كىشىلىك ھاياتتا پەقەت تاللىغىلى بولمايدىغان بىرلا يول بار، ئۇ بولسىمۇ ۋاز كېچىش يولى.
تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

手机客户端
亲,还没下载论坛手机客户端?跟上潮流做时尚达人。掌中乐趣无处不在,快点下载吧。

كۆرۈش »

جەمئىي مىكروبلوگ 1347 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • Lutun 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئالدىراشمەن ئالدىراش !چىقمىغىلى ئۇزاق بولدى شەربەتكە ئالدىراش!

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دوستلۇق - مەنپەئەت ئالغانلارغا ئەمەس، قەدىرلىگەنلەرگە مەنسۇپتۇر.

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاقىت- كۈتۈپ تۇرغانلارغا ئەمەس، ئۇنى چىڭ تۇتقانلارغا مەنسۇپتۇر.

  • قەيسەر126 2013-5-22 15:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    پات - پات ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقى ئۈستىدە ئويلىنىپ تۇرۇش كىشىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ياخشى ئادەت   

  • مەرىپەت 2013-5-20 11:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    كىم بىلەن دوستلاشقىنىڭىزغا دېققەت قىلىڭ، چۈنكى بۇلبۇل گۈلگە،قاغا ئەخلەتكە ئاپىرىدۇ.

  • مەرىپەت 2013-5-16 22:43 [ئىنكاس(1)] [...]

    ئوغۇللاردا ساداقەت بولسا، قىزلاردا ئىشەنچ بولىدۇ.

  • مەرىپەت 2013-5-16 22:42 [ئىنكاس(1)] [...]

    ئوغۇللاردا كەڭ قورساقلىق بولسا ، قىزلاردا راستچىللىق بولىدۇ.

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايلىق -ئىزدىگۈچىلەرگە ئەمەس، تىرىشىپ ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپتۇر.

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلىم-ئوقۇغانلارغا ئەمەس، تىرىشىپ ئۆگەنگۈچىلەرگە مەنسۇپتۇر.

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاياتلىق- ھايات يۈرگەنلەرگە ئەمەس، ھاياتلىقنى قەدىرلىگەنلەرگە مەنسۇپتۇر.

  • قەيسەر126 2013-5-22 14:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    چىدا يۈركىم چىدا~! ‹‹ياخشىلارغا ناخشلار تولا ››دەيدۇ كونىلار~!

  • xarbat 2013-5-18 17:36 [ئىنكاس(2)] [...]

    بىر كۆرۈشۈپ ئۆمۈر بويى ئەسلەيدىغان ئادەم بار، نەچچە يىل بىللە ياشاپ بىرسائەتتە ئۇنتۇيدىغان ئادەم بار...

  • مەرىپەت 2013-5-16 22:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوغۇللاردا ھايا ۋە ھۆرمەت بولسا، قىزلاردا ئەدەپ- ئەخلاق بولىدۇ.

  • مەلكە 2013-5-15 11:57 [ئىنكاس(1)] [...]

    مىنى قارشى ئالاسىلمۇ

كۆرۈش: 365|ئىنكاس: 8

[تولۇقسىز ئوتتۇرا]جىددىي ياردەم سورايمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

2

ئەگەشكۈچى

215

جۇغلانما

يىلتىز ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2843
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 70
تۆھپە : 42
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 13:47:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تارىم0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-27 13:48  / v% M7 g/ c0 P% U, m/ Z$ P
4 d! J2 ~3 k1 x. c& h
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شەربەت ئەھلى ماڭا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە ئىشلەتكەن يېزىقلار  توغرىسدىكى مەزمۇنلار جىددىي لازىم بۇلۇپ قالغان ئىدى .(تۇلۇقسىزنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابىدىمۇ بار ئىدى ، قايسى قىسىملىقى ئېسىمدە قالماپتۇ ) .' J2 @+ h- x' P
شۇنىڭغا ئوخشاش ماتىرىياللار بار تورداشلارنىڭ ئېغىر كۆرمەي يوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، يازمىچە يوللاپ بىرىشكە ۋاقتىڭلار چىقمىسا ، شۇ ماتىرىياللارنى سۈرەتكە تارتىپ ئەۋەتىپ بەرسەڭلىمۇ بولىدۇ . سىلەرگە كۆپ رەھمەت .

508

تېما

3

ئەگەشكۈچى

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8
يازما سانى: 1019
نادىر تېمىسى: 10
تىللا: 5901
تۆھپە : 1809
توردا: 1712
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-29

ۋولقان تۆھپىكارىتىرىشچان ئەزا ئوردىنىكومپىيۇتىر ماھىرىباشقۇرغۇچى ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىۋولقان شائىرىتېما يوللاش ماھىرىئاكتىپ ئەزاقابىل تەرجىمانپوتوشوپ ئۇستىسىOffice ماھىرىۋولقان يازغۇچىسىدوستلۇق ئەلچىسىمۇنبەر نازارەتچىسىئىجادكار ئەزائەلا يىتەكچى ئوردىنىwindows8 ھەقىقى نەشىرىنى ئىشلەتكۈچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 18:43:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
* k& C4 \: k% j8 l( x' X; g! j

" d- q8 e6 R! s1. سوغدى يېزىقى
& i1 D8 a+ I2 T# P4 U. j; c0 s+ j3 q; a$ ~! B
$ E. G9 h5 g5 z
شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىن، جۈملىدىن تۇرپان ناھىيىسىنىڭ يالقۇنتاغ يېزىسى، قاراغۇجا (قاراقۇجۇ) مەھەللىسىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قانچە قەدىمكى قەبرىدىن جەسەت بىلەن بىللە تېپىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىچىدە تارشىغا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا سوغدى يېزىقى بىلەن پۈتۈلگەن خاتىرىلەر تېپىلدى. ئارخېئولوگىيە ئىلمى ۋە تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ دەلىللىشىگە ئاساسلانغاندا بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى 4-5 ئەسىرلەردە قوللانغان. 7 T  j6 b  H; z/ d! e9 B/ Y
" l9 |! b+ b5 s  Z8 M
2- ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى 7 U; k- ~% K6 n5 F( ?* o6 K
8 S1 d2 t" l1 ]: A% y' |! m
) X% p( s: c2 M$ ^2 j; E
جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئالىملىرى بۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى موڭغۇلىيىدىكى ئورقۇن دەرياسى ۋادىلىرىدىن ھەم سىبىرىيىدىكى يېنسەي دەرياسى بويلىرىدىن تېپىلغاچقا، تېپىلغان ئورنىغا قاراپ ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى دەپ ئاتىغان. شۇ ۋاقىتتا بۇ يېزىقنى ئىشلەتكەن ئاساسىي خەلقنىڭ نامىغا قاراپ قەدىمكى تۈرك يېزىقى، كۆك تۈرك يېزىقى دېگەن ناملار بىلەن ئاتىغان. بۇ يېزىق يەنە شەكىل جەھەتتىن شىمالىي ياۋروپادىن تېپىلغان قەدىمكى گېرمانلار ئىشلەتكەن رونىك يېزىقىغا ئوخشاپ قالغانلىقى ئۈچۈن، قەدىمكى تۈرك-رونىك يېزىقى دەپمۇ ئاتالغان. شۇنداقلا تۈركىي خەلقلار بۇ يېزىقنى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن ئىشلەتكەن يېزىق بولغاچقا، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى يېزىق دېگەنگە ئوخشاش ناملار بىلەنمۇ ئاتىغان. بۇ ناملار پەقەت يېزىقشۇناسلار ۋە تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن قويۇلغان ناملار بىلەنمۇ ئاتىغان. بۇ ناملار پەقەت يېزىقشۇناسلار ۋە تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن قويۇلغان ناملار ئىدى. بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە بۇ يېزىقنىڭ ئەسلى دولبارچىن يېزىقى دەيدىغان نامىنىڭ بارلىقى ھەققىدىكى مەلۇمات بىزگە كېيىنرەك مەلۇم بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ يېزىقنى ئۆز نامى بىلەن دولبارچىن يېزىقى دەپ ئاتاش ھەققىدە ماقالىلەر يېزىلىپ، تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز بۇ دەرسلىكتە مەملىكىتىمىزدە كۆپرەك قوللىنىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا تونۇشلۇق بولغان نامنى قوللاندۇق. 2 m5 [5 h/ @* G" T" ^9 k
ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىدا 39 ھەرپ، بىر ئايرىش بەلگىسى بولۇپ، بۇ يېزىق ئېلىپبەلىك يېزىق بىلەن بوغۇملۇق يېزىقنىڭ ئارىلاشمىسىدۇر. ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى ئومۇمەن، ئوڭدىن سولغا قاراپ توغرىسىغا يېزىلىدۇ. لېكىن، يېنسەي مەڭگۈ تاشلىرىدا سولدىن ئوڭغا يېزىلغان، ئايرىم مەڭگۈ تاشلاردا بىر قۇرى ئوڭدىن سولغا، يەنە بىر قۇرى سولدىن ئوڭغا زەنجىرسىمان ئۇلاپ يېزىلغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ يېزىقتا تۆت ھەرپ سەككىز سوزۇق تاۋۇشنى، 31 ھەرپ 18 ئۈزۈك تاۋۇشنى، بەش ھەرپ قوش ھەرپلىك بوغۇملارنى ئىپادىلەيدۇ. سۆزلەر بىر-بىرىدىن قوش چېكىت ( : ) ئارقىلىق ئايرىپ يېزىلىدۇ. بەزى سۆز بىرىكمىلىرى بىر سۆز قىلىپ قوشۇپ يېزىلىدۇ. ئايرىم ئورۇنلاردا «~» سۆز ئايرىش بەلگىسى ئورنىدا قوللىنىلىدۇ. ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىنىڭ مەنبەسى ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ بۇ يېزىقنى قايسى دەۋردىن باشلاپ قوللانغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە  ئالىملارنىڭ كۆز قارىشى بىردەك ئەمەس. بەزى تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلار 5- ئەسىردىن 8- ئەسىرگىچە، يەنى، غەربكە كۆچۈشتىن ئىلگىرىكى مەزگىللەردە قوللانغان.
1 z9 ?9 ^6 s2 f# j' R9 `ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىدا يېزىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىنى، سىياسىي، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى، ئىتنوگرافىيىسىنى، تىل-يېزىقى، ئەدەبىيات-سەنئىتى ۋە مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. # @: s  q2 R. ], e  E9 j
ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىدا يېزىلغان يادىكارلىقلارنىڭ ئاساسلىقى خاقانلار، قەبىلە باشلىقلىرى، لەشكەر باشلىقلىرىنىڭ قەھرىمانلىق ھاياتى، باتۇرلۇقى، تەسۋىرلەنگەن مەدھىيىلەر ۋە ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن ھاياتلىقىدىكى تۆھبىلىرى خاتىرىلەنگەن مەڭگۈ تاشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.
- F& K0 v; U0 U  F1. چورىن مەڭگۈ تېشى.! B. I( X1 E3 x% c/ `- k; ]
2. تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى.
0 k$ z- e" P! {; Q9 C; a( B3. كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشى.1 v! U' W0 @, o1 e8 D/ C
4. بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى.+ C5 @( y1 p; J, E8 e# ]' \
5. كۇلچۇر مەڭگۈ تېشى.
. C' U) l) t. r- k& N6. مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى.- A/ ]1 S$ ?8 b$ E/ \
7. توققۇز ئوغۇز قاغانى مەڭگۈ تېشى.
  s/ l( W" }$ K: Q% C8 t8- سۇجى مەڭگۈ تېشى.
% C; ]% F  n9 W, t. }' @9. تېرخىن مەڭگۈ تېشى.2 x0 R5 o5 Q5 m+ M5 a
10. تەس مەڭگۈ تېشى ۋە باشقىلار % x4 p4 h* j+ }1 Y5 R+ u7 e
3. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى
  D' L1 Z# W1 j4 d5 f' }$ D! V$ m. E9 p' y6 f) d

* |5 Y% \" e8 n' P8 u" D. vقەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى قەدىمكى ئارامى يېزىقى ئاساسىدىكى كونا سوغدى يېزىقىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئېلىپبەلىك يېزىق بولۇپ، يېزىق تارىخىمىزدىكى يېڭى بىر دەۋر ھېسابلىنىدۇ. بۇ يېزىق ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىن ئىدىقۇت خانلىقى ۋە قاراخانىلار سۇلالىسىدە كەڭ قوللىنىلغان، جۈملىدىن شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى كۆپلىگەن تۈركىي تىللىق خەلىقلەرنىڭ ئورتاق يېزىقى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىغا قارىغاندا شۇ دەۋر ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە ئۇيغۇنلاشقان بىر قەدەر ئىلمىي يېزىق بولغاچقا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى تولۇق ئىپادىلەپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ قوللىنىلىپلا قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى تۈركىي خەلقلار ۋە قەبىلىلەر ئارىسىدىمۇ ئومۇملاشقانلىقى كېيىنكى ۋە يېقىنقى مەزگىللەردە جاھان تۈركشۇناسلىرى تەرىپىدىن تولۇق ئاساسلار بىلەن ئىسپاتلاندى. 10- ئەسىردە ياشىغان ۋە شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەن مەشھۇر سەيياھ ۋاڭ يەندېنىڭ: «ئۇيغۇرلار شېئىر-قوشاق يېزىشقا ناھايىتى ھەۋەسمەن كېلىدىكەن، ئۆز يېزىقلىرىنى كۈندىلىك ھاجەتلىرىگە ئەدەبىي ئەسەر يېزىشقا ئىشلەتكەندەك ئىشلىتىدىكەن. راھىبلارنىڭ قولىدا ئۇيغۇرچە يېزىلغان كىتابلار بەك كۆپ ئىكەن» دەپ يازغانلىقى بۇنىڭ ياخشى ئىسپاتى بولالايدۇ.0 k6 F% B- K% V5 |! j, ^
ئۇيغۇرلار قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى 8- ئەسىردىن باشلاپ قوللانغان بولۇپ، تۈركىي خەلقلەر جۈملىدىن، ئۇيغۇرلار بۇ يېزىقنى خېلى ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە ئىلگىرىكى ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى بىلەن قاتار قوللىنىپ كەلگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تۈركىي قەبىلىلەر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن خېلى ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ شىنجاڭ زېمىنىدا ياشىغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئارىسىدا كەڭ قوللىنىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا 8-11- ئەسىرلەرگىچە، تۇرپان، قۇمۇللاردا 14-15- ئەسىرلەرگىچە، خۇراسان ۋە ئالتۇن ئوردىدا 16- ئەسىرگىچە، گەنسۇدا ياشىغۇچى يۇغۇر (سېرىق ئۇيغۇر)لار ئارىسىدا بولسا، 19- ئەسىرگىچە قوللىنىلغان.3 c9 F& C6 P; z* p  b. @6 c9 c8 H
قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تارىختا باشقا مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور تۆھپە قوشقان.  13- ئەسىردە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا موڭغۇل يېزىقى ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، ئۇ يېزىق موڭغۇل خەلقى ئارىسىدا ھازىرغىچە قوللىنىلىۋاتىدۇ. 17- ئەسىردە موڭغۇل يېزىقى ئاساسىدا مانجۇ يېزىقى ئىجاد قىلىنغان. كېيىن مانجۇ يېزىقى ئاساسىدا شىبە يېزىقى ئىجاد قىلىنغان. 1748- يىلى بۇ يېزىقلار موڭغۇل ۋە مانجۇ تىللىرىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە لايىقلاشتۇرۇلۇپ، بىر قېتىم ئىسلاھ قىلىنىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلگەندىن كېيىن ھازىرغىچە قوللىنىلماقتا.: d. Y" S7 ^# P, G9 @! Y7 x
قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ياكى سولدىن ئوڭغا يېزىلىدۇ. بۇ يېزىقتا جەمئىي 23 ھەرپ بولۇپ، بەش ھەر سەككىز سوزۇق تاۋۇشنى، 18 ھەرپ 21 ئۈزۈك تاۋۇشنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى سوزۇق تاۋۇشلاردىن «ئى، ئە» بىر ھەرپ بىلەن، «ئو، ئۇ» بىر ھەرپ بىلەن، «ئۆ، ئۈ» بىر ھەرپ بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۈزۈك تاۋۇشلاردىن «ب، پ» بىر ھەرپ بىلەن، «ك، گ» بىر ھەرپ بىلەن، «د، ت» بىر ھەرپ بىلەن ئىپادىلەنگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ھەربىر ھەرپى باشتا، ئوتتۇرىدا، ئاخىرىدا كېلىدىغان ئۈچ خىل شەكىلگە ئىگە.- v' \/ x. |2 a5 w' w* {) C+ \
قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ھەر خىل دىنىي مەزمۇندىكى يادىكارلىقلار ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر ناھايىتى نۇرغۇن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىدن ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگىلىرىدىن تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ:
+ W  K3 n: x7 @  r% i, v1. ئالتۇن يارۇق.
- a: S' \: v" b* X2. شۇەنجۇاڭنىڭ تەرجىمىھالى.# f" E3 V2 q; S  _& S
3. مايتىرى سىمىت درامىسى.
; S+ y/ B- ?5 X0 A$ l! t* e5 K4. چوڭ ھەجىملىك بۇددا ھېكايىلىرى توپلىمى – داشاكوما بۇددا ئاۋات.# I. d. z& E" x7 y  d8 w! q
5. خۇۋاست نەھۇفت. (يوشۇرۇن تىلەك)
, M9 }! D$ m" h" D. B6. قۇتادغۇ بىلىك. (ۋېنا نۇسخىسى)+ X7 E* X" H- ?; D2 |5 F
7. ئەتەبەتۇل ھەقايىق. (A نۇسخا)
0 b3 Y* t; o% T( N) i8. ئېزوف مەسەللىرى.1 w( q% Q4 @2 Z
9. بەختىيارنامە.
8 L- W9 |( ?5 Q4 a10. ئوغۇزنامە.
" M' B' N& m2 M+ Q" ^8 P3 g, m; a: q6 I11. قەدىمكى تۇرپان خەلق قوشاقلىرى.$ V& R% [0 K# {% ]# Y
12. ئىدىقۇت قوجۇ خانىنىڭ ھاياتىدىكى تۆھپىلىرى يېزىلغان خاتىرە ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان دىنىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋەسىقىلەر، كالىندارلار، ئىككى تىللىق سېلىشتۇرما لۇغەت قاتارلىقلار. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى تۆۋەندىكىچە: 5 `8 f, B! P3 U2 g& ^

% t) M, F" f! r6 P. f7 M6 b' ~# I& r
: h6 c! R# L  u2 q
ئورقۇن-يېنسەي ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى 0 i* n# I+ c2 X2 [  P1 A3 m& B/ K
& h, e0 n8 |* \+ }

# u: z, o# D: ^: R

508

تېما

3

ئەگەشكۈچى

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8
يازما سانى: 1019
نادىر تېمىسى: 10
تىللا: 5901
تۆھپە : 1809
توردا: 1712
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-29

ۋولقان تۆھپىكارىتىرىشچان ئەزا ئوردىنىكومپىيۇتىر ماھىرىباشقۇرغۇچى ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىۋولقان شائىرىتېما يوللاش ماھىرىئاكتىپ ئەزاقابىل تەرجىمانپوتوشوپ ئۇستىسىOffice ماھىرىۋولقان يازغۇچىسىدوستلۇق ئەلچىسىمۇنبەر نازارەتچىسىئىجادكار ئەزائەلا يىتەكچى ئوردىنىwindows8 ھەقىقى نەشىرىنى ئىشلەتكۈچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 18:53:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
- ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى
4 y7 B* P( B! m- b3 @
6 k$ q+ l0 p7 a) @2 t$ b* A" o) h; U* `) C9 p+ _
ئىسلام دىنىنىڭ قاراخانلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئەرەب يېزىقى قوبۇل قىلىنىپ، پەيدىنپەي قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشقا باشلىدى. 10- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئەرەب يېزىقى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى، بويىچە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىشقا باشلىدى.
. {* J! |! X& w# iئەرەب يېزىقى دەسلەپتە مۇقەددەس يېزىق دەپ قارىلىپ 10- ئەسىردىن 12- ئەسىرگىچە ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمەي ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرىنىڭ ئۈستىگە
' }* k& ^- N3 ^9 f
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتەجرىبەقىزغىنلىقتىللاتۆھپەيىغىشسەۋەبى
ئابلەت + 10 + 8 + 2 + 1جاپا چەكتىڭىز

ھەممە باھا نومۇرى : تەجرىبە + 10 قىزغىنلىق + 8 تىللا + 2 تۆھپە + 1  باھا خاتىرىسى

508

تېما

3

ئەگەشكۈچى

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8
يازما سانى: 1019
نادىر تېمىسى: 10
تىللا: 5901
تۆھپە : 1809
توردا: 1712
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-29

ۋولقان تۆھپىكارىتىرىشچان ئەزا ئوردىنىكومپىيۇتىر ماھىرىباشقۇرغۇچى ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىۋولقان شائىرىتېما يوللاش ماھىرىئاكتىپ ئەزاقابىل تەرجىمانپوتوشوپ ئۇستىسىOffice ماھىرىۋولقان يازغۇچىسىدوستلۇق ئەلچىسىمۇنبەر نازارەتچىسىئىجادكار ئەزائەلا يىتەكچى ئوردىنىwindows8 ھەقىقى نەشىرىنى ئىشلەتكۈچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 18:55:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

5 Z8 i# T0 D5 C8 n: N7 I1 Q+ V1 nقاتارلىق شەرتلىك بەلگىلەر ئەرەب تىلىدىن، كىرگەن سۆزلەرنىلا يېزىشتا ئىشلىتىلمەي ھەتتا ئۇيغۇر تىلىغا خاس سۆزلەرنى يېزىشتىمۇ ئىشلىتىلگەن. مەسىلەن:
9 o; p" \- @- m4 V8 ]  k  i
4 t9 `$ a. Z$ N( I' n! `* ]& ^ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشىغەرى 11- ئەسىردە ئۇيغۇر تىلىنى ئەرەبلەرگە تونۇتۇش ئۈچۈن «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى يۇقىرىقى مىساللاردا يېزىلغاندەك ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يازغان. ئەرەب يېزىقى ئومۇمەن ئۈزۈك تاۋۇشلارنى ئاساس قىلغان يېزىق بولغاچقا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يېزىق 12- ئەسىرنىڭ ئاخىرى 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قىسمەن ئىسلاھ قىلىنىپ، ئەرەب تىلىغا خاس شەرتلىك بەلگىلەر ئېلىپ تاشلىنىپ قەدەممۇ قەدەم ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىگە يېقىنلاشتۇرۇلدى.
: [- L$ K0 @2 \. l+ q- iئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى 30 ھەرپ ۋە بىر قانچە شەرتلىك بەلگىلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ھەرپلەر باش، ئوتتۇرا، ئاخىرقى شەكىل ھەم ئايرىم شەكىل قاتارلىق بىر قانچە خىل شەكىلگە ئىگە. ئۇيغۇرلار بۇ يېزىقنى قوللانغان مەزگىللەردە يېزىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلار خېلى كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرغا ئىگىلىرى تۆۋەندىكىچە:9 A+ ^+ W: v9 K* E7 ~' I
1. دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك (تۈركىي تىللار دىۋانى).
6 X/ |+ V$ I7 [% ~2. قۇتادغۇ بىلىك (پەرغانە، قاھىرە نۇسخىلىرى).9 C0 `1 S/ H5 n4 [; {; ]
3. قۇرئان تەپسىرى.
# B1 J$ V% F7 l; E+ M4. قىسسەسۇل ئەنبىيا.
4 Z/ U0 B: {: e4 x5. ئەتەبەتۇل ھاقايىق (C نۇسخا).
4 n: e: H; _; o' h) N6 w4 h: M6. ھېكمەت (ئەھمەد يەسەۋىنىڭ).
# {' \( Z# t7 b+ N  J' W7. گاۋچاڭ مەھكىمىسى پۈتۈكلىرى.: x- e/ ^% E1 V0 w' P
خاقانىيە دەۋرىدە قوبۇل قىلىنغان ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى تۆۋەندىكىچە: 7 y" X% P& I8 p/ p! K( p" f
! [9 H4 f" A! ]$ h" s3 j* t+ P
# m: }# @4 B; z7 M
5. چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى 3 E+ [- g8 e9 D* |  {) P. L
ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى گەرچە قىسمەن ئىسلاھ قىلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە مەلۇم دەرىجىدە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، يەنىلا ئەرەب تىلىنىڭ خۇسۇسىيىتى، فونىما سىستېمىسى ئاساسىدا لايىھىلەنگەن يېزىق بولغاچقا، ئۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى، فونېما سىستېمىسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمىدى. شۇڭا 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ شۇ دەۋرنىڭ ئەدىبلىرى، تىلشۇناسلىرى تەرىپىدىن بۇ يېزىق داۋاملىق ئىسلاز قىلىنىپ، تولۇقلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى بىر قەدەر توغرا ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان، ئۆگىنىشكە، يېزىشقا ئەپلىك ھالەتكە كەلتۈرۈلدى.
5 f( t# |1 c2 j+ q9 x" x" |. F) wشىنجاڭ يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، ئىقتىسادىي، مەدەنىي، دىنىي ۋە سودا ئالاقىلىرى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەب تىلىدىن باشقا پارس تىلىدىنمۇ نۇرغۇن سۆزلەر قوبۇل قىلىندى. بۇ خىل سۆزلەرنى ئاساسلىقى ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى توغرا ئىپادىلەشكە ئەرەب يېزىقىدىكى ھەرپلەر يېتىشمىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن پارس يېزىقىدىن «پ، چ، گ، ژ» قاتارلىق ھەرپلەر چاغاتاي ئۇيغۇر ئېلىپبەسىگە قوبۇل قىلىندى. شۇنداقلا بۇ يېزىقتىكى ھەرپلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئېنىق ئايرىلدى. مەسىلەن، «ح، ڭ، ذ، ى. ض. ط. ظ، ع » ھەرپلىرى پەقەتلا ئەرەب تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنى خاتىرىلەشتە ئىشلىتىلىدىغان، ئۇيغۇر تىلىغا خاس سۆزلەر بولسا، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا ئەنئەنىسى بويىچە يېزىلىدىغان بولدى. مۇشۇنداق بىر قاتار ئىسلاھاتلاردىن كېيىن 14- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلىغا،  چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى بۇ رايوندا ئورتاق قوللىنىلىدىغان يېزىققا ئايلاندى.
  U7 ]' R; E5 Oچاغاتاي دېگەن نام 14- ئەسىردىن باشلاپ شىنجاڭ بىلەن ئامۇ دەرياسى ئەتراپىدىكى كەڭ رايونلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان چىڭگىزخاننىڭ ئوغلى چاغاتاي خاننىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ نامى بولۇپ، شۇ دەۋردىكى مۇشۇ كەڭ رايوندا قوللىنىلغان تىل ھەم يېزىق شۇ نام بىلەن ئاتالغان.
* d1 M5 ?/ A( Q# e5 M8 r5 Nچاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىغىچە قوللىنىلدى. بۇ دەۋرنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئالىملىرى، ئەدىبلىرى، شائىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ئەسەرلىرىنى مۇشۇ يېزىق بىلەن يېزىپ كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇردى. ئالەمشۇمۇل شائىر ئەلىشىر نەۋائىي «چاھار دىۋان»، «مۇھاكىمە تۇللۇغەتەين»، «خەمىسە نەۋائىي» ناملىق مەشھۇر ئەسەرلىرىنى چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا يازغان. بۇ يېزىقنىڭ قوللىنىلغان دەۋرى ئۇزۇن، يېزىلغان ئەدەبىي، تارىخىي، تېببىي ئەسەرلەر ھەم ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلەر ناھايىتى  كۆپ، بۇلاردىن ھازىرقى دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن، ۋەكىللىك خاراكتېرغا ئىگىلىرىدىن:
  Q% s+ i8 j2 [; D«تارىخىي رەشىدى» (مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر)، «مۇھەببەتنامە ۋە مېھنەتكام»، «شاھنامە تۈركىي»، «دىۋان زەلىلى»، «دىۋان نۆبىتى». «تەزكىرەئى ئەزىزان» (مۇھەممەد سىدىق كاشىغەرى)، «پەرھاد-شىرىن» ۋە «لەيلى-مەجنۇن» (ئۆمەر باقى)، «يۈسۈپ-زۈلەيخا»، «كىتابى غېرىب»، «نەسىھەتنامە»، «دۇررىلنىجاد» (ئابدۇرېھىم نىزارى)، «ئادالەتپەرۋەرلىك توغرىسىدا»، «سەددى ئىسكەندەر»، «پەندىنامە»، «زەپەرنامە – شاھ باھادىر»، «تارىخىي مۇسقىيۇن»، «زەپەرنامە»، «غېرىبى»، «ئىماملار تەزكىرىسى»، «غازات دەرمۈلكى چىن»، «غەزەلىيات»، «مەھزۇنىلۋاھىدىن» (زىيائى)، «بەرقى تەجەللى» ۋە «سەبەق مۇجەللى»، «تارىخىي ئەمىنىيە» (موللا مۇسا سايرامى)، «غېرىب-سەنەم» (مۇھەممەد يۈسۈپ)، «نورۇزنامە»، «نۇزۇگۇم»، «چاغاتاي لۇغىتى» مانجۇ خانلىقى دەۋرىدە يېزىلغان «بەش تىللىق لۇغەت»… قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. . V" a' r4 ?" l! z  T1 W, [5 r, c
چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى تۆۋەندىكىچە:2 \  j, G6 t4 d# Q

! z6 R1 ?& E1 W$ N  c6 c4 I6 X7 P 0 T3 F: |% H+ {! B

7 ~% u! x/ U, J& S) @$ J0 K" F/ i3 K4 Q' F
; M+ Y! x" G; ^8 f5 y( U8 Z
6. لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى
% S$ s# V1 ]5 z" i1 Z: o$ S7 I) q; N' q3 i* `  l) H
8 h2 G1 A' ?, k6 K0 M% d9 ?
لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى خەنزۇ تىلىنىڭ پىنيىن لايىھىسى ئاساسىدىكى يېزىققا ئاساسەن قىسمەن تولۇقلاش ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغان يېزىق بولۇپ، بۇ يېزىق 1965- يىلى 1- ئايدىن 1982- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە رەسمىي ئۇيغۇر يېزىقى سۈپىتىدە قوللىنىلدى. بۇ يېزىقتا 37 ھەرپ بولۇپ، ھەرپلەر چوڭ، كىچىك، باسما ۋە يازما شەكىل قاتارلىق تۆت خىل شەكىلگە ئىگە بولۇپ، سۆزلەر سولدىن ئوڭغا يېزىلىدۇ. ; \9 ~/ h# |. _* X
( T6 Y% P2 J$ T/ m8 a/ [

5 K* G2 I# F. m+ F$ m: f
" i/ {. t( B+ y/ R4 d7 m7 A4 L1 K$ x

! ~' N+ X* R6 t) t2 r: F7 G8 C7. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى
. A; N! |0 Y9 W6 q! Z5 Q/ w# _" v) t4 ]0 H5 j5 W& ]

  l1 k- K. P. h, h. I% ~1930- يىللاردىن كېيىن شىنجاڭدا زامانىۋى مەتبەئە بارلىققا كېلىپ، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق خۇسۇسىيىتىگە قەدەممۇ قەدەم ئۇيغۇنلاشتۇرۇلدى. چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىنى ئورتاق قوللىنىپ كەلگەن تۈركىي مىللەتلەر ئارقا-ئارقىدىن يېزىق ئىسلاھاتى ئېلىپ باردى ياكى باشقا يېزىق سىستېمىدىكى يېزىقلارنى قوللاندى.
6 n1 O( c' S0 c* U+ C3 m" d1 \3 k! }- Cئازادلىقتىن كېيىن پارتىيىمىز مىللىي تىل-يېزىق ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. 1950- يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قارىمىقىدا «شىنجاڭ مىللەتلەر تىل –يېزىقىنى مۇزاكىرە قىلىپ يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتى» قۇرۇلدى. بۇ ھەيئەت خىزمەتنى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىسلاھ قىلىش، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى قېلىپلاشتۇرۇشتىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىكى ئاخبارات، نەشرىيات، مەتبۇئات، تىل-يېزىق خادىملىرى، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئارىسىدا كۆپ قېتىم مۇزاكىرە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشلار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئېلىپبەسى بىلەن «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ قىسقىچە ئىملا قائىدىلىرى» نىڭ لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، 1953- يىل 10- ئايدا ئۈرۈمچىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ مۇزاكىرە قىلدى. 1954- يىل 3-ئايدا ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ۋەكىل قاتناشتۇرۇپ چاقىرىلغان تىل-يېزىق خىزمىتى يىغىنىدا ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئېلىپبەسى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ قىسقىچە ئىملا قائىدىلىرىنىڭ لايىھىسى مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى. بۇ لايىھىنى سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى 1954- يىل 4- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى 21- سانلىق ھەيئەتلەر يىغىنى بىلەن 125- سانلىق مەمۇرىي يىغىندا ماقۇللاپ، 1954- يىل 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش توغرىسىدا قارار چىقاردى.6 @7 r7 i* F4 v* S$ b
ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ بۇ ئېلىپبەسىدە ئۇيغۇر تىلىدا مۇستەقىل فونېما سۈپىتىدە قوللىنىلمايدىغان، پەقەت ئەرەب تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنى يېزىشتا ئىشلىتىلىدىغان « ح، ڭ، ذ، ى. ض. ط. ظ، ع» قاتارلىق سەككىز ھەرپ ئېلىپبە جەدۋىلىدىن چىقىرىپ تاشلاندى. شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىدا ناھايىتى كەڭ قوللىنىلىدىغان، ئۇيغۇر يېزىقىدا كەم بولسا بولمايدىغان سوزۇق تاۋۇشلارنى ئىپادىلەيدىغان سەككىز فونېما ئۈچۈن «ئا، ئە، ئې، ئى، ئو (ئو، ئۆ)، ئۇ (ئۇ،ئۈ) دىن ئىبارەت ئالتە ھەرپ قوشۇلدى. ئېلىپبە تەرتىپى بىلەن ھەرپلەرنىڭ نامى قايتىدىن بېكىتىلدى. بۇمۇ ئەمەلىيەتتە چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان يېقىنقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئىبارەت بىر قېتىملىق ئىسلاھات بولسىمۇ، يېزىق شەكلى ھەم يېزىق سىستېمىسى جەھەتتىن چوڭ پەرق بولمىغاچقا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ باسقۇچلىرى ھېسابىدا ئۇنىڭ تەركىبىگە قوشۇۋېتىلدى. بۇ يېزىق 1954- يىل 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 1976- يىل 8- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە ھەممە ئاخبارات-نەشرىيات، مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خەت-ئالاقە ھۆججەتلىرىدە، مەدەنىيەت-مائارىپ سەھەلىرىدە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلدى. ئۇيغۇر تىلىنى ئىپادە قىلىغۇچى 32 تاۋۇش بۇ يېزىقتا 30 ھەرپ بىلەن ئىپادىلەندى.
$ I/ ]% }1 D8 t8 S7 F( G1954- يىلى ماقۇللانغان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى تۆۋەندىكىچە: $ s; t! M" e% Y6 C& r  R3 p' g

0 W3 P( K" w3 F7 r1 a
& y5 W- r- c! u& R- I; y2 f5 i+ N2 l6 M) R7 R  b  l2 |' x' ?
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى كەڭ مەنىدە چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىن كېيىنكى يېزىقنى، يەنى ئازادلىقتىن كېيىن قوللىنىلغان يېزىقنى، تار مەنىدە لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى قوللىنىلىشتىن توختاپ، قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ھەمدە بىر ئاز تولۇقلاپ ئىسلاھ قىلىنغان ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى 1000 يىللار مابەينىدە خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇس، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم روللارنى ئويناپ كەلمەكتە. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، مۇشۇنداق ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا مەلۇم ئېھتىياجلار تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆلىمى ئوخشاش بولمىغان ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ئىسلاھاتلارنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كەلگەنلىكى ئۈچۈن يېزىق تەرەققىيات تارىخىمىزدا ئاكتىپ رول ئوينىدى. يەنە بەزىلىرى بولسا، ئۇنىڭ ئەكسىچە پەسسىپ رول ئوينىدى." f! D+ t8 d- T9 C' B5 H+ H# A
1983- يىلى ئۇيغۇر كونا يېزىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، يېزىقىمىزدىكى ئۇزۇن يىللار داۋامىدا ھەل بولمىغان ئىملا مەسىلىلىرى گەۋدىلىك كۆرۈلۈشكە باشلاپ، ھەل قىلىنمىسا تەرەققىياتقا توسالغۇ بولىدىغان دەرىجىگە يەتتى. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى تەرىپىدىن 1983- يىل 4- ئايدا كەڭ كۆلەملىك يىغىن چاقىرىلىپ، مۇناسىۋەتلىك يولداشلارنىڭ كەڭ تۈردە مۇھاكىمە قىلىشى ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ فونېما سىستېمىسى ۋە يېزىق ئەنئەنىسىگە ئاساسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئېلىپبەسى تۈزۈپ چىقىلدى. ئۇنىڭدا لەۋلەشكەن تۆت سۇزۇق تاۋۇشنى پەقەت «ئو، ئۇ» دىن ئىبارەت ئىككى ھەرپ بىلەنلە ئىپادىلەشتەك ئۇسولغا خاتىمە بېرىلىپ، بىر فونېمىغا بىر ھەرپ بولۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن «ئۆ، ئۈ» ھەرپلىرى تولۇقلاپ كىرگۈزۈلدى. ئېلىپبە تەرتىپى يېڭىدىن بېكىتىلدى. ھەرپلەرنىڭ نامى ۋە شەكلى مۇقىملاشتۇرۇلدى. ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ بۇ ئېلىپبەسى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1983- يىل 9- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى تەستىقى ۋە 1984- يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش ھەققىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن كەڭ تۈردە قوللىنىلىۋاتىدۇ.
! @. G8 r3 L( g( r2 }+ [4 P& o, d2 r2 tقىسقىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى بىر قەدەر ئىلمىي، ئاممىباب، تامغىلىرى ئاددىي، ئوقۇش-ئوقۇتۇش، ساۋات چىقىرىشقا بىر قەدەر ئەپلىك يېزىققا ئايلىنىپ، خەلقىمىزنىڭ پەن-مەدەنىيەت ئۆگىنىشى، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى مۇھىم قورالغا ئايلاندى.5 t& n" c7 I- a2 W
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى تۆۋەندىكىچە:' L3 E* ]7 p4 o( u

باھا سۆز

ئابلەت سانجار ئەپەندىم جاپا چەكتىڭىز مۇنبەردىكىلەر ئۈچۈن جان دىل بىلەن خىزمەت قىلىغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر !!!! تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 19:44

مائارىپ ئۈچۈن مەشئەل بولىمەن

114

تېما

10

ئەگەشكۈچى

9271

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  839
يازما سانى: 1232
نادىر تېمىسى: 9
تىللا: 3126
تۆھپە : 766
توردا: 470
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-29

ۋولقان تۆھپىكارىتىرىشچان ئەزا ئوردىنىباشقۇرغۇچى ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىۋولقان شائىرىۋولقان يازغۇچىسىۋولقان قىزىقچىسىمۇنبەر نازارەتچىسىwindows8 ھەقىقى نەشىرىنى ئىشلەتكۈچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 19:44:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sanjar يوللىغان ۋاقتى  2012-12-27 18:55 ( F+ V: o+ ?7 S# O
قاتارلىق شەرتلىك بەلگىلەر ئەرەب تىلىدىن، كىرگەن سۆزل ...
; N$ F) Z( ?" V; _1 }, G
سانجار ئەپەندىم جاپا چەكتىڭىز ( O$ Y: K, K4 x8 o6 |9 G, U

. [: ]( E' ~6 u& o$ K8 w# Lمۇنبەردىكىلەر ئۈچۈن جان دىل بىلەن خىزمەت قىلىغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر !!!!
مەن ئويغنىپ ماڭار چاغدا باشقىلارنىڭ كۆكتەئۇچقىنى كۆردۈم.مەن يەنىلا پىيادە ماڭامدىم ؟؟؟؟

508

تېما

3

ئەگەشكۈچى

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8
يازما سانى: 1019
نادىر تېمىسى: 10
تىللا: 5901
تۆھپە : 1809
توردا: 1712
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-29

ۋولقان تۆھپىكارىتىرىشچان ئەزا ئوردىنىكومپىيۇتىر ماھىرىباشقۇرغۇچى ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىۋولقان شائىرىتېما يوللاش ماھىرىئاكتىپ ئەزاقابىل تەرجىمانپوتوشوپ ئۇستىسىOffice ماھىرىۋولقان يازغۇچىسىدوستلۇق ئەلچىسىمۇنبەر نازارەتچىسىئىجادكار ئەزائەلا يىتەكچى ئوردىنىwindows8 ھەقىقى نەشىرىنى ئىشلەتكۈچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 19:51:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەت يوللىغان ۋاقتى  2012-12-27 19:44 ; o1 Z2 k4 U& R' }& z
سانجار ئەپەندىم جاپا چەكتىڭىز
7 t5 D! [7 T* j  H2 j4 A2 T$ K6 ]8 v1 ~3 p
مۇنبەردىكىلەر ئۈچۈن ج ...

5 j! e9 w5 ?* R; T8 W& Q+ E" @1 R; v$ G9 V. q4 I# E/ w
رەسىمنى قىستۇراي دىسەم كومپىيۇتىر قېتىۋېلىپ قىستۇرالمىدىم .8 b: I/ G7 f4 T. G% ]5 K+ n, {
‹سانجار ئەمەس سەنجەر دەپ ئۇقۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ›

باھا سۆز

ياخشى: 4.0
ئابلەت ياخشى: 4
ئەپۇ قىلىڭ خاتا ئوقۇپتىمەن ئەمدى توغرا ئوقۇي !!!  يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 20:05

5

تېما

2

ئەگەشكۈچى

215

جۇغلانما

يىلتىز ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2843
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 70
تۆھپە : 42
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 22:58:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ، جاپا چىكىپسىز ، يەنە بىر قېتىم رەھمەت .

508

تېما

3

ئەگەشكۈچى

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8
يازما سانى: 1019
نادىر تېمىسى: 10
تىللا: 5901
تۆھپە : 1809
توردا: 1712
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-29

ۋولقان تۆھپىكارىتىرىشچان ئەزا ئوردىنىكومپىيۇتىر ماھىرىباشقۇرغۇچى ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىۋولقان شائىرىتېما يوللاش ماھىرىئاكتىپ ئەزاقابىل تەرجىمانپوتوشوپ ئۇستىسىOffice ماھىرىۋولقان يازغۇچىسىدوستلۇق ئەلچىسىمۇنبەر نازارەتچىسىئىجادكار ئەزائەلا يىتەكچى ئوردىنىwindows8 ھەقىقى نەشىرىنى ئىشلەتكۈچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 20:25:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىم0997 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-27 22:58 * _+ K% U& B# }- R, i: w
رەھمەت سىزگە ، جاپا چىكىپسىز ، يەنە بىر قېتىم رەھمەت .

" |  f; l! G8 F% B; W# Fتۈزۈت قىلماڭ ،  مۇنبەردە بولسىمۇ سىزگە ۋە باشقىلارغا ياردەم قىلالىغىنىمدىن خوشالمەن ....

7

تېما

3

ئەگەشكۈچى

265

جۇغلانما

يىلتىز ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6727
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 89
تۆھپە : 9
توردا: 34
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-10

ۋولقان بايۋەتچىسىدوستلۇق ئەلچىسىكومپىيۇتىر ماھىرىمائارىپچى ئوردىنىتىرىشچان ئەزا ئوردىنىقابىل تەرجىمانتور ماھىرىمۇنبەر نازارەتچىسىئاكتىپ ئەزاۋولقان قوغدىغۇچىسىتېما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-16 15:30:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

شەربەتنىڭ يانفون تېرمىنالى ئېلان قىلىندى
شەربەتنىڭ يانفون تېرمىنالى ئېلان قىلىندى
شەربەت تورىنىڭ يانفون تېرمىنالى دېتالىنى چۈشۈرۈپ ھەرۋاقىت ھەرجايدا خالىغان ۋاقتىڭىزدا بېكىتىمىزنى ئەركىن ئازادە زىيارەت قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز

كۆرۈش »

يانفۇن|ئاددى بەت|ئالاقىلىشىڭ|( 新ICP备11001587号-6 )  
بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
بېكەتنىڭ قانونى ۋەكىلى : شەربەت QQ:359903451 E-mail:359903451@qq.com
بىز ئەڭ ياخشى مۇنبەر قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز!
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2013-5-30 01:11

چوققىغا قايتىش