ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇتىدىغانلار ، ئەمەلىيەتتە ھەممىدىن پاسكىنا ۋە رەزىل كىشىلەردۇر. تەكەببۇرلۇق قىلىپ، ئۆزىنى كاتتا تۇتقان كىشى شەيتانغا ئوخشاش مەلئۇن بولىدۇ
تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

手机客户端
亲,还没下载论坛手机客户端?跟上潮流做时尚达人。掌中乐趣无处不在,快点下载吧。

كۆرۈش »

جەمئىي مىكروبلوگ 1347 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • Lutun 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئالدىراشمەن ئالدىراش !چىقمىغىلى ئۇزاق بولدى شەربەتكە ئالدىراش!

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دوستلۇق - مەنپەئەت ئالغانلارغا ئەمەس، قەدىرلىگەنلەرگە مەنسۇپتۇر.

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاقىت- كۈتۈپ تۇرغانلارغا ئەمەس، ئۇنى چىڭ تۇتقانلارغا مەنسۇپتۇر.

  • قەيسەر126 2013-5-22 15:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    پات - پات ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقى ئۈستىدە ئويلىنىپ تۇرۇش كىشىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ياخشى ئادەت   

  • مەرىپەت 2013-5-20 11:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    كىم بىلەن دوستلاشقىنىڭىزغا دېققەت قىلىڭ، چۈنكى بۇلبۇل گۈلگە،قاغا ئەخلەتكە ئاپىرىدۇ.

  • مەرىپەت 2013-5-16 22:43 [ئىنكاس(1)] [...]

    ئوغۇللاردا ساداقەت بولسا، قىزلاردا ئىشەنچ بولىدۇ.

  • مەرىپەت 2013-5-16 22:42 [ئىنكاس(1)] [...]

    ئوغۇللاردا كەڭ قورساقلىق بولسا ، قىزلاردا راستچىللىق بولىدۇ.

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايلىق -ئىزدىگۈچىلەرگە ئەمەس، تىرىشىپ ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپتۇر.

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلىم-ئوقۇغانلارغا ئەمەس، تىرىشىپ ئۆگەنگۈچىلەرگە مەنسۇپتۇر.

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاياتلىق- ھايات يۈرگەنلەرگە ئەمەس، ھاياتلىقنى قەدىرلىگەنلەرگە مەنسۇپتۇر.

  • قەيسەر126 2013-5-22 14:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    چىدا يۈركىم چىدا~! ‹‹ياخشىلارغا ناخشلار تولا ››دەيدۇ كونىلار~!

  • xarbat 2013-5-18 17:36 [ئىنكاس(2)] [...]

    بىر كۆرۈشۈپ ئۆمۈر بويى ئەسلەيدىغان ئادەم بار، نەچچە يىل بىللە ياشاپ بىرسائەتتە ئۇنتۇيدىغان ئادەم بار...

  • مەرىپەت 2013-5-16 22:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوغۇللاردا ھايا ۋە ھۆرمەت بولسا، قىزلاردا ئەدەپ- ئەخلاق بولىدۇ.

  • مەلكە 2013-5-15 11:57 [ئىنكاس(1)] [...]

    مىنى قارشى ئالاسىلمۇ

كۆرۈش: 330|ئىنكاس: 6

چاچ مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

59

تېما

2

ئەگەشكۈچى

3595

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3121
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 3
تىللا: 1026
تۆھپە : 362
توردا: 102
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 01:33:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1357369063187_1357369063187_r.jpg

+ r+ ], v0 `0 ~4 N. m
چاچ مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر7 T5 }: o2 B" j' [" w
ئابلىز مۇھەممەت سايرامى

4 i4 i% B  k) A  بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مۇبارەك ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا قەدىمكى ئۇيغۇر ئېتنولوگىيەلىك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى بولغان چاچ مەدەنىيىتىمىزگە، بولۇپمۇ قەدىمقى ئانىلىرىمىز ۋە قىز-چوكانلىرىمىزنىڭ چاچ قويۇش، چاچ تاراش، چاچ شەكلى چىقىرىش، چاچ ئۆرۈش، چاچ سېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەردازلىنىش ئادىتىگە دائىر مۇھىم مەلۇماتلار بېرىلگەن. بۇنىڭدىن خەلقىمىزدە چاچ مەدەنىيىتىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.
+ u9 e; |+ h; c+ s8 F/ Rمەلۇمكى، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ياشاۋاتقان خەلقلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ئوخشاشلا، خەلقىمىز ناھايىتى قەدىمدىلا ئۆزىگە خاس چاچ مەدەنىيىتىنى ياراتقان. مەسىلەن، 2002-يىلى لوپنۇردىكى كىچىك بۇرەن قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان 4000 يىللار ئىلگىرىكى دەۋىرلەرگە خاس قەبرىلەردە ياتقان ئانىلارنىڭ قوڭۇر رەڭلىك چاچلىرى ئوتتۇرىدىن ئايرىپ ئۆرۈلگەن ۋە يېلىم چېپىلغان بولسا، چەرچەندىكى3000 يىللىق تارىخقا ئىگە زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن بايقالغان ئايال جەسەتلەرنىڭ چېچى تۆت تال قىلىپ ئۆرۈلگەن. پىچان ناھىيەسىدىكى سۇبېشى قەدىمىي قەبرىستانلىقى، لوپ ناھىيەسىدىكى سامپۇل قەدىمىي قەبرىستانلىقى ۋە تۇرپاندىكى قارا غوجا، ئاستانە قەبرىستانلىقىدىكى 2000-3000 يىللىق تارىخقا ئىگە جەسەتلەرنىڭ چاچلىرى ھەرخىل ئۆرۈلگەن، تارالغان ۋە يېلىملار چېپىلىپ ئالاھىدە ئاسرالغان. دېمەك، ئەجداد ئانىلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپلا چاچ گۈزەللىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، ھەرخىل شەكىلدىكى گۈزەل چاچلارنىڭ ئۆزىگە بىرخىل روھىي ئازادىلىك بېغىشلايدىغانلىقىنىمۇ چۈشۈنۈپ يەتكەن. 6 G2 S# T- s, [! n7 T6 s
چاچ ئىنسانىيەتكە ئورتاق بىرخىل مەدەنىيەت ھادىسىسى. ئەقلىي تەپەككۈرگە ئىگە ھەرقانداق ئايال چاچ گۈزەللىكىگە ئىنتىلىدىغان ۋە چاچ گۈزەللىكىنى قوغلىشىدىغان بولغاچقا، چاچ گۈزەللىكىگە ئىنتىلىش قەدىمدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە ئۈزۈلۈپ قالمىغان ۋە مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. چاچ مەدەنىيىتى ئاياللارنىڭ چاچ تاراش، چاچ شەكلى چىقىرىش، چاچ ئۆرۈش، چاچ سېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەردازلىنىش ئادىتىنىڭ مەھسۇلى. ئۇيغۇر ئاياللىرىمىزنىڭ چاچ شەكىللىرى ئۆز خاسلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. بىزدىكى چاچ تۈرلىرى مۇنداق: 0 ?$ ]( t, Q% x  @' V& U
قىرىق تال ئۆرۈمە چاچ. قىزلارنىڭ چېچى ئۇلار توققۇز ياشتىن ئېشىپ نىكاھلانغىچە ئۆسۈشىگە قويۇۋېتىلىپ، چاچ ئارقىغا تارىلىپ، 40تال(بەزىدە 41تال) ئۇششاق ئۆرۈلۈپ، پېشانىسىگە ماڭلاي چۈشۈرۈلىدۇ. بۇ قىزلىق بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. چاچنى 40 تال ئۆرۈش «40سان خاسىيىتى» چۈشەنچىسى ئاساسىدىكى شەكىل بولۇپ، قىزلارنىڭ چېچىنىڭ توم ۋە قويۇق بولۇشىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تىلەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
5 M7 I8 K8 E( b4 b  P7 }چوكان چاچ. قىز نىكاھلىنىپ تويىنىڭ ئىككىنچى كۈنى، ئەسلىدىكى 40تال ئۆرۈمە چېچى 15،17،21 تال ئۆرۈلىدۇ. بۇ چوكان چاچ دېيىلىدۇ. چوكان چاچنىڭ ئۈچ خىل ئۆرۈلۈشى تويى بولغان قىزنىڭ يېشىنى ئاساس قىلغان بولىدۇ. يەنى15ياشتىن ھالقىغان،17ياشقا توشمىغانلارنىڭ 15تال،17ياشتىن 20ياشقىچە بولغانلارنىڭ 17تال،20 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ 21تال ئۆرۈلىدۇ. ' d8 U! X3 V2 M# ~8 i
تۆت ئۆرۈمە چاچ. چوكانلار تۇنجى پەرزەنتىنى تۇققاندىن كېيىن، بالىسىنىڭ «قىرىق سۈيى» ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈنى چېچى تۆت تال ئۆرۈلىدۇ. بۇ «چاچ قوشماق تويى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۆت تال ئۆرۈلگەن چاچ پەرزەنتلىك ئاياللارنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. - ]# R. A" t+ D- f+ D7 K7 I
جۇۋان چاچ. چوكانلارنىڭ توي قىلغىنىغا توققۇز يىل توشقان كۈنى«جۇۋان تويى» ئۆتكۈزۈلۈپ، چېچى ئىككى تال ئۆرۈمە شەكلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ شۇ ئايالنىڭ ۋايىغا يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 2 \3 _# r8 a3 f( \2 B, ^
چۇپۇر چاچ(ئۆچكە چۇپۇرىدىن قىلىنغان سۈنئىي چاچ). يالغان چاچ سېلىشمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىرخىل پەردازلىنىش ئۇسۇلىدۇر. ئاياللار چېچىنىڭ ئۇزۇن ياكى توم بولۇشىنى بىر خىل گۈزەللىك ۋە جەزىبىدارلىقنى ئاشۇرۇش ۋاسىتىسى ھېسابلايدۇ. چېچى شالاڭلار يالغان چاچ سېلىش ئارقىلىق چېچىنى توم ۋە ئۇزۇن قىلىۋالىدۇ . ئەجدادلىرىمىز چاچ گۈزەللىكىنى ئاياللار گۈزەللىكىنىڭ مۇھىم بىر ئۆلچىمى قىلىپ كەلگەچكە ، ئاياللار چېچىنى ئاسراشقا، چاچلىق بولۇشقا، چېچىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇڭا شالاڭ چاچنى تولۇقلاش ئېھتىياجىدىن چۇپۇر چاچ بارلىققا كەلگەن. % t  I6 E; M2 Q( b) h
كوكۇلا چاچ. قىز بالا ئۈچ ياشتىن توققۇز ياشقا كىرگىچە سېكىلەك چاچ قويۇلىدۇ. پەقەت قۇلاقنىڭ ئۈستى تەرىپى ئاساس قىلىنىپ، باشنىڭ يۇقىرى قىسمىدىكى چاچ ئۆستۈرۈلۈپ، پېشانە چېچى كۆزىگە چۈشمىگىدەك ئۇزۇنلۇقتا قويۇلۇپ، پېشانىنى يېپىپ تۇرىدۇ. بۇ ئۆسمۈرلۈك چېچى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل چاچ شەكلى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بىرقىسىم رايونلاردا تۈرلۈك يېڭى مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قوبۇل قىلىش داۋامىدا ئىستېمالدىن قېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئايرىم چەت-ياقا رايونلاردا ۋە قىشلاقلاردا ساقلانماقتا. $ D7 r9 y0 \4 P5 K: g
بىزدىكى چاچ مەدەنىيىتىگە مىللەتنىڭ ئېتىقادى، سان چۈشەنچىسى ۋە غۇرۇرى مۇجەسسەملەنگەن. ئۇ ئەجدادلارنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئېستېتىك چۈشەنچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ئادەتلەر 20-ئەسىرگىچە داۋاملاشقان. ھازىرمۇ چەت-ياقا يېزىلاردا ساقلانماقتا. شەھەرلەردە 40 تال ئۆرۈمە چاچ بىر تالغا، چوكان چاچ ئىككى تال ئۆرۈمە چاچ شەكلىگە قىسقاردى. ھالبۇكى، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ھازىرقى ئانىلىرىمىز ۋە قىز-چوكانلىرىمىز تېخى بىلمەيدىغان نۇرغۇن چاچ شەكلى ۋە چاچ قويۇش ئادىتى خاتىرىلەنگەن. ئۇلار تەتقىق قىلىشىمىزنى ھەم زامانىمىزدىكى قىزلىرىمىزغا ئەنئەنە تەربىيەسى سۈپىتىدە ئۆگىتىشىمىزنى كۈتمەكتە. ئەنئەنە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئانىسى بولغاچقا، ئۇنى تەتقىق قىلىش، يورۇتۇش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئەجداد ئادىتىنى ئەۋلاد تۇرمۇشىدا جەۋلان قىلدۇرۇش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى. . n# |$ o/ z4 E0 C  T
مەنبە: http://uyghur.cntv.cn/20130105/104800.shtml
) y4 H7 ?' m3 `# o" P' O2 F
تىل ئۆلگەن جايدا مىللەتنىڭ ھاياتى خازان بولغان  بولىدۇ

980

تېما

7

ئەگەشكۈچى

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  138
يازما سانى: 3201
نادىر تېمىسى: 13
تىللا: 8719
تۆھپە : 2411
توردا: 3001
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-29

ۋولقان تۆھپىكارىتىرىشچان ئەزا ئوردىنىئەتىرگۈل ئەزا ئوردىنىۋولقان مەلىكىسىباشقۇرغۇچى ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىتېما يوللاش ماھىرىئاكتىپ ئەزادوستلۇق ئەلچىسىمۇنبەر نازارەتچىسىئىجادكار ئەزائەلا يىتەكچى ئوردىنىماھىر تەربىيىچىwindows8 ھەقىقى نەشىرىنى ئىشلەتكۈچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 21:39:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئۇزۇن چاچلار ھازىر يوق دىيەرلىك...

مائارىپ ئۈچۈن مەشئەل بولىمەن

114

تېما

10

ئەگەشكۈچى

9271

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  839
يازما سانى: 1232
نادىر تېمىسى: 9
تىللا: 3126
تۆھپە : 766
توردا: 470
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-29

ۋولقان تۆھپىكارىتىرىشچان ئەزا ئوردىنىباشقۇرغۇچى ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىۋولقان شائىرىۋولقان يازغۇچىسىۋولقان قىزىقچىسىمۇنبەر نازارەتچىسىwindows8 ھەقىقى نەشىرىنى ئىشلەتكۈچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 11:44:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭغا قارىتا مەن بۇ شىئىر ئارقىلىق بۇ تېمىنى قوللىسام بولغۇدەك!!/ Y1 v, r- I  }* W

6 \" a# w+ T$ u8 ?0 P0 Q8 i
7 L1 S9 Y; t$ o% j/ e- _6 Y
9 {$ L  ]; \6 p; u  q3 Gھىلال ئايمۇ خىجىل بولدى قاشىڭغا قاراپ ،
! o! ?. @( a$ s3 Oقىزىلگۈللەر سۇلاشتى لېۋىڭنى ماراپ .. G5 Z; H. ?" D" @  j5 c
مەجنۇنتاللار يۇشۇرۇندى چېچىڭنى تاراپ.
* L( \/ I# ~7 t5 Kمىڭ گۈزەللىك باردۇر سەندە ئۇيغۇر قىزلىرى
. o4 E2 Q0 u; r  @/ }
مەن ئويغنىپ ماڭار چاغدا باشقىلارنىڭ كۆكتەئۇچقىنى كۆردۈم.مەن يەنىلا پىيادە ماڭامدىم ؟؟؟؟

2

تېما

0

ئەگەشكۈچى

253

جۇغلانما

يىلتىز ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2762
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 94
تۆھپە : 29
توردا: 26
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 00:21:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىز مائارىپچىلاردىكى بىر مەسۇلىيەت . مەنمۇ سىنىپدىكى ئىنتايىن چاچلىق كەلگەن قىزلاردىن 6-7سى بار ئىدى - c" [, J3 @/ \. j1 Z# X, n
بۇلارغا چاچنى زادى كەسمەلىك تەربىيەسى بەرگەن . بۇ خىل تەربىيەنى بىرىشتە قارقۇيۇق بەرمەستىن چاچلىق
$ [. U2 ?* p5 [/ r% o0 X& qباللارغا بەرسەك بولىدۇ بۇمۇ بىزبىرىشكە تىگىشلىك بىرخىل تەربىيە دەپ قاراپ كەلدىم .

باھا سۆز

xam ئەنۋەرجان توغرا قىلىپسىز. چۈنكى ئۇ مىللى ئەنئەنىمىزنىڭ نامايەندىسى ئەمەسمۇ تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 03:36

59

تېما

2

ئەگەشكۈچى

3595

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3121
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 3
تىللا: 1026
تۆھپە : 362
توردا: 102
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 03:36:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anwarabla يوللىغان ۋاقتى  2013-1-24 00:21 2 i) |) [1 g* s7 {5 v
بۇ بىز مائارىپچىلاردىكى بىر مەسۇلىيەت . مەنمۇ سىنىپدىك ...

2 l) z3 _- p- I  lئەنۋەرجان توغرا قىلىپسىز. چۈنكى ئۇ مىللى ئەنئەنىمىزنىڭ نامايەندىسى ئەمەسمۇ
تىل ئۆلگەن جايدا مىللەتنىڭ ھاياتى خازان بولغان  بولىدۇ

67

تېما

2

ئەگەشكۈچى

5268

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  484
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 1961
تۆھپە : 354
توردا: 309
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-4-12

تىرىشچان ئەزا ئوردىنىباشقۇرغۇچى ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىۋولقان شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىتېما يوللاش ماھىرىئاكتىپ ئەزائىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 17:28:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەميىتىمىز ياشلىرىنىڭ دوراش سەزگۈرلىكىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن بۇنداق يارىشىملىق چاچلىرىنى تاپقىلى بولمايدۇ ... نىمىشقا دىمەمسىز كونىلار ئاياللىرىمىزنى ئەيىپلىگەندە « چېچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا » دەيدىغان ، دىمەك ئاياللىرىمىزمۇ ئەرلەرنىڭ ئەيىپلىنىشىگە توساق توسۇش ئۈچۈن چاچلىرىنى ئەرلەر بىلەن ئوخشاشقۇيىدىغان بولىۋېلىشتى ... چاخچاق ھە ... ئەسلى مۇشۇ چاچ بەكلا يارىشىملىقتى ...
مۇھەببەت ، نەپرىتى بولمىغان ئادەمنىڭ قولىدىن كۆپ ئىشلارنىڭ كېلىپ كېتىشى ناتايىن .

2

تېما

0

ئەگەشكۈچى

253

جۇغلانما

يىلتىز ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2762
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 94
تۆھپە : 29
توردا: 26
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 01:47:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بالامغا دورا ئېلىش ئۈچۈن ئۈيۈمنىڭ ئالدىدىكى دورا شىركىتىگە كىرگەن ئىدىم نەق پاراڭنىڭ ئۈستىگىلا كىرىپتىمەن .كىرسەم بىر خەنزۇ ئايال بىلەن بىر كېرەكسىز نەرسىلەرنى سېتىۋالغۇچى ئەر ئۇرۇشىۋېتىپتۇ 5 c& L& e, X( I/ X
شۇ ئارىدا نىمە ئىشلىقىنى باشقىلاردىن سورىسام ھېلىقى ئەر خەنزۇ ئايال خەنزۇغا چېچىڭنى كىسىپ بەرگىن
4 M7 R- S' t8 v- @& u2 U700يۈەن بېرەي دەپتىكەن ئايال خەنزۇ ئۇ ئەرنى تىللاپ پاختىسىنى ئېتىۋېتىپتۇ مەن دەرھاللا ھېلىقى ئايال
1 w$ D) [, {# m! p3 Bخەنزۇنىڭ چېچىغا قاراپ ئۈلگۈرۈپ ھەيران قالدىم ئۇنىڭ قاپ قارا قۇندۇزدەك چاچلىرى پۇتىنىڭ ھۇشىقىغا  N( o4 R8 G! V! M
چۈشىدىكەن گەرچە ئۇ چېچىنى ئۇرۇمەي قۇيۇپ بەرگەن بولسىمۇ چاچ دىگەن شۇنداق توم ھەم ئۇزۇن ئىكەن
! L. D& S0 \1 N6 R' l! Q( Vمۇشۇ خەنزو چېغىدا چېچىنى شۇنداق قەدىرلەيدىكەن . ئەجىبا بىزنىڭ ئويغۇر ئاياللىرىمىزدا مۇشۇنچىلىك0 m; u9 z" u" w  I+ I8 b9 J
چاچقا كۈيۈنىدىغان ، چاچنى ئەزىزلەيدىغانلار قالمىغانمىدۇ ......................؟؟؟؟؟؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

شەربەتنىڭ يانفون تېرمىنالى ئېلان قىلىندى
شەربەتنىڭ يانفون تېرمىنالى ئېلان قىلىندى
شەربەت تورىنىڭ يانفون تېرمىنالى دېتالىنى چۈشۈرۈپ ھەرۋاقىت ھەرجايدا خالىغان ۋاقتىڭىزدا بېكىتىمىزنى ئەركىن ئازادە زىيارەت قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز

كۆرۈش »

يانفۇن|ئاددى بەت|ئالاقىلىشىڭ|( 新ICP备11001587号-6 )  
بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
بېكەتنىڭ قانونى ۋەكىلى : شەربەت QQ:359903451 E-mail:359903451@qq.com
بىز ئەڭ ياخشى مۇنبەر قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز!
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2013-5-30 10:12

چوققىغا قايتىش