تالاشتا قالغان «ئانا تىل دەرسى» 0 J$ z h! ^2 w! z4 ^1 B& } مەن ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە قاتناشقىلى مانا توپتوغرا 10يىل بوپتۇ.مەن ئۆزەم ياخشى كۆرگەن ئانا تىل دەرسىنى ،سالامەتلىگىم يار بەرسە دەم ئېلىشقا چىققۇچە ئۆتسەم دەپ ئويلايمەن.مانا ئاران تەسلىكتە ئۆزەمنىڭ كەسپى بولغان ئانا تىل دەرسىنى، خىزمەت قىلىپ 10يىلغا ئۇلاشقان ۋاقىتتا ئاران قۇلۇمغا ئالدىم.مەن پەقەت مۇشۇ دەرسىنى بەرسەم دەيمەن.چۈنكى مېنىڭ كەسپىم تىل -ئەدەبىيات.باشلانغۇچ مەكتەپتە كەسىپ تۇلا ئالمىشىدىغان ئىشمۇ ئۇنى بىلمىدىم.لىكىن مەن مەركىزى شەھەردە يەنى ئانا تىل ئوقۇتىشى ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسە قۇشاي دەيمەن.ئەتراپىمغا قارىسام ئالى مەكتەپنىڭ تىل- ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈگەنلەر خەنزۇچىدا ياخشى دەپ خەنزۇچە دەرس بېرىۋاتقان،ئوقۇتۇش سېپىگە قېتىلغىلى خېلى ئۇزۇن بولغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قوشتىل ئوقۇتىشى ھۆددىسىدىن چىقالماي،10~20يىل بېرىپ كېلىۋاتقان كەسپىدىن ۋاز كىچىپ ،ئەمدى ئەدەبىياتنىڭ نېنىنى يەيلى دەپ ئانا تىل ئوقۇتۇش سېپىگە كىرىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم يىرىم بولدى. مەن ئۇلارغا ھەسەت قىلغىنىم ئەمەس،ئۆزەمنىڭ ئانا تىل مائارىپىنىڭ ،كەسىپ ئەھلى ئەمەس باشقلار قولىغا قالغانلىغىدىن كۆڭلۈم پەرىشان بولدى شۇ.ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئانا تىلدا ئۆتۈلدىغان دەرستىن پەقەت تىل -ئەدەبىيات بىلەن مۇزىكا قالدى.مۇزىكىغا ئالمىشاي دىسە ،بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس.بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم مۇزىكا توغرىسىدا مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولمىسا بولمايدۇ. لىكىن ئانا تىلغا ئۇنداق يۇقىرى شەرت قۇيۇلمايدۇ. پەقەت ئوقۇش يېزىشنى بىلسىڭىز كۇپايە.مەكتۋىمىزدە ئەدەبىيات دەرسى "تالاشتا قالغان تىل-ئەدەبىيات"دەرسى دەپ ئاتايدىغان ھالەت شەكىللەندى.ھىچبىر سەۋەبسىزلا، ئەدەبىياتتىن خەۋرى يوق " ئېتى ئۇلۇغ سۇپىرسى قۇرۇق"سىنىپ مەسئۇلى بۇلۇپ ئەدەبىيات دەرسى بەرگەنلىكىگە قاراپ ئىچىم ئاچچىق بولدى. مۇشۇنداق بۇلىشى بىزنىڭ ئانا تىل مائارىپى ئۈچۈن ياخشىلىق ھىساپلانمىسىمۇ ،ئانا تىل ئۈچۈن كۆيۈنىدىغان مائارىپچىلارنىڭ كۆپرەك چىقىپ ،ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى توغرا يولغا كىرگۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 9 H! K& [$ I" e) @% h' v مەنبە:خىزمەتدىشىم تىلى + R' o" y4 m5 h) k N3 k) q5 e) {0 C ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايۇنى" g- F: y) h7 b+ P مەنبە: باغداش تورى |