ئالدىكى دوڭغاق سۆگەتكە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ ،خىيالغا پاتقان سادىر ئۆتكەن ئىشلارنى ئويلاپ، خۇددى زەھەر ئىچكەندەك بولدى. توغرا ، ئۇ مۇشۇ مەھەللىدىكىلەر ئۈچۈن قانچىلىك ئىشلارنى قىلىپ بەرمىدى؟نىمە ئىشلارنى قىلمدى؟ مەھەللىدىكىلەرنىڭ قايسىبىرىنىڭ ئۆيلىرىدىكى توي-تۆكۈن ئۇنىڭسىز ئۇزىتىلغان؟ قايسى ئۆلۈم-يىتىمنىڭ باغىقى ئۇنىڭ قولىسىز تارقىتىلىپ باققان؟ تېخى ئۇنىڭ قىلىپ بەرگەن يۈگۈر-يىتىم ئىشلىرىچۇ؟ بىراق ،ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇ قىلغانلىرى ئۈچۈن «سادىر ئوغرى»،«سادىر ئىشەك»،«سادىر ساختا»،«سادىر سەپرا» دىگەن چىرايلىق ناملارغا ئىرىشتى. ھەممە ئىشنىڭ بېشى ئاشۇ_ئابدۇرىشىت مۈشۈك. سادىر ھاياتىدا ھەر قېتىم  تىرىكچىلىك يولىنى ئۆزگەرتكەندە ،ئۇنىڭغا ئاشۇنداق لەقەملەرنى قويغان دەل مەھەللە ئىمامى ئابدۇرشىت ئىدى. ياش ۋاقتىلرى بولغان بولسىغۇ كاشكى، ئۇ بۇنداق گەپلەرنى كۈلكىگە زورلاپ بولسىمۇ ئۆتكۈزىۋەتكەن بولاتتى. بىراق، قېرىپ يۇرت ئوتتۇرىسى بولۇپ قالغاندىمۇ ئادەمگە مۇشۇنداق قاملاشمىغان لەقەملەرنى قويۇپ يۈرسە بولامدۇ؟ قېرىغان ئادەمگە ھار كلىدۇ-دە! تۆت پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان ئادەمگە بۇنداق سەت ئاھانەتنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش نى ئات ،نى نۇمۇس! 4 Q) R7 V4 k  D+ O, E
ئۆتكەن ئىشلارنى ئويلاپ ،ئىچىگە ھەرە كىرىۋالغاندەك بولۇپ قالغان سادىرنىڭ قاتتىق غەزىپى كەلگەنلىكتىن بېشىدىكى قىرىنى تەتۈر ئۆرۈپ كىيىۋالغان تۇمىقى سىلكىندى.ئەلەس كۆزلىرىدىن غەزەپ ئوتى ئۇچقۇندىدى،بۇرۇن تۆشۇكلىرى كېڭىيىپ، چىشلىرى غۇچۇرلاپ، قۇش ئۇۋىسىدەك چاڭگا بولۇپ كەتكەن ساقىلى تىترەيتتى.سەپراسى ئۆرلەپ خۇدىنى يوقاتقانچە ئاۋازىنىڭ گۆلدۈرمامىدەك سىرتقا چىقىپ كەتكەننىمۇ تۇيماي، ۋارقىراپ كەتتى:
4 {6 X/ y" W) ^& V_خەپ، ئابدۇرىشىت مۈشۇك، خەپ چاقارلىق! قەرزىمنى تۈگىتىپ قولۇمغا بىر پۇل كىرسۇنچۇ، ھەربىر قايسىڭغا ئۆزۈم نى بىر كۆرسىتىپ قويمايدىغان بولسام ئانامنىڭ بالىسى بولماي كىتەي!
. c* X( L! w, u; V  m! eھەمرىيىنىڭ سەھەردىلا خۇددى بىرسى بىلەن زاكۈنلاشقاندەك ،ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان گۈلچىخان موماي،قولىدىكى كوتمەك سۈپۈرگىسىنى تاشلاپ دەرۋازا ئالدىغا يۈگۈردى. سادىر ئۇنىڭ «ھۇي ئەدەم،ئەتتىگەندە نىمىگە مۇنچىۋالا سەپرالىرى ئۆرلەپ قالدى؟» دەپ كۆيۈنۈپ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپمۇ بەرمەستىن،مەخسەتسىزلا مەھەللە تەرەپكە يول ئالدى.گۈلچىخان بىردەم ئۆز ئورنىدا ھاڭۋېقىپ بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كىيىن، ئۆزىچە غودۇڭشىدى:, K+ d: }! @) |* N0 @
_ ساراڭ!
. A# z8 w0 |( R3 K9 `' D6 ]! y, q
-2-

0 f  c7 T4 T; b$ I2 x" ~1 \   بۇ مەھەللىنىڭ ئادەملىرىلا ئەمەس،جان-جانىۋارلىرىمۇ قىزىق.كەچ كىرىشى بىلەن، ھەممە خۇددى كوماندا بەرگەندەك تەڭلا ئۇيقۇغا غەرق بولىشىدۇ. پۈتۈن مەھەللە ئىچى تىمتاسلىققا چۆكىدۇ.ئارىدىن ئاچ قالغان بىرەر خوراز چىللىغۇدەك بولسا،تاڭ ئاتمىسىمۇ مەھەللىدىكى بارلىق خورازلار خۇددى چىللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىۋاتقاندەك، ياكى بولمىسۇن، بىر-بىرىنى دوراۋاتقاندەك بەس-بەستە چىللىشىدۇ.ئارقىدىنلا ئىشەكلەر ھاڭرىشىپ، پۈتۈن مەھەللىنى بېشىغا كىيسە، ئىتلار ۋەھىمىلىك قاۋاپ، مەھەللىنى تېخىمۇ سۈرلۈك  قىلىۋىتىدۇ. مانا بۇگۈن كىچىمۇ شۇنداق بولدى. قايسىبىرىنىڭ ماۋغا چۈشۈپ قالغان مۇشۇكى باشقا مۈشۈكلەردىن جۈپ تالىشىپ، بىر-بىرىگە خىرىس قىلىشىپ  بوۋاق بالىنىڭ يىغلىقىنىدەك قاتتىق مىياڭلىۋىدى، بۇنىڭدىن چۆچۈپ كەتكەن ساۋۇر ئاخۇننىڭ خورىزى قاناتلىرىنى قېقىپ كارنىينى كىرگىنچە، ۋاقىتنى مۆلچەرلىمەستىنلا چىللاپ تاشلىدى. خۇددى ئىمام ئاخۇنۇم ھىيت نامىزىغا سەپپەڭ توۋلىسا جامائەتلرى ئۇنىڭغا ئەگەشكەندەك باشقا خورازلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتى.ئارقىدىنلا مەھەللىنىڭ كەپسىز ئىشەكلىرى بىر-بىرىگە يول قويماي ھاڭراشقىنىچە خىلمۇ-خىل ئاۋازلىرى بىلەن مەھەللىنى بېشىغا كىيدى.ئارقىدىن ئىتلار، قوي- كالىلار ئەگەشتى. بۇ تېخى كىشىلەر تېلىۋوزۇرنى ئەمدىلا ئۆچۈرۈپ، كۆزلىرى ئۇيقۇغا ئىلىنغان ۋاقىت ئىدى.
  {' W% B' Q3 I6 b0 b2 Eئايدىڭ كىچە.ئاي گاھ قاپقارا، تۈرۈم-تۈرۈم بولۇتلار ئارىسىدا غايىپ بولسا ،گاھ ئاپئاق نۇرىنى زىمىنغا قوناق، كىپەزقۇلاقلىرىغا سىپەتتى.ئەتراپنى گاھ قاراڭغۇلۇق قاپلىسا، گاھ ئاي نۇرى يورۇتۇپ تۇراتتى.سالقىن شامال كىچە جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ ، قوناق شاخلىرىنى يەڭگىل شاراقلىتاتتى.قوناقلىقتا قويلارنىڭ بىر-بىرىدىن يەم قىزغنىپ مەرىگەن، غاچىلدىتىپ قوناقنىڭ قۇلاقلىرىنى چاينىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىناتتى.بۇ قويلار سادىرنىڭ قويلىرى ئىدى.سادىر ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ ئۆزىگە قىلغان «ئىلتىپات»لىرىغا «قېرىشقاننىڭ ئانىسىنى ئال» دىگەندەك زەھەرنى زەھەر بىلەن يۈيۈپ،ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ، ئۇنىڭ قوشنا كەنىت پاسلىدىكى ئاق يەر قونىقىدا قوي بېقىۋاتاتتى. ئاق قوينىڭ يۇڭىدەك ئاپئاق چاچلىق، كۆزلىرى يۇمۇق ئون ياشلىق نەۋرىسى تاش ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ قوي بېقىشىپ بىرىۋاتاتتى.بۇ بالا تۇغۇلىشىدىنلا مۇشۇنداق ئاق چاچ تۇغۇلغان ئىدى.سادىر خۇشال ئىدى. ئۇ دېمىقىدا قانداقتۇر بىر ئاھاڭغا  غىڭىشىپ ناخشا ئېيتقاچ ،بىر-بىرى بىلەن سوقۇشۋاتقان ئىككى قوينى قوناقلىققا ھەيدىدى.
( N9 R1 z8 k% t' k; A_بوۋا،-دىدى تاش غۇۋا ئاي يورۇقىدا چالا ئەسنەپ كۆزلىرىنى چىمچىقلاتقاچ ،-بۇ قويلارنى نىمىشقا ئۆزىمىزنىڭ قوناقلىقىدا باقمايمىز؟
& F* a6 j5 I/ L_ھۇ دۆت ،_دىدى بوۋاي ئاچچىقلاپ، ئۆزىمىزنىڭ قوناقلىقىدا قوي بېقىپ يىيىشىڭگە پوق يەمسەن؟ ماڭە ئاۋۇ قويلارنىڭ ئالدىنى توس.
$ H6 T% j6 U9 p( k% }5 M& b_بىراق ، بىرسى كۆرۇپ قالامدىكىن دەپ ئادەم قورقىدىكەن .  ~2 u: i3 t$ H$ E# \2 j5 ~
   _ئاغزىڭنى يۇمە ، شۇم. سەن سۇيۇق ئېغىزلىق قىلىپ، دەپ يۈرمىسەڭ ،بۇ كىچىدە بۇ يەرگە كىم كىلەتتى.ئاۋازىڭنى چىقارماي جىم ئولتۇر./ Z+ x% U+ P" u! x3 z
سادىر شۇنداق دىدىيۇ، ئۆزىنىڭ بۇ بەغەرەز نەۋرىسىنى ئەگەشتۈرۈۋالغىنىغا پۇشايمانمۇ قىلىپ قالدى.سادىرنىڭ ھېلىمۇ ئىسىدە. ئالدىنقى يىلى نەۋرىسىگە قىلدۇرغان بىر ئىشىنى نەۋرىسى خەلقى ئالەمگە يېيۋىتىپ باش كۆتۈرەلمىگىلى تاسلا قالغان ئىدى.بۇ مەھەللىدىكى سادىر بىلەن تەڭتۇشلەرنىڭ كۆپىنچىسى ساۋاتسىز بولۇپ، بەزىلىرى يېڭى يېزىقتا بىر ئىككى يىل ئوقۇغان ، بەزىلىرى كەچ كۇرۇستا ساۋاد چىقارغانلار ئىدى.سادىر دەل بۇلارنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلناتتى.«ئاتنىڭ ئۆلۈمى ئشەككە بايرام» دىگەندەك مەھەللە ئىچىدە ئۆلۈم- يىتىم كۆرۈلسە،سادىرنىڭ «ئىشكى تۆت چىشلىق» بولۇپ كىتەتتى.ئۇ ئۆلگەن ئادەمنىڭ نامىدا يالغاندىن قەرز ھۆججىتى ياسايتتى.ئۇزۇن مۇدەەت ئاغرىق ئازابىنى تارتىپ ساقىيالمىغان ئاۋۇت بابكار چۆچۈرىدەك ئۈچ بالىسىنى يىتىم قالدۇرۇپ، باقى ئالەمگە كەتتى. سادىريەنە گۆركاربولغاچقا ئۆلۈم يىتىمدىن بالدۇرلا خەۋەر تاپاتتى.ئۇ ئالدى بىلەن قازا قىلغۇچىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تەسەللى بىرەتتى-دە، ئۆي ئىگىسى بىلەن پۈتۈشۇپ، «مەن كەتمەن ، گۈرجەك تېپىپ كىلەي» دەپ قويۇپلا ئۆيىگە كىلىپ، قەرز ھۆججىتى ياساپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن قەبرىستانلىققا بېرىپ، ئىشنى باشلايتتى.مېيىت ئىگىلىرى ميېىتنى يۇيۇپ تاراپ، نامازغا ئېلىپ چىققاندا ئۇ قوينىدىكى ھېلىقى ھۆججەتنى چىقىرىپ ، «پالانى ۋاقىتتا مەرھۇمغا مانچە پۇل بىرىپ تۇرغانتىم، رەھمەتلىك كۈزلۈك يىغمدا ياكى ئەتىيازدا بانكا قەرز پۇل تارقاتقاندا بەرمەكچى بولغان ئىدى.» دەپ مېيتنىڭ ئىگىسىگە ھال ئېيتاتتى. بۇ يەرلىكلەرنىڭ ئائىلىدىكى ئش تەقسىماتى ئايرىم بولۇپ، ئاياللار ئۆينىڭ ، ئەرلەر تالانىڭ ئىشىنى قىلىدۇ دەيدىغان قاراش شەكىللەنگەچكە ،ئۆزلىرىنىڭ خەۋرىدە يوق بۇ قەرزنى «مېيىتنىڭ كىشىنىڭ ھەققىگە بوغۇلۇپ، ئۇدۇنيادا ئازاپ-ئوقۇبەت تارتىپ قالماسلىقى» ئۈچۈن تۆلەشكە مەجبۇر بولاتتى. قايتۇرغىلى ۋاقتىنچە قۇربى يەتمەيدىغانلىرى كىيىن قايتۇرۇشقا سادىرغا ۋەدە بىرىپ، رازىلىقىنى ئالغاندىن كىين،ئاندىن ميىتنى يەرلىككە دەپنە قىلاتتى.ئەگەر مېيىتنىڭ ئىگىسى قەرزنى بوينىغا ئالغىلى ئۇنىمىسا سادىر«مەن ئەمدى قانداق جان باقىمەن، مېنىمۇ قوشۇپ دەپنە قىلىۋىتڭلار» دەپ ئۇششۇقلۇق قىلىپ، جىنازىنىڭ ئالدىدا يېتىۋالاتتى. شۇنىڭ بىلەن سادىرئۇتۇپ چىقىپ، ميتنىڭ ئىگىسىدىن «قەرز»تۆلىتىۋالاتتى. ئاۋۇت بابكار تۈگەپ كەتكەن كۈنىمۇ سادىر «ئەتىيازدا يىڭى ياسالغان تاش يول بويىدىكى لىڭدەيگە تىرەك ئورمىنى سېلىش ئۈچۈن» نى سەۋەپ قىلىپ، ئاۋۇتنىڭ نامىدا  150سوملۇق قەرز ھۆججىتى توغىرلاشنى ئويلىدى.بىراق، ئاۋۇت ساۋادىنى ئۆزى كۈرسقا بېرىپ، گىزىت ئوقۇپ يۈرۈپ چىقىرىۋالغاچقا، سادىر بۇ ھۆججەتنى ئۆزى يازالمايتتى. يات ئادەمگە يازدۇرۇشقا بولمايتتى. ئەمما،ئۇنىڭ بۇ پۈرسەتنى مۇنداقلا ئۆتكۈزۈۋىتىشكە كۆڭلى ئۇنىمىدى.ئاخىر ئۇ نەۋرىسى تاشقا يازدۇرۇشنى لايىق كۆردى.خەجلىگىلى پۇل بىرىمەن، بىركىمگە تىنغۇچى بولما»دەپ ئالداپ يۈرۈپ، ئىشنى پۈتتۈردى.بىراق، مەيلى خەيرىلىك ئىش بولسۇن، ياكى بىراۋلارنىڭ ئىشىغا توپا سېلىپ، تاۋىقىنى سۇندۇردىغان ئىش بولسۇن ئادەمنىڭ ھەممىلا ئىشىنىڭ ئوڭ كىلىۋىرىشى ناتايىن. ئاۋۇتنىڭ نامىزىنى چۈشۈرىدىغان چاغدا ئاۋۇتنىڭ ئايالى پاتىمەنىڭ ئىنىسى پالتاخۇن :«ئاكام بىزگە بىركىمدىن قەرزىم بار دىمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە قەرز ھۆججىتىدىكى يېزىلغان ۋاقىتتا ئاكام دوختۇرخانىدا ئىدى»دەپ ئاۋۇتنى يالغانچى ،رەسۋا قىلغىلى تاسلا قالدى. دەل شۇۋاقىتتا تاش سىنىپ مەسئۇلى ئورۇنلاشتۇرغان سۈپۈرگە پۈلى ئۈچۈن بوۋىسىدىن  پۇل ئالىغىلى تۇپراق بېشىغا كىلىپ قالدى.ئىمامنىڭ:«ئاۋۇتاخۇننىڭ سەغىرى باللىرى باركەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە رەھمەتلىك جىق كىسەل تارتىپ تاپقان تەرگىنى دوختۇرخانىدا قالدى.ھايات قالغانلارمۇ جان باقمىسا بولماس،شۇڭا ئېلىم-بىرىم ئىشىڭلار بولسا كەڭ قورساق بولۇڭلار»دىگەن گىپى بىلەن سىنىپ مەسئۇلىنىڭ «بۆرە كەلدى»دىگەن ھىكايىنى مىسال قىلىپ، راستچىل بولۇڭلار دىگەن گىپى يادىغا كەلگەن تاش «بوۋامغا قەرز ھۆججىتىنى مەن يېزىپ بەرگەن» دەۋەتتى. سادىرنىڭ تەلىيى باركەن، ھېلىمۇ ياخشى باشقىلار ئاڭلىمىدى. نەۋرىسىنىڭ بۇ گىپىدىن ئەرۋايى ئۇچقان سادىر «نىمىشقا مەكتىپڭگە ۋاقتىدا بارمىدىڭ»دەپ ئاچچىق بىلەن قۇلىقىنى سوزوپ ، كاسسىغا بىرنى تەپتى-دە، تۇپراق بېشىدىن ھەيدىۋەتتى.بىر ئاللانى، ئاق كىرگەن ساقىلىنى شىپى كەلتۈرۈپ، قەسەم ئىچىپ دىگەندەك قەرزنى پالتاخۇننىڭ بوينىغا ئالدۈرۈپ ئىشنى تۈگەتتى. ئەگەر تاشنىڭ گىپىنى باشقىلار ئاڭلاپ قالغان بولسا ئۇنىڭ چاۋىسى چىتقا يېىيىلاتتى-دە، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى ئۈچۈن ئۆلۈممۇ ئازلىق قىلاتتى. سادىرئىشنى تۈگەتكەن بىلەن مەھەللە ئىمامىنىڭ:« راست سۆزلەش،ھالاللىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈش مۇسۇلمان بەندىلىرىنىڭ ئەڭ ئالى پەزىلەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى، يالغان سۆزلىگۈچىلەر،يىتىم ھەققىقىنى يىگۈچىلەر ئۇدۇنيادا قايتا تىرىلگەندە توڭگۇز سۈرىتىدە قوپدىغانلىقى، دوزىخى بولۇپ كىتىدىغانلىقى» توغرىسىدىكى ۋەز-نەسىھەتلىرى ئۇنىڭ يۈرىكىنى پىچاق تىققاندەك ئاغرىتتى...$ r6 Y0 ]# x0 W3 a
   سادىر مۇشۇلارنى ئويلاپ، يىنىدا ئۈگىدەپ ئولتۇرغان تاشقا يىرگىنىش بىلەن بىرنى ئالايدى-دە،ئۇنى تۈرتۇپ ئويغاتتى.
0 [" g; Z. {: m& b& g  _ئىم، نىمە دەيسەن؟-دىدى تاش چالا ئۇيقۇلۇقتا، مۇشتىكى بىلەن بۇرنىنى ئۇۋلىغاچ., {$ e% Z/ b! M  E" Q
  _تاش، تۇرە بالام ئۆيگە كىتىمىز، چاققان تۇر، ھە...يېنىمغا كىلىپ ئولتۇر، بۈگۈنكى ئىشنى بىركىمگە دەمسەن-دىمەمسەن بالام؟7 c! `1 t% R, W" @: q( H
تاش ئەسنىگەچ غودۇرىدى:. a' K3 J4 ?  r- C$ ~
   _ قايسى ئىشنى؟
5 e" ]. F5 y" S2 F( h! d( k   _خۇپسەنلىك قىلما، بالام. خەقنىڭ قوناقلىقىدا قوي باققان ئىشىمىزنىچۇ؟
$ v$ b! B0 q  V. `7 ]: c_ دىمەيمەن. بىراق، ئەتە بازاردىن شەپكە ئەپ بەرسەڭ؟...
$ c/ r  }- t" b" F    _ماقۇل، ئەپ بىرەي، مەن ساڭا چىرايلىق شەپكىدىن بىرنى ئەپ بىرەي، بۇ ئىشنى ھىچكىمگە دىمە جۇمۇ بالام؟% u# K9 y2 P' {/ ]
    _ھە،ماقۇل.7 M/ L% ?4 y8 T6 F# q/ f# ?
سادىر نەۋرىسىنىڭ ئۆزىگە شەرت قويىۋاتقانلىقدىن ئاچچىقى كەلدىيۇ، چاندۇرمىدى. قويلارنىڭ قورسىقى تويۇپ، بەزىلىرى ئىزىدا ئېغىناپ يىتىپ كۆشەۋاتاتتى.سادىر ئورنىدىن ئەمدىلا تۇراي دەپ تەمشىلىشىگە بىر قوينىڭ يۆتەلگەن، ئاندىن«ۋاق» قىلغان غەلىتە ئاۋازنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتتى-دە، نەۋرىسىنىڭ ئاغزىنى قولى بىلەن توسۇپ، بوينىدىن باسقىنىچە ئېرىق ئىچىدە دۈم يېتىۋالدى. ئۇ دەسلىپىدە بىرسى كىلىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ دۈپۈلدىگەن يۈرىكىنى تۇتقىنىچە جىم بولۋالدى. بىرھازا ئۆتكەندىن كىيىن باشقا شەپە يوقلۇقىنى سىزىپ، شەپە چىقارمارستىن ھېلىقى ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ ماڭدى. بىرىپ توۋا دىگىنىچە ياقىسىنى چىشلىدى،ئۇنىڭ بىر قويى بەك تويۇپ كەتكەنلىكتىن، قورسىقى يېرىلىپ كەتكەندى،ئۆزى بولسا سۇنايلىنىپ ياتاتتى.ئۇنىڭ بۇ قويى بەك ئاۋارە بولغاچقا قوتاندا بەرگەن يەم باشقا قويلاردىن ئاشماي، سەمىرىمىگەن ئىدى. مانا ئەمدى...8 o4 k; F, e/ y0 \  ~
_ھەي،-دىدى سادىرئىچىگە تىنىپ، بۇ نىمە كەلگۈلۈك ئەمدى؟: s' d: O/ }; L1 r0 j! t2 X& u
-3-
- Z1 p4 D* C1 i' m
ئەترەتتە ئەزالار يىغىنىدىن قايتقان سادىرنىڭ جۇدۇنى پەلەككە يەتكەنىدى.ھويلىغا كىرە-كىرمەيلا، تۈزسىز ئۇماچتەك پىتىقلاپ، قازىنىدا زاڭ مالتىلاۋاتقان گۈلچىخانغا كايىشقا باشلىدى:2 `4 Z# [7 ?: }2 d8 N5 m) R
_ۋوي تېخى تاماق پىشمىغان گەپما ئۆزى؟8 ?% J8 j: L: L  N* ~9 S! I4 B$ d
_ئاز قالدى، پىشكى تەخىر قىلسىلا سادىر ئاخۇن.
1 ?" W- V4 V- O+ e* ]) I6 r_بۇنداق مىس-مىسلىق قىلغۇچە ئەتمەيلا قويساق بولمامدۇ، بۇنداق ۋاقتىدا پىشمايدىغان تاماقنى؟
  y; l* w3 M2 ], L# s: \# Y_ۋوي سادىر ئاخۇن ئەتتىگەندە نىمانداق گەپ قىلىلا ، ھېلىمۇ، يالغۇز جېنىمدا مىدىراپ يۈرۋىۋاتىمەنغۇ مانا؟
8 w: R" w7 ^! B' @) n_تىرىك جان بولغاندىكىن مىدىراش كىرەكتە!ياستۇق ھاللاز ئەتمىگەندىكىن دەپ يېتىۋەرسەكمۇ بولماس؟& J5 {8 W* ~, h- K6 G1 D7 {
دىمىسىمۇ گۈلچىخان كىسىەلمەن ئىدى.شۇ كۈنلەردە ئۇ قېرىلىقتىنمقۇ ياكى ئەجەل يېقىنلاپ قالدىمۇ، كۈندىن كۈنگە  ماغدۇرسىزلىنىپ، بېلى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. دوختۇرخانىغا باراي دىسە،سادىر پۇل چىقىم بولۇشىدىن ئەنسىرەپ:«ھازىرقى دوختۇرلار كىسەلنى ساقايتالامتى،ئۇلار سېپى ئۆزىدىن ساختىپەزلەر ،بەل ئاغرىقىغا ئەسكى تامنىڭ چالمىسىنى قىزدۇرۇپ، ئىسسق ئۆتكۈزۈڭلار ساقىيىپ كىتىدۇ» دەپ گۈلچىخاننى داۋالىتىشقا ئۇنىمايتتى.دەسلەپتىغۇ گۈلچىخان سادىرنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە ئۆزىگە ئۆزى دورا قىلىپمۇ باققان. بىر ئاز ئۈنۈم بەرگەندەكمۇ قىلغان ئىدى.ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ دورىمۇ كار قىلماس بولدى.ئەمدىلىكتە ئاغرىق كېڭىيىپ ئوڭ يانپىشىغا ئۆتۈپ، سۆرەپ ماڭىدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى.
) s# W8 T" N5 K6 x% U; sسادىرنىڭ سەھەردىلا نەشتىرىنى سانجىغىنىدىن كۆڭلى ئازار يىگەن گۈلچىخاننىڭ كۆزىگە لىققىدە ياشقا تولدى.قانداق قىلىش كىرەك ئەمدى؟ ھېلىمۇ ئۇ ئۆينىڭ ئىشلىرىنى قۇربىنىڭ يىتىشچە قىلىپ كىلىۋاتىدۇ. مۇبادا ئۇنىڭ بىرەر قىزى بولغان بولسا ياكى كېلىنى يېنىدا بولغىنىدا ئىدى، ئۇنىڭ جىق يۈكى يىنىكلىگەن، سادىرمۇ مونۇ ھەمرىيدىن رازى بولغان بولاتتى.بۇنىڭغا نىمە ئىلاج؟ ئۇلار توي قىلغاندىن كىيىن ئۈچ ئوغۇللۇق بولدى. چوڭ ئوغلى تولۇقسىزنى پۈتتۇرگەندىن كىين، ئاسمانغا پىچاق ئاتىدىغان ئالىغاپ بولۇپ چىقتى. سەۋەپ: سادىر يېشى ئۆتۈپ كەتكەندە توي قىلىپ بالىلىق بولغاچقا، ئوغلىنىڭ كۆزىگە قاراپ،ئەركە ئۆگىتىپ قويغان ئىدى. ئۇ ھەپتە ھەپتىلەپ ئۆيگە كەلمەيتتى. بىر كۈنى  ئۇ بازاردا بىرى بىلەن مۇشتلىشىپ، يەنە بىر تەرەپنىڭ كۆزىنى قۇيىۋەتلەنلىكتىن، قورقۇپ، ئۆيگە قايتا ئاياغ باسمىدى. ئۇنىڭ ئۆلۈك-تىرىكلىكىدىنمۇ تېخى خەۋەر يوق.ئىككىنجىسىمۇ «ئوقەت قىلىمەن،دادام ماڭا دۇئا بەرسۇن» دەپ،دادىسى بىلەن گۈلچىخاننىڭ توسقىنىغا قارىماي ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئۈچىنجىسى خېلى ۋاپادار ، كۆيۈمچان بالا بولغان ئىدى، ئۆيلەپ قويغاندىن كىيىن شەھەردە تىجارەت قىلىمىز دەپ ، ئۆي ئېلىپ شەھەرلىك بولوۋالدى. ھېلىمۇ ئۆزنىڭ بىر ئوغلىنى گۈلچىخانغا ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن، بۇ يەردە قويۇپ كىتىپتىكەن، بولمىسا ئۇ يالغۇزچىلىقتا نىمە كۈنلەرنى كۆرەر ئىدى؟
* w5 F0 d3 W- C1 K7 i3 `& }% wئۇ سادىر بىلەن تەڭ بولۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ گەپنى باشقا ياققا بۇرىۋەتتى:5 v/ q3 y* i% [2 n  B1 _! M2 c/ U
_نىمە مەيلىسكەن ئۇ ؟ شۇنچىۋالا ھايال قىلغۇدەك؟
: Z0 F- g0 w+ ], k; nسادىرنىڭ تېخى ئاچچىقى بېسىلمىغان ئىدى. ئۇ چىرايى ئوچاقتىن يانغان تۈتۈننىڭ رەڭگىدە قارىدىغانچە، ئاشخاننىڭ تېمىغا يۆلىنىپ ئولتۇراتتى.9 m# i' ^# X' d) P" M
_نىمە مەيلىس بولاتتى،پارنىكقا ئەگمە تەييارلا، كىپەزنىڭ ئۇچىنى ئۆز ، ياز پەسىللىك سۇ ھەققى تاپشۇر، قوناققا سۇ قوي دەيدۇ شۇ.سۇ ھەققى بۇ يىل ئۆسۈپتىمىش، ئادەمنى كۈن ئالغىلى قويمامدۇ نىمەبۇ خەق؟
0 l' {; ?3 ^  w0 S0 i' V- H: P_قاخشىغان بىلەن ئش پۈتمەيدۇ، بوۋاي. كۆزدىن ئايرىغان خۇدايىم ھاسسىدىن ئايرىماپتۇ دەپتىكەن. بىر ئامال قىلارمىز،_دىدى گۈلچىخان چىنىگە ئۇسۇلغان تاماقنى سادىرنىڭ ئالدىدا قويۇپ.
% A4 b/ @% v4 Y3 X' hگۈلچىخاننىڭ تەسەللىسى بىلەن پەسكويىغا چۈشكەن سادىر جىمىپ قالدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ چېچىلغىنى باشقا ئىش ئىدى. مەسچىتتىن تارقاپلا ئېچىلغان ئەزالاريىغىنىغا سادىر ئۇيغۇسىز بولغاچقىمۇ كىچىكىپرەك باردى. مەھەللە باشلىقىنىڭ گىپى تۈگىشى بىلەنلا ئىمام ئابدۇرىشىت ئەزالارنى توختىتىپ ئۆزىنىڭ گىپى بارلىقىنى ئېيتتى. نىمە گەپلىكىنى تۇيۇپ بولغان سادىر قۇلاق سالماي كەتمەكچى بولدىيۇ، قايتىپ كەتسە باشقىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈن تۇرۇپ قالدى.4 Q# V6 ]% q! k8 r' z9 _) c3 T6 U
_جامائەت،_ دىدى ئىمام كۆپچىلىككە يېلىنىش نەزەرى بىلەن قاراپ،_بۇ مەھەللىدىغۇ بىرەرى بىلەن سەن-پەن دىيشىپ ئۆچەكىشىپ قالغان يىرىم يوق. ئۇزاق يىللاردىن بىرى ھەر بىر قايسىلرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ئىمامەتچىلىك قىلىپ بىرىپ كىلىۋاتىمەن.تەپسىرلەردە ئاق بىلەن قارىنى، ھەق بىلەن ناھەقنى بىلىۋالسۇن، ھالال-ھارامنى ئايرىۋالسۇن دەپ، جامائەتكە باش بولۇپ مەسئۇلىيتىمنۇ جايىدا ئادا قىلىپ كىلىۋاتىمەن. شۇنداق بولسىمۇ بىر گەپنى جامائەتكە دىمىسەم بولمىدى. ئەتتىگەن مەسچىتكە كەلگىچە  تېتىر كەنتى بىلەن پاسىلدىكى قوناقلارنى كۆرگەچ كەلگەن ئىدىم .بىرى كىچىدىن قوناقتا قوي بېقىۋىتىپتۇ. قوناقتا باش بىلەن قۇلاق دىگەن نەرسە يوق. خۇددى ئىشەك پېتىقلىغاندەك قىلىۋىتىپتۇ، ئىچىم سىرىلدى. ئىز-ئىزلاپ يۈرۈپ  كىمنىڭ قىلغانلىقىنى بىلىپ بولدۇم. سىلەر ماڭا زىيان سالغۇدەك مەن سىلەرگە نىمە زىيان سالدىم، نىمە يامانلىق قىلدىم؟ ئوبدان ئويلاپ كۆرۈڭلار. ئازراق مەنپەئەتنى، بۇدۇنيالىقنى ئەمەس، ئۇ دۇنيالىقىڭلارنىمۇ ئويلاپ ئىش قىلىڭلار جامائەت! ئەلۋەتتە، بۇنداق ئەسكى ئىشنى قىلغان ئادەم بىر، ھەممىڭلار ئەمەس.قالغانلىرىڭلار ھوددەس رەنجىمىگەيسىلەر. مەھەللىدارچىلىقتا، مۇشۇنداق خېمىنى تالىشىپ ، پىششىقىنى ئۆز- ئارا سۇنۇشۇپ ئۆتىدىغان گەپكەن...+ N+ f' d0 ]1 V# B9 |
شۇئان كۆپچىلىك ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا كۆتۈرۈلدى:5 K5 d4 b3 a$ U, ]8 w5 ~3 Q
_ئېسىت ، كىمنىڭ قىلغان ئىشىكىنە بۇ!
; {  a: I- u, {: U3 ~& O9 f" ~4 b_ كىم بولسا ئادەمدەك ئىش قىلماپتۇ، جۇما!; o" m  D; ^4 D
_بىزمۇ قوناقلىرىمىزغا ھېزى بولمىساق بولمايدىغان ئوخشايدۇ؟
: ^9 ^' R/ `0 R7 A! d_كىم بولسا تازا ئەقلىگە نىجاسەت ئولتۇرۇپ قالغان نىمىكەن!
0 m6 ^1 T, l! g  R& l& {4 Mسادىر ھەممە گەپنىڭ ئۆزىگە قارىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەندىمۇ پەرۋايىغا ئالىمغان بولاتتى،  ئىمامنىڭ«ئىشەك پېتىقلىغاندەك»دىگەن سۆزى ئۇنىڭ جىنىدىن ئۆتۈپ كەتكەنىدى. شۇڭا ئۇ ئۆيگە كىرىپلا ئۆزىنىڭ قەددىناسىغا يوقىلاڭ بىر ئىشنى باھانە قىلىپ،چېچىلدى.% _3 b1 |. Y* P! a2 v
   سادىر ئالدىراپلا تاماققا دۇئا قىلدى-دە، كەتمەننى كۆتەرگىنىچە سىرتقا قاراپ ماڭدى.
' X% A" D$ s- l9 R; n' B. ^- {# S& y' C! X! Z_ئەمدى نەگە بارىلا؟$ C( q) V8 a8 p7 r" ]
_قوناققا سۇ ئاچقىلى.
% T9 ?8 t" c, e0 u$ o_چۈشتە تاماق ئاپىرىپ بىرەيمۇ؟' ~, @/ A' u$ C+ {( A2 [0 n# b; ?
_ياق، قويلارغا بىر نەرسە بىرىۋىتەرسەن-ھە!# ?+ U" o. E4 L& {# ]4 K
_ماقۇل. 1 e4 y1 x1 a# |3 ]/ [$ F  O  D6 g* |
-4-
: F' e& g0 U# @4 K
قوناقلىقنىڭ ھاۋاسى تولىمۇ دېمىق ئىدى.ئاۋغوست ئايلىرى بولغاچقىمۇ، تېخى كۈن تىكلەشمەيلا ھاۋا ئىسسىپ كىتەتتى. ھېلىمۇ ياخشى ئېرىقتا سۇ بار ئىكەن. بولمىسا سادىر ئۆزىنى گۆشى پىشىپ قالىدىغاندەكلا ھېس قىلدى.ئېرىقتا سۇ ئويناقشىپ ئاقاتتى. بۇ قوناقنىڭ ئاختارما سۈيى بولغاچقا، سۇنىڭ شىلدىرلىغان، بولدۇقلاپ سىڭىۋاتقان يېقىملىق ئاۋازى ئاڭلىناتتى. باش تەرەپتىكى ئېتىزنىڭ تولغىنىنى كۆرگەن سادىر يەنە بىر ئېتىزغا سۇ باشلاش ئۇچۈن باغلاق سېلىشقا، ئېچىق ئىچىشقا تۇتۇندى.ئىسسق بولغاچقا سادىرغا كەتمەن چاپماق تولىمۇ ھار كىلىۋاتاتتى. ئۇ ئالدى تەرىپى ئۆرۈلگەن تىرە تۇمىقىنى كۆزىدىن ئۈستۈن قىلدى-دە، ئۇزۇن يەكتىكىنىڭ پەشلىرىنى بەلبېغىغا قىستۇرۇپ، ئېرىققا باغلاق سالدى. ئاندىن كىيىنكى ئېتىزغا ئېچىق ئاچتى. ئۇنىڭ ھاسىراپ دېىمى تۇتۇلدى. ئۇ ئېرىق قىرىغا چىقىپ، كەتمەن سېپىغا تاينىپ ئارام ئالاي دەپ تۇرىۋىدى، يان تەرەپتىكى قوناقنىڭ شىرىقلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.قارىۋىدى، 10-11 ياشلار چامىسىدىكى بىر قىز بالا قولىدا بىر داسنى كۆتۈرگىنىچە چىقىپ كەلدى. سادىر قىزىقسىنىپ بالىنى گەپكە سالماقچى بولۇپ تۇراتتى، ئاڭغىچە بالا ئۆزى گەپ سوراپ قالدى:, Z- N$ o$ c- a+ Z
_بوۋا، دادامنى كۆردىڭىزمۇ؟& [/ S- c) ~' A/ _8 S9 A4 F6 e
_دادامنى؟ دادىڭىز كىم؟
  u# @4 Z& e' {/ T8 G5 N( k3 N_تونۇمىدىڭىزما،بوۋا؟ مەن بارات مەزىننىڭ قىزىغۇ؟
+ b' c6 u& ~8 }0 W8 P_تونۇماپتىمەن، قىزىم.نەگە ماڭدىڭىز؟
9 x; J4 Q5 J; X/ j9 t0 Uدادام قوناققا ئوغۇت سېلىۋەت دىگەن، شۇڭا.../ \& t- l7 @3 d7 {  |' E. H
ئەمىسە ئوغۇت ئەكەلمەپسىزغۇ؟4 \- L  h6 [4 ?
دادام ئېتىزغا قويۇپ قويىمەن دىگەن.
1 N, {7 Z3 w% _6 Zبالا شۇنداق دەپلا ئېرىقنى بويلاپ ئىتتىك كىتىپ قالدى. «ئەجەپ چىرايلىق بالا بوپتۇ-دە، كاساپەتنىڭ قىزى؟»دەپ ئويلىدى سادىر.شۇئان ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا تۈنجى قېتىم قىزئېلىپ، باشقىلار بىلەن قېچىپ كەتكەن ئايالى، خوشنا كەنىتلەر ۋە مەھەللە ئىچىدىكى ئۆزى قانات سۆرەپ، ئاشنىدارچىلىق قىلىپ يۈرگەن ئاياللار كىلىشكە باشلىدى... ھەي؟! ئەجەپ چاغلار ئىدى-ھە؟ سادىر ئۇچاغلاردا بەزىلىرىنى ئالداپ، بەزىلىرىگە راست كۆيۈپ يۈرەتتى. بەزى كۆڭۈل خوشى تاپسا، بەزىدە تىل ئىشتىپ، تاياقمۇ يىگەنىدى.شۇنداق بولسىمۇ قىزىق ئوچاقنىڭ ئوتىنى خالىمايدىغان كىم بار؟ ھازىر يا ئارمانغا چۈشلۇق دەرمان بولمىسا؟
; W  h, t5 f7 ~  xسادىر خىيالىنى بىر باشقا ئېلىپ چىقىپ بولغىچە، سۇنىڭ كوركىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ ئىزدەپ بېرىۋىدى، يۇقارقى ئېتزنىڭ سۈيى يار ئېلىپ كىتىپتۇ. ئۇ ناھايتى تەسلىكتە سۇنى ئەتتى-دە، پايپاسلاپ بېرىپ باغلاقنى ئېچىۋەتتى. ئۇنىڭ خىيالىغا تۇيۇقسىز بايىقى بارات مەزىننىڭ قىزى كىرىۋالدى.ئۇ ھەقىقىتەن چىرايلىق ئىدى. چىرايلىق بولسا نىمە بوپتۇ؟ يا ئۇ سادىرنىڭ قىزى بولمىسا-يە؟ تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كاللىسىدىن بىر خىيال كەچتى. شەيتانلىرى قۇتراپ، يۈرىكى پىژىلدىغاندەك بولدى. ئۇ نامەلۇم بىر تامادا قىز كەتكەن تەرەپكە بويۇنداپ قارىدى. مانا ، قىزنىڭ ئۆزى تەرەپكە كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن سادىر ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەي قالدى. يۈرىكى دۈپۈلدەپ، ھاسىراپ كەتتى. شۇنداق، ھاياتتا شۇنداق مۇناپىق ئادەملەرمۇ باركى، ئۆزىنىڭ بىردەملىك ھوزۇرى، كۆڭۈل خوشى ئۈچۈن ھەرقانداق پەسكەشلىكىنى قىلىشتىن يانمايدۇ. ئەقلىنى ۋە ئادىمىيلىكىنى يوقىتىپ قويسىمۇ پەرۋايىغا كەلمەيدۇ. سادىرمۇ دەل شۇ تاپتا ئەقلىنى يوقاتقان ئىدى.
- T, L/ |! S' T+ v) p. K8 g_ قىزىم توختاڭا، دىدى سادىر قىزنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ئەتراپىغا ئالاق-جالاق قارىغاچ.
* E/ W; x! F5 B4 \! }_ نىمە دەيسىز؟, `7 T, @' N- i+ g6 N) t8 y8 C* m
_پۇل بەرسەم خەجلەمسىز؟  D# s8 o/ M2 x% W7 i: `
_ياق، دادام باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئالما دىگەن.
; e1 M! l/ R" Z" t_بۇ باشقىلارنىڭ نەرسىسى ئەمەس، مەن سىزگە بەرگەندىكىن ئەلۋەتتە ، سىزنىڭ بولىدۇ-دە؟
2 g4 G; }: R7 [4 A% A1 p# m. W$ ~سادىر شۇنداق دىگەچ قويۇن يانچۇقىدىن ئىككى يۈۋەن پۇلنى ئايرىپ ئالدى-دە، تىتىرەڭگۈ قوللىرى بىلەن قىزغا تەڭلىدى.قىز ھەم ھەيرانلىق ھەم خىجىللىق ئىچىدە بىردەم تىڭىرقاپ تۇرغاندىن كىيىن پۇلغا قولىنى ئۇزاتتى. سادىر پۈرسەتنى غەنىمەت بىلدى-دە ،قىزنىڭ قولىنى كاپپىدە تۇتۇۋالدى. قىز باشتا قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالماي ھاڭۋىقىپ قالدى.كىيىن سادىرنىڭ ئېڭىشىكىنىنى كۆرۈپ قاچماقچى بولۋىدى، سادىر قويۇپ بەرمەي قىزنى سۆيمەكچى بولدى.قىز سادىرنىڭ چوتكىدەك بۇرۇتلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇردى-دە، «دادا! دادامغا دەيمەن!» دەپ ۋارقىرىغاچ سادىرنىڭ قولنى چىشلىۋىلىپ قېچىپ كەتتى.سادىر ئىزىدا ئولتۇرۇپلا قالدى. ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە قىزنىڭ «دادا!، دادامغا دەيمەن!»  دىگەن سۆزى قايتا ئاڭلانغاندەك بولدى-دە، قاتتىق پۇشايمان قىلدى.«ئەمدى نىمە كۈن كۆرەرمەن؟» دەپ ئويلىدى ئۇ. ئۇ ئۆزىدىكى خاتىرجەمسىزلىكىنى بېسىش ئۈچۈن سۇ ياقىلاپ ئېتىزنى ئايلاندى. شۇتاپتا ئۇنىڭ قاپىقى تارتىپ، ئۇدۇل ئۆيگە كەتكۈسى كىپكەتتى. ئۇ ئالدىراپ ئېچىقىنى ئەتتى-دە، ئۆيگە ماڭدى.
3 T# E( x$ y* Q# T  X% m+ V  ئۇ ئۆيىگە كەلگىنىدە ،دەرۋازىسىغا قۇلۇپ سېلىغلىق تۇراتتى.« نەگە كەتكەندۇ بۇ خوتۇن؟» دەپ ئويلىدى ئۇ. سادىر ئىزدەشتۈرۈپ يۈرۈپ، ئاچقۇچنى مومىيى كۆمۈپ قويغان يەردىن تاپتى-دە، دەرۋازىنى ئېچىپ ئۆيگە كىردى.كۆڭلى بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك، قوتانغا قاراپ باققۇسى كەلدى.ئىشىكنى ئېچىپ كىرىۋىدى، كۆرۈپلا دات-پەريات كۆتۈردى. ساقاللىرىنى يۇڭدىدى. ئەسەبىيلەرچە ۋارقىراپ يىغلاپ تاشلىدى. چۈنكى ئۇنىڭ 50مىڭ سوم قەرز ئېلىپ سېتىۋالغان قىممەت باھالىق قويلىرىنىڭ ھەممسى خۇددى ئالدىن كىلىشىۋالغاندەكلا ھارام بولۇپ قالغان ئىدى!  / W1 F# I- Q+ G/ f
-5-

9 @$ W: u% U( n/ e  X) j" ?گۈلچىخان تاڭ ئاتارغا يېقىن بىر چۈش كۆردى. چۈشىدە سادىر كەنىتنىڭ جەنۇپ تەرىپىدىن ئۆتىدىغان ئاسفالىت يولنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغىدەك. يولدىن ماشىنىلار غۇيۇلداپ ئۆتۈپ تۇرغۇدەك. خەلچىخان يولنىڭ چېتىدە تۇرۇپ«سادىراخۇن، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ چەتكە ئۆتۈڭلار، ماشىنا سوقۇۋەتمىسۇن يەنە، بولۇڭلار چاققان» دەپ چاقىرغۇدەك. سادىر بولسا شالاڭ ھەم كوماك چىشلىرىنى چىقارغىنىچە خەلچىخاننىڭ قورقۇنچاقلىقىنى مەسخىرە قىلغان ھالدا كەيىپ قىلىپ ئولتۇرغىدەك. دەل شۇ چاغدا بېشى تۆگىنىڭ بىشىغا ئوخشايدىغان،غايەت زور قانىتى، قولىدا ئاپئاق كىيىم بار بىر مەخلۇق سادىرنىڭ يېنىغا ئۈچۈپ كەلگۈدەك.ئۇ مەخلۇق سادىرنىڭ قولىدىكى رۇمكىنى تارتىۋىلىپ، ئۇنىڭغا ھاراق تەڭلىگۈدەك.سادىر ئۇنىڭ قولىدىكى ھاراقنى ئېلىپ گەپ قىلمايلا غورتۇلدىتىپ ئىچىۋەتكۈدەكمىش.ھېلىقى مەخلۇق يەنە ئۇنىڭغا قولىدىكى ئاق كىيىمنى سادىرغا تەڭلەپ:«ئەمدى بۇنى كىي!»دىگۈدەك.سادىر:«بۇ نىمە؟» دەپ سورىسا ئۇ مەخلۇق:«باقىيدىكى بەندىلەرنىڭ خىزمەت فورمىسى» دىگۈدەك.ئارقىدىنلا ئۇنى سادىرغا كىيىشكە مەجبۇرلىغۇدەك.سادىر:«ياق، بۇنى ھازىر كىيسەم بولمايدۇ، قويلىرىم ھارام بولۇپ قېلىپ زىيان تارتتىم،بانكىدىن ئالغان قەرزىم بار،بۇنى تۆلىمىسەم بولمايدۇ.ماڭا ئازراق ۋاقىت بەر دەپ ۋارقىرىغۇدەك.ھېلىقى مەخلۇق سادىرنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سالماي ھېلىقى كىيىمنى ئۇنىڭغا زورلاپ كىيدۈرۈپ قويغۇدەك.شۇنىڭ بىلەن سادىر ئۆلۈپ قاپتۇدەك. خەلچىخان قورقۇپ كەتكەچكە ھەمرىيىنىڭ يېنىغا بېرىشقا جۈرئەت قىلالماپتۇدەك.ئاڭغىچە سادىر يېنىدىكى تىلفۇننى چىقىرىپ، كىملەرگىدۇر تىلفۇن قىلىپ:«خالايىق، مەن ئۆلۈپ قالدىم، مېنى ئەمدى كۆمۈپ قويۇڭلار»دىگۈدەك.ئۇنىڭ ئاۋازى يېزا تەۋەسىدىكى بارلىق كانايدىن چىقىۋاتقۇدەك.شۇنداقتىمۇ ھېچكىم ئۇنىڭ يېنىغا كەلمىگۈدەك. سادىر جاقىلداپ تىتىرەپ كەتكۈدەك.خەلچىخان بىربېسىپ، ئىككى بېسىپ سادىرنىڭ يېنىغا بېرىپ ، ئۇنى زاكىداپ بۆشۈككە بۆلەپ يۈدگىنچە قەبرىستانلىققا ئېلىپ بارغۇدەك.قەبرىستانلىقتا سادىر بۆشۈكتىن قېچىپ چىقىپ، بىر گۆرگە قېچىپ كىرىۋالغۇدەك.خەلچىخان ھەمرىيى كىرىۋالغان گۆرنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرغۇدەك. خەلچىخانغا گۆردىكى سۇئال-سوراق ئاڭلانغۇدەك.سادىر بۇ ئالەمدىكى قىلغان-ئەتكەنلىرىدىن ھساپ بەرگۈدەك. مۇنكىر-نەكىرلەر قايىل بولماي: «يالغان!سېنى ئۇ ئالەمدە ئادەم قىلىپ ياراتتۇق.سەن ئادەملىكىڭگە مۇناسىپ ئىش كۆرمەي، ئاجىزلارنى بوزەك قىلدىڭ، بىر تۇل خوتۇننىڭ ئىچىدىغان سۇيىنى توسۇپ قويدۇڭ. يۇقارقى مەھەللىدىكى يتىم ئوغۇل ھاشىمنىڭ ئوتۇنىنى ئوغۇرلاپ قىشتا مۇزلاپ قېلىشىغا سەۋەپچى بولدۇڭ. باشقىلارنىڭ زىرائەتلىرىدە مال باقتىڭ. بۇمۇ ئاز كەلگەندەك نارەسىدىلەرگە چېقىلدىڭ. گۈناھىڭ ئېغىر. شۇڭا ھازىر ساڭا جازا ئىلان قىلىنىدۇ...».ئۇلارنىڭ گىپى تۈگىمەيلا:«سادىرنىڭ پانى ئالەمدە قىلغان گۇناھلىرى ياخشى ئەمەللىرىدىن كۆپ بولغاچقا، ھازىردىن باشلاپ ئۇنىڭ ئادەملىك ئىنۋانى ئېلىپ تاشلىنىپ مادا ئىشەككە ئايلاندۇرۋىتىلسۇن ھەمدە ئەرسادقا ئېلىپ بېرىلىپ شۇيەردىكى شەمشاد دەرىخىگە بەند قىلىنسۇن!»دەپ تەڭرىنىڭ يارلىقى ئىلان قىلىنغۇدەك. شۇ ھامان سادىر مادا ئىشەك سىياقىدا جەننەت بىلەن ئەرساد ئارلىقىدىكى شەمشاد دەرىخىگە تۆمۈر زەنجىر بىلەن باغلاپ قويۇلغۇدەك.جەننەتكە كىتىۋاتقان ھۆر-پەرىلەر بىلەن ئەرسادقا كىتىۋاتقان ئۆزىنىڭ ھەر سۆلەتلىك،نەسللىك،ئەركەك ئىشەكلەر قەۋمىنى كۆرگەن سادىرنىڭ شەھۋىتى قىستاپ،قۇيرۇقىنىڭ ئاستى تارتىشىپ،لىپىلداۋاتقاندەك سىزىم ئىچىدە كۆزلىرىدىن پۇرقىراپ ياش تۆكۈلىۋاتقۇدەك.../ Y, \* G8 ~, {# O3 w
  گۈلچىخاننى قارا باسقانىدى. ئۇ چۆچۈپ ئويغاندى. ئەتراپىغا قارىغانىدى، ئاللىقاچان قۇياش كۆتۈرۈلۈپ، نامازنىڭ ۋاقتىمۇ ئۆتۈپ كىتىپتۇ. ئۇنىڭچە نامازنىڭ ۋاقتىدىكى ئۇيقۇ غەپلەت ئۇيقۇسى بولۇپ، ناماز ۋاقتىدا ئۇخلىسا ئادەم مۇشۇنداق قورقۇنچلۇق چۈشلەرنى كۆرەتتى.تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ يادىغا ھېلىتىن كۆرگەن چۈشى يادىغا يىتىپ ھەمرىيىنىڭ چۈشىكىگە قارىۋىدى، سادىر ياتقان ئورۇننىڭ بوش تۇرغانلىقىنى كۆردى. يۈرىكى بىر ئشىنى سەزگەندەك دەككە-دۈككە ئىچىدە ھويلىغا چىقىتى. چىقتى-يۇ، ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى.چۈنكى سادىر ھويلىدا قوتاننىڭ ئىشىكىگە يۆلىنىپ قېتىپ قالغانىدى.ئۇ قويلىرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىنكى زىيانغا چىدىمدىمۇ ،ئەيتاۋۇر، ئاللىقاچان بۇدۇنيا بىلەن خوشلاشقان ئىدى...
4 O- |) D! F3 r) q
. a0 V  j) s# Z) B
ئاپتور يەكەن ناھىيە حاڭدى بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن.
* ~1 g- _- {' f! M  J0 u
ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىتەجرىبەقىزغىنلىقتىللاتۆھپەيىغىشسەۋەبى
sanjar + 20 + 15 + 2 + 2بارىكاللا!
xarbat + 20 + 15 + 5 + 4ئېسىل!

ھەممە باھا نومۇرى : تەجرىبە + 40 قىزغىنلىق + 30 تىللا + 7 تۆھپە + 6  باھا خاتىرىسى

wolqan ئىسىم ئۆزگەرتتى

3155

تېما

8

ئەگەشكۈچى

4 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 6303
نادىر تېمىسى: 98
تىللا: 16341
تۆھپە : 3317
توردا: 4670
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-29

مائارىپچى ئوردىنىwindows8 ھەقىقى نەشىرىنى ئىشلەتكۈچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 00:47:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ
بىر كۆرۈشۈپ ئۆمۈر بويى ئەسلەيدىغان ئادەم بار، نەچچە يىل بىللە ياشاپ بىرسائەتتە ئۇنتۇيدىغان ئادەم بار...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

شەربەتنىڭ يانفون تېرمىنالى ئېلان قىلىندى
شەربەتنىڭ يانفون تېرمىنالى ئېلان قىلىندى
شەربەت تورىنىڭ يانفون تېرمىنالى دېتالىنى چۈشۈرۈپ ھەرۋاقىت ھەرجايدا خالىغان ۋاقتىڭىزدا بېكىتىمىزنى ئەركىن ئازادە زىيارەت قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز

كۆرۈش »

يانفۇن|ئاددى بەت|ئالاقىلىشىڭ|( 新ICP备11001587号-6 )  
بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
بېكەتنىڭ قانونى ۋەكىلى : شەربەت QQ:359903451 E-mail:359903451@qq.com
بىز ئەڭ ياخشى مۇنبەر قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز!
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2013-5-30 00:22

چوققىغا قايتىش