بىرەر پارچە كىتاب بولمىغان ئۆي سېمىز پاقلان گۆشىدە قايناتقان، ئەمما تۇزى يوق شورپىغا ئوخشايدۇ
تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

手机客户端
亲,还没下载论坛手机客户端?跟上潮流做时尚达人。掌中乐趣无处不在,快点下载吧。

كۆرۈش »

جەمئىي مىكروبلوگ 1347 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • Lutun 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئالدىراشمەن ئالدىراش !چىقمىغىلى ئۇزاق بولدى شەربەتكە ئالدىراش!

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دوستلۇق - مەنپەئەت ئالغانلارغا ئەمەس، قەدىرلىگەنلەرگە مەنسۇپتۇر.

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاقىت- كۈتۈپ تۇرغانلارغا ئەمەس، ئۇنى چىڭ تۇتقانلارغا مەنسۇپتۇر.

  • قەيسەر126 2013-5-22 15:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    پات - پات ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقى ئۈستىدە ئويلىنىپ تۇرۇش كىشىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ياخشى ئادەت   

  • مەرىپەت 2013-5-20 11:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    كىم بىلەن دوستلاشقىنىڭىزغا دېققەت قىلىڭ، چۈنكى بۇلبۇل گۈلگە،قاغا ئەخلەتكە ئاپىرىدۇ.

  • مەرىپەت 2013-5-16 22:43 [ئىنكاس(1)] [...]

    ئوغۇللاردا ساداقەت بولسا، قىزلاردا ئىشەنچ بولىدۇ.

  • مەرىپەت 2013-5-16 22:42 [ئىنكاس(1)] [...]

    ئوغۇللاردا كەڭ قورساقلىق بولسا ، قىزلاردا راستچىللىق بولىدۇ.

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايلىق -ئىزدىگۈچىلەرگە ئەمەس، تىرىشىپ ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپتۇر.

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلىم-ئوقۇغانلارغا ئەمەس، تىرىشىپ ئۆگەنگۈچىلەرگە مەنسۇپتۇر.

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاياتلىق- ھايات يۈرگەنلەرگە ئەمەس، ھاياتلىقنى قەدىرلىگەنلەرگە مەنسۇپتۇر.

  • قەيسەر126 2013-5-22 14:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    چىدا يۈركىم چىدا~! ‹‹ياخشىلارغا ناخشلار تولا ››دەيدۇ كونىلار~!

  • xarbat 2013-5-18 17:36 [ئىنكاس(2)] [...]

    بىر كۆرۈشۈپ ئۆمۈر بويى ئەسلەيدىغان ئادەم بار، نەچچە يىل بىللە ياشاپ بىرسائەتتە ئۇنتۇيدىغان ئادەم بار...

  • مەرىپەت 2013-5-16 22:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوغۇللاردا ھايا ۋە ھۆرمەت بولسا، قىزلاردا ئەدەپ- ئەخلاق بولىدۇ.

  • مەلكە 2013-5-15 11:57 [ئىنكاس(1)] [...]

    مىنى قارشى ئالاسىلمۇ

كۆرۈش: 331|ئىنكاس: 3

[ماقالە]لۇتىپۇللا مۇتەللىپنىڭ تەرجىمىھالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مائارىپ ئۈچۈن مەشئەل بولىمەن

114

تېما

10

ئەگەشكۈچى

9271

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  839
يازما سانى: 1232
نادىر تېمىسى: 9
تىللا: 3126
تۆھپە : 766
توردا: 470
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-29

ۋولقان تۆھپىكارىتىرىشچان ئەزا ئوردىنىباشقۇرغۇچى ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىۋولقان شائىرىۋولقان يازغۇچىسىۋولقان قىزىقچىسىمۇنبەر نازارەتچىسىwindows8 ھەقىقى نەشىرىنى ئىشلەتكۈچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 11:42:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لۇتىپۇللا مۇتەللىپنىڭ تەرجىمىھالى
9 }* `5 n( P4 p( ^* D5 ]- h

' v# R) S* V- S; _) n# g( E" T0 Rئوت يۈرەك شائىرىمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپ شائىر، دراماتورگ ۋە رەسسام بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 1922-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى يەتتە سۇ ۋىلايىتىنىڭ چۈنجى رايونى (ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستى ئۇيغۇر رايونى) چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا دۇنياغا كېلىپ، 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى گومىنداڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.$ ?$ T- H& f: L/ e  f
لۇتپۇللا 14 يېشىدىن باشلاپلا نادىر شېئىرلارنى يېزىشقا كىرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك شېئىرلىرىدىن «يىللارغا جاۋاب»، «خىيالچان تىلەك»، «تەسىراتىم»، «تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا»، «يانار تاغلار» قاتارلىقلار بار. ئۇ يەنە «كۈرەش قىزى»، «سامساق ئاكاڭ قاينايدۇ»، «چىمەنگۈل»، «تاھىر-زوھرە» قاتارلىق درامىلارنى يازغان. بۇلاردىن تاشقىرى يەنە، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «ئەجەل ھودۇقۇشىدا»، «پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ» دېگەن داڭلىق فېليەتونلىرى، «تىياتىرنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە راۋاجلىنىش تارىخى»، «سەنئەتكە مۇھەببەت» دېگەن ئىلمىي ماقالىلىرى بار. لۇتپۇللا يەنە «داۋانلار ئاشقاندا» دېگەن روماننى يېزىشقا باشلاپ، ئۇنىڭ 11 بابىنى يېزىپ تۈگەتكەن. ئەپسۇسكى، بۇنىڭ قوليازمىسى ھازىرغىچە تېپىلمىدى.
, D! l' N; n/ U- o8 o3 B7 W' Qلۇتپۇللانىڭ دادىسى ھېزىم قوشۇمچە مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىماملىقى ۋە دىنىي ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر تەرىپىدىن « ھېزىم موللا » دەپ ئاتالغان. لۇتپۇللانىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئەركىلەتمە ئىسمى «لۇتۇن» بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرىدا بۇ ئىسىمنى تەخەللۇس ئورنىدا ئىشلەتكەن.) X: I0 b- P# W
لۇتپۇللا دادىسىنىڭ تەربىيەسىدە بەش يېشىدىلا ساۋادىنى چىقارغان. باشلانغۇچ مەكتەپنى ئاۋۋال چۇنجىدا، كېيىن غۇلجا شەھىرىدىكى تاتار باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇپ تاماملىغان. 1936-يىلى غۇلجىدىكى رۇس گىمنازىيىسىگە ئوقۇشقا كىرىپ، رۇس تىلىنى پىششىق ئىگىلەپلا قالماستىن، رۇس ئەدەبىياتى ۋە دۇنيا ئەدەبىياتى بىلەنمۇ تونۇشقان. گىمنازىيىدىكى ئوقۇش ھاياتى داۋامىدا ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭەيگەن. بىلىمى چوڭقۇرلاشقان.3 v2 z) V7 R& b! D9 N8 C8 e3 g
لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1937 - يىلدىن باشلاپ شېئىرىيەت ئىجادىيىتى سېپىگە قەدەم قويدى. 1938-يىلى ئەينى ۋاقىتتا «ئىلى گېزىتى» نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، «مىللەتلەر كۇلۇبى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان شائىر ئەنۋەر ناسىرى بىلەن تونۇشۇش لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يۈكسىلىشىگە زور تەسىر كۆرسەتتى. ئۇ ئىجادىيەتتىن باشقا «مىللەتلەر كۇلۇبى» نىڭ پائالىيەتلىرىگىمۇ قىزغىن قاتنىشىپ جەمئىيەتتە تېزلا تونۇلدى.* U! z7 M: t5 L' e" G6 N6 T
شائىر ئەسەرلىرىنىڭ تىلى گۈزەل، چۈشىنىشلىك، ئوبرازلىق بولغاندىن سىرت، مىللەتپەرۋەرلىك، خەلقپەرۋەرلىك مەزمۇندارلىقى بىلەن يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشىغا ۋە ئۈلگە قىلىشىغا مۇيەسسەر بولماقتا !!
! k2 Q! T7 B( `" f! j6 k% Dلۇتپۇللا مۇتەللىپ 1941-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىدە خىزمەت قىلغان، كىيىن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن كۆزگە قادالغان مىخ دەپ ئاقسۇغا يۆتكىۋېتىلگەن، كېيىن ئاقسۇ گېزىتىدە ئىشلىگەن ۋە بىلال ئەزىزى، مۇنىرىدىن خوجا قاتارلىق ئىلغار ياشلار بىلەن تونۇشۇپ، ئاقسۇدا ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.$ \/ A2 w& t) k; L/ T8 U
1944-يىلى غۇلجىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىنقىلاب سادالىرىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ تۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاقسۇدىكى گومىنداڭ ئەمەلدارلىرىمۇ، لۇتپۇللانى خەتەرلىك ئۇنسۇر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، 1945-يىلى مىللىي ئارمىيە سايرامدىن ئۆتۈپ بايغا چۈشۈپ ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغاندا، گومىنداڭ ئەمەلدارلىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ، بىلال ئەزىزى، مۇنىرىدىن خوجا قاتارلىق ئوغلانلارنى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە قامىغان، 1945-يىلى مىللىي ئارمىيە ئونسۇغا چۈشكەندە، گومىنداڭ تېخىمۇ غالجىرلاشقان ۋە 9-ئاينىڭ 18 كۈنى لۇتپۇللا قاتارلىقلارنى تۈرمىدە ۋەھشىيلەرچە قەتلە قىلغان. كېيىن كىشىلەر لۇتپۇللا قاتارلىقلارنىڭ مېيىتىنى ئەۋرەز كارىزىدىن تېپىپ چىققان ۋە يۇيۇپ-تاراپ ئاقسۇ شەھىرى ئاق مەسچىتىنىڭ ئارقىسىدىكى (ھازىرقى شياڭگاڭ بازىرىنىڭ) ئۇتتۇرىدىكى ئاممىۋى قەبرىستانلىققا دەپنە قىلغان." m4 b3 X) |- z1 ]5 ^. w! [" s
لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇر يېڭى ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن شائىر، ئەدىب بولۇپلا قالماستىن بەلكى مىللەتنىڭ ئازادلىقى، تىنچلىقى، ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىدا قۇربان بولغان كۈرەشچان ئەزىمەت. بىز مەرھۇمنىڭ قىسقىغىنا ئەمما ئۇلۇغ ھاياتىدا قالدۇرغان ئۆچمەس ئىش-ئىزلىرىنى چەكسىز سېغىش ۋە چوڭقۇر ھۆرمەت ئىچىدە ئەسلەپ، ياد ئېتىپ تۇرىمىز !1 C  \9 T$ J% I2 l; D$ o
لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1939 - يىلى كۈزدە گىمنازىيىنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت مەركىزى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كەلدى. ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭغا ئەۋەتكەن ۋەكىللىرى - چېن تيەنچيۇ، ماۋزېمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق يولداشلار، ماۋدۇن (شېڭ يەنبىڭ) قاتارلىق ئىلغار يازغۇچىلار ئۈرۈمچىدە زور تەسىرگە ئىگە ئىدى. بۇ يەردىكى دارىلفۇنۇن، ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىن ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە يەنئەندىن كەلگەن ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن زىيالىيلار دەرس ئۆتەتتى. «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالاقە باغلاش جەمئىيىتى»، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئازاد رايونلاردىن كەلتۈرگەن كۆپ مىقداردىكى ئىلغار كىتاب، دەرسلىك - ئوقۇشلۇقلار، گېزىت - ژۇرناللار زىيالىيلار، ئوقۇغۇچىلار، تەرەققىيپەرۋەر، ئىلغار كىشىلەرنىڭ مەنىۋى ئوزۇقى ئىدى. گېزىت - ژۇرناللاردا، مەرىپەت مۇنبەرلىرىدە ئىلغار ئەدەبىيات - سەنئەت مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ تىغ ئۇچى دەل فاشىزمغا، فېئودالىزمغا ۋە جاھالەتكە قارشى قارىتىلغانىدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۈرۈمچىگە كېلىپلا ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىردى. ئۇ مەكتەپتە غەيرىتى تولۇپ تاشقان، تىرىشچان، روھلۇق - جۇشقۇن بىر ياش سۈپىتى بىلەن ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا تونۇلدى. ئۇنىڭ ئىلھام بۇلىقىدىن قايناپ چىققان «قىزىل گۈلگە پۈركەنگىچە يەر - جاھان»، «ئازادلىق تويى»، «باتۇر يىللار»، «جۇڭگو قىزى رەيھاننىڭ مارت شامىلىغا بۇيرۇقى»، «مۇخەممەس»، «ماي ناخشىسى»، «كەل يېڭى يىل»، «چوڭ قەھرىمان ئويغاندى» قاتارلىق ھەر خىل تېمىدىكى شېئىرلىرى «شىنجاڭ گېزىتى» ئارقىلىق تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىغا تارقالدى. ئۇ بۇ شېئىرلىرىنى ئۆز ئىجادىي ئىقتىدارىغا مۇناسىپ ھالدا، «قاينام ئۆركىشى» تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلدى. شائىر يەنە «يېتىپ بارىدۇ»، «ئازادلىق كۈرەش» قاتارلىق بىر مۇنچە ناخشا تېكىستلىرىنىمۇ يازدى. بۇ تېكىستلەر ئاھاڭغا سېلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار مارشى سۈپىتىدە شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدىكى مەكتەپلەردە جاراڭلىدى.
" l% g. {* b- K) D5 ~; h1943-يىلى شېڭ شىسەي گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شىنجاڭدا كومپارتىيىگە، سوۋېت ئىتتىپاقىغا، ئىنقىلابقا قارشى تەتۈر ئېقىم قوزغىدى. جۇڭگو كومپارتىيىسى ئەزالىرى، ئىنقىلابىي، ئىلغار زىيالىيلار تۇتقۇن قىلىندى، نەزەربەند ئاستىغا ئېلىندى، پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىگە تونۇلغان تالانتلىق ياش ئىنقىلابىي شائىر ل. مۇتەللىپمۇ بۇنىڭدىن چەتتە قالمىدى. ئۇ تەھرىرلىك خىزمىتىدىن چەتلەشتۈرۈلدى، تىياتىرخانىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى، ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ھوقۇقى مەنئى قىلىندى. ئۇزۇن ئۆتمەي، شۇ يىلى 9 - ئايدا «خىزمەت يۆتكەش» باھانىسى بىلەن ئاقسۇغا ھەيدەلدى. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى شۇ ئارقىلىق ئۇنى ئۈرۈمچىدىكى ئىلغار كۈچلەردىن يىراقلاشتۇرماقچى، ئىنقىلابىي ئىرادىسىنى سۇندۇرماقچى بولغانىدى. لېكىن بۇنىڭ ئەكسىچە، ل . مۇتەللىپنىڭ ئاقسۇدىكى مەزگىلى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ جۇشقۇن، ئىنقىلابىي، سەمەرىلىك يىللار بولدى. ئىنقىلاب بىلەن ئەكسىلئىنقىلاب ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش راسا كەسكىنلەشكەن بۇ يىللاردا ئۇ ئاقسۇدا خىزمەت قىلىۋاتقان ياكى سۈرگۈن قىلىنىپ شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان مۇنىرىدىن خوجا، بىلال ئەزىزى، ئابدۇللا روزى ۋە ئابدۇللا داۋۇت قاتارلىق ئىلغار زىيالىيلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى كۈرەشكە ئاتلاندى. ئۇ ئەنە شۇ ئىلغارلار سېپىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى بىر جەڭچى ئىدى ھەمدە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى قەتئىي قوللىغان ۋە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مۇرەسسەسىز كۈرەش ئېلىپ بارغانىدى. ئۇ «ئاقسۇ گېزىتى» دە «جەنۇب شامىلى» ئەدەبىيات بېتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ھەر سانىدا دېگۈدەك ئۆزىنىڭ جەڭگىۋار سىياسىي لىرىكىلىرىنى ئېلان قىلىپ تۇردى. ئۇ 1944-يىلى يازغان ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە شېئىرى «شائىر ھەققىدە مۇۋەششەھ» دە شائىرغا خىتاب قىلىپ ئارقىلىق خەلقنى «ياشاش ئۈچۈن كۈرەش» قىلىشقا چاقىرغان بولسا، 1944-يىلىنىڭ يېڭى يىلىدا ۋە 1945-يىلنىڭ باشلىرى يازغان، ئىجادىنىڭ يۈكسەك پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان «يىللارغا جاۋاب»، «خىيالچان تىلەك» شېئىرلىرىدا كۈرەش _ ھاياتنىڭ مەنبەسى، كىشىلىكنىڭ ئالىي خىسلىتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى، ئازاد رايونلار ۋە ئۈچ ۋىلايەتتىن ئىبارەت «يورۇق بۇرجەكلەر» دىن خەلققە بېشارەت بېرىپ، ئۆزىنىڭ خەلق ئازادلىقى يولىدا يەڭ تۈرۈپ مەيدانغا چىققانلىقىنى جاكارلىدى.
1 T4 H% ]- A' C& X9 ~5 F3 w' nئۇ ئاقسۇدا يەنە ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشما تىياتىر ئۆمىكىنىڭ خىزمىتىگە يېقىندىن قاتنىشىپ بەزى دراما، ئوپېرالارنى يازدى، سەھنە ئەسەرلىرىنى سەھنىلەشتۈرۈش ئىشلىرىغا قاتناشتى ۋە رېژىسسورلۇق قىلدى، بەزى تىياتىرلاردا ئۆزى رول ئېلىپ چىقتى، ناخشا تېكىستلىرى يازدى، دېكوراتسىيىلەرنى ئىشلىدى. مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇغۇچىلارغا خالىس تەربىيىچى بولدى، ئۇلارغا ناخشىلار ئۆگەتتى. قىسقىسى، ئۇ ئاقسۇغا كەلگەن چېغىدا ئېيتقان: «بىزنىڭ تالىشىدىغىنىمىز - مەنسەپ، شۆھرەت ئەمەس، پەقەت مەدەنىيەت _ مائارىپ» دېگەن سۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ھارماي-تالماي تىرىشتى.' w% s) m' q& U. s+ T9 j2 k. g7 v1 e
لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ 23 يىللىق قىسقا ھايات مۇساپىسىدە پەقەت توققۇز يىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، ئۇ بۇ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئاز بولمىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ ۋەتىنى، خەلقىگە قالدۇرۇپ كەتتى، 14 يېشىدىلا ئەدەبىياتقا قەدەم قويغان بۇ ياش تالانت ئىگىسى ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق ئۆز ئىجادىيىتىنى يۈزەكىيلىكتىن چوڭقۇرلۇققا، ئابستراكتلىقتىن كونكرېتلىققا قاراپ راۋاجلاندۇرۇپ ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئىجادىيەت يولىنى ئاچتى. ئۇ بارماق ۋەزىن ۋە چاچما شېئىردىن ئىبارەت ئەركىن شەكىلنى تاللاپ ئېلىپ، ئۇنىڭ بارغانسېرى مۇكەممەللەشتۈردى، شېئىرنىڭ تۈپ ئامىلى بولغان تىل ۋاسىتىسىنى قوللىنىش جەھەتتە يېڭىچە ئەدەبىي تىلدا يېزىشنى ئاساس قىلىپ ئۆز ئەسەرلىرىنى ساپ، ساددا، راۋان بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلدى. بولۇپمۇ، شائىر ھاياتىنىڭ كېيىنكى يىللىرىدا بەدىئىي تەپەككۇرنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە قاراپ يۈرۈش قىلىپ ئۆزىنىڭ يۈكسەك بەدىئىي تالانت ۋە ئىقتىدارىنى نامايان قىلغانىدى.; n% o! S+ f; [
ئازادلىقتىن كېيىن خەلق ھۆكۈمىتى شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەر شائىر ۋە ئىنقىلابىي قۇربان ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇردى، جۈملىدىن ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى شائىرنىڭ ئەسەرلىرىنى توپلاش، رەتلەش، تەرجىمە قىلىش ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. 1956 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى شائىرنىڭ «مۇھەببەت ۋە نەپرەت» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلدى؛ شۇ يىلى بېيجىڭ يازغۇچىلار نەشرىياتى خەنزۇ تىلىدا «مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىن تاللانمىلار» توپلىمىنى چىقاردى؛ 1959 - يىلى ئۇنىڭ شېئىرلىرى «ئىنقىلابىي قۇربانلا شېئىرلىرى توپلىمى» غا كىرگۈزۈلدى، كېيىن بۇ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلىرى ئىنگلىز، فرانسۇز تىللىرىمۇ تەرجىمە قىلىندى. 1981 - يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى شائىرنىڭ «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى» ناملىق توپلىمىنى ئۇيغۇر تىلىدا، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلدى؛ 1982 - يىلى 4 - ئايدا جۇڭگو ياشلار نەشرىياتى«ئىنقىلابىي قۇربانلار شېئىرلىرىنىڭ تولۇقلانغان توپلىمى» نى نەشر قىلىپ، بۇ توپلامغا شائىرنىڭ ئالتە پارچە شېئىرىنى كىرگۈزدى؛ 1983 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان شائىر ئەسەرلىرىنىڭ تولۇق توپلىمى - «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى»نى نەشر قىلدى.& g9 r9 H; i: ?. L
لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ھەقىقەتەنمۇ، 40-يىللار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى ۋە تەسىرى جەھەتتىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولۇشقا مۇناسىپتۇر.
5 m, ]+ H# b+ s1 ]0 A
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتەجرىبەقىزغىنلىقتىللاتۆھپەيىغىشسەۋەبى
xarbat + 17 + 12 + 3 + 2يارايسىز!

ھەممە باھا نومۇرى : تەجرىبە + 17 قىزغىنلىق + 12 تىللا + 3 تۆھپە + 2  باھا خاتىرىسى

مەن ئويغنىپ ماڭار چاغدا باشقىلارنىڭ كۆكتەئۇچقىنى كۆردۈم.مەن يەنىلا پىيادە ماڭامدىم ؟؟؟؟

wolqan ئىسىم ئۆزگەرتتى

3155

تېما

8

ئەگەشكۈچى

4 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 6303
نادىر تېمىسى: 98
تىللا: 16341
تۆھپە : 3317
توردا: 4671
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-30

مائارىپچى ئوردىنىwindows8 ھەقىقى نەشىرىنى ئىشلەتكۈچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 00:34:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسمىنى ئاڭلىغان بىلەن موشۇنچىلىك چۈشىنىدىغان ياشلىرىمىز بەك ئاز ھازىر بۇ ئوت يۈرەك شائىرىمىزنى، يوللاپ ئېسىل ئىشتىن بىرنى قىپسىز، رەھمەت سىزگە!
بىر كۆرۈشۈپ ئۆمۈر بويى ئەسلەيدىغان ئادەم بار، نەچچە يىل بىللە ياشاپ بىرسائەتتە ئۇنتۇيدىغان ئادەم بار...

مائارىپ ئۈچۈن مەشئەل بولىمەن

114

تېما

10

ئەگەشكۈچى

9271

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  839
يازما سانى: 1232
نادىر تېمىسى: 9
تىللا: 3126
تۆھپە : 766
توردا: 470
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-29

ۋولقان تۆھپىكارىتىرىشچان ئەزا ئوردىنىباشقۇرغۇچى ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىۋولقان شائىرىۋولقان يازغۇچىسىۋولقان قىزىقچىسىمۇنبەر نازارەتچىسىwindows8 ھەقىقى نەشىرىنى ئىشلەتكۈچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 18:53:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماتېريال ئامبىرى ئۈچۈن يوللىغان تېما ھامان بىركۈنى ئەسقاتىدۇ !!!ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت !!!
مەن ئويغنىپ ماڭار چاغدا باشقىلارنىڭ كۆكتەئۇچقىنى كۆردۈم.مەن يەنىلا پىيادە ماڭامدىم ؟؟؟؟

980

تېما

7

ئەگەشكۈچى

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  138
يازما سانى: 3201
نادىر تېمىسى: 13
تىللا: 8719
تۆھپە : 2411
توردا: 3001
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-29

ۋولقان تۆھپىكارىتىرىشچان ئەزا ئوردىنىئەتىرگۈل ئەزا ئوردىنىۋولقان مەلىكىسىباشقۇرغۇچى ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىتېما يوللاش ماھىرىئاكتىپ ئەزادوستلۇق ئەلچىسىمۇنبەر نازارەتچىسىئىجادكار ئەزائەلا يىتەكچى ئوردىنىماھىر تەربىيىچىwindows8 ھەقىقى نەشىرىنى ئىشلەتكۈچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 17:12:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لۇتىپۇللا مۇتەللىپنىڭ شئېرلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

شەربەتنىڭ يانفون تېرمىنالى ئېلان قىلىندى
شەربەتنىڭ يانفون تېرمىنالى ئېلان قىلىندى
شەربەت تورىنىڭ يانفون تېرمىنالى دېتالىنى چۈشۈرۈپ ھەرۋاقىت ھەرجايدا خالىغان ۋاقتىڭىزدا بېكىتىمىزنى ئەركىن ئازادە زىيارەت قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز

كۆرۈش »

يانفۇن|ئاددى بەت|ئالاقىلىشىڭ|( 新ICP备11001587号-6 )  
بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
بېكەتنىڭ قانونى ۋەكىلى : شەربەت QQ:359903451 E-mail:359903451@qq.com
بىز ئەڭ ياخشى مۇنبەر قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز!
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2013-5-30 00:48

چوققىغا قايتىش