باشقىلارغا قارىغاندا بالدۇر ھەم كۆپرەك تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىزلا ،ئاندىن مۇۋاپپىقىيەتنىڭ تەمىنى تېتىغىلى بولىدۇ
تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

手机客户端
亲,还没下载论坛手机客户端?跟上潮流做时尚达人。掌中乐趣无处不在,快点下载吧。

كۆرۈش »

جەمئىي مىكروبلوگ 1347 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • Lutun 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئالدىراشمەن ئالدىراش !چىقمىغىلى ئۇزاق بولدى شەربەتكە ئالدىراش!

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دوستلۇق - مەنپەئەت ئالغانلارغا ئەمەس، قەدىرلىگەنلەرگە مەنسۇپتۇر.

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاقىت- كۈتۈپ تۇرغانلارغا ئەمەس، ئۇنى چىڭ تۇتقانلارغا مەنسۇپتۇر.

  • قەيسەر126 2013-5-22 15:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    پات - پات ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقى ئۈستىدە ئويلىنىپ تۇرۇش كىشىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ياخشى ئادەت   

  • مەرىپەت 2013-5-20 11:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    كىم بىلەن دوستلاشقىنىڭىزغا دېققەت قىلىڭ، چۈنكى بۇلبۇل گۈلگە،قاغا ئەخلەتكە ئاپىرىدۇ.

  • مەرىپەت 2013-5-16 22:43 [ئىنكاس(1)] [...]

    ئوغۇللاردا ساداقەت بولسا، قىزلاردا ئىشەنچ بولىدۇ.

  • مەرىپەت 2013-5-16 22:42 [ئىنكاس(1)] [...]

    ئوغۇللاردا كەڭ قورساقلىق بولسا ، قىزلاردا راستچىللىق بولىدۇ.

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايلىق -ئىزدىگۈچىلەرگە ئەمەس، تىرىشىپ ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپتۇر.

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلىم-ئوقۇغانلارغا ئەمەس، تىرىشىپ ئۆگەنگۈچىلەرگە مەنسۇپتۇر.

  • مەرىپەت 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاياتلىق- ھايات يۈرگەنلەرگە ئەمەس، ھاياتلىقنى قەدىرلىگەنلەرگە مەنسۇپتۇر.

  • قەيسەر126 2013-5-22 14:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    چىدا يۈركىم چىدا~! ‹‹ياخشىلارغا ناخشلار تولا ››دەيدۇ كونىلار~!

  • xarbat 2013-5-18 17:36 [ئىنكاس(2)] [...]

    بىر كۆرۈشۈپ ئۆمۈر بويى ئەسلەيدىغان ئادەم بار، نەچچە يىل بىللە ياشاپ بىرسائەتتە ئۇنتۇيدىغان ئادەم بار...

  • مەرىپەت 2013-5-16 22:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوغۇللاردا ھايا ۋە ھۆرمەت بولسا، قىزلاردا ئەدەپ- ئەخلاق بولىدۇ.

  • مەلكە 2013-5-15 11:57 [ئىنكاس(1)] [...]

    مىنى قارشى ئالاسىلمۇ

كۆرۈش: 344|ئىنكاس: 5

[ھېكايە]بىدە چېچىكى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

47

تېما

1

ئەگەشكۈچى

2920

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2620
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 6
تىللا: 936
تۆھپە : 246
توردا: 50
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-29

تىرىشچان ئەزا ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان شائىرىۋولقان يازغۇچىسىئىجادكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 17:52:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىدە چېچىكى
$ Q+ K2 Z" V( q$ c- w+ m$ c
(ھىكايە)
+ L2 k5 ~6 J* ?9 o  M- Z" r) Q
تۇرسۇن جامال(باغۋەنى)

$ O3 O1 n7 {* N, A9 x" tئۇلار ئىككىسى سوتتا ئاجراشقان ئىدى. سالامەت ئۈچۈن ئاجىرىششنى ئېغىزدىن چىقىرىش تۈگۈل ئويلاشنىڭ ئۆزىمۇ قورقۇنىچلۇق ئىش ئىدى. رەھىمىسىز رىئاللىق شۇنداق تۇرسا ،ئامال قانچە؟ ئۇ سوتنىڭ ھۆكۈمىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا توساتتىن يەر تەۋرەپ، ئالەم-جاھان تەتۈر چۆرگىلەۋاتقاندەك، ئۆزى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك تۇيغۇ ئىچىدە بېشى قېيىپ، ئىزىدا ئولتۇرۇپلا قالدى. ھەدىلىرى ئۇنى يۆلەپ سوت مەيدانىدىن ئېلىپ چىقتى. سوتتىن چوڭ ئوغلى سەۋرىدىننى دادىسى سەيپىدىنگە، كىچىك ئوغلى پەخرىدىننى ئۆزىگە بۇيرۇغان ئىدى. ئۇ شۇ چاغدا ئاجىرىشىش تەلىۋىنى قويغىنىغا پۇشايمانمۇ قىلىپ قالدى. ئەسلىدە ئۇ ئىرى سەيپىدىننى چوقۇم ئاجىرشىش تەلىۋىمگە قوشۇلمايدۇ، چوقۇم مەندىن كەچۈرۈم سورايدۇ، ئۆيىمىزنى تۇتۇپ قالىمىز دەپ ئويلىغانىدى. ئەكىسچە، چاقچاقتىن چاتاق چىقىپتۇ دىگەندەك ئىش بولدى. ئەسلى ئۇنىڭ ئاجراشقۇسى يوق ئىدى. پەقەت سەيپىدىننى ئازراق چۆچۈتۈپ قويۇش، ئىككىنچىلەپ ئۆزىگە قول تەككۈزمەيدىغان قىلىش ئۈچۈن ئۆزى بىرىنجى بولۇپ سوتقا ئاجىرىشىش ئىلتىماسىنى سۇندى. سوت خادىملىرى مۇرەسسە قىلىپ  كىلىشىپ قېلىشنى قايتا-قايتا نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، سائادەت ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇردى. ئۇنىڭ مەخسىدى سەيپىدىن ئازراقلا ناماقۇل بولسا، ئۇ ئۆي تۇتۇپ قېلىشقا رازى ئىدى. بىراق سەيپىدىنمۇ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىمىدى. سالامەتمۇ ئۆز پىكرىدىن قايتمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر- بىرىنى ياخشى كۆرۈپ توي قىلىشقان بۇ ئىككى ئاشىق-مەشۇقلار ئىككى بالىنى بىردىن بېقىش مەجبۇرىيتىنى ئۈستىگە  ئېلىپ سوت ئارقىلىق نىكاھ مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى.  ئۇنىڭغا ئەڭ ئېغىر كەلگىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى_ ئېرىنىڭ ئۆزىنى بىر شاپىلاق سالغىنى ئىدى. ئۇ ھەرقانچە قىلسىمۇ سەيپىدىنىنىڭ ئۆزىگە قول تەككۈزگىنىنى كەچۈرەلمەيتتى. ھەم كۆڭلىدىن چىقىرىۋىتەلمەيتتى. ھەممىنى قىلغان ئاشۇ قېيىنئانام دىگەن جادۇگەر دەپ ئويلايتتى ئۇ.  ئەگەر ئۇ ئارىمىزغا سوغوقچىلىق سالمىغان بولسا سەيپىدىن ماڭا قول تەككۈزەرمىدى؟ تۇرۇپ ئۇ كۆڭلىدىن كەچكەن بۇ خىيالىدىن قورقۇپمۇ قالدى. چۈنكى ئاتا-ئانىلارغا تىل تەككۈزۈش شەرىئەت ھۆكۈمىدە ئەڭ ئېغىر گۇناھ ئىدى. ئەمىسە سەيپىدىن ئۇنى نىمىشقا ئۇرىدۇ؟ ئۇ ئەسلىدىنلا بۇ ئائىلە ئۈچۈن ، باللىرى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ كىلىۋاتاتتىغۇ؟ ياكى ئۇ باشقا ئاياللاردەك شاللاقلىق قىلىپ، سەيپىدىننىڭ يۈزىنى تۆكمىدى. بۇنداق بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى، سالامەت سەيپىدىننى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرەتتى ، سۆيەتتى. ئۇنى چىن كۆڭلىدىن ھەم ھۆرمەتلەيتتى. سەيپىدىنمۇ سالامەتنى ياخشى كۆرەتتى، قەدىرلەيتتى. سالامەت ھەرقانچە ئويلاپمۇ بۇ ئىشلارنىڭ تىگىگە يىتەلمىدى. ئۇ سەيپىدىندىن بىر شاپىلاق يىگەن كۈنى كەچتە سەيپىدىن بىلەن ئىككىسى  ئىشتىن بەك كەچ قايتتى. مەكتەپتە باھالاش تەييارلىقى بولغاچقا، ئۇ شۇكۈنى بەش سائەتكە يېقىن دەرس ئۆتتى. كەم تاپشۇرۇقلىرىنى تەكشۈردى. ئاندىن ئارخىپ خىزمىتىگە ئائىت ئۆزىگە بەلگىلەپ بىرىلگەن كۆرسەتكۈچنى ئىشلەپ پۈتتۈرۈپ، ئۆيگە قايتقاندا كەچ سائەت ئون بولغان ئىدى. ئۆيگە كىلىشكىلا  قېيىنئانىسى ئۇنى تاماق ئىتىشكە بۇيرۇدى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئاللىقاچان ئاچ قورساق ھالدا ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى.
5 [& I% K8 G$ _( E; t6 k7 v_ بۈگۈنچە چاي ئىچكەچ تۇرساق بولارمۇ ئانا؟_ دىدى سالامەت تولىمۇ سىپايىلىق بىلەن، بەك چارچاپ كىپتىمەن، تاماق ئىتىپ، بالىلارنى تويغۇزۈپ بولغىچە تاڭ ئېتىپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ. تاماقنى ناشتىغا تەييار قىلسام.4 B# F. \/ N' n' A
_ھۇيت خېنىم، مەنمۇ ھاردىم ،چارچىدىم دىمەي ئىككى ماڭقىلىرىنىڭ پوق سۈيدۈكىنى ئادالاپ بېقىۋاتىمەنغۇ؟ نىمە قورسىقىنى ئىسىدۇ ئادەمنىڭ دىدى ھۆرىخان خۇددى باغدا شاپتۇل ئىغىتقاندەك ھەركەتلەر بىلەن كېلىنگە تەئەددى قىلىپ.
6 N/ P5 ]$ I$ n3 x: u& Tھالىدىن كىتەي دەپ ئاران تۇرغان كېلىنگە بۇ گەپ بەك ھار كەلگەن ئىدى. سالامەت غۇژژىدە كەلگەن ئاچچىقىنى زورىغا بېسىپ خېمىر يۇغۇرۇشقا تۇتۇندى. كىم بىلسۇن، سائادەتنىڭ كەچكۈزنىڭ سوغۇقىدا موتسىكىلىت بىلەن ئولتۇرۇپ، مۇزلاپ كەتكەن قولى داسنى تۇتۇشقا قولاشماي، داس قولىدىن چۈشۈپ كەتتى. بۇنى كۆرگەن قېيىنئانا دەرھاللا سالامەتكە تىل سالدى:
; X8 `) P7 ]$ H# Q_خېنىم، خوش ياقسا قورساقلىرىغا لازىم بولسا ئاش ئەتسىلە، بولمىسچۇ، تولا قوڭلىرىنى چېقىپ بەرمەي ئىشلىرنى قىلسىلا! ئوش ... نىمە جېنىمنى چىقىرىدۇ ئادەمگە چوڭلۇق ئىشلىتىپ.
1 ^' `" i0 P0 ^7 m2 _. ?- o6 D5 Hئانىسىنىڭ گىپى تۈگىمەيلا سەيپىدىن ئۇنى بىر شاپىلاق سالدى. ئۇنىڭ ئۆزىنى چۈشەنمەيلا ئۇرغىنىغا رەنجىگەن سالامەت ، تاماقمۇ ئەتمەستىن بالىلىرىنى ئويغىتىپ، ياتاق ئۆيىگە ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ئۆزى  بولسا تاڭ ئاتقۇچە يىغلاپ چىقتى. ئەتىسىدىن باشلاپ، ئۇ سەيپىدىننىڭ زورلاشلىرىغىمۇ ئۇنىماستىن ئۇدۇل ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كىتپ شۇ يەردىن بېرىپ كىلىپ ئىشلەپ يۈردى. بۇ يۇرتتا توي قىلغان ئەر- ئايال ئۆز-ئارا خاپا بولۇشۇپ، تۈنجى قېتىم يامانلىغاندا ئايال تەرەپ قىزىنى ئەرنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كىلىپ، ئەپۇ سوراپ، قوشۇپ قويىدىغان قائىدە بار ئىدى. ئالتە يىلدىن بىرى بىر-بىرىدىن كۆڭلى ئازار يىمەي كەلگەن قىزىنىڭ تۇيۇقسىزلا يامانلاپ كەلگىننى كۆرگەن ئانا سالامەتنى  كۈيئوغۇلنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قوشۇپ قويۇشنى ئېيتسىمۇ سالامەت قەتئى ئۇنىمىدى.   ئۇ مەكتەپتىكىلەرنىڭ ئەپلەشتۈرۈپ قويۇش توغرىسىدىكى تەكلىپلىرىگىمۇ، ئۆيدىكىلەرنىڭ ئۆيۈڭنى تۇتۇپ قال، بالىلىرىڭنى ئويلا دەپ زورلاشلىرىغىمۇ سۈكۈت قىلىپ، يۈرىۋەردى...* @) O9 F1 Q" `! g8 z  U
ئۇ سوت مەھكىمىسىنىڭ دەرۋازىسىدىن چىققاندا ھەممىلا ئادەم ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراۋاتقاندەك، ئۆزىنى بولسا خۇددى يالڭاچ كوچىغا چىقىپ قالغان گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ قالدى. سوت بىناسىنىڭ ئۈستىدىلا پارقىراپ تۇرغان قۇياش نۇرى بولسا ئۇنىڭ كۆزىنى چاقاتتى. ئۇ سەيپىدىننىڭ ھازىر بولسىمۇ، كەينىدىن كىلىپ كەچۈرۈم سورىشىنى ئۇمىد قىلاتتى. شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنىمۇ بىلەتتى. سالامەت ئەمدىلىكتە ئۆزىنىڭ نىمىدىن ئايرىلىپ قالغىنىنى سەيپىدىن بىلەن ئىككىسىنىڭ مۇھەببەتلىك كۈنلىرىنىڭ كەلمەسكە كەتكەنلىكىنى بىلگىنىدە ئۇ ئۆزىنى يۆلەپ ماڭغان ھەدىلىرىنىڭ مۆرىسىگە بېشىنى قويۇپ تازا بىر يىغلىۋالغۇسىى كەلدى. ئەمما،ئۇ نۇمۇس كۈچدىن بولسىمۇ ئۇنداق قىلمىدى. ئۇ ئەمدى ئۆزى مۇستەقىل ھالدا ھەدىلىرىنىڭ ياردىمىسىز شەھەرنىڭ ئاسفالىت يولىدا پىيادە كىتىپ باراتتى. ئۇ كوچا ئاپتۇبۇسىغىمۇ ئولتۇرمىدى. يېزا قاتناش بېكتىگچە بولغان يولنى ھەدىلىرىنىڭ تاكسى توسۇش ياكى كوچا ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ قايتىش توغرىسىدىكى تەكلىپىگىمۇ قارىماستىن پىيادە ماڭدى. ئۇ تۈنجى قېتىم سەيپدىننىڭ موتسىكىتىسىز ياكى ئىنىسىنىڭ توكلۇق ۋېلىسپىتىگە ئولتۇرماستىن يول مېڭىپ باقتى. نىمىدىگەن راھەت؟
* q% I; z0 l' `3 |# Bئۇ ئۆيىگە يىتىپ بارغاندا كۈن ئولتۇراي دەپ قالغان ئىدى. سالامەت كىچىك ئوغلى پەخىردىنگە ئالدىراشلا تاماق يىگۈزدى-دە، خىيالغا چۆكتى:
# T+ M3 l: o, C4 w«ھەي سەيپىدىن ، ھەي سەيپىدىن ، ئىككى بالىنى تىرىك يىتىم قىلىپ كۆڭلۈڭ تىنغاندۇر-ھە!؟ سەن مېنى ئۇرمىساڭمۇ ئاناڭنىڭ شۇ كۈنى مېنى دۈشكەللىگىنىمۇ يىتىپ ئاشاتتى. سەن مېنى، مېنىڭ كۆڭلۈمنى پەقەت چۈشەنمىدىڭ، پەقەتلا چۈشەنمىدىڭ، مەن پەقەت سېنى ياخشى كۆرگىنىم ئۇچۈنلا، ئىلگىركى ساپ مۇھەببىتىمزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈنلا، ئىككى بالىنىڭ بەخت- سائادىتى ئۈچۈنلا ھەممىگە، بارلىق ئازاپ ئوقۇبەتلە چىداپ كەلدىم. سەنچۇ؟ سەندە ھېچقانداق ئەيىپ بولمىسىمۇ، ئەمما، ئاناڭنىڭ ماڭا قىلغان خورلۇقلىرىغا سۈكۈت قىلدىڭ، مېنى شەخسەن ھۆرمەتلىسەڭمۇ، يەنىلا ئاتا-ئاناڭغا يان باستىڭ. تۇرمۇشمۇ بەك قىزىق نەرسىكەن. ھىچقانداق تونۇشماي توي قىلىپ ئىناق-ئىجىل ئۆتۈپ كىتىدىغانلارمۇ بولىدىكەن، بىزگە ئوخشاش ئۇزاق يىل  مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغانلارنىڭمۇ نىكاھتا كىلىشەلمەي ئاجرىشىپ، ئاخىرىدا نىكاھ زىدىسى بولدىغانلىرىمۇ بولىدىكەن. بۇنداق بولارىنى ئويلىغان بولسام سەن بىلەن توي قىلماس ئىكەنمەن...
7 ?4 P- m, V* y) K3 I5 Tشۇ تاپتا سەيپىدىنمۇ سالامەتكە ئوخشاشلا ئازاپتا ئىدى. ئۇ ئويلايتتى. ھەي سالامەت، ئامرىقىم. سىېنى شۈنچىكىلا ئەركىلەتكەن ھېساپتا ئۇرغان بىر تەستەككە چىدىماي قىلغان ئىشىڭنى قارا؟ مانا ، ئاجراشتۇق، ئاخىر ئاجراشتۇق. ئىلگىركى گۈزەل ئەسلىمىلىرىمىز، شىرىن مۇھەببىتىمىز بىر تىيىن بولدى. مەن ساڭا چوڭلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە دىققەت قىلىشىڭنى قانچە قېتىملاپ ئەسكەرتمىدىم؟ بۇ سەن قىلالمايدىغان ئىشمىدى؟ نىمىشقا گەپ ئاڭلىمايسەن؟ نىمىشقا مېنىمۇ، ئۆزۈڭنىمۇ ئازاپلايسەن؟ خەير، ئۆزۈڭگىمۇ، ماڭىمۇ قىلدىڭ...
/ I! g' f7 O! x" i: Q
-2-

& f) C0 A7 M1 vسالامەت بىلەن سەيپىدىن بۇ ئىككىسى مۇھەببەتلىشىپ توي  قىلغانلاردىن ئىدى. بۇلارنىڭ ئۆيى بىر مەھەللىدە بولۇپ، باشلانغۇچتىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرىغىچە بىر مەكتەپتە ، بىر سىنىپتا ئوقۇدى. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزنى ئۆز يېزىسىدا، تولۇق ئوتتۇرىنى ناھىيدە ئوقۇيتتى. بۇلارنىڭ ئۆيى يېزا مەركىزىگىمۇ خېلىلا يىراق بولغاچقا، ھەر ھەپتىدە بۇ ئىككىسىنى قايتۇرۇپ كىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەر ھەپتىدە نۆۋەتلىشىپ بازارغا ھارۋا ئېلىپ باراتتى. بۇ ئىككىسى ھەر جۈمە كۈنلۈكى كەچتە بىر ئاپتۇبۇستا، بىر ھارۋىدا ئولتۇرۇپ ئۆيىگە قايتاتتى.  يېشىنىڭ چوڭىيشىغا ئەگىشىپ، بۇلار دەسلەپتە ئىلگىركىدەك ئەركىن- ئازادە پاراڭلىشالمايدىغان بولدى. بولۇپمۇ سەيپىدىن سىنىپتا ئۆگىنىشتە ھەرقانچە تىرىشچان، ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرغا قويۇشتا دادىل بولسىمۇ، سالامەتنى كۆرگەندە نىمىشقىدۇر كەمسۆز، خىيالچان بولۇپ قالاتتى. سالامەت ئۆزىنىڭ بۇ ئەقىللىق ، تىرىشچان، گىپى ئورۇنلۇق، كەمسۆز ساۋاقدىشىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى سەزمەي قالمىدى. بولۇپمۇ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ بىرىنجى يىللىققا كۆچكەندە بۇ خىل ئەھۋال تېخىمۇ كۈچەيگەندەك قىلاتتى. سالامەت نىمىشقا شۇنداق بولىدىغىنىنى بىلەلمەي ھەرخىل گۈمانلار بىلەن ئىچى سىقىلدى. باشقىلار بىلەن ئارلىشىۋاتامدىغاندۇ-يە؟ دىگەن گۇمان بىلەن بىر نەچچە كۈن كۈزىتىپ، باشقا قىز ساۋاقداشلىرىنىڭ  رايىنى سىناپ، تىڭ-تىڭلاپ باقتى. سالامەتنىڭ باشقا قىز ساۋاقداشلىرى سەيپىدىننىڭ بىرنەچچە ئېغىز ياخشى گىپىنى قىلغاندىن باشقا ھىچنەرسە دىمىدى. بۇ ئەھۋال سائادەتنىڭ قەلبىدىكى ئوتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى. كىيىن ئۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ سەيپىدىن بىلەن گەپلىشىدىغان پۈرسەت ئىزدەيدىغان بولدى. سەيپىدىن بولسا سالامەت نىمىنى سورىسا مۇلايىملىق بىلەن شۇنىڭغا جاۋاپ بىرىپ، جىمىپ قالاتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ قارىيالمايتتى. ئەمىليەتتە سالامەتكە تۇتاشقان بۇ ئوت سەيپىدىنگىمۇ تۇتاشقان ئىدى. ئۇ تارتىنىش ، ئۈمىد، ئارىسالدىلىق ئارىلاشقان مۇرەككەپ ھېسيات ئىچىدە دەرسلىرىنىڭ كۆپ ھەم ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ، كۈنلىرىنى ئۆگىنىشكە زورلاپ ئۆتكۈزەتتى. ' s" k, a5 `$ R4 E
بىر يىللىق ئوقۇشمۇ تۈگەپ، يازلىق تەتىلمۇ يىتىپ كەلدى. سالامەت تەتىل مەزگىلدە سەيپىدىننى كۈندە كۆرۈپ تۇرىدىغان پۈرسەتتىن مەھرۈم قېلىشتىن ئەنسىرەيتتى. ئاخىر ئۇ تەتىل قويۇپ بەرگەن كۈنى ئېپىنى تېپىپ تەتىلدە بىرلىكتە دەرس تەكرارلاشقا كۆندۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئارىسال ۋاقتىلىرىدا ئۆز-ئارا ئۇچىرىشالايدىغان، بارا-بارا تارتىنىش تۈگەپ، ئەركىن پاراڭلىشدىغان بولدى. سالامەت سەيپىدىننىڭ قاڭشارلىق بۇرنى قاپقارا ھەم ھەم قويۇق چاچلىرى مۇلايىم چىھرى ھەم جمغور مىجەزنى ياقتۇراتتى. سەيپىدىن بولسا سالامەتنىڭ ئادەمنىڭ ئىچىنى كۆيدۈرىدىغان گۈزەل خۇلقىنى،ئادەمنى ئەيمىندۈرۈپ يەر تىگىدىن قاراشلىرىنى، ئوتلۇق كۆزلىرىنى،  ناز بىلەن دومسىيىشلىرىنى، ئۇنىڭ چىكىسىدىن ساڭگىلاپ يۇمىلاق يۈزلىرىگە ھۆسىن قۇشۇپ تۇرغان زۇلفىنى  ئەسلەپ قانچە كىچىلەرنى خىيال دەرياسىغا غەرق بولغىنىچە ئۆتكۈزگىنىنى بىلمەيتتى.
5 d4 m" c( `% Z; N6 x! I0 ?( _. O$ R  Pئالتۇن كۈز كەينىدىن تەبىئەتنى ئاپئاق قاربىلەن پۈركەپ ئارقىدىنلا جان قاقشىتىدىغان قىش پەسلى، ئاندىن گۈزەل باھار ئايلىرى بىر- بىرىنى قوغلاپ ئۆتۈپ يازمۇ بىر يەرگە باردى. تولۇق ئوتتۇرنىڭ ئىككىنجى يىللىقىمۇ ئاخىرلىشىپ ئىمتىھانغا بىرەر ئايچە ۋاقىت قالغاندا ئادىتى بويچە سەيپىدىن بىلەن سالامەت بايراملىق دەمئېلىشتە، ئۆيىگە بىللە قايتتى. ئۇلارنىڭ ئۆيگە قايتىشىدىن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خەۋرىدە بولمىغاچقا، ئۇلار يېزا مەركىزىدىن ئۆيىگە پىيادە ماڭدى .يېزا تاشيولىدىن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان ئارلىقتا قۇم بارخانلىرى، بارخانلار ئارىسىدا كەڭرى كەتكەن تەبىئى توغراقلىق بولۇپ، بۇ توغراقلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن مەھەللىگە سۇ بارىدىغان ئېرىق بارئىدى. ئېرىق تاكى مەھەللە ئىچىگە قەدەر سوزۇلغان بولۇپ، قىرىغا باراقسان سۆگەت دەرىخى تىكىلگەن ئىدى. ئېرىقنىڭ يېنىدا ئورمان بەلبىغى بار بولۇپ، ئۇنىڭ غەربى جەنۇپ تەرىپىدە يول، يولنىڭ ينىدىكى تېرىلغۇ ئويماتلارنىڭ بېشىدا بىدە تېرىلغان ئىدى. ئۇلار ئۆيگە قايتىشىدا ئاشۇ يولنى بويلاپ ماڭاتتى. سالامەت بىلەن سەيپىدىن چڭقى چۈش مەزگىلى بولغاچقا بەزى ئېرىق بويىدىكى سايە بىلەن بەزى يول بىلەن ماڭدى. ئۇلارنىڭ قەلبىنى تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز بىر ھاياجان قاپلىۋالغان ئىدى. ئۇلار بىر-بىرىگە ئېرىقتىن ئۇچۇملاپ سۇ ئېلىپ چاچاتتى. ئۆزلىرىنىڭ شۇ دەقىقىدە دۇنيادىكى ئەڭ غەمسىز، بەخىتلىك بىر جۈپلەردىن ئىكەنلىكىنى نامايىش قىلىش ئۈچۈن، خۇشال قيغىتاتتى، شوخلۇق قىلىپ سەكرىشەتتى. يىراق باغلاردىن كاككۇكنىڭ ئاۋازى ئاڭلىناتتى. ئېرىقتىكى سۇ كۈلگۈنچەك قىزلاردەك ۋىلىقلاپ كۈلىگىنىچە مەھەللە تەرەپكە ئاقاتتى. ئويمات بېشىدىكى بېدىلەرنىڭ ھالرەڭ چېچەكلىرى، شالدىر بۇيا، سۈتلۈك ئوت، يۆرگىمەچ گۈللرى يازنىڭ غۇر-غۇر شامىلىدا ناز-كەرەشمە بىلەن ئۇسسۇل ئوينايتتى. ئەلۋەتتە تەبىئەتنىڭ بۇ گۈزەل كارتىنىلىرىدىن ھاياجانلانغان بۇ بىر جۈپلەر ئۆيگە ئانچە ئالدىراپمۇ كەتمىدى. ئۇلار بۇ تەبىئەتنىڭ ئەركە  بالىلىرىدەك بىردەم شوخلۇق قىلىشقاندىن كىيىن ئېرىق بويىدىكى سۆگەتنىڭ سايىسىدا سايىدىغاچ يانمۇ-يان ئولتۇرۇشتى.
/ j) H- a4 {+ Y; `4 P_سەيپىدىن،_دىدى سالامەت سەيپىدىننىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ قاراپ، تەبىئەت نىمىدىگەن گۈزەل-ھە؟
. E4 R: v" a! w( \- B_شۇنداق،_دىدى سەيپىدىنمۇ ئۇنىڭ گىپىنى تەستىقلاپ، راستىنى دىسەم مەنمۇ ئۆمرۈمدە بۇنداق خۇشال بولۇپ باقمىغان. قاراڭ، كاككۇكنىڭ مۇڭلۇق ناخشىسى، تەبىئى ھەم گۈزەل ئورمان، ياۋا گۈللەر، يەنە...
! {: B7 F7 y" T& c' }$ t1 x_يەنە نىمە؟
/ e2 }+ ?! k! L_يەنە ... يەنە دىيىشتىن خىجىل بولدىكەنمەن، سالامەت.( c; @: d  s/ ^3 \$ [
-نىمىدىن خىجىل بولدىكەنسىز، دەپ بىرىڭە؟
& W' V$ `7 m$ x# m! H3 K4 {% xئويلىغانلىرىمنى سىزگە دەۋىتىشتىن خىجىل بولىدىكەنمەن. ھە راست تۇرۇپ تۇرۇڭە.
& X# P9 e' f; J8 h& S! L+ |4 bسەيپىدىن شۇنداق دىگەچ ئالدى تەرەپتىكى بېدىلىكتىن بىر جۈپ بېدە چېچىكىنى ئۈزۈپ ئەكىلىپ، سالامەتكە ئۇزاتتى.
- D$ l$ u  L+ e0 C" ?: z6 ~' [_بۇ نىمە؟
0 W9 H) r2 d# F( ^1 L" y4 |, Jبۇ بېدە چىچىكى سالامەت، مېنىڭ نەزىرىمدە بۇ ئىككىمىزنىڭ ھەقىقى ، چىن دوستلۇقىمىزنىڭ سىموۋلى. بۇ ئاددا- ساددا، ئارتۇقچە رەڭ بېزەكلەردىن خالى...خۇددى سىزگە ئوخشاش گۈزەل ھەم سابدىل...
- G% G) R" ^- M) |' M3 X2 _* [_راست دەيسز سەيپىدىن _، دىدى سالامەت بىدە چېچىكىنى قولىغا ئېلىپ، خىجىللىق ئارىلاش تەبەسسۈم بىلەن، ئەڭ مۇھىمى تەبىئەتنىڭ ئەڭ  تەبىئى رەڭدىكى گۈزەل تەسۋىرى.* I0 @, i+ ]- i4 ?
_مەن تېخى سېزنى ياقتۇرمامدىكى دىگەن...+ \& r7 `4 y, q* ^% V3 `
_نەدىكىنى، ئەگەر سىز سوغا قىلسىڭىز خوخا گۈلى بولسىمۇ ياقتۇرىمەندە؟ يۈرۈڭ ماڭايلى.6 w$ C4 j7 q# v! f6 a8 r  @
_بىردەم ئولتۇرايلىچۇ، سالامەت؟
$ w" U9 K0 n* [0 X8 ~9 b6 ~ئۇلار تەبىئەتنىڭ بۇ گۈزەل قۇينىدا تۈنجى قېتىم بەخىت قۇچىقىغا چۆمۈپ مەست بولۇشتى. ئۇنتۇلغۇسىزدەقىقىلەرنى بىرگە ئۆتكۈزدى، بىر-بىرىگە تويماي قاراشتى...
& g- R6 a" Z" i2 q* d4 R# S1 wئۇلار شۇ تەرىقىدە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ، ئالى مەكتەپ ئىمتىھانغا قاتناشتى. سالامەت ۋىلايەتلىك ئىنستىتوتقا، سەيپىدىن شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتغا ئۆتۈپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلدى. ئۆز يېزىسىغا-بىر مەكتەپكە تەقسىم قىلىندى.خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن، توي قىلىپ بالىلىق بولۇشقا بەخىتلىك بىر جۈپلەردىن ئىدى.
& x0 @2 R* N4 R3 s
-3-

1 ~' q) t9 U5 k1 c' P& [سەيپىدىن توي قىلىپ، سالامەتنى ئۆيگە ئەكىلىش بىلەنلا ئەسلىدىنلا تىنىچ بولغان بۇ ئائىلە مەزگىلسىز بوران-چاپقۇنغا دۇچ كەلدى. سەيپىدىننىڭ ئانىسى ھۆرىخان ھەرقانچە قىلىپمۇ بۇ يېكى كېلىننى كۆزىگە سىغدۇرالمىدى. سالامەتنىڭ قىلغان ھەر بىر ئىشى، گىپى ھۆرىخانغا باشقىچە تۇيۇلۇپ،كېلىنگە زەھىرىنى ساجىيدىغان بولىۋالغان ئىدى. سالامەت سەيپىدىن بىلەن بولغان مۇناسۋىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھۆرىخان ئانا دۆشكەللىسىمۇ، دەشنەم بەرسىمۇ چىش يېرىپ بىر نەرسە دىمەيتتى. سەيپىدىنگىمۇ ئۇقتۇرمايتتى. چوڭلار بار يەردە گەپ-سۆز قىلماستىن ئۆز  ئىشىنى قىلىۋىرەتتى. كېلىنگە سۈركىشىپ يۈرۈپمۇ، ئۇنىڭدىن گەپ چىقايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن ھۆرىخان ئەمدى سەيپىدىنگە چېچىلىدىغان، ئانچىكى بىر ئىشلارنى باھانە قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئاچچىقىنى چىقىرىدىغان بولىۋالغان ئىدى.- a* K3 O& L) x* n0 X* x) j
_ ئايالىڭنى تۈزۈك باشقۇر، مەن سېنىچۇ، ئوغۇل بالا دەپ باققان، خوتۇنى نىمە دىسە قول قۇرۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرىدىغان لامزەللە تۇغمىغان.* l* e* s- b1 d: r  u0 s4 u
_ نىمە گەپ ئانا؟. _1 z- U, z  \* N' u8 K
-يەنە نىمە گەپ دەيسەنغۇ؟ تېخى بىلمىدىڭما،كۆزۈڭ كۆرمىدىما، ماۋۇ ئامراق خوتۇنۇڭنىڭ قېيىن ئاتا، قېىن ئاتىىسىغا قىلىۋاتقانلىرىنى؟
+ [! m2 W6 }" |, y) {9 |/ s_ ئېنىقراق دەڭا نىمە گەپ زادى؟2 t" C/ O+ |& ]
_ھەي يەنە نىمە گەپ دەيسەنغۇ؟
5 q- ^2 D, K( k) g; b7 `_ تاماق ئېتىڭ دىسە، ئاچچىقى كىلىپ، ھېلى تۇزلۇق، ھېلى تۇزسىز ئىتىۋاتقان، كىر يۇسا يۈندىگە چىلاپلا ئېلىپ قويىۋاتقان، گەپ قىلسا ئادەمنى بۇرنى قۇلىقىغىچە تويغۇزىۋاتقان. يا چوڭكەن بىرە ئېغىز گەپتىن قالاي دىمىگەن. گۈلنىساخان قانداق تەربىيلەپ چوڭ قىپتىكى بۇ قىزىنى؟ سەنچۇ، مۇشۇنداق پېتى بوشلۇق قىلىۋەرسەڭ، كىيىن بوزەك ئىتىپ شىللەڭگە مىنىدۇ.
" X& Y, z* F. Z5 f5 ?. o_ماقۇل ئانا، مەن سالامەتكە تەربىيە قىلاي. 7 R6 ?! P- e% D0 R
ئەمىليەتتە سەيپىدىن سالامەتنى ئانىسىغا گەپ ياندۇرىدۇ دەپمۇ ئويلىمايتتى. ئۇ شۇنچە رايىش مۇلايىم تۇرسا؟ بىراق، ئانىنىڭ زارلىشى زادىلا تۈگىمەيتتى.ئەگەر سالامەت ئائىلە ئايالى بولغان بولسا ئىدى، سەيپىدىن بۇنىڭغا ئىشەنگەن بولاتتى. سەيپدىننىڭ قارىشچە، سالامەتنىڭ ئانىسنى رەنجىتكۈدەك ۋاقتىمۇ يوق، ھەركۈنى ئىككىسى خىزمەتكە بىللە بېرىپ بىللە قايتاتتى. كەچتە كىلىپلا تامام ئىتەتتى.ئاندىن قازان-قۇمۇچلارنى يۇيۇپ بولۇپ، ياتاق ئۆيىگە چىقاتتى-دە، سەيپىدىنگە ئورۇن سېلىپ بىرىپ، يېرىم كىچىگىچە تاپشۇرۇقلارنى تەكشۈرەيتتى. ئەتتگىنى يەنە سەھەردە تۇرۇپ تاماق ئىتەتتى. ئورۇن كۆرپىلەرنى يىغىپ، ھەممە ئىشنى جايىدا قىلىپ بولۇپ، ئاندىن خىزمەتكە ماڭاتتى. دەمئېلىش كۈنلىرى ئۆزىنىڭ كىرقاتلىرىنى يۇغاندىن باشقا چوڭلارنىڭ كىر قاتلىرىنى يۇياتتى. ئىككى ئۆينى تازىلايتتى.
. ~8 L. h: Q+ g7 \6 C' |0 T6 nسەيپىدىن سالامەتكە ھەرقانچە تەربىيە ئىشلەي دىسىمۇ نىمە دىيىشنى بىلەلمەي بېشى قاتتى. سەيپىدىننىڭ ئۆزىگە گىپى باردەك بىر قانچە قېتىم سۆزلەشكە تەمشىلىپ بولۇپ، جىمىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن سالامەت ئاخىر ئۆزى گەپ تەشتى:3 K; R0 B1 f6 Z* V
_نىمە بولدىڭىز سەيپىدىن، خاپا كۆرىنىسىزغۇ؟
) h8 t9 n# E) Q+ y7 N_مەن ئۆي ئايرىپ چىقىپ كىتەيلىمىكى دەيمەن سالامەت.- Y# V* q. r) g# ]5 r  c; L
_نىمىشقا ئەمدى؟
% n2 M$ s: n0 ^4 b; d1 A* j_ماڭا بۇ ئۆيدە خاتىرجەملىك بولمايدىغان ئوخشايدۇ.6 [" b; ~  D8 [' C3 O& r
_بىرەر كۆڭۈلسىزلىك بولدىما؟$ X& d! ]5 a* k
سەيپىدىن دەماللىققا جاۋاپ بەرمىدى. ئەمما سالامەت كۆڭلىدە بۇ گەپنىڭ ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندى. ; `0 v' u9 o4 R+ E4 \8 y( J, z; O
_ ئۇنداق قىلساق ياخشى بولماس سەيپىدىن، سىز يالغۇز بالا تۇرسىڭىز، خەقلەر سەيپىدىن قېرىغان ئاتا- ئانىسىنى باقالماي تاشلىۋەتتى دەپ سۆز-چۆچەك قىلىشمامدۇ، سىزنىڭچە قېيىنئانام كېلىنىم ئوغلۇمنى بىزدىن ئايرىۋەتتى دەپ مەھەللە كويدا سۆزلەپ يۈرمەسمۇ؟ ئەڭ ياخشىسى ، ئۇلار  بىلەن تىكلەشمەڭ. ئەگەر ماڭا مۇناسىۋەتلىك گەپ بولسا مەن دىققەت  قىلسام بولىدىغۇ؟( j) N1 r; I4 Z/ I8 ^1 b
گەپ شۇنداق بولغىنى بىلەن ئىش ئاسانغا چۈشمىدى. ھۆرىخان ئانا ھەدىسىلا كېلىندىن قۇسۇر ئىزدەپلا تۇرغىنى تۇرغان ئىدى. ھۆرىخان سالامەتكە بىۋاستە ئېغىز ئاچمىغىنى بىلەن قىلدىن قىيىق كەتسىلا سەيپىدىننى سوتلاپ بۇرنى قۇلىغىچە تويغۇزاتتى. بۇ خىل ئەھۋال سالامەت ئىككىنجى پەرزەنتىنى يەڭگۈگەندە تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. سەيپىدىن دەمئېلىش كۈنى بولسىلا چوڭ ئوغلى سەۋردىننى ئېلىپ سالامەت بىلەن كىچىك بالىسىنى كۆرگىلى باراتتى. بۇ ھۆرىخان ئاننىڭ تېخىمۇ ئوغىسىنى قايناتتى:, U/ E, z9 ^4 Y4 G
_سەيپىدىن مايەرگە كىلە بالام.
1 A& b% {) S& r2 w4 r$ |5 [_نىمە ئىش ئانا؟8 l4 l9 x7 f8 V$ o
_زادى مەن سېنىڭ ئاناڭمۇ ئەمەس؟
7 {% Z0 V8 D% o: Z5 M2 p; L_سىزمېنىڭ ئانام، زادى نىمە بولدى ؟. G- x1 r- R  T8 a& W
_يەنە نىمە بولدى دەيسەنغۇ؟ ھە يەنە نىمە بولسا بولاتتى؟ دەپ باقە، ساڭا ئاتا-ئانا مۇھىممۇ ياكى خوتۇن مۇھىممۇ؟
8 J0 ?9 l1 m$ a4 J3 E4 t% A+ g7 J_ئەلۋەتتە سىز مۇھىم، دادام مۇھىم، نىمە بولدى؟8 K4 F0 i& F; w( h  M4 l+ s
_يەنە خۇپسەنلىك قىلىۋاتىسەنغۇ؟ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭنى مېنى بىلمەيدۇ دەمسەن؟% F1 V+ R$ q& q( `! ~
كۈندە خوتۇنىڭنىڭ قېشىغا يۈگرەيسەن، ئۆينىڭ چوڭ-كىچىك ئىشلىرى بىلەن كارىڭ يوق.
! u! _+ u# S; L3 C0 tسەيپىدىن ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تاپالمىدى. ھەر كۈنى خىزمەتتىن چۈشۈپلا چوڭ ئۆيگە كىرىپ، بىرەر سائەتچە چوڭلار بىلەن مۇڭدىشىپ، دىھقانچىلىق، ئۆيدىكى ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلاشقاندىن كىين ئاندىن ياتاق ئۆيىگە چىقىپ ئارام ئالاتتى.ياكى ئۆينىڭ لازىمەتلىكىلىرىنى سوراپ تولۇقلاپ بىرەتتى.  ئۇنىڭ دەمئېلىش كۈنىدە ئۆزىنىڭ ئوغلىنى كۆرگىنىمۇ ئاننىڭ ئالدىدا گۈناھ ھىسابلانسا بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك؟ سەيپىدىننىڭ بېشى زىڭىلداپ ئاغرى يۈرىكى ئاغقاندەك  بولدى-دە، بىراقلا تاشتى:' L0 S& h/ c% B/ a7 g' g
_ئەمدى سىلەرگە نىمە ئىش قىلىپ بەرسەم رازى بولىسىلەر،مېنڭ كۈنلىرىم زادى خاتىرجەم ئۆتەمدۇ-يوق؟ مەن يەر تېرىمدىم، ئۆينىڭ دەردىنى تارتامدىم، خىزمەت ئىشلەمدىم ياكى سىلەرنىڭ ئاخىرى چىقماس گىپىڭلارنى ئاڭلامدىم؟زادى قايسسىنى قىلىمەن؟ بىلىمەن، مەن سالامەتنى لاياقەتلىك كېلىن دەپ تۇرىۋالمايمەن، ئەمما، ئۇنى كۈتكەن يىرىمدىن چىقمىدىڭ دەپ خىتىنى بەرسەم بولامتى؟ ئىككى بالىچۇ، سالامەت ئوبدان بولمىسىمۇ ئاشۇ ئىككى نارەسىدىدە گۇناھ يوققۇ؟ مەن سىلەرگە زادى نىمە ئىش قىلىپ بىرەي؟
, O: l$ x; W! dدىمىسىمۇ سەيپىدىن يالغۇز بالا بولغاچقا ئۇنىڭ بۇ ئائىلىدىكى مەسئۇلىيتى ھەققىتەن ئېغىر ئىدى. ئۇ ئۆيدىكى ئاغرىق- سىلاق، دىھقانچىلىق، خىزمەت بېسىمى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە چىداپ كىلۋاتاتتى.
( [0 ^1 |# Z7 a# \9 n_ ھەي، خوتۇننىڭ ئشتىننىڭ ئېغىغا سەجدە قىلىدىغان تۈزكور دىدى،- ھۆرىخان تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ، مەن سېنى باللىرىڭنى يىتىم قىل دىمىدىم، خوتۇنۇڭنى ئوبدان باشقۇر دەۋاتىمەن. بىلسەڭ خوتۇنۇڭ سېنى ئىشەك ئېتىپ مىنىۋاتىدۇ، سەن لامزەللە تېخى بۇنى بىلمەي يۈرۈيسەن.  Z. D; r' A# i3 B
_مەن زادى مۇشۇ ئۆيدە تۇرمىسامغۇ بولار؟
- k; y; ^3 |1 \" ~3 a" T' Tئانىسى بىلەن داۋاملىق تاكاللىشىۋىرىشنى مۇۋاپىق كۆرمىگەن سەيپىدىن ئاچچىق يۇتقىنىچە سىرتقا يول ئالدى.
* z1 a, j6 h: m9 z6 X, K* ?: K
-4-

* I9 S5 P- W/ x7 }) N) F5 e$ Iسەيپىدىننى تۇرۇپلا يىغا باستى. «نىمىشقا مەن بىر ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن زىيالى تۇرۇغلۇق ئانا بىلەن كېلىن ئوتتۇرىسىدىكى بۇ مۇناسىۋەتنى ھەل قىلالمايمەن؟ گۈناھ زادى كىمدە ؟» دەپ ئويلايتتى سەيپىدىن. ئۇ ئۆيدىن چىقىپ، مەھەللىنى ئارىلاپ ئۆتتى. ئۇنىڭ يالغۇز بىر جاينى تېپىپ، قانغۇچە يىغلاپ ئىچ- باغرىنى تۆكۈۋالغۇسى كىلەتتى. ئۇ مەھەللىدىن چىقىپ، خۇددى بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىۋاتقاندەك  تۇيغۇدا ئاخىرقى قتېىم قارىدى. بالىلىقتىكى دوستلىرىنى، سالامەت بىلەن مۇھەببەتلەشكەن چاغلىرىنى ئەسلدى. ئۇنىڭغا ئانىسىنىڭ ئاخىرقى دىگەن بىر ئېغىز گىپى بەكلا ھار كەلگەن، كەيپيىياتىمۇ جايىدا ئەمەس ئىدى. ئۇ ئېغىر قەدەملەر بىلەن بىردەم مەقسەتسىز ماڭدى. نىمە قىلىشنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. ئۇ مۇشۇ چاغقىچە ئاتا-ئانىسىغا تكىلىپ قارىغان ئەمەس. ئەمما نىمىشقا ئانىسى  ئاساسسىز گەپلەر بىلەن سەيپىدىنگە  دوق قىلىدۇ؟ نىمىشقا ئانا بولغان ئادەم بىر ئېغىز لىللا گەپ قىلمايدۇ؟ گۇناھسىز كېلىننى نىمىشقا ئۆچ كۆرىدۇ؟ سەيپىدىن راستىنلا ئايالىنى بەك قەدىرلەپ، ئاتا- ئانىسىنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ؟ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس ئىدى. سەيپىدىن بىر دەم ئويلانغاندىن كىيىن ئاخىرى بىر يەرنى تېپىپ ئاچچىقىنى چىقارماقچى بولدى-دە، ئۇدۇل بازار تەرەپكە ماڭدى. ئۇنىڭ مەقسىدى بولۇشىغا ئىچىپ دەردىنى چىقارماقچى، بىردەملىك بولسىمۇ ئارىدىكى كۆڭۈلسىزلىكنى ئۇنۇتماقچى.
0 W8 D, _5 ~, i- d' Q2 A- p; ]سەيپىدىن بازارغا كىلىپ، شۇ يەردىكى كىچىككىنە بىر قاۋاقنى تاپتى. بىر جىڭ ھاراق، گازىر خاسىڭ قاتارلىق نەرسىلەرنى بۇيرۇتۇپ، ئىككى رۇمكا ئۆزى قۇيۇپ ئىچىپ تۇرۇشىغا ئىشىك ئالدىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان دوستى ھەم خىزمەتدىشى ئەكبەر كۆرۈپ قالدى.
( H& J$ D' b4 G6 F8 p_ۋوي، سەيپىدىنغۇ بۇ، نىمە بۇ يەردە توخۇ جىرىم غاجىلغاندەك ئىش قىلىپ ئولتۇرىسەن ئاداش؟
( Q3 l2 q5 K" hسەيپىدىن ئىلگىرى ھاراق دىگەن نەرسىنى ئاغزىغا ئېلىپ باققانمۇ ئەمەس. ئۇ بۈگۈن ئاچچىقىنىڭ كەينىگە كىرىپ يامىنى كەلسە جىقراق ئىچىپ جېنىمنى سېلىپ بىرەرمەن،دەپ كەلگەن ئىدى. ئەكبەر بىر تەرەپتىن سەيپىدىننىڭ بۇ يەرگە كىلىشىنى يېڭىلىق دەپ قارىغان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ چىرايىدىكى خاپىغانلىق، بىئاراملىقنى كۆرۈپ شۇنداق دىگەن ئىدى.
, J# m9 S' `5 `_ گەپ قىلە ئاداش، زادى نىمە بولدۇڭ؟( K- n2 F! G: |- G# N$ R
قايتا-قايتا گەپ سوراپمۇ سەيپىدىندىن گەپ ئالالمىغان ئەكبەر خۇددى بىرەر كۆڭۈلسىزلىكنىڭ يۈز بىرىشىدىن ئەنسىرىگەندەك سەيپىدىننىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ كۆڭلى تۈز دوستىنى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتى. بىردەمدىلا سەيپدىن ئولتۇرغان بۇ ئايرىمخانىغا سەيپىدىننىڭ، ئەكبەرنىڭ تونۇش-بىلشلىرىدىن بولۇپ ئونچە ئادەم يىغىلدى. سەيپىدىن ئۆزى ئالغان ھاراقنى دوستلىرىغا قۇيماستىن ھەم خوشمۇ دىمەستىن ئارقا-ئارقىدىن بىر قانچە رۇمكا كۆتىرىپ ئىچىۋەتتى.
# Y8 C$ p5 a" D" z5 r8 s9 X_ھوي، نىمانداق قىلدوي ماۋۇ، ھارىقىڭدىن بىزگىمۇ بەرمەمسەن؟
! q3 N1 K5 y) f" S_موللام ئىشىكى ئارپا يىمەيمىش، ئارپا يىسە توۋرى تىشەرمىش دىگەندەك ئىش قىلىۋاتىدا؟
- j8 h" \4 d. ^_ئاغىينىلەر،_دىدى سەيپىدىن ئاغزىنى قولىنىڭ كەينى بىلەن سۈرتكەچ مىشىلداپ، _ كۆڭلۈم جايىدا ئەمەس، مەندىن گەپ سورىماڭلار.
& h# O' J3 R9 W5 V$ y$ Z' M! G; k_نىمە گەپ زادى؟ بىزگە دىسەڭ ئاندىن خاپىلىقڭنى بىز بىر تەرەپ قىلىپ قويمامدۇق؟
0 s' \6 U& q/ a+ L- pسەيپىدىن ئاغزىنى ئۆمچەيتىپ، قوللىرى بىلەن يۈزىنى توسۇپ يىغلاشقا باشلىدى.3 s9 \6 J; s3 {( o, Y- C
_ئاغىينىلەر، مەن زادى نىمە بولغان ئادەم؟ دادامغۇ خۇدانىڭ ياۋاش بىر مۆمىن بەندىسى. ئانام نىمىشقا مەن ياخشى كۆرۈپ ئالغان ئايالىمنى ياقتۇرمايدۇ؟ئۇنىڭدا گۇناھ يوق ئىدىغۇ؟ نىمىشقا ئىككى بالامنى بولسىمۇ ئويلىمايدۇ؟ ئەمدى بۇ جاھان ماڭا ھارام. ئەگەر تونۇمايدىغان، بىلمەيدىغان ئادەم بولسىغۇ، قانغۇچە تىللىشىپ، نۆۋىتى كەلسە مۇشتلىشىپ ئاچچغى چىقسا ئادەمنىڭ ئىچى بوشاپ قالاتتى. ئانام مېنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىمنى ئاڭلىمىدى. ھەرقانچە چۈشەندۈرسەممۇ ئانام مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشەنمىدى...
% S% u# X& t+ ?$ X; n- y/ c_بولدى قىلوي، ھەممە ئىش ئوڭشىلىپ كىتىدۇ.; y! Q2 t1 Q8 G3 r. X* N4 {: r$ d" Z
_بولدى يىغلىما،يىغلىغانغا ئىش پۈتەمتى؟* w7 c3 h8 ]& n9 J! ]* D8 T& I
سەيپىدىن بار دەردىنى ھاراقتىن ئالدى. ئەكبەر قاتارلىق دوستلىرى ئۇنى ئازرا ئىچىشكە دەۋەت قىلسىمۇ ئۇنى توسۇپ قالالمىدى. سەيپىدىن خۇدىنى بىلمىگىدەك بولغاندا ئاندىن ئىچىشتىن توختىدى. ئۇنىڭ دوست-بۇرادەرلىرى مەسلىھەتلىشىپ، ئۇنى ئەكبەرنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇردى.
* k% A% i$ s/ v. nسەيپىدىن ئەتىسى ئورنىدىن تۇرالمىدى. نورمىدىن ئارتۇق ئىچكەن ھاراق ئۇنىڭغا تەسىرىنى كۆرسەتكەن ئىدى. تاماق يىيەلمەيتتى. ھەدىسىلا ياندۇراتتى. مەيدىسىدىن قان ئارىلاش زەرداپ ياناتتى. ئەتىسى كەچتە ئەكبەر خىزمەتتىن چۈشكەندىن كىيىن ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىقتى. دوختۇرلار«ئىسىپرتتىن زەھەرلەنگەن دەپ دىئاگىنوز قويۇپ داۋالاش ئېلىپ باردى. ئۇ دوختۇرخانىدا تۆت-بەش كۈن يېتىپ قالدى. 9 g( p4 y% |6 ?# N
ھۆرىخان ئوغلى ئۆيگە بىر قانچە كۈن دەسسىمىگەندىن كىيىن ،ئەنسىرەپ ئۇنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ دوختۇرخانىدىن تاپتى. سەيپدىن ساقىيىپ ئۆيگە بارغاندا ئۇ ھېچنىمە دىمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئارازلىق ۋاقتىنچە پەسكويغا چۈشكەن ئىدى. / @7 c. q; E/ M' L
-5-

; [6 J; N5 i, k" oسالامەت سەيپىدىن بىلەن ئاجراشقاندىن كىيىن دەسلەپتە جىمغورلشىپ قالغان ئىدى. كىيىن پەقەت شۇنداق بولۇشقا تىگىشلكتەك ھامان شۇنداق ئىش بىر  كۈنى يۈز بىرىدىغاندەك ھېچنىمىنى پەرۋايىغا ئالمىدى. ئەمما، مەكتەپكە باغۇچە، قايتقۇچە مەھەللىدىكىلەرنىڭ«سالامەت خانىم سەيپىدىن مۇئەللىم بىلەن ئاجىرىشىپ كىتىپتۇدەك.»،«ئاڭلىساق سەيپىدىن مۇئەللىم سالامەت خانىمنى باشقا بىرىدىن كۈنلەپ،خېتىنى بىرىپتۇدەك» دىگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ، ئىچى ئاچچىققا تولدى. تېخى ئاجرىشىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، ئەتتىگەن كەچلەردە ئۇنىڭ ئۆيىنى، ماڭغان يولىنى ئەگىپ كىتەلمەيدىغانلارمۇ چىقتى. بۇمۇ مەيلى ئىدى. مەھەللىدىكى بىرئىككى نىكاھلىق بولۇپ تۇل قالغان، ئۆمۈر بويى خوتۇن قارىسى كۆرمىگەن ئالقاپ بالىلار تېخى سالامەتكە چاقچاق قىلىپمۇ ئۈلگۈردى...9 _- D. @; S6 o
سالامەت تەقدىرگە تەن بەرگەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنى راھەتكە چىقىپ قالغاندەك يەڭگىل ئازادە ھېس قىلاتتى. ئەگەر زىرىكسە ئوغلى پەخىردىننى ئەركىلتەتتى، مۇڭدىشاتتى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە «سالامەت خانىم مەھەللىدىكى تىجارەتچى قادىر بىلەن توي قىلىدىكەن دىگەن گەپلەر تارقالغان ئىدى. سالامەت بۇ گەپلەرگىمۇ ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىدى. بىراق، ئاز كۈن ئۆتمەي گۈلنىساخان  راستىنلا قادىرنىڭ ئەلچىلىرىنى كۈتۈۋالدى. ئەلچىلەرنىڭ دىيىشچە، قادىرنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان سالامەتكە كۆڭلى چۈشۈپ قاپتىمىش،سالامەتنىڭ قانداق تەلىپى بولسا ياق دىمەسمىش،  شۇڭا ۋاپاسىز ئەردىن  ئۆچ ئېلىپ، بەختلىك تۇرمۇشنى ۋاقتىدا باشلىۋىلىش ئۈچۈن سالامەت رازىلىق بەرسىلا ئىش پۈتەرمىش. 4 b* p& \% M, @6 p* ~
گۈلنىساخان سالامەتنىڭ يەنىلا سەيپىدىن بىلەن يارىشىپ قېلىشىنى ئىككى بالىسىنى ئۆزى بېقىشنى ئۈمىد قىلاتتى. بىراق، سالامەت گەپكە كىرمىگەچكە بۇ ھەقتە گەپ قىلمايدىغان بولغان ئىدى. گۈلنىساخان قىزىمنىڭ سەيپىدىندىن كۆڭلى قالغان بولسا باشقا يەرگە ياتلىق بولۇش ئويى بار ئوخشايدۇ دەپ قادىرنىڭ ئەلچىلىرىگە «مەسلىھەت قىلايلى» دەپ ئۇچۇر بەردى. سالامەت ئىشتىن قايتقاندا گۈلنىساخان قىزىنى يېنغا چاقىردى.8 J$ x: a( v% |! f3 g
_قىزىم،_دىدى گۈلنىساخان سالامەتكە كۆيۈمچانلىق بىلەن،_ سەيپىدىن بىلەنمۇ ئاجراشتىڭ، قايتا يارشىپ قېلىڭلار دىسەم ئۇنىمىدىڭ. بۈگۈن قادىرنىڭ ئەلچىلىرى كەپتىكەن.مەسلىھەت قىلايلى دەپ يولغا سالدىم. گىپىمنى بۆلمەي تۇر، سەن كۆپ ئوقۇغان جەمىيەتنى مەندىن بەكرەك چۈشىنىسەن. ئايال كىشى دىگەن خان  كۆۋرىكى، ئۇنىڭدىن پادىشاھمۇ، گادايمۇ ئۆتىدۇ، ئاياللار سۆز-چۆچەككە يېقىن كىلىمىز، شۇڭا ئاياللار ئۇزۇن ۋاقىت تۇل ئولتۇرسا بولمايدۇ. بۇ چاغقىچە يا سەيپدىن ئېغىز ئاچمىدى، يا سەن نىيىتىڭدىن يانمىدىڭ. ئەلچىلەردىن ئاڭلىسام قادىر توي قىلىشقا ماقۇل بولىدىغانلا بولساڭ سېنىڭ ھەرقانداق تەلىپىڭگە قوشۇلىدىكەن. ئۇ يەنە ئىككى بالاڭنى ھار ئالمايدىغانلىقىنى ئېتىپ گەپ كىرگۈزۈپتۇ. سەن ئىككى يولنىڭ بىرىنى تاللىشىڭ كىرەك...5 \9 F" V, O4 a% c4 r
سالامەت شۇ كۈنى كىچىسى تاڭ ئاتقىچە  ئوغلى پەخىردىننى باغرىغا بېسىپ ياستۇقى خۇددى ئېرىقتىن سۈزۈپ ئالغاندەك بولۇپ كەتكىچە ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىدى. كۆڭلىدە بولسا سەيپىدىننى ئالەمدىكى ئەڭ قوپال تىللار بىلەن «ۋاپاسىز، رەھمسىز، تاش يۈرەك»دەپ  تىللايتتى:« سەيپىدىن ،ھۇ دەيۈز. تۆشۈك مۇنچاق يەردە قالماپتۇ دىگەندەك سەن مېنىڭ قەدرىمگە يەتمىگەن بىلەن قەدرىمنى قىلىدىغانلار چىقتىغۇ مانا.مەن ساڭا ئەمدى مۇھەببەتنى خار قىلغاننىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىر كۆرسىتىپ قوياي.»3 z. e( w! N! s, }- S
شۇنداق، تۇرمۇش خۇددى تۈرى ناھايتى مول تاماققا ئوخشايدۇ.بەزىدە سەن ئۆزۈك ئامراق تاماق يىيىش پۈرسىتىگە نائىل بولساڭ بەزىدە ئاچ قالماسلىق ئۈچۈن ئۆچ كۆرىدىغان تاماقنىمۇ يىيىشكە مەجبۇر بولىسەن.
( J$ r6 W1 t/ I. K$ V- yسالامەت ئەتتىگىنى سەھەردە ئاپىسى گۈلنىساخانغا جاۋاپ بەردى:
. z- G1 m6 M, D$ b4 C# m_ مەن قادىر بىلەن توي قىلشىقا ماقۇل بولدۇم، ئانا. ئەمما،ھازىر ئەمەس. ماڭا بىر مەزگىل پۈرسەت بەرسۇن. خەق بۇ ئايل ئاران تۇرۇپتىكەن، ئەردىن چىقىپلا ئەرگە تەگدى دەپ قالمىسۇن يەنە.# ?6 z6 _6 E+ e! i+ m
قادىر ئەلچىلەردىن سالامەتنىڭ گىپىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئاغزى قۇلىقىغا يەتتى. ئۇنىڭ ئەتتىگىنى ماڭار يولىدا ساقلاپ ماشىنىسى بىلەن مەكتەپكە ئارىلاپ ئەكىلىپ قويىغان، كەچتە ئۆيىگە ئاپىرىپ قويىدىغان بولدى.
! g- k/ a9 h& B* x) Sباھار ئاخىرلىشىپ، ئالا ئۆرۈكلەر مەي باغلاپ پىشتى. تەبىئەت ياز پەسلىگە قەدەم قويۇپ، كاككۇكنىڭ ئۈنى مىۋىلىك باغلاردا ئۈنلەۋاتقان بىر كۈنى سالامەت پىيادە ئۆيگە قايتىۋاتاتتى، تۇيۇقسىز باش ياغلىقىدا مەي بولۇپ پىشقان ئۆرۈك كۆتۈرگەن ھۆرىخان ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى:2 [5 w: j, n, n2 t7 C0 ~
_ قىزىم، ئاز بولسىمۇ سىزنى بۇ ئۆرۈككە ئېغىز تىگەرمىكىن دىگەن، يەپ باقارسىز...
; b# a& J" d& t% }" T_بەك ئاۋارە بولۇپلا، تازا تاۋىم يوق، ئۆزلىرىدە قالسۇن.( T( ~' R* U; C' J
_ھېچ بولمىغاندا گۇلىنىساخان بىلەن نەۋرەم پەخىردىن ئېغىز تىگەر ئېلىڭ، بۇ مېنىڭ ئازغىنا كۆڭلۈم، يازنىڭ خۇۋلۇقى...0 U$ E4 F3 w7 G
_ رەھمەت ئەمىسە، سىلىنى ئاۋارە قىپتىمەن،_سالامەت ھۆرىخاننىڭ قولىنى قايتۇرمىدى.
# N  b4 }- H: O3 J  Bئەتىسى سالامەت پىيادە مېڭىپ، ئىشقا كىچىكىپرەك كەلدى. ئوقۇتقۇچىلار ئەتتىگەنلىك يىغىلىشقا چىقىپ كەتكەن ئىدى. سالامەت كىچىكىپ قالغاچقا زالغا كىرمەي ئۇدۇل ئىشخانىسىغا كىردى. ئۇنىڭ ئەتتىگەندىلا دەرسى بار ئىدى. دەرسكە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، تەييارلىقىنى ئېلىۋىدى، ئارىسىدا بىر نەرسە باردەك پومپىيىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئاختۇرىۋىدى، ئۇنىڭ قېىتىدايېڭى ئۈزۈلگەن، ئازراق پۈرلەشكەن بىر جۈپ بىدە چىچىكى  تۇراتتى. شۇ تاپتا سالامەتنىڭ قەلبى ئېيتىپ تەسۋىرلىگۈسىز ھاياجانغا چۆمدى.ئۇ بۇ بىر جۈپ بىدە چېچىكىنى كۆكرىكىگە باستى. ئۇ خىيالىدا ساقاللىرى ئۆسۈپ،كۆزئالدىدا ئەيىپكارلارچە كۆلۈمسىرەۋاتقان بىر سىما بۇ بىدە چېچىكىنى ئۆزىگە قوش قوللاپ سۇنىۋاتقاندەك بىر خىل سىزىم ئىچىدە كىرپىكلىرى نەملىشىپ، ھېچنىمىنى كۆرەلمەي قالدى. چۈنكى ئۇ ھېلىمۇ ئاشۇ بىدە چېچىكىنى ياخشى كۆرەتتىكەن ئەمەسمۇ؟!
$ [2 M/ g6 Q, J+ z6 n; T; i: y
" s" p1 i# u- r6 ]$ Aئاپتۇر يەكەن ناھىيە حاڭدى بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن
0 p2 Z! g  Q5 e* ]9 K: q3 c
ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىتەجرىبەقىزغىنلىقتىللاتۆھپەيىغىشسەۋەبى
مەرىپەت + 10 + 8 + 2 + 2بارىكاللا!
eerpan + 14 + 8 + 2 + 2بارىكاللا!
xarbat + 20 + 15 + 4 + 4ئېسىل!

ھەممە باھا نومۇرى : تەجرىبە + 44 قىزغىنلىق + 31 تىللا + 8 تۆھپە + 8  باھا خاتىرىسى

مائارىپ ئۈچۈن مەشئەل بولىمەن

114

تېما

10

ئەگەشكۈچى

9271

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  839
يازما سانى: 1232
نادىر تېمىسى: 9
تىللا: 3126
تۆھپە : 766
توردا: 470
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-29

ۋولقان تۆھپىكارىتىرىشچان ئەزا ئوردىنىباشقۇرغۇچى ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىۋولقان شائىرىۋولقان يازغۇچىسىۋولقان قىزىقچىسىمۇنبەر نازارەتچىسىwindows8 ھەقىقى نەشىرىنى ئىشلەتكۈچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 20:04:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى تەسىرلىك چىقىپتۇ !!    بۇھېكايە تۇرمۇشقا ناھايىتى يېقىن ئىكەن بارىكاللا  قەلىمىڭىز بەك ياخشى چىققىلى تۇرۇپتۇ !! " R1 `5 j' w. N$ k
  ( I) O% w- R- U
! X/ w% t/ i( Q$ v2 w, L9 }1 |
شىنجاڭ ياشلىرىغا ئەۋەتىشنى ئويلىدىڭىزمۇ !!!
/ x4 Y4 m, T+ ^& j8 {
  
مەن ئويغنىپ ماڭار چاغدا باشقىلارنىڭ كۆكتەئۇچقىنى كۆردۈم.مەن يەنىلا پىيادە ماڭامدىم ؟؟؟؟

wolqan ئىسىم ئۆزگەرتتى

3155

تېما

8

ئەگەشكۈچى

4 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 6303
نادىر تېمىسى: 98
تىللا: 16341
تۆھپە : 3317
توردا: 4671
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-30

مائارىپچى ئوردىنىwindows8 ھەقىقى نەشىرىنى ئىشلەتكۈچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 21:57:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىكاھ دىگەندە يىنىكلىك ياراشمايدۇ، بۇ ئىككىيلەننىڭ يەنىلا ئەپلىشىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
, Z  ~* ^; Y. _* Y0 r5 ~% ~" T  x
«گۈلنىساخان» دىگەن ئىسىم 5-بۆلەكتە «ھۆرىخان» دەپ ئېلىنىپ قاپتۇ، رۇخسىتىڭىزنى ئېلىشقا ئۈلگۈرمەيلا ئوڭشاپ قويدۇم
بىر كۆرۈشۈپ ئۆمۈر بويى ئەسلەيدىغان ئادەم بار، نەچچە يىل بىللە ياشاپ بىرسائەتتە ئۇنتۇيدىغان ئادەم بار...

113

تېما

2

ئەگەشكۈچى

5248

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1902
يازما سانى: 507
نادىر تېمىسى: 10
تىللا: 1781
تۆھپە : 489
توردا: 230
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-4-18

ۋولقان تۆھپىكارىتىرىشچان ئەزا ئوردىنىباشقۇرغۇچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىتېما يوللاش ماھىرىئاكتىپ ئەزاقابىل تەرجىمانۋولقان يازغۇچىسىمۇنبەر نازارەتچىسىئەلا يىتەكچى ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 22:55:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىسىم ئەجەپ چىرايلىق قويۇلۇپتۇ جۇمۇ ،  ھەر بىر جۇپنىڭ ئاشۇنداق بىر مۇھەببەت سىموۋىلى بولىدۇ ھە !!! بىر كۈنلۈك ئەر خوتۇنلۇقتا يۈز كۈنلۈك مېھر بولىدۇ دەپ سالامەتنىڭ ھەم سەيپىنىدىننىڭ بىر - بىرىگە بولغان سېغىنىشى .. ھېكايىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ ، ياقتۇردۇم .  ئىجادىيىتىڭىزگە كۆپ ئۇتۇقلار تىلەيمەن ...

980

تېما

7

ئەگەشكۈچى

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  138
يازما سانى: 3201
نادىر تېمىسى: 13
تىللا: 8719
تۆھپە : 2411
توردا: 3001
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-29

ۋولقان تۆھپىكارىتىرىشچان ئەزا ئوردىنىئەتىرگۈل ئەزا ئوردىنىۋولقان مەلىكىسىباشقۇرغۇچى ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىتېما يوللاش ماھىرىئاكتىپ ئەزادوستلۇق ئەلچىسىمۇنبەر نازارەتچىسىئىجادكار ئەزائەلا يىتەكچى ئوردىنىماھىر تەربىيىچىwindows8 ھەقىقى نەشىرىنى ئىشلەتكۈچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 12:21:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز، يارايسىز. بۇنىڭدىن كېيىنىكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

17

تېما

5

ئەگەشكۈچى

1691

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3655
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 583
تۆھپە : 145
توردا: 56
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 13:47:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجاديىتىڭىزگە ئۇتۇق يار بولغاي.
كەڭ قۇرساقلىق -ئاليجاناپلىقنىڭ بىر خىل ئىپادىسى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

شەربەتنىڭ يانفون تېرمىنالى ئېلان قىلىندى
شەربەتنىڭ يانفون تېرمىنالى ئېلان قىلىندى
شەربەت تورىنىڭ يانفون تېرمىنالى دېتالىنى چۈشۈرۈپ ھەرۋاقىت ھەرجايدا خالىغان ۋاقتىڭىزدا بېكىتىمىزنى ئەركىن ئازادە زىيارەت قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز

كۆرۈش »

يانفۇن|ئاددى بەت|ئالاقىلىشىڭ|( 新ICP备11001587号-6 )  
بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
بېكەتنىڭ قانونى ۋەكىلى : شەربەت QQ:359903451 E-mail:359903451@qq.com
بىز ئەڭ ياخشى مۇنبەر قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز!
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2013-5-30 00:59

چوققىغا قايتىش