كۆڭۈلدىن ، كۆڭۈلگە سۆز ... ( f& M8 g3 d+ L5 e5 k4 K# a ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شەربەت تورىدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىم ، ياخشىمۇ سىلەر ؟! ... كەمىنە سەلكىن ھەرقايسى دوسىتلىرىمىزنىڭ ۋاقتىنى ئېلىپ ئەرزىمەس ئىككى ئىلىك كۆڭلىمدىكى بۇ ئەرزىمەس يۈرەك سۆزلىرىمنى قىلىپ ئولتۇرۇپ ۋاقتىڭلارنى ئىسراپ قىلغىنىمدىن تولىمۇ خىجىللىق ھىس قىلىمەن ... ئالدىڭلاردا تولىمۇ ئاتىكاچىلىق قىلدىم ، ئەپۇ قىلارسىلەر ... 6 j3 K' y% S8 T0 q6 ~6 }5 v) V مەن ئۈزۈممۇ ئۇزۇن يىللىق مائارىپچى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇيغۇر توربەتچىلىكىمۇ ۋە مائارىپ دىگەن بۇ ئۇقۇمغىمۇ ئالاھىيدە ئىشتىياقىم بار ، مەن شۇل مەخسەتتە بۇ بىكەتكە كىردىم ۋە جاپاكەش ئۇستازىم شەربەت ئەپەندىمنىڭ قوللىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ بۇ بىكەتتە باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن . باشقۇرغۇچى بۇ ئاددىي ئۇقۇم ئەمەس ،ئۇ مۇنبەردە يازمىلارنى يېزىپ بەرسىلە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان بولمايدۇ ، ئۇنىڭدا يۈكسەك مەسئۇلىيەت دىگەن بىر بۇرۇچ تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك . . H* U; {/ P! u كۆپىنچە تورداشلار باشقۇرغۇچىلىقنى پەقەتلا ئويۇننىڭ ئورنىدا كۈرىدۇ ، ئۇنداق ئويلىسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز ، ئۇ گەرچە خالاسانە بىر خىزمەت بولسىمۇ ، مەيلى قايسى بىكەت بولمىسۇن شۇ جاپاكەش بىكەت مەسئۇلىنىڭ كىچە – كۈندۈز ئۇخلىماي چەككەن ھالال قان تەرىنىڭ مەھسۇلىنى ھەممىدىن ئاۋۋال سىز بەھىرلىنىسىز ... بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق نەپ بولمىسا كېرەك ... : W; b8 w- i6 S, v, \7 c7 a8 G7 jباشقۇرغۇچىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى مۇنبەر قائىدىسى بۇيۇنچە توربەت قانۇنىغا رىئايە قىلغان ئاساستا ۋاقتىدا تەستىقلاش ، شۇ تەستىقلانغان تېمىغالارغا قارىتا ئۆزىڭىزنىڭ جانلىق قارىشىڭىزنى ئىنكاس شەكىلىدە ئوتتۇرغا قويۇپ يازما ئىگىسىگە مەدەت بىرىش ، يازما سىزگە قانچىلىك بىر ئۇزۇق بەردى ، ياكى ئوتتۇرغا قويۇلغان يازمىدىكى ئوي پىكىر شاكالمىكەن ... دىگەندەك نوقتىلاردا جانلىق پىكىرىڭىزنى ئوتتۇرغا قويۇپ تېما ئىگىسىنى يېتەكلەپ ياكى ئىلھام بىرىپ يېڭى تېمىلارنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىغا تۈرۈتكە بۇلالىسىڭىز تېما ئىگىسىنىڭمۇ قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرىپ قىلىپ يېڭى تېمىلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگىسى كىلىدۇ ، ئەگەر سىز ھېچقانداق ئىنكاسلارنى بەرمەي ، پەقەتلا پايدىلىنىۋېلىپلا چىقىپ كەتسىڭىز ، تېما ئىگىسى مىنىڭ يازغان تېمام ياخشى تېما ئەمەسكەن ، بۇ مۇنبەردىكىلەرگە قايسى خىلدىكى تېمىلار كېرەكتۇر دىگەندەك پىكىر زىددىيەتلىرى كاللىسىدا ئورناپ قېلىپ خىجالەتچىلىكتىن باش تارتىپ بۇلالمايدۇ ، ئاقىۋەت بىز ئويلىغاندەك ياخشى تېمىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىنى بىزئىزدەپمۇ تېپىپ بۇلالمايمىز ... " f) _9 X9 }2 ~شەربەت تورى – ئىسمى – جىسمىغا لايىق ھەقىقىي بىلىم بىرىدىغان ،يېڭىلىقنى بىزگە ئىگەللىتىدىغان مائارىپ تەربىيلىنىشىنى ئاساس قىلغان بىكەت ،شۇنداقلىكىن بۇ بىكەت ئۆزدىكى مەزمۇنلىرىنىڭ ياخشىلىقى ،رەڭدارلىقى ، موللىقى بىلەن ھەقىقىي بىلىم باغچىسى دەپ تەرپلەشكە ھەقىقىي لايىق دەپ قارايمەن ، بۇ جاپاكەش ئۇستازىمىز شەربەت ئەپەندىمنىڭ ئەجىر مىھنىتىنىڭ مەھسۇلى ... 3 |; ?7 S% k; R$ K- U ھەممەيلەن مائارىپچى ، ۋە مائارىپچى ئەمەسلەرمۇ بىكەتنىڭ نامىنى ئاڭلاپ ھەقىقىي بىلىم بىلىم باغچىسىكەن دەپ كىرىدۇ ،ھازىرغىچە مۈنەۋۋەر باشقۇرغۇچىلىرىمىز ۋە جاپاكەش قوللىغۇچى دوسىتلىرىمىزنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە تەرەققىي قىلىپ بۇگۈنكىدەك كۈنگە ئۇلاشتى ... بىز ئۈگەنگۈچى ۋە ئۈگەتكۈچى ، ھەر تەرەپتىن يەنىلا بىلىم ئېلىشىمىزنىڭ زۈرۈرلىكىنى دەۋىر بىزگە سىگىنال چېلىپ خەۋەر بىرىپ تۇرۇپتۇ . 3 J1 w( B& N) p: \& a ئەمدى گەپكە كەلسەك ، مەن گەرچە مۇنبەردە باشقۇرغۇچىلىق ئورنىغا چىقىپ ئولتۇرغان بولساممۇ ، ئەمما بەزىي قۇلايسىز سەۋەپلەر ۋە ئۆزىمنىڭ قولىدىكى ئىشلىرىمنىڭ كۆپلىكى سەۋەبىدىن مۇنبەرگە تۇلا تېرىمدە كىرىپ بۇلالمىدىم ، ئەمدى يېقىنقى كۈنلەردە ئىشلىرىممۇ سىلكىپ سەل تىنىچلاندىم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرقايسى كەسىپداشلارغىمۇ تەتىل ئارام ئېلىپ ئولتۇردىڭلار ، تېمىلارنى كۆردۇق ۋە كۆردۈم ، بەزىي شۇنداق ياخشى تېمىلار ھېچ بىر ئىنكاسسىز تۇرۇپ قاپتۇ ، ھەتتاكى بۇنداق ياخشى تېمىلار باشقا بىكەتلەردىنمۇ ئاز ئۇچرايدۇ ، پايدىلىنىپتۇق ، ئەمما تېما ئىگىسىگە قارىتا قىلچە رەھمىتىمىز يوقلا ،پايدىلىنىپ بولۇپ ئىرەن قىلماي تاشلىۋېتىلگەن ماتاغا ئوخشاشتاشلىۋىتىپ قاپتۇق ، شۇ تېمىلارغا قارىتا ئىنكاس پۈتۈلمەستىنلا يېڭى تېمىلار دۈۋىلىنىپ ، كونىسىدىن يېڭىسى ئېشىپ كەتتى دىگەندەك بىرچەتتە تۇرۇپ قاپتۇ ... مەن شەربەت ئۇستازنىڭ نۇرغۇن ياخشى تېمىلىرىنى كۆردۈم ، كۈرۈلۈش نىسبىتى شۇنداق كۆپ ئەمما بىرەر ئېغىز چەككەن جاپالىرىغا چۇشلۇق ھېچ بىر سادا يوق چىقىپ كىتىپتۇق ياكى باشقا ئىشلار بىلەن ... ئەمدى بىزگە شۇنداق ياخشى تېمىلاردىن بۈلەك يەنە نىمە كېرەك ... قاملاشمىغان بولسا شەربەت ئۇستازمۇ كۆڭلىگە ئالمايدۇ ، يۈزتۇرانە ئوتتۇرغا قويساق نىشانىنى ئۆزگەرتەر ئىدى ئەمەسمۇ ... بىز ئىشنى ئاددىي ئىشتىن باشلاشنى ، مۈرەككەپ ئىشقا بەك ئېسىلۋالماسلىقنى مۇنبەرلەردە شۇ غۇنچىلارغا ئۈگىتىمىز ئەمەسمۇ ... ھەممە ئىش ئاستا – ئاستا بولىدۇ ... شۇ تېما ئىگىللىرىگە كۈچ بىرەلىسەك تېما ئىگىلىرىنىڭ بىز كۈتكەن سەرخىل تېمىلىرى ۋۇجۇتقا كىلىدۇ ... ; K+ A" D7 c; n& f; G. l: e' q بولسا ، بولمىسا كۆڭلىمدىكى گەپلىرىمنى ئوتتۇرغا قويسام ، سەن نۆۋەتتىكى شەربەت ئۇستازنىڭ مۇكاپاتلاش خەۋىرىنى ئاڭلاپ بەكلا سەكرەپ كەتتىڭمۇ دەپ چۈشۈنۈپ قېلىشىڭلار مۇمكىن ، مەن بۇ سېستىمىغا ھەقىقەتەن بەكلا ئىختىياجلىق ، ھەتتاكى ئۇخلىساممۇ مۇشۇ سېستىمىنى ھېچ بىرنەرسىگە تەڭ قىلمايمەن ، ئەمما تۆھپەم بولمىغان ئەھۋالدا بۇنى ھەرگىزمۇ دوسىتلىرىمىزدىن بۇرۇن مەن ئېلىشنى ئىستەپ باقمىدىم ، شەربەت ماڭا ئىشلىرىمدا جىق ئاسايىشلىقلارنى بەردى ، مۇشۇلارنىڭ ئۈزىمۇ ماڭا يېتىپ ئاشىدۇ ، ھەتتاكى مەن تىرشىپ ئىشلەپ بەرسەممۇ شەربەت ئۇستازنىڭ ماڭا بەرگەن بىلىملىرىنىڭ قىممىتىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بۇلالمايمەن . شۇ مەن مۇستەسنا ، مەن بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشتىن ۋاز كېچىمەن ، شەربەت ئۇستازنىڭ ماڭا بەرگەن بىلىمىلرى ماڭا ئەڭ چوڭ سوۋغات ... ( h% |- L9 l3 L% f' F R8 A+ i مۇمكىن بولسا ئەزىزلىرىم ، مۇنبەرنى تاللا بازارلىدىكىدەك كىزىۋەرمەي ،ياخشى تېمىلار شۇنداق كۆپ تۇرۇپتۇ ، ئىككى ئىلىك قەلەم ئىگىسىگە مەدەت ياكى تەنقىدىي – پىكىرىڭلارنى بىرىپ ئايانماستىن ئۇلارنىڭ يەنىمۇ ياخشى تېمىلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىشىگە ئىلھام ۋە يېڭى يول ھازىرلىساق ، مىنىڭچە بىزقىلالايدىغان ئىشقۇ دەيمەن ... مەن بۇنىڭدىن كىيىن شەربەتكە ھەركۈنلىكى ئامال بار كىرىپ تۇرىمەن ، چۈنكى مەن بىر ئۈگەنگۈچى ... كۆڭلىڭلارغا تەككۈدەك گەپلەر بولغان بولسا مىنى ئەپۇ قىلىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سۇرايمەن ... يېقىندا مەنمۇ توپلىغان ۋە مەن ئىشلىگەن بىر قىسىم ھەرقايسى كەسىپلەر بويۇنچە توپلانغان ئىلمىي ماقالە ۋە پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنى شەربەتتىكى قېرىنداشلىرىمغا سۇنماقچىمەن ... بىرلىكتە ئورتاقلىشارمىز ... - i) P! W1 d: H6 M7 n
|