     
 
|  ' f1 K% s6 u# r; Uقورساقنى ئۇۋۇلاشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى بولسا: ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ياخشىلاپ قەۋزىيەتنى تۈگىتىدۇ. ئۈچەينى ئۇۋۇلاپ بەرسە، ئۈچەينىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش، قوبۇل قىلشنى ئىلگىرى سۈرۈپ چوڭ-كىچىك ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىپ قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگۈتىشكە پايدىلىق. ياشانغانلارغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. , s+ ^# X/ v1 J& ~- Qسەمرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۈچەينى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، ئۇششاق نېرۋىلارنى غىدىقلاپ قىلقان تومۇرلارنىڭ قان ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ ياغنىڭ ھەزىم بولۇشىنى تېزلىتىپ، سەمرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.7 Q- _$ u' d/ `8 m* u" I$ N/ v ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ. قورساقنى ئۇۋۇلاپ بەرسە ئادەمنى خۇشخۇي قىلىدۇ. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى قورساقنى ئۇۋۇلاپ بەرسە سەپرانى پەسەيتىپ، مىزاجنى تىنچلاندۇرۇپ ئۇيقۇسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ./ f B" g2 Y, ?8 x- [+ o: c ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ھەر كۈنى ئۈچ ۋاخ تاماقتىن كېيىن بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش مىنۇت قورساقنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، ئاشقازان يارىسىنىڭ ساقىيىشىغا ياردىمى بولىدۇ.& C7 S$ s4 C1 y$ O1 E2 y X سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگىنى ۋە ئاخشىمى قورساقنى ئۇۋۇلاشنى داۋاملاشتۇرسا، ھەزىم قىلىش ياخشىلاپ، قورساق ئېسىلىپ قېلىش، ئىشتىھاسىزلىقنى ياخشىلايدۇ. : ^9 c* w6 u Rئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ئۈچەي چاپلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئوپېراتىسە ئېغىزى پۈتۈنلەي ساقىيىپ بولغاندىن كېىين، قورساقنى ئاستا ئۇۋۇلاپ بەرسە، ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلاپ، ئۈچەي ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.4 G" {$ C6 |/ x, q8 P قورساق ئۇۋلاشنىڭ ئۇسۇلى: ئادەتتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ۋە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن تۈز يېتىپ ئىككى تىزىنى يىغىپ تۇرۇپ سول ئالقاننى كىندىك ئۈستىگە قويۇپ، ئوڭ ئالقاننى ئۇنىڭ ئۈستىگە بېسىپ، ئالدى بىلەن سولغا 50 قېتىم، ئاندىن ئوڭغا 50 قېتىم ئۇۋۇلاش كېرەك. |
|