مەغلۇپ بولغانلىقىغا باھانە تاپقاندىن، مەغلۇپ بولۇشنىڭ سەۋەبىنى ئىزدىگەن ياخشى، شۇندىلا غەلىبە ئادەمگە قۇچاق ئاچىدۇ.
تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

手机客户端
亲,还没下载论坛手机客户端?跟上潮流做时尚达人。掌中乐趣无处不在,快点下载吧。

كۆرۈش »

جەمئىي مىكروبلوگ 1347 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • Lutun 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئالدىراشمەن ئالدىراش !چىقمىغىلى ئۇزاق بولدى شەربەتكە ئالدىراش!

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دوستلۇق - مەنپەئەت ئالغانلارغا ئەمەس، قەدىرلىگەنلەرگە مەنسۇپتۇر.

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاقىت- كۈتۈپ تۇرغانلارغا ئەمەس، ئۇنى چىڭ تۇتقانلارغا مەنسۇپتۇر.

  • قەيسەر126 2013-5-22 15:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    پات - پات ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقى ئۈستىدە ئويلىنىپ تۇرۇش كىشىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ياخشى ئادەت   

  • مەرىپەت 2013-5-20 11:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    كىم بىلەن دوستلاشقىنىڭىزغا دېققەت قىلىڭ، چۈنكى بۇلبۇل گۈلگە،قاغا ئەخلەتكە ئاپىرىدۇ.

  • مەرىپەت 2013-5-16 22:43 [ئىنكاس(1)] [...]

    ئوغۇللاردا ساداقەت بولسا، قىزلاردا ئىشەنچ بولىدۇ.

  • مەرىپەت 2013-5-16 22:42 [ئىنكاس(1)] [...]

    ئوغۇللاردا كەڭ قورساقلىق بولسا ، قىزلاردا راستچىللىق بولىدۇ.

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايلىق -ئىزدىگۈچىلەرگە ئەمەس، تىرىشىپ ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپتۇر.

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلىم-ئوقۇغانلارغا ئەمەس، تىرىشىپ ئۆگەنگۈچىلەرگە مەنسۇپتۇر.

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاياتلىق- ھايات يۈرگەنلەرگە ئەمەس، ھاياتلىقنى قەدىرلىگەنلەرگە مەنسۇپتۇر.

  • قەيسەر126 2013-5-22 14:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    چىدا يۈركىم چىدا~! ‹‹ياخشىلارغا ناخشلار تولا ››دەيدۇ كونىلار~!

  • xarbat 2013-5-18 17:36 [ئىنكاس(2)] [...]

    بىر كۆرۈشۈپ ئۆمۈر بويى ئەسلەيدىغان ئادەم بار، نەچچە يىل بىللە ياشاپ بىرسائەتتە ئۇنتۇيدىغان ئادەم بار...

  • مەرىپەت 2013-5-16 22:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوغۇللاردا ھايا ۋە ھۆرمەت بولسا، قىزلاردا ئەدەپ- ئەخلاق بولىدۇ.

  • مەلكە 2013-5-15 11:57 [ئىنكاس(1)] [...]

    مىنى قارشى ئالاسىلمۇ

كۆرۈش: 239|ئىنكاس: 4

[ماقالە]ئاناتىل ھەققىدە (1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مائارىپ ئۈچۈن مەشئەل بولىمەن

114

تېما

10

ئەگەشكۈچى

9271

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  839
يازما سانى: 1232
نادىر تېمىسى: 9
تىللا: 3126
تۆھپە : 766
توردا: 470
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-29

ۋولقان تۆھپىكارىتىرىشچان ئەزا ئوردىنىباشقۇرغۇچى ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىۋولقان شائىرىۋولقان يازغۇچىسىۋولقان قىزىقچىسىمۇنبەر نازارەتچىسىwindows8 ھەقىقى نەشىرىنى ئىشلەتكۈچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 13:47:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىل ھەققىدە (1)
8 l' P* H5 ?5 P
; M; T) a. G% C( w$ ~  L
بىلىمخۇمار

: `8 n. ?6 e+ S! S$ ~# [2 q) m
' c: ~5 P' z* x- @3 q) o0 N& Kكىرىش سۆز
2 }! a( Y" D' ]1 {
% f8 q; l# S! x2 v. H6 d/ N3 ^0 Xمەن يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدىكى ئانا تىل ھەققىدىكى يازمىلار ۋە ئۇنىڭغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆرۈۋېتىپ، مۇنداق بىر ئەھۋالنى بايقىدىم: ئوقۇرمەنلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قوش تىل مائارىپ» تۈزۈمىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ يېسىل ۋە مەكتەپتىكى ئوقۇشى ۋە نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىدە كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنى كۆپ ئۇچراتقان بولسىمۇ، نېمىشقا ئاشۇنداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدىغانلىقىنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى ئانچە چۈشىنىپ يېتەلمىگەن.  غەرپ ئەللىرىدە «قوش تىللىق مائارىپ» توغرىسىدىكى ئىلمىي تەتقىقات كەم دەگەندە بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇن باشلانغان. ھازىرغىچە قوش تىللىق مائارىپ توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلارنى كۆپرەك ئېلىپ بارغان دۆلەتلەردىن ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، گرېتسىيە، فىنلاندىيە ۋە شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كۆچمەن مىللەتلەرنى ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلغان ۋە ھازىرمۇ قوبۇل قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە كىرىدۇ.  بۇ دۆلەتلەر دۇچ كەلگەن بىر ئورتاق مەسىلە كۆچمەن خەلقنىڭ مائارىپ سەۋىيىسى يەرلىك خەلقنىڭ سەۋىيىسىدىن كۆپ تۆۋەن بولۇپ، بۇ يېڭى دۆلەتلەرگە كېلىپ نەچچە ئەۋلاد ياشاپ بولغان بولسىمۇ، بۇ كۆچمەن خەلقنىڭ ئاساسلىق نوپۇسى يەنىلا ئۆي تازىلاش، كوچا سۈپۈرۈش، ئوت ئۇرۇش، زاۋۇتلاردا ئىشچى بولۇشتەك تۆۋەن دەرىجىلىك خىزمەت ئورۇنلىرىدىن قۇتۇلالمىغان.  شۇڭلاشقا يۇقىرىقى دۆلەتلەر ئېلىپ بارغان تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، باشقا دۆلەتلەردىن كۆچمەن بولۇپ كەلگەن بالىلارنىڭ ئانا تىل مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتا بىر ئىلمىي ئاساسقا ئېرىشىش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مائارىپ سەۋىيىسىنى يەرلىك خەلقنىڭ سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت بولغان.  مەن 2009-يىلىدىن باشلاپ ئىلمىي ئاساسقا ئىگە بولغان، ياكى توغرا يوسۇندىكى «قوش تىللىق مائارىپ» نىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئازراق ئىزدىنىپ، بىر قاتار ماقالىلارنى يېزىپ، توردا ئېلان قىلدىم.  ئۇ ماقالىلار ھەجىم جەھەتتە بىر ئاز ئۇزۇن بولۇپ، تورلاردىمۇ سەل چېچىلىپ كەتتى.  ئۇنىڭدىن باشقا، مەن بۇرۇن يازغان مەزمۇنلارغا ئانا تىل ھەققىدىكى بىر قىسىم يېڭى ئۇقۇملارنى قوشۇپ قويۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم.  تۆۋەندە مەن ئانا تىل ۋە «قوش تىللىق مائارىپ» توغرىسىدىكى بۇرۇنقى ۋە يېڭى مەزمۇنلارنى قىسقا ماقالە شەكلىدە كۆپ قىسىمغا بۆلۈپ ئېلان قىلىمەن.  ئۈمىدىم ئوقۇرمەنلەرنى بۇ ھەقتە بىر قاتار مۇكەممەل ئىلمىي چۈشەنچىلەرگە ئىگە قىلىش.  3 G0 j% i4 w- O% A
" c. n0 _5 f/ R8 k- ^, g: {
قوش تىللىق مائارىپ ھەققىدىكى خەلقارالىق ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىلىرى
  Z4 S7 k0 f% i' p+ _, Q; {" Q# S7 ~- d
1)بالىلارنىڭ يات تىل (ياكى ئىككىنچى تىل) ئىقتىدارى ئىككى تىپقا بۆلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىرسى سۆزلىشىشتىكى يات تىل ئىقتىدارى. يەنە بىرسى ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارى. بالىلارنىڭ سۆزلىشىشتىكى يات تىل ئىقتىدارىنى يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزۈش بىلەن ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارىنى يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت پەرقى ئىنتايىن زور بولۇپ، بالىلار سۆزلىشىش جەھەتتە يەرلىك بالىلارنىڭ سەۋىيىسىگە ئىنتايىن تېزلا يېتىشۋالالايدۇ. لېكىن، ئوقۇشتىكى يات تىل سەۋىيىسىدە يەرلىك بالىلارغا يېتىۋېلىش ئۈچۈن كەم دېگەندە 5 يىل ۋاقىت كېتىدۇ.

! X- m. l4 h# N; s
, F" k0 L3 E, P/ Y2) بالىلارنىڭ ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تىلدىن باشقا كەسپىي دەرسلەردىكى بىلىمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن ئوخشاش.) V! T: i+ p) ^; o' R

6 Y" I" t: }3 [9 i3) بالىلارنىڭ ئانا تىل سەۋىيىسى ئۇلارنىڭ كېيىن ئۆگىنىدىغان ئىككىنچى تىلدىكى سەۋىيىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ.  بالىلارغا بىر يات تىل ئۆگەتكەندە، ئۇنى بىر ئايرىم چەت ئەل تىلى سۈپىتىدە ئۆگەتمەي، ئۇ يات تىلنىڭ ئانا تىل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاساسىدا ئۆگىتىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا بالىلارنىڭ ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە تېزلەتكىلى بولىدۇ.% l1 z: c, N4 E0 j+ p

; \  _  ~0 ?0 u! E3 J3 I4) ئەگەر بالىلار باشلانغۇچتا ئانا تىلنى ئالدىدا ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن تولۇق ساۋاتىنى چىقارماي تۇرۇپلا يەنە بىر يات تىلنى ئۆگىنىدىكەن، بۇ بالىلار كەلگۈسىدە ئانا تىلدىمۇ ۋە ئۇلار ئۆگەنگەن ئىككىنچى تىلدىمۇ يېرىم ساۋاتلىق بولۇپ قالىدۇ.  بۇنداق بالىلار ئەھۋال خەلقئارادا «يېرىم ساۋاتلىق قوش تىللىق بالىلار»  دەپ ئاتىلىدۇ.
+ {: K0 X' g9 E3 ^* \% X2 q) Q

. S( s5 t: n$ W9 u8 W5) خەلقارادا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي تەتقىقات ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەكتەپنى ئىككىنچى تىلدا ئوقۇغان بالىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى مەكتەپنى ئانا تىلدا ئوقۇغان بالىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا كۆپ ناچار بولىدۇ. «بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا شۇكى، يۇقىرىقىدەك بالىلارنىڭ ئانا تىلى كۆپىنچە ئەھۋالدا يا مەكتەپتە پۈتۈنلەي چەكلەنگەن، يا پەقەت بىر ئانچە مۇھىم ئەمەس تىل دەرسى سۈپىتىدىلا ئۆتۈلگەن.» (بۇ سوز «سكۇتنابب-كاڭاسTove Skutnabb-Kangas» خانىم 1979-ئېلان قىلغان، ھازىر پۈتۈن دۇنيادا تارقىلىپ يۈرۈۋاتقان بىر 22 بەتلىك دوكلاتتىن ئېلىندى).   
" }+ m# g5 d7 T3 {  J- k
7 F2 ~! I5 d) x2 I3 s9 S# Lباشلانغۇچنىڭ بىرىنچى سىنىپىدىن باشلاپ بىر يات تىلدا ئوقۇغان بالىلار مۇنداق ئىككى قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كېلىدۇ. بىرسى، ئوقۇشتىكى يات تىل سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش. يەنە بىرسى مەكتەپتە ئۆتۈلگەن تىلدىن باشقا كەسپىي دەرسلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرۈش. بۇنداق بالىلارنىڭ ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارى ئاساسەن يوق ياكى ئىنتايىن تۆۋەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كەسپىي دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭالىشى ئىنتايىن تەسكە چۈشىدۇ، ھەتتا بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مۇمكىن بولمايدۇ. شۇڭلاشقا، ئەگەر بالىلارغا ئالدى بىلەن ئانا تىل ئۆگىتىلمەيدىكەن، ۋە بالىلارنىڭ ئانا تىل سەۋىيىسى ئىزچىل تۈردە ئۆستۈرۈلمەيدىكەن، ھەمدە بالىلار 10 ياشقا توشۇشتىن بۇرۇن كەسپىي دەرسلەر بىر يات تىلدا ئۆتىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئىككىنچى تىلدىكى تىل ئىقتىدارى بىلەن چۈشىنىش، ئەستە قالدۇرۇش، ھۆكۈم قىلىش، خۇلاسە چىقىرىش، ۋە ئاساسلاش (ياكى سەۋەبىنى تېپىش) ئىقتىدارلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئېغىر دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. مانا بۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېسىل ياكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-سىنىپىدىن باشلاپ ھەممە دەرسلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇۋاتقان بالىلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالدۇر. گرېتسىيىدە مۇنداق بىر ئەھۋال بايقالغان: گرېتسىيىدە تۇغۇلۇپ ياكى گرېتسىيىگە كىچىكىدىنلا كۆچمەن بولۇپ كېلىپ، تەييارلىق سىنىپىدىن باشلاپ گرېتسىيىدە ئوقۇغان چەت ئەللىك بالىلارنىڭ تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىكى ئوقۇش نەتىجىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۆز دۆلىتىدە تۇغۇلۇپ ۋە ئۆز دۆلىتىدە بىر مەزگىل ئوقۇپ، گرېتسىيىگە كېيىنراق كۆچمەن بولۇپ كەلگەن چەت ئەللىك بالىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى كۆپ ياخشى بولغان. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال گېرمانىيىدىمۇ بايقالغان.
( w* D7 x8 Z2 E- D: w# v& X5 Z: Y3 ?2 E+ h* W- w0 M' i, A
  
4 C; c( s& r( t  t$ @7 U; H: g7 l- l  u
6) ئانا تىل ۋە ئىككىنچى تىلدىكى تىل سەۋىيىسى تۆۋەن بالىلارنىڭ بىلىم ۋە ئەقلىي تەرەققىياتىمۇ ناھايىتى ئاستا بولىدۇ.* `+ C# a7 u, ^9 i2 P. H4 ]

8 k  V* Z- n4 T3 U- @- s$ C* |0 B  + N- l# H1 q$ U" n
4 [+ `) _  v/ {1 N& D% n5 U" X" I
7) بالىلارغا ئىككىنچى تىل باشلانغۇچ 4-سىنىپتىن 6-سىنىپقىچە بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆگىتىلسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەگەر بالىلارغا بىر چەت ئەل تىلى ئۆگىتىشنى ئۇلار 10 ياشقا توشۇشتىن بۇرۇن، مەسىلەن، باشلانغۇچ 4-سىنىپقا كۆچكەندە، باشلىسا، ئۇلار ئاشۇ يات تىلدا شۇ تىلنى ئانا تىل قىلغان مىللەت بالىلىرى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە ساۋاتلىق بولالايدۇ. بالىلارنىڭ بىر يات تىلىدا تولۇق ساۋاتلىق بولۇشى ئۈچۈن 4 يىلدىن 6 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ.& o: X+ J$ l) ^, v  ?- b
$ j: t9 B( y: q" {* e7 D
  " d, H) f+ h, {  [* n& w$ i/ t
' E8 s! G/ f# ^' x" x
8) بالىلارغا بىلىمنى ئۈنۈملۈك بېرىش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدا چوقۇم مۇنداق بىر مۇناسىۋەت بۆلىشى كېرەك: ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ چۈشىنىش، ئەستە قالدۇرۇش، ھۆكۈم قىلىش، خۇلاسە چىقىرىش، ۋە ئاساسلاش ئىقتىدارلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تولۇق يول قويۇش، بۇ ئىقتىدارلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللىي كىملىكى بىلەن ئۆزلۈكىنىمۇ تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش. ئەگەر بالىلار ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى بىلىم ئېلىۋاتقان جەمئىيەتكە تەۋەدەك ھېس قىلمايدىكەن، ئۇلارنىڭ ئوقۇغان بىلىملەرنى ئۆزلەشتۈرۈۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس.: L* j0 A. d, Q

: H" k# [- e3 o' u6 G3 a7 }7 k( qمەنبە : مىسرانىم تورى .بىلىمخۇمار يازمىسى .
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتەجرىبەقىزغىنلىقتىللاتۆھپەيىغىشسەۋەبى
sanjar + 17 + 9 + 3 + 2بارىكاللا!

ھەممە باھا نومۇرى : تەجرىبە + 17 قىزغىنلىق + 9 تىللا + 3 تۆھپە + 2  باھا خاتىرىسى

مەن ئويغنىپ ماڭار چاغدا باشقىلارنىڭ كۆكتەئۇچقىنى كۆردۈم.مەن يەنىلا پىيادە ماڭامدىم ؟؟؟؟

67

تېما

2

ئەگەشكۈچى

5268

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  484
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 1961
تۆھپە : 354
توردا: 309
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-4-12

تىرىشچان ئەزا ئوردىنىباشقۇرغۇچى ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىۋولقان شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىتېما يوللاش ماھىرىئاكتىپ ئەزائىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 14:05:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەتراپلىق ئىزدىنىش بولۇپتۇ ... مىنىڭچە تىل مىللەتنىڭ ئوبراز ۋەكىلى ، شۇنداق بولغاچقا ئاۋۋال ئانا تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ، يېزىق ئاساسى ۋە باشقا ئانا تىلىدىكى بىزگە سەل يىراق بولغان ، كونا قەدىمىي سۆزلۈكلەرنىڭ تېگى مەنىسىگە قارىتا تولۇق ئاساسنى سېلىپ بۇلالماي تۇرۇپ ، بىز قوشۇمچە يۇغۇرۇپلا يات تىلغا ئۈتۈپ كېتىدىكەن ... بۇنىڭلىق بىلەن كۆپ ئوقۇغۇچىلىرىمىز ساۋادسىز جەمئىيەتكە قەدەم باسماقتا ... باشقا تىلنى بىلمىسىمۇ بولمايدۇ ، ئەمما ئانا تىلىنى چوقۇم تولۇق مۈكەممەل ئاساسىدا ھول سېلىپ بولۇپ ئاندىن ئىچكىرلەپ كىرەلىسە بۇنىڭ ئۈنۈمدارلىقى يۇقىرى بولىدىغۇ دەيمەن ...

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
ئابلەت ياخشى: 5
توغرا دەيسىز!!!!  يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 22:32
مۇھەببەت ، نەپرىتى بولمىغان ئادەمنىڭ قولىدىن كۆپ ئىشلارنىڭ كېلىپ كېتىشى ناتايىن .

980

تېما

7

ئەگەشكۈچى

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  138
يازما سانى: 3201
نادىر تېمىسى: 13
تىللا: 8719
تۆھپە : 2411
توردا: 3001
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-29

ۋولقان تۆھپىكارىتىرىشچان ئەزا ئوردىنىئەتىرگۈل ئەزا ئوردىنىۋولقان مەلىكىسىباشقۇرغۇچى ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىتېما يوللاش ماھىرىئاكتىپ ئەزادوستلۇق ئەلچىسىمۇنبەر نازارەتچىسىئىجادكار ئەزائەلا يىتەكچى ئوردىنىماھىر تەربىيىچىwindows8 ھەقىقى نەشىرىنى ئىشلەتكۈچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 11:29:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز ئانا تىلىنى ىبلمىگەن ،  ھەم ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ قالغانلارنى، ئۆزىنىڭ ئۆرپ-ئادەت ، ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغانلارنى  ماڭقۇرت  دەيمىز، شۇڭا ئادەم ئەڭ ئاۋۋال ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىشى ئۆزىنىڭ ئەسلىنى ئۇنتۇپ ھەرگىزمۇ ماڭقۇرت بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.: c( F# [$ _! c+ S
  ياخشى تېما يوللاپسىز ئەجرىڭىزگە رەھمەت...

4

تېما

2

ئەگەشكۈچى

755

جۇغلانما

غوللۇق ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7197
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 2
تىللا: 248
تۆھپە : 50
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 09:59:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[img]http://img14.poco.cn/mypoco/myphoto/20130401/10/17350712020130401105309035.jpg
. l& p# T, ~/ c( _# z5 x. A) f# G[/img]
http://user.qzone.qq.com/1297572829/main

4

تېما

2

ئەگەشكۈچى

755

جۇغلانما

غوللۇق ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7197
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 2
تىللا: 248
تۆھپە : 50
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 10:00:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتەجرىبەقىزغىنلىقتىللاتۆھپەيىغىشسەۋەبى
ئابلەت + 4 + 2 + 1 + 1رەھمەت سىزگە!

ھەممە باھا نومۇرى : تەجرىبە + 4 قىزغىنلىق + 2 تىللا + 1 تۆھپە + 1  باھا خاتىرىسى

http://user.qzone.qq.com/1297572829/main
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

شەربەتنىڭ يانفون تېرمىنالى ئېلان قىلىندى
شەربەتنىڭ يانفون تېرمىنالى ئېلان قىلىندى
شەربەت تورىنىڭ يانفون تېرمىنالى دېتالىنى چۈشۈرۈپ ھەرۋاقىت ھەرجايدا خالىغان ۋاقتىڭىزدا بېكىتىمىزنى ئەركىن ئازادە زىيارەت قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز

كۆرۈش »

يانفۇن|ئاددى بەت|ئالاقىلىشىڭ|( 新ICP备11001587号-6 )  
بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
بېكەتنىڭ قانونى ۋەكىلى : شەربەت QQ:359903451 E-mail:359903451@qq.com
بىز ئەڭ ياخشى مۇنبەر قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز!
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2013-5-30 01:10

چوققىغا قايتىش