نۇرغۇن چوڭ خاتالىقلارنى ئۆتكۈزمىگۈچە ھېچكىم ئۇلۇغ ياكى مۇنەۋۋەر بولالمايدۇ
تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

手机客户端
亲,还没下载论坛手机客户端?跟上潮流做时尚达人。掌中乐趣无处不在,快点下载吧。

كۆرۈش »

جەمئىي مىكروبلوگ 1347 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • Lutun 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئالدىراشمەن ئالدىراش !چىقمىغىلى ئۇزاق بولدى شەربەتكە ئالدىراش!

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دوستلۇق - مەنپەئەت ئالغانلارغا ئەمەس، قەدىرلىگەنلەرگە مەنسۇپتۇر.

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاقىت- كۈتۈپ تۇرغانلارغا ئەمەس، ئۇنى چىڭ تۇتقانلارغا مەنسۇپتۇر.

  • قەيسەر126 2013-5-22 15:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    پات - پات ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقى ئۈستىدە ئويلىنىپ تۇرۇش كىشىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ياخشى ئادەت   

  • مەرىپەت 2013-5-20 11:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    كىم بىلەن دوستلاشقىنىڭىزغا دېققەت قىلىڭ، چۈنكى بۇلبۇل گۈلگە،قاغا ئەخلەتكە ئاپىرىدۇ.

  • مەرىپەت 2013-5-16 22:43 [ئىنكاس(1)] [...]

    ئوغۇللاردا ساداقەت بولسا، قىزلاردا ئىشەنچ بولىدۇ.

  • مەرىپەت 2013-5-16 22:42 [ئىنكاس(1)] [...]

    ئوغۇللاردا كەڭ قورساقلىق بولسا ، قىزلاردا راستچىللىق بولىدۇ.

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايلىق -ئىزدىگۈچىلەرگە ئەمەس، تىرىشىپ ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپتۇر.

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلىم-ئوقۇغانلارغا ئەمەس، تىرىشىپ ئۆگەنگۈچىلەرگە مەنسۇپتۇر.

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاياتلىق- ھايات يۈرگەنلەرگە ئەمەس، ھاياتلىقنى قەدىرلىگەنلەرگە مەنسۇپتۇر.

  • قەيسەر126 2013-5-22 14:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    چىدا يۈركىم چىدا~! ‹‹ياخشىلارغا ناخشلار تولا ››دەيدۇ كونىلار~!

  • xarbat 2013-5-18 17:36 [ئىنكاس(2)] [...]

    بىر كۆرۈشۈپ ئۆمۈر بويى ئەسلەيدىغان ئادەم بار، نەچچە يىل بىللە ياشاپ بىرسائەتتە ئۇنتۇيدىغان ئادەم بار...

  • مەرىپەت 2013-5-16 22:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوغۇللاردا ھايا ۋە ھۆرمەت بولسا، قىزلاردا ئەدەپ- ئەخلاق بولىدۇ.

  • مەلكە 2013-5-15 11:57 [ئىنكاس(1)] [...]

    مىنى قارشى ئالاسىلمۇ

كۆرۈش: 222|ئىنكاس: 2

[ھېكايە]تاش موماي

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

113

تېما

2

ئەگەشكۈچى

5248

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1902
يازما سانى: 507
نادىر تېمىسى: 10
تىللا: 1781
تۆھپە : 489
توردا: 230
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-4-18

ۋولقان تۆھپىكارىتىرىشچان ئەزا ئوردىنىباشقۇرغۇچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىتېما يوللاش ماھىرىئاكتىپ ئەزاقابىل تەرجىمانۋولقان يازغۇچىسىمۇنبەر نازارەتچىسىئەلا يىتەكچى ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 18:21:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   eerpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-25 18:28  9 [! ]) X7 a( g/ v+ A/ l

6 Q' G  G( j4 v9 i3 dبۇ يازمىنى قاچان توردىن ساقلىۋالغىنىم ئېسىمدە يوق ، خېلى تەسىرلىك ھېكايە بولغاچقا ھازىرغىچە ساقلاپ كېلىۋاتقان ئىدىم ،ئاپتۇر بىلەنمۇ نەچچە قېتىم پاراڭلىشىپ ئولتۇرغانمىز مەن بۇنىڭ راس ياكى توقۇلما ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمدا ئۇ كۇلۇپلا ھېكايە دىگەن ئىدى . مەيلى قانداق بولسۇن بۇمۇ بىر تۇرمۇش كارتىنىسى .بەزى ئىشلار بىلەن مۇنبەرداشلارغا بىرەر يارىغۇدەك ئەدىبى ئەسەر(چۈنكى مېنىڭ قىزىقىشىم شۇ ئىد ى) يوللىمىغىلى خېلى ئۇزۇن بولۇپتۇ ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن كومپۇيۇتېرىمنى ئاختۇرۋېتىپ  بۇ ساقلانما كۆزۇمگە چېلىقىپ قالدى ، تورداشلارغا ياقسا كېرەك دەپ مۇنبەرداشلارنىڭ كۆڭۇل ھۆزۇرىغا سۇندۇم
" ]% _. f5 d; q* B& Q0 X5 @8 \3 Q, }: m. i4 C3 k
تاش موماي

6 L$ n1 ]$ u$ k. y9 k, M% J3 E+ g) @
. g  `" z" S6 P" U
! G; T: |! ~  H# f# d' g! Y' D7 M, H7 \
ئۇ موماينىڭ بەش ئوغلى ئىككى قىز پەرزەنتى بارلىقىنى ئاڭلىغانتىم،تۆت ئوغلى ئۈرۈمچىدە خىزمەتتىكەن، قالغان ئۈچەيلەن شەھىرىمىزدىكى خېلى پۇللۇق ئىدارىلەردە ئىشلەيدىكەن. بىراق بۇ يول ياقىسىدىكى ھاشىم بوتكىدا، بىر يىلدىن ئارتۇق ھاراقنىڭ پەيزىنى سۈرگەن چاغلىرىمدا، مەيلى خىزمەتكە بېرىش جەريانىدا يولدىن ئۆتكەن-كەچكەندە بولسۇن، ئۇ موماينىڭ بىرەر بالىسىنىڭ ئۇنى يوقلاپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئۇ موماينىڭ ئۆيى بوتكىنى دەل ئارقىسىغا توغرا كېلەتتى. يېشى 80گە ئۇلاشقان، ئورۇقلاپ مۈكچىيىپ كەتكەن، قېرىلىقتىن قورۇق بېسىپ، كۈچ-ماجالى كېتىپ، سۈزۈلۈپ كەتكەن تېرىلىرىنى كۆرگەن كىشىنىڭ كۆزئالدىغا ،بىر كىيىم ئىلغۇچ ھازىر بولىدۇ، بىراق بۇ كىيىم ئىلغۇچ ماڭىدۇ، ئولتۇرىدۇ، ھەريان زارىقىپ كىملەرنىڭدۇر يولىغا تەلمۈرۈدۇ...ئۇ ھەر كۈنى ئاشۇ 20 مېتىر ئىگىز دۆڭدىن مۈدۈرلۈپ-سۈدۈرلۈپ يول ياقىسىغا مىڭ تەسلىكتە چىقىدۇ، ئەتىدىن - كەچكىچە شۇ يەردە مىدىرلىماستىن تۇرىدۇ، ئولتۇرىدۇ...يولدىن ئۆتكەن كەچكەنلەرگە مەيلى تونۇسۇن، تونۇمىسۇن ئوخشاشلا سالام قىلىدۇ.../ _3 q' Y; z3 ?' p' ~, d
           ئالدىنقى ئاينىڭ قايسى بىركۈنى سىرىتتا قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى، ھاشىم بوتكا پاراقلاپ قايناۋاتقان كورىدىن بىر پارچە يۇمشاق پىشقان پاخلان گۆشىنى ئېلىپ، زەينەپخان مومىمىزغا سۇنۇپ قوياي، ئىت ئۆلگۈدەك سوغۇق چىقىۋاتىدۇ، بىچارە موماي توڭلاپ قالمىسۇن...ھەي، ھەممىمىز قېرىيمىز خۇدايىم قېرىلىقتا بىزمۇ شۇنداق غېرىپ كۈنلەرگە قارلارمىزمۇ؟...دېگىنىچە سىرىتقا چىقىپ كەتتى، بىر پۇڭنىڭ ئۈستىدە، ئورۇن كۆرپە سېلىپ يېتىۋالىدىغان بۇ پىخسىقنىڭ دائىم ئۇ مومايغا قىلغان مەردلىكلىرىدىن بۇ بوتكىدىكى خېرىدارلارنىڭ ھەممىسى سۆيۈنەتتى. ھەم دائىم زەينەپخان مومىغا ئۆيىدىن ئاز-پاز يىمەك-ئىچمەك ئەكىلىپ سۇنۇپ تۇراتتى...بىراق، ئۇنىڭ ھېچبىر ھاراقكەشنىڭ سۇنغان تامىقىنى ئىچكەنلىكىنى ، كۆز ئالدىمىزدا يېگەنلىكىنى كۆرۈپ باقمىدۇق، بەلكىم، بىزنىڭ تامىقىمىزدىن كۆڭلى شەكلىنىدىغاندۇ. شۇ كۈنى ھاشىم قايتىپ كېلىپ :
: a+ @  a6 i& G- h* `    - ھەر يىلى، بۇ مومىمىزنى ئەمدى قىشتىن ئۆتەلمەيدىغان بولدى، دەپ ئويلايمەن، لېكىن ،ئۇ، يېنىدا يا ئۆمۈرلۈك ھەمراسى، پەرزەنت، نەۋرە - چەۋرىلىرى يوق ،شۇنچە زېرىكىشلىك، زۇلمەتتەك ئۇزاق قىشتىن ساغلام ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئالدىنقى ئايدا سوتتا ئىشلىگەن قىزىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆردۈم، بىلەمسىلەر، شۇ كۈنى بۇ موماي خوشاللىقىدىن ئاۋۇ دۆڭدىن يۈگىرەپ دېگۈدەك چىقىپ، پايپىقىنىڭ قېتىغا يۆگەلگەن پارچە پۇرات پۇللارنىڭ ئىچىدىن  ( كۆك رەڭلىك )يۈز يۈەن پۇلنى چىقىرىپ :. ?3 b3 r' v! d) w- m! j1 L
    _ جېنىم بالام ھاشىمقارى، بۇ پۇلغا قانچىلىك گۆش كەلسە شۇنچىلىك گۆش ۋە بىر باش پىياز ئەكىلىپ بەرگەن بولسىلا، -دەپ تۇرۇۋالدى، شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ھېلىقى سوتچى خوتۇننىڭ پىشانىسىدىن ئىتىرىپ تۇرۇپ، داپ يۈزىگە ماڭقا، يىرىڭ ئارلاش تۈكۈرسەممۇ ئاچچىقىم چىقمايدۇ...مەن ئامالسىز بارات پاچاقتىن گۆش ئېلىپ كەلگىنىمدە بولسا، ئۇ مومىمىز ئاۋۇ قارا تاشنىڭ ئۈستىدە غەمكىن ئولتۇرۇپتۇ، ئۇ مېنى كۆرگەندىن كېيىن قولۇمدىن گۆشنى ئېلىپ، ئاستا ئاۋازدا:3 n# u5 B$ k3 D8 n9 c
   - قىزىم ئالدىراشكەن، ئەتە كېلەي دەيدۇ...ئەتە شورپا سەپ بېرەي، ئۆزلىرىمۇ كىرسىلە._. دەپ يىراقلارغا قارىۋالدى. ئۇنىڭ قىزى ئەتىسىمۇ كەلمىدى، ئۆگۈنىمۇ كەلمىدى...ئۇ ھازىرمۇ يەنە ئاشۇ مۇزدەك تاشنىڭ ئۈستىدە ۋاپاسىز بالىلىرىنىڭ يولىغا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ...  بىلەمسىلە، ھازىر ئۇ مومىمىزنىڭ يىغلىسا كۆزىدىن ياش چىقمايدىغان بولۇپ كەتتى...قارىغاندا كىچىكىمىزدە ئاڭلايدىغان چۆچەكلەردىكى، دەرت-ئەلەمدىن يىغلىسا كۆزدىكى ياش قۇرۇپ كېتىدۇ، دېگەن گەپلەرمۇ راست ئوخشايدۇ...بوتكىدىكىلەر ئۇنىڭ ئېغزىغا قاراپ بىر ھازا ئولتۇرۇپ كەتتۇق، ھەر كاللىدا ھەر خىيال، ھە! بىر چاغدا لېتىپ چىڭغىر، بولدىلا ھەي دۈشمەنلەر! سورۇنىمىزغا كېلەيلى، بىزدە ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا ئىمىش دەيدىغان گەپلەر بىكار چىقمىغان...خەق بىلەن نىمە ئىشىمىز، كىم بىلىدۇ ،تېخى ئۇ موماي ياشلىقىدا ئاتا-ئانىسىغا قارىمىغان بولسا،  بۇمۇ ئۇنىڭ  كۆرگۈلىكىدۇ...خوشە! دېيىشىگە ھاشىم بوتكا ئۇنى تىللاپ كەتتى، - ھوي خوتۇن پۇرۇش! بۇ دۇكاندا تولا بىلجىرلىما ماقۇلمۇ! بىز سەندەك تۈۋى يوق يانتاق ئەمەس، ئاتا-ئانىمىز ئۆيىمىزدە...-بولدى، بولدى...ئاكا مەن ئۆزەمنىڭ ھارىقىنى ئىچەي، لېتىپ چىڭغىر سەت ھىجىيىپ خوشامەت بىلەن كۈلۈپ ئورنىدىن تۇردى، ئۇنىڭ بۇ تۇرقى ، كوچىلاردا ئۆزىدىن يامان ئىتنى كۆرگەندە قۇيرۇقىنى چاتىرىقىغا قىسىدىغان لالما ئىتلارغا ئوخشاپ قالغانتى.
+ z4 N& V9 p6 j         شۇ كۈنى بىز خېلى كەچكىچە ئىچىپتىمىز، ئۆيگە قاچان كەلگىنىمنى خوتۇنمۇ بىلمەيدىكەن، ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۆتكەن بولسىمۇ بوتكىغا بارالمىدىم، ئاڭلىسام شۇ كۈنى كەچتە، زەينەپخان موماي دۆڭدىن دومىلاپ كېتىپتۇ. ھېلىمۇ ياخشى ھاشىم بوتكا ئۇنى ۋاقتىدا بايقاپ، دوختۇرخانىغا ئاپىرىپتۇ. موماينىڭ يارلانغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان، بوتكا ئۈلپەتلىرىم خېلى جىق پۇل يىغىپ ئۇنىڭغا بەرگەنمىش، ( ماڭىمۇ ئاتاپ 20 يۈەن بېرىپتۇ) راستىننى دېسەم، ئاشۇ قەھرىتاندا توڭۇپ، تۆمۈردەك قېتىپ كەتكەن جايدىن يىقىلغان، سەكسەن ياشلىق موماينىڭ ھايات قالىدىغانلىقىغا زادى ئىشىنەلمىگەن ئىدىم، كېيىن ئۇ ساقىيىپ كەتتى، شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى پەرزەنتلرىنىڭ بىرىمۇ كەلمەپتۇ، بۇ يەردىكى ئۈچ پەرزەنتى بولسا، مىراس تالىشىش كۆرۈشىگە چۈشۈپ، دوختۇردا يېتىپ قالغان ئانىسىغا تۈزۈكرەك قاراپ قويماپتۇ، بىچارە موماينىڭ ياتاق، تاماق پۇللىرىنى مەھەلىدىكى مەسچىت جامەئەتچىلىكى بىلەن ھاشىم بوتكىنىڭ خېرىدارلىرى كۆتۈرۈۋېتىپتۇ. تېخى ، مەسچىتنىڭ ئىمامى- مەي، كەيىپ-ساپاغا بېرىلگەنلەرنىڭ پۇلىنى ئېلىشقا بولمايدۇ، دەپ تۇرۇۋېلىپتىكەن. بىرقىسىم رەھبەرلەرنىڭ سالا-سۈلھىلىرى بىلەن تەسلىكتە ئېلىشقا قوشۇلغانمىش. $ \& X5 R) p6 N( K, p( {- `
      شۇ ۋەقەدىن كېيىن، مەن خىزمەت سەۋەبى بىلەن تاغقا ئىككى يىللىق  چېنىققىلى چىقىپ كەتتىم، بوتكا بار رايون شەھەر قۇرلۇشىغا تەسىر يەتكۈزگەنلىكتىن چېقىۋېتىلدى، گەرچە ئۇ بوتكىدىلەر بىلەن يوللاردا تاسادىپىي ئۇچىرىشىپ قالساقمۇ ، ئىڭەك سالىمى قىلىۋېتىپلا ئۆتۈشۈپ كېتىمىز.بۇنىڭدىكى ھەقىقەتنى بىلسىڭىز، ھاراق سورۇنىدىن دوست تاپقىلى بولمايدىكەن... موماينىڭ ئۆيىگە نۇرغۇن پۇل بېرىلىدىغانلىقىدىن، خەۋەر تاپقان يەتتە بالا ئۇنىڭ ئۆيىدە بىرەر ئايدەك تۇرۇپتۇ. بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ مومايغا قىلمىغان خوشامەتلىرى قالماپتۇ. ئۇن، ياغ، گۆش...لەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەپتۇ. ئاخىرى چېقىلغان ئۆينىڭ تۆلەم پۇلى، بىچارە ئانىنىڭ قولىغا تېگىشى بىلەن، بۆلۈشۈپ بولغان...بالىلار بىرلەپ، ئىككىلەپ كۆزدىن يوقۇلۇپتۇ. ھېچكىم زەيناپخان مومىمىزنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن...
' m9 r2 p+ n0 f( i* B       ئاردىن تۆت يىل ئۆتكەن بىر مەلۇم بىر كۈنى قايناق بازارنىڭ بىر سىڭىرىدا، ھاشىم بوتكا بىلەن يولۇقۇپ قالدىم، ھازىرمۇ ئېسىمدە شۇ كۈنى ئۇ كۆزۈمگە بۆلەكچىلا ئىسسىق كۆرۈنۈپ كەتكەنتى، بىردەملىك سالام سائەتلەردىن كېيىن، دەۋىر مەيدانىنىڭ يېنىدىكى كاۋاپخانىدا سورۇن راستلىدۇق، توۋا دەيمەن، بىر ئۆمۈر ھاراق سېتىپ ئۆتكەن، ئۆزىگە دوزاقتىن چۈشكەن لەقەمنى سىڭدۈرگەن بوتكا ئاكام ھاراقنى تاشلىۋاپتۇ... بىراق مەن يەنىلا ئىچىۋاتاتتىم. بىز نۇرغۇن پاراڭلارنى سېلىشىتۇق...بىرچاغدا ھاشىم بوتكا ئېغىر ئۇھسىنىپ تۇرۇپ:) Q- v5 g  X& d$ z3 T# ^( ]" r9 K0 I
   - بەختى (ئىسىمىم بەختىيار، تونۇشلۇرۇم  مېنى بەختى دەپ چاقىرىپ كۆنۈپ قاپتىكەن) زەينەپخان مومام ئېسىڭدە باردۇ؟! دەپ گەپنى باشلىدى...ئۇنىڭ ئۆيى چېقىلغاندىن كېيىن ۋاپاسىز ، ھايۋاندىن بەتتەر رەھىمسىز پەرزەنتلىرى پۇلىنى بۆلۈشۈپ بولۇپ، ئۇنى شەھەر ئەتىراپىدىكى بىر ئېغىزلىق ئەبجەق ئۆيگە ئاپىرىپ يەنە يالغۇز قويۇپتۇ، ھېلىمۇ ياخشى ئەتىراپىدا ياخشى نىيەتلىك خولۇم- خوشنىلىرى بار بولغاچقا، ئۇ مومىمىزغا ئاش-تاماق سۇنۇپ تۇرىدىكەن...مەيلى قېرىلىقتا، مەيلى ياشلىقتا بولسۇن ھەممىدىن يامىنى غېرىبلىق ئوخشايدۇ، ئاخىرى ئۇ قېرىلىقتىن،،غېرىپلىقتىن، پۈتمەس-تۈگىمەس دەرت-ئەلەملەرنىڭ دەستىدىن ئالجىپ قاپتۇ...ماڭسا تۇرسا، يولدىن ئۆتكەن كەچكەنلەرنىڭ ئالدىنى توسۇپ:& R7 X; T/ R6 |5 b" o$ H4 A
- جېنىم بالام، بالام ئەزىزنى كۆرلەمۇ، ئەزمەتنىچۇ؟!...سانىيە ئۆزلەنىڭ ئۆيلىرىگە بارىمەن دەپ كەتكەنتى، كەلمەيۋاتىدۇ...دەپ سورايدىغان، سۆزلەيدىغان ، ئۆلۈ پ كەتكىلى ئۇزاق يىللار  بولغان كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ چاقىرىدىغان، تاملارغا قاراپ پاراڭ سالىدىغان بولۇپ قاپتۇ...ئالدىنقى يىلى قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان، تاڭ تېخى ئەمدىلا يورۇغان چاغ ئىدى، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا چېقىلغان بوتكامنىڭ ھەققىگە كەلگەن، كاتەكتەك بىنا ئۆيۈمدە تېلۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرسام، ئىشىك قاتتىق چېكىلدى، ئىشىكنى بىر خىل ئەنسىزلىك ئىچىدە ئاچتىم، ئۇدۇلۇمدىكى خەنزۇ خوشنام ھەسىرەپ-ھۆمىدەپ تۇراتتى، ئۇ قىسىق كۆزلىرىنى مېنى كۆرمەي قالمىسۇن دېگەندەك بولىشىغا كېرىپ تۇرۇپ،
5 u+ i& I9 G) g6 n! P: A3 a    - ھاشىم ، دەرۋازىنىڭ ئالدىدىكى قارا تاشنىڭ ئۈستىدە بىر ئۇيغۇر موماي توڭلاپ ئۆلۈپ قاپتۇ، ماڭ چىقىپ باق، تونۇمسەنكىن، دارۋازىۋەنمۇ تونۇمايدىكەن، تېز بول، دېگىنىچە يەنە ئارقىغا يۈگىرەپ چىقىپ كەتتى...شۇ دەقىقىدە، مەن دەرھاللا زەينەپخان مومىمىزنى ئويلاپ قالدىم، چۈنكى ئۇ تاش ...چىقىپ كۆرسەم، ئورۇقلاپ بىرتېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان، ئۈستى -بېشىنى قىراۋ بېسىپ ئاپپاق قار ئادەمدەك بولۇپ قالغان ، بۇ يىراقلارغا نەزەر تاشلىغان پېتى، قولىدىكى ھاسىسىنى چىڭ سىقىمدىغان ھالدا ئولتۇرغان موماي دەل زەينەپخان مومىمىز ئىكەن، ئۇنىڭ كۆزىدىن، تا شۇ كەمگىچە بىر خىل چەكسىز تەلمۈرۈش نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى، چېھرىدە بولسا سۇسقىنە تەبەسسۇم قاتقانتى، مەن شۇ يەردە نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي بىر ھازا ھۆڭرەپ يىغلاپ تۇرۇپ قالدىم، سەنمۇ بىلىسەن مەن يىغلايدىغان ئەر ئەمەستىم، شۇ كۈنى يىغلىدىم ، يىغىدىن ئاۋازلىرىم پۈتۈپ كەتتى، بەلكىم، بىچارە مومام سوغوقتىن سېزىمىنى يوقىتىۋاتقان، ئۇ دۇنياغا ئاتلانغان پەيىتتە، ئۇنىڭ بۇ دۇنيالىقتا تارتىشىدىغان يەتتە پەرىشتىسى ئۇنىڭ ئەتىراپىغا جەم بولغاندۇ، دەپ ئويلۇدۇم. ئادەتتە قوپال، قاتتىق-قۇرۇق گەپ قىلىدىغان ھاشىم بوتكىنىڭ شۇ كۈندىكى گەپلىرى تولىمۇ گۈزەل، پاساھەتلىك، تەسىرلىك ئاڭلاندى...مەنمۇ ئۆزەمنى تۇتۇۋالالماي مىشىلداپ يىغلاپ كېتىپتىمەن.
, s5 c  A1 `  e! X        ھاشىم بوتكىنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئۆز ۋاقتىدا ھېلىقى قارا تاشمۇ قۇرلۇشچىلار تەرپىدىن ئېلىۋېتلمەكچى بولغاندا، ئۇ قوشۇلماپتىكەن،  چۈنكى ئۇ تاش، ئۇنىڭ بالىلىقىدىكى گۈزەل ئەسلىمىلەرنىڭ بىردىن بىر يالدامىسى ھېساپلىنىدىكەن، ئۇ ھەر قېتىم ئۇ تاشقا قارىغىنىدا، كىچىگىدە تۈگەپ كەتكەن ئاتا-ئانىسىنى، مەھەلىسىدىكىلەرنى، ئۆز كىندىك قېنى تۆكۈلگەن، توپا بىلەن يېشىللىقنىڭ ساپ ھىدى كېلىدىغان مەھەلىسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلەيدىكەن...زەينەپخان موماي ئۇ تاشنىڭ ئۈستىدە تۈگەپ قالغاندىن كېيىن، موماي ھەققىدىكى تەسىرلىك پاراڭلار بۇ قورادىكى كونا-يېڭى قولۇم-قوشنىلار ئارىسىدا تارقىلىپتۇ، زەينەپخان مومىمىزغا بېرىلگەن بىنا ئۆيدە تۇرىۋاتقان كەنجى قىزى، تىل-ھاقارەتلەرگە چىدالماي، ئۆيىنى زىيىنىغا سېتىۋېتىپ، قايسى بىر رايونغا كۆچۈپ كېتىپتۇ. كىشىلەر ھازىر ئۇ تاشنى ھۆرمەت بىلەن موماي تاش دەپ ئاتاۋاتقانمىش، ئۇ قورانىڭ نامىمۇ تەبىئىيلا ھالدا موماي تاشنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ قاپتۇ.
  t8 ~  l# {7 m! w2 S8 v- G$ u      مەن ھاشىم بوتكا بىلەن خوشلۇشۇپ ، چوڭ ئۆيگە قاراپ ماڭدىم، ئۆيگە بارمىغىلى خېلى كۈنلەر بولۇپ قاپتۇ...ئاتا-ئانام يولۇمغا قاراپ قالغاندۇ...4 L& x* F& C% z( \: \
-تامام8 n+ w: ]- w6 ]# P# j9 h
2010-يىلى9-ئاينىڭ7-كۈنى قومۇل
9 B6 G' t  G! e6 B1 L
* v5 C: W2 ?* ~6 J0 {6 w

980

تېما

7

ئەگەشكۈچى

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  138
يازما سانى: 3201
نادىر تېمىسى: 13
تىللا: 8719
تۆھپە : 2411
توردا: 3001
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-29

ۋولقان تۆھپىكارىتىرىشچان ئەزا ئوردىنىئەتىرگۈل ئەزا ئوردىنىۋولقان مەلىكىسىباشقۇرغۇچى ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىتېما يوللاش ماھىرىئاكتىپ ئەزادوستلۇق ئەلچىسىمۇنبەر نازارەتچىسىئىجادكار ئەزائەلا يىتەكچى ئوردىنىماھىر تەربىيىچىwindows8 ھەقىقى نەشىرىنى ئىشلەتكۈچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 23:14:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەك تەسىرلىك ھېكايە ئىكەن، بۇنى ئىلگىرىمۇ بىر قېتىم ئوقۇغان ئىدىم...
4 g$ q2 \: c- @$ u0 zھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنى  بارىدا قەدىرلەيلى!!!

106

تېما

4

ئەگەشكۈچى

6117

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  218
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 2
تىللا: 2240
تۆھپە : 463
توردا: 610
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-29

ۋولقان تۆھپىكارىتىرىشچان ئەزا ئوردىنىئەتىرگۈل ئەزا ئوردىنىۋولقان مەلىكىسىمائارىپچى ئوردىنىئاكتىپ ئەزامۇنبەر نازارەتچىسىwindows8 ھەقىقى نەشىرىنى ئىشلەتكۈچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 15:49:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن تەسىرلىك ھىكايىكەن،شۇنداق،ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنى ھاياتلىقىدا قەدىرلەيلى،ئۇلارغا كۆيۈنەيلى،بارىدا قەدرىگە يەتمەي كىيىن پۇشايمان قىلمايلى.
ئادەم بەدىنىدە بىر چىشلەم گۆش بار،ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ، ئۇ تۈزۈلسە پۈتۈن بەدەن تۈزۈلىدۇ. دىققەت ق ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

شەربەتنىڭ يانفون تېرمىنالى ئېلان قىلىندى
شەربەتنىڭ يانفون تېرمىنالى ئېلان قىلىندى
شەربەت تورىنىڭ يانفون تېرمىنالى دېتالىنى چۈشۈرۈپ ھەرۋاقىت ھەرجايدا خالىغان ۋاقتىڭىزدا بېكىتىمىزنى ئەركىن ئازادە زىيارەت قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز

كۆرۈش »

يانفۇن|ئاددى بەت|ئالاقىلىشىڭ|( 新ICP备11001587号-6 )  
بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
بېكەتنىڭ قانونى ۋەكىلى : شەربەت QQ:359903451 E-mail:359903451@qq.com
بىز ئەڭ ياخشى مۇنبەر قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز!
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2013-5-30 01:07

چوققىغا قايتىش