     
 
| ئانىنىڭ مەشىق دەپتىرى ) T. b- n7 ^. y# P
تەرجىمە ھېكايە " W( O! c( L y! E ياڭ فەن ئۆلكە مەركىزىدىن مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى يۇرتىغا كېلىپلا ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا باردى.8 A- e) u* f/ J4 } ـ ئانام نېمە كېسەلكەن؟ كېسىلى ئېغىرمۇ؟ سورىدى ئۇ مەسئۇل دوختۇردىن. 6 p. `1 \3 ^' @$ i3 {* ^1 tـ ئاشقازان راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى، موماينىڭ ساناقلىقلا كۈنى قاپتۇ، شۇڭا ئىدىيەڭلەردە تەييارلىق بولسۇن، دېدى دوختۇر.- R- Z) w3 [' g" H! T! K. M ياڭ فەننىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى. ' Q& L* q- ~2 s$ N, R/ Eئۇ دوختۇر ئىشخانىسىدىن چىقىپلا مۇئاۋىن باش دىرېكتورغا تېلېفون قىلىپ، شىركەتنىڭ ئىشلىرىنى ۋاقتىنچە ئۇنىڭغا تاپشۇردى.7 ~7 F# j& e* V1 N0 Q ئۇ ئانىسىغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى. ئۇنىڭ دادىسى بالدۇرلا قازا قىلغان بولۇپ، ئانىسى تۆت پەرزەنتنى چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقۇچە كۆپ رىيازەت چەككەنىدى. ئانىسىنىڭ قورساق ئاغرىقى ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىلا باشلانغانىدى، ياڭ فەن ئاكا – ئۇكىلار ئۇنى كۆپ قېتىم ئۆلكە مەركىزىگە ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىشنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق ھەر قېتىم ئانىسى ئۇلارغا:8 b: G9 k# r+ M4 i كىچىككىنە قورساق ئاغرىقىغۇ شۇ، تەكشۈرتۈپ نېمە قىلىمەن، دورا يېسەملا ياخشى بولۇپ قالىدۇ، مەن ئۇنچىۋالا نازۇك ئەمەس! دەپ رەت قىلغانىدى.. Z' ]0 T) K% ?: _- y- l6 I ئانىلار شۇنداق، پەرزەنتلىرىگە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىشنى، ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشنى ھەرگىز خالىمايدۇ. C8 `0 J- }6 \. X8 Yياڭ فەن ئەمدى ئانىسىنىڭ كارىۋىتىدىن نېرى كەتمەي ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا باشلىدى. ئانىسى ھەر كۈنى ئاغرىق ئازابىغا چىدىيالمىغىنىدا، ياڭ فەن ئامال قىلىپ ئانىسىنىڭ دىققىتىنى بۇرىماقچى، ئۇنىڭ ئاغرىق ئازابىنى يېنىكلەتمەكچى بولاتتى. ئۇ ئانىسى بىلەن پاراڭلىشاتتى، ئانىسىغا قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرەتتى. بىر كۈنى پاراڭ ئارىسىدا ئانىسى:$ F' _7 V: o3 ?) C7 _5 }8 ~7 } ـ سىلەر تۆت قېرىنداش، ھەممىڭلار ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدۇڭلار، سىڭلىڭ تېخى ئامېرىكىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇدى. لېكىن مەن ئىسمىمنىمۇ يازالمايمەن، بۇنى ئويلىسام كۈلگۈم كېلىدۇ... دېدى كۈلۈمسىرەپ. 7 W; Y1 [% J* @! Hبۇنى ئاڭلاپ ياڭ فەننىڭ كاللىسىغا بىر ئوي كەلدى. / T, t; l" F+ I; M! R; v' x& vـ ئانا، سىزگە خەت يېزىشنى ئۆگىتىپ قوياي، بولامدۇ؟ دېدى ئۇ. 3 t* J% h2 C8 w- K* c ئانىسى كۈلدى. : D- W6 c7 ~0 }2 U M8 Dـ خەت يېزىشنى ئۆگىنەمدىمەن؟ بىر پۇتۇم گۆرگە ساڭگىلاي دېگەندە ئۆگىنەلەمدىمەن؟: m: J4 [6 S* N ـ ئۆگىنەلەيسىز، ئانا، خەت يېزىش بەك ئاسان.0 E/ L8 }6 H; c( W3 w4 Q8 H" b4 O* a ياڭ فەن بىر پارچە گېزىتنى ئېلىپ ئانىسىغا خەت تونۇتۇشقا باشلىدى. ئۇ بارمىقى بىلەن بىر خەۋەرنىڭ ماۋزۇسىدىكى «چوڭ» دېگەن خەتنى كۆرسىتىپ ئوقۇدى، ئانىسىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوقۇدى. ئۇ بارمىقى بىلەن «كىچىك» دېگەن خەتنى كۆرسىتىپ ئوقۇۋېدى، ئانىسىمۇ كۈلۈمسىرىگىنىچە ئەگىشىپ ئوقۇدى. 6 q4 F, O W2 D* `( @& G( O7 t ......... 2 D. u. G' O1 Q, A1 }9 T% l" Oكېسەلخانىدىكىلەر بۇ ئانا – بالا ئىككىيلەنگە ھەيرانلىق، ھەۋەس ۋە رازىمەنلىك نەزەرىدە باقاتتى. + u" S* g( W0 [بىر كۈنى ياڭ فەن بىر دانە مەشىق دەپتىرى، قېرىنداش ئەكىلىپ ئانىسىغا خەت يېزىشنى ئۆگىتىشكە باشلىدى. ئانىنىڭ يازغان خەتلىرى گەرچە ئەگرى-بۈگرى بولسىمۇ، بەكلا يېقىشلىق ئىدى. ئانا ھەركۈنى ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر نەچچە ئاددىي خەتلەرنىلا يېزىشنى ئۆگىنەتتى. ئانا ياڭ فەنگە بالىلىرىنىڭ ئىسمىنى يېزىشنى ئۆگىتىپ قويۇشنى ئۆتۈندى. ئۇ بالىلارنىڭ ئىسمىنى يېزىۋاتقاندا چېھرىنى ئاجايىپ ھاياجان، تەبەسسۇم قاپلىغان بولۇپ، ھايات مەنزىلى ئاخىرلىشىپ قالغان ئادەمگە ئوخشىمايتتى.9 J% T% g5 \+ {3 t* Y0 j* {3 ~ بىر ئايدىن كېيىنكى بىر تۈن كېچىسى ئانا قازا قىلدى. ئۇ كېچىسى ياڭ فەن بەك چارچاپ كەتكەچكە كارىۋاتقا بېشىنى قويۇپلا ئۇخلاپ قالغانىدى، ئويغانغاندا ئانىسىنىڭ ئاللىقاچان تىنىقى توختىغانىدى. 3 i' W: z, b' g1 _ئانا كارىۋاتتا كۈلۈمسىرىگەندەك ياتاتتى، سول قولىدا مەشىق دەپتىرى، ئوڭ قولىدا قېرىنداش تۇراتتى. ئېسەدەپ يىغلاۋاتقان ياڭ فەن ئانىسىنىڭ قولىدىكى مەشىق دەپتىرىدىن ئەگرى – بۈگرى يېزىلغان خەتنى كۆرۈپ قالدى: $ |! B) B2 O! L«ياڭ فەن، ياڭ جيەن، ياڭ جىڭ، ياڭ لىڭ، سىلەرنى سۆيىمەن.» - f6 t6 w; G9 eخەتنىڭ «سىلەرنى سۆيىمەن» دېگەندىكى«مەن» جىجىلىپ كەتكەن بولۇپ ئوقۇغىلى بولمايتتى.( J* }2 F7 v9 Q2 x7 r" N دېمەك، ئانا «مەن» دېگەن خەتنى يېزىشنى ئۆگىنەلمەي كېتىپ قالغانىدى... 8 H% F: u! X" l |
|