   
         
| ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىنىڭ تەرجىمھالى! f' ^. D8 h% A 7 r5 P) l0 F& i) @ j! z ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى - (تولۇق ئىسمى ئابدۇخالىق ئابدۇراخمان ئۇيغۇرى)ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر دېمۇكىراتىك ئەدەبىياتىنىڭ ئاتاقلىق ۋەكىلى، ئىنقىلابىي ۋەتەنپەرىۋەر شائىر، ئازادلىق، تەڭلىك، دىمۇكىراتىيە ۋە ئىلىم مەرىپەتنىڭ يالقۇنلۇق كۈيچىسى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى- 1901-يىلى 2- ئاينىڭ 9-كۈنى تۇرپان يېڭى شەھىرىدە سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىللىرىدىن تارتىپ مەرىپەتچى، ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەردىن بولغاچقا ئابدۇخالىقنى كىچىكىدىنلا بىلىملىك ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈشكە، قولىدىن كىلدىغانلىكى ئىمكانىيەتلەر بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ شەرىت-شارائىت يارىتىپ بەرگەن. S1 p7 J( i2 P, ^% a. v ئابدۇخالىق دەسلەپتە دىنىي ساۋادىنى چىقارغاندىن كېيىن، مەخسۇت موھىتىلار ئاچقان پەننىي مەكتەپتە ئوقۇغان.7 f) b- K! `! @$ q 1914-يىلدىن 1916-يىلغىچە تۇرپان شەھرىدىكى خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان، بۇ جەرياندا ئۇ ئۇيغۇر كىلاسىك ئەدەبىياتىدىن باشقا خەنزۇ ۋە چەتئەل ئەدەبىياتى بىلەنمۇ تونۇشۇپ چىققان.1917-يىلى ئۇ دادىسى بىلەن بىللە ئوتتۇرا ئاسىياغا چىقىپ، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى ئايلنىپ سودا قىلىش جەريانىدا ئۇقۇمۇشلۇق ئادەملەر بىلەن تونۇشقان، سۆھبەتلەردە بولغان. & H* a' D* |4 ?' B# y. J ئۇ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دىمۇكىراتىك ئىنقىلابىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. مەخسۇت موھىتى بۇ ياش شائىرنىڭ جەڭگىۋار، قورقماس روھىدىن تەسىرلىنىپ 1923-يىلىدىن 1926-يىلغىچە يەنە قايتىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېلىپ چىقىپ، ئىلىم تەھسىل قىلىشىغا ياردەمدە بولغان.! P3 n- G" [& ~! \* G+ k ئابدۇخالىق 1926-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 1927-يىلى تۇرپان ئاستانىدىكى مەخسۇت موھىتى، پىچاندىكى ئىسكەندەر خوجا قاتارلىق كىشىلەر بىلەن <ئاقارتىش جەمئىيتى> قۇرۇپ، 3000 سەر كۆمۈش تەنگە ئىئانە توپلاپ، تۇرپان شەھىردىكى نىياز سەيپۇڭ دېگەن كىشىنىڭ قورۇسىدا يېڭى مەكتەپ قۇرۇپ، ئوقۇغۇچى سانىنى تېخىمۇ كۆپەيتكەن ۋە تۇرپان يېڭى مائارىپىنىڭ دولقۇنىنى قوزغىغان.ئۇ، بۇ جەريانىدا 1932-يىلى تۇرپان ئاستانىدا مەخسۇت موھىتىلار باشچىلىقىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ ئاكىتىپ خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن. + R; K5 ?4 K$ q7 b+ M 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى جاللات شىڭ شىسەي ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى سەپداشلىرى بىلەن رەھمسىزلەرچە ئۆلتۈرگەن.9 @( _# _1 _- l7 R ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن <ئويغان>، <ئاچىل>، <مۇزلىدى>، <ياز تۈنى>، قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 6 b9 z6 D( {' ^2 F, R3 b" C! W, F3 K, p$ g1 T {- G «قىلىچنىڭ كۈچىدىن قەلەمنىڭ كۈچى ئارتۇق »دېگننى تولۇق تونۇپ يەتكەن شىڭ شىسەي شىنجاڭ خەلقىنى نادان قالدۇرماقچى بولغاندا ئۇ ئۆزلىكىدىن ئاتلىنىپ مائارىپ ئارقىلىق خەلىقىنى ئويغىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. |
ھەممە باھا نومۇرى : تەجرىبە + 14 قىزغىنلىق + 9 تىللا + 1 تۆھپە + 2 باھا خاتىرىسى
|