
| 3 q6 r3 K& [( h3 G(ھېكايە) $ Q+ o( h- i0 Vئازنىگۇل ئابدىكىرىم 5 W4 r5 R6 k- {2 nكەچكىچە ماشىناھەيدەپ كىرا قىلمەن دەپ يۈرۈپ ھېرىپ كەتكىنىمدىن پۇتلىرىمنى يۆتكىگىدەكمۇ ماجالىم قالمىغان ئىدى. شۇنچە ھارغىنلىقتا ئاران ئۆيگە كەلسەم ئۆينىڭ ئىشگىدە قۇلۇپ تۇرۇپتۇ. بۇنى كۆرۈپ تېخىمۇ ئەرۋايىم ئۇچتى. <<ئۆيدە بىكار ئولتۇرالماي نەگە كەتتىكىنە،ھىچ بولمىسا شاراپەتنى بولسىمۇ ئۆيگە قارتىپ قويماي،دۆت ئادەم دىگەننىزە ....>>ئاچچىغىمدا دەرۋازنى بىرلا تىپىۋىدىم ئىككىلا قانىتى <<خوش قېنى كەلسىلە>>دىگەندەك تەڭلا ئېچىلدى .بۇنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز كۈلكە قىستىدى. ھويلىغا كىرىپ كەيپىم خىللا كۆتۈرلۈپ قالدى. پاكىز تازلانغان ھويلا،يېشىل كاردۇر ھاسىل قىلىپ ساڭگىلىشىپ تۇرغان ئۈزۈملەرگە ،ئايۋاننىڭ ئالدىدىكى رەڭگارەڭ ئېچىلىپ تۇرغان گۇللەرگە قاراپ گەرچە ئۆيۈم كونا بولسىمۇ شۇنچە ئىللىق ۋە گۇزەل بىلىندى. سالقىنداپ ھاردۇغۇمنى چىقىرىش مەخسىدىدە ئايغىمنى سېلىپ باققا كىرىپ قۇدۇق ئالدىدىكى كۆلچەككە پۇتۇمنى چىلدىم :& S/ h: d9 y8 z% k# G -ۋاھ نىمە دىگەن راھەت .سۇنىڭ مۇزلۇقلىقى تۇمۇر تۇمۇرلىرىمغا تاراپ ئەتتىگەندىن بېرىقى چارچىغان تەنلىرىمنى بۆلەكچىلا يايرىتۋەتتى.شۇ ھوزۇر بىلەن بېرىپ پىشايۋاندىكى كارۋاتقا ئۆزۇمنى تاشلاپ بۇ ئايدىكى تاپاۋەتنى ئويلاپ يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن.بىر كىم ئورنۇڭدىن تۇر دىگەندەك لاپپىدە كۆزۈم ئېچىلىپ كەتتى.ئەتراپ قاراڭغۇلۇق پەردىسىگە ئورالغان،نەمخوش ھەم سالقىن كۈز شاملى ئادەمنىڭ تىنىنى قورۇپ تۇراتتى. ! l4 U& H! I) w9 F! }& ~9 w- W ئايالىم ۋە باللىرىم تېخچىلا يوق،ئۇلار نەگە كەتكەندۇ؟ئىسىمگە قېيىن ئانامنىڭ ئۆيىگە تىېلىفۇن قىلىش كەلدى،-دە،ئۆيگە كىرىپ چىراغنى ياندۇرۇپ تېلىفۇننىڭ يېنىغا كەلدىم ،يۇ،تېلىفۇننىڭ ئۇستىدىكى خەتنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم.<<بۇ نىمە خەت بولغيتتى؟ نىمىشقا بۇ يەرگە قۇيۈپ قويغاندۇ؟>>تۇيۇقسىز يۈركىم ئەنسىز سوقۇشقا باشلىدى.خەتنى ئېچىپ قارسام ئايالمنىڭ پۇچۇركىسى،شۇ دەقىقىدە ئاخشامقى جىدەل يادىمغا كەلدى<<.دىگىنىڭنى قىپسەن دە!خەپ سىنى !>>چىشلىرىم غۇچۇرلاپ ئاچچىقتىن تىترەپ كىتۋاتقان بولساممۇ ئۇنىڭ ماڭا نېمىلەرنى يازغانلىقىنى ئوقۇپ باقماقچى بولۇپ خەتكە كۆز يۈگۈرتۈشكە باشلىدىم. 3 i3 y' G) [! l' K t% G2 t<<قەدىرلىك ئوسمان،4 x" g0 F; Q* { سىز كەچتە ئىشتىن يېنىپ ئۆيگە كىرگەندە بىز ئاللىبۇرۇن سىزدىن خېلىلا يىراقلاپ كىتىمىز،شۇڭا ئارتۇقچە زورۇقۇپ بىزنى ئىزدەپ يۈرمەڭ.سىز ماڭا مۇھتاج بولغاندا،قەلبىڭىزدە مىھىر –مۇھاببەت گۇللىرى قايتىدىن گۈللەپ ياشنىغاندا،قىزلىرڭىزغا نىسپەتەن مەسئۇليەتچانلىق تۇيغۇسى تۇرغۇزغىنىڭىزدا،مېنى ئاسراشنى ئاۋايلاشنى ئۆگەنگىنىڭىزدە مەن چۇقۇم قىزلىرىمىزنى ئېلىپ قايتىپ كېلمەن .چۈنكى ،مەن سىزنى ياخشى كۆرگەن ھەم ياخشى كۆرىمەن.قىزلىرىمىزمۇ سىزنى بەك ياخشى كۆرىدۇ.ئۇلار سىزگە مۇھتاج...+ D- ?8 X3 |( p! S, b8 A ئوسمان،بىز توي قىلغان 7يىلدىن بېرى ئىككىمىزنىڭ بۇ ئۆينى مۇشۇنچىلىك ھالغا ئېلىپ كەلمىگىمىز ئاسانغا توختىمىدى.ئاتا-ئانام مىڭ بىر جاپادا ئالي مەكتەپكىچە ئوقۇتسا سىزنى دەپ خىزمەتتىن ۋاز كەچتىم.ئاتا-ئانامنىڭ نەسھەتلىرنى ئاڭلىماي سىزگە ئەگىشىپ بۇ يۇرتقا كەلدىم.بۇ جەرياندا مەن قىلمىغان ئىش تارتمىغان جاپا،يىمگەن تاياق قالمىدى.ئۆز ۋاقتىدا ئانام : + M& k! k9 J6 l- W. A-داداڭ ياشىنىپ قالدى ھەم كېسەلمەن بولۇپ قالدى.سەن باللارنىڭ چوڭى بولغاندىكىن بىزنى چۆرگىلەپ مۇشۇ يۇرتتا بىرەرسى بىلەن توي قىلساڭ داداڭ ئىككىمىزمۇ خاتىرجەم بولاتتۇق.گىپىمنى ئاڭلا ،ئوسمان بىلەن ئەمدى باردى كەلدى قىلمىغىن قىزىم،-دەپ ئۆتۈنۈپ يالۋۇرۇشلىرىغا :; I6 D4 s. W4 o) t -ئانا،سىز دائىملا قىز بالا دىگەننىڭ يۇرتى يوق دەيتتىڭىزغۇ؟ ئوسماننىڭ كۆڭلى ئىنتايىن ياخشى،گەرچە ئۇسىرىتقى كۆرنۈشتە باشقىلارغا ياخشى تەسىر بەرمىگىنى بىلەن ئىنتايىن مىھرىبان ،دادسى يوقلىغىنى چاندۇرۇرماستىن ئائىلىسدىكلەرنى بىر ئوبدانلا بېقىۋاتىدۇ. ئۇ ئىنتايىن غەيرەتلىك ھەم مېنىمۇ بەك ياخشى كۆرىدۇ. مەنمۇ ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن،كۆڭلۈم يوق بىرەرسىگە ياتلىق بولغاندىن كۆرە ئۆلگىنىم تۈزۈك، مەن چۇقۇم ئۇنىڭ بىلەنلا توي قىلمەن .>>دەپ چىڭ تۇرۋېلىپ ئۆيدىكلەرنىڭ ئۇنمىغىنىغا ئۇنىماي سىز بىلەن تويلاشقان ئىدىم. كيىنكى كۇنلەردە ئانامنىڭ <<بالام،بىز سىنى ئاز جاپادا ئوقۇتمىدۇق،يېزىغا نىسپەتەن ئالي تېخنىكۇمنى ئوقۇپ كەلگەنلىك خېلىلاچوڭ ئىش ،ساڭا تېرەك بولدىغان داداڭ تۈگەپ كەتتى.ئۇكىللىرىڭنىڭ بېشىنى سىلمىساڭ بولمايدۇ.تۇرمۇش دىگەننىڭ خاپلىقىمۇ خۇشاللىقىمۇ بولدۇ. سەن بىر ئۆمۈر باياشات ياشاپ ئۆتۈپ كېتەلەيمەن دىيەلمەيسەن.بىلىم ھامان كىشىگە ئەسقاتىدۇ.خىزمىتىڭنى تاشلىمىغىن،مەن سەندىن ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا رازى بولۇپ كىتەي›› دەپ زار-زار يىغلاشلىرغا :<<ئانا ئەنسىرمىگىن،ئوسماننىڭ خىزمىتى شۇنداق ياخشى،تاپاۋىتىمۇ ياخشى،مېنى گۈلدەك بېقىپ كىتىدۇ،ئۇكىللىرىمدىن خاتىرجەم بول مەن چۇقۇم ئۇلارغا ياخشى قارايمەن.ئوسماننىڭ كۈنچىلىكى بەك قاتتىق خىزمەت ئورنۇمدا ئەرلەر كۆپ،ئۇ كۈندە دەشنام بىرىپ مىنى ئۇرۇپ ھىچ ھالىمنى قويمىدى،ئۇنىڭدىن خىزمەت قىلمىساممۇ ،خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرسەم بولمىدىمۇ؟>>دىگەن سۆزلىرىم بىلەن ئانامنىڭ پەرزەنىت ئىشقىدا كۆيۈپ كۈل بولغان يۈرىكىنى لەختە-لەختە قىلغان ھالدا خىزمەتنى تاشلاپ ئائىلە ئايالى بولدۇم. 0 F' _: B0 Q$ Y5 K0 P6 V مەن كۈنلىرىمىزنى مۇشۇنداق باياشاتچىلىقتا ئۆتىدۇ،سىزنى مىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن.بىراق سىزنىڭ ئاچكۆزلىكىڭىز بىزگە بالايى ئاپەت بولدى.چوڭ قىزىم شاراپەتنى تۇغۇپ بىر يىل ئۆتە-ئۆتمەي قانۇن بويىچە ئىش كۆرمەي باشقىلاردىن پايدا ئالمەن دەپ نۇرغۇن پارا ئېلىپ، ھۆكمەت پۇلىغا خىيانەت قىلىپ بىر ئوبدان ئىشلەۋاتقان سودا سانائەت ئىدارسدىكى خىزمىتىڭىزدىن ئايرىلىپ، بىر مۇنچە جەرىمانە تۆلەپ ئارانلا تۈرمىگە كىرىشتىن ساقلىنىپ قالدىڭىز.' X! ]8 Y" v$ v4 z# z! E ئاشۇ كۈنلەردە كۆڭلىڭىزنى قانچىلىك ئىزدىمىدىم؟!ئۆيدىن تالاغاچىقماي بىر ئايغىچە يىتۋالغىنىڭىز ئېسڭىزدىمۇ؟بىر نوختىغا تىكىلىپ ئولتۇرغىنىڭىز ئولتۇرغان،ئۇ چاغلاردا خۇددى ئېغىر كېسەلنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندەك لۆڭگىنى ھۆل قىلىپ يۇز- قوللىرڭىزنى سۈرتۈپ،تاماقنى كىچىك بالىغا زورلاپ يىگۈزگەندەك يىگۈزۈپ ،پۇتلىرڭىزنى يۈيۈپ ھەتتا ئۆسۈپ كەتكەن چاچ-ساقاللىرڭىزنىمۇئۆزۇم ياساپ قىلمىغانلىرىم،كۆڭلىڭىزنى ئۆستۈرۈپ دىمگەنلىرىم قالمىغاندا ئەسلىڭىزگە كەلدىڭىز. s* u- \7 c4 n* [يېتىپ يىسە تاغمۇ توشمايدۇ دەپ تاپقان تەرگىنىمىز سىز بىر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتۇپ بولغىچە تۈگىدى.ياشىنىپ قالغان ئانىڭىزنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش ،ئائىلمىزنى قامداش ،سىزگە ئاز تولا ياردەم قىلىش ئۈچۈن،مەھەللە دوقمۇشىدا لەمپۇڭ ئېتىپ ساتتىم.سىرتنىڭ، ئۆينىڭ ئىشلىرغا قاتراپ يۈرۈپ ھىچ ھالىم قالمىسمۇ بىچچارە قىزىمغا قارسام،ئاتا-ئانامنىڭ مىنى بەختلىك قىلمىز دەپ تارتقان جاپالىرى،بۇرۇنقى بەختىيار چاغلاركۆز ئالدىمغا كىلىپ قايتىدىن روھلىنىپ ئائىلمىزنىڭ تىرىكچىلىكى ئۈچۈن مىدىرلاشقا مەجبۇر بولاتتىم . " s; S! F) ]$ q a; Zخوشنىمىز ئەخمەتجان ئاكىنىڭ ئىككى ئوغلى ئاياغ تىجارتى قىلىپ خېلى نەپ ئالغانلىقىنى كۆرۈپ لەمپۇڭچىلىق قىلىپ تاپقان پۇلۇمغا تويلۇق ئالتۇنلىرىمنى سېتىپ مەبلەغ سېلىپ ئاياغ تىجارتى بىلەن شۇغۇللاندىم.چۈنكى ،سوغوق سۇ بىلەن ھەپلىشىۋىرىپ ئۇششاق-چۈششەك كېسەللەر بىلەن ئاغرىپ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنى ئاغرىپ قالدى دەپ تۇلا دەشنام قىلغانلىقىڭىز ،ئانڭىزنىڭ كۈندىن- كۈنگە كېسەلدىن ئۆرە بولالمايۋاتقانلىقى سەۋەپ بولغان ئىدى.& b9 g6 }# v& j1 V; t% N شۇنداق قىلىپ بازارمۇ بازار ئايلىنىپ يۈرۈپ ئاياغ سېتىپ خېللا پۇللۇق بولۇپ قالدۇق.بىراق سىز شۈكۈر قىلمىدىڭىز،مېنىڭ ئېغىر ئاياغ يېشىكلىرنى مىڭ بىر جاپالاردا كۆترۈپ كىرا ماشىنىللىرغا باسدىغانلىقىمىنى،بىرئاياغ سېتىش ئۈچۈن خېرىدارلارغا دىمگەنلىرىمنىڭ قالمايدىغانلىقنى،ھەتتا بازار ياخشى بولغانداسودىغا قاراشقىلى ئادەم يوق كەچكىچە ئاچ يۈرۈيدىغانلىقىمنى،ۋاقتى-ۋاقتىدا ھاجەتخانغىمۇ بارالماي بۆرەك ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىمنى ئويلاپمۇ قويمىدىڭىز. >> ئختىيارسىز كۆز چاناقلىرىم ياشقا تولدى،ئۇنىڭ نىمىشقا ھەر قانداق ئىش قىلسا پەقەتلا ۋايسىمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. راسىت ئېيتىسەن پاتىمە،مەن ھەقىقەتەن ئاچكۆزئادەم ئىكەنمەن،مىنى كەچۈرگىن... 7 S- L* S& F3 E7 r" s. I+ Pچەكسىز پۇشايمانلارئىلكىدە ئاخىرقى قۇرلارغا كۆز يۈگۈرتۈم. <<ئاياغچىلىق قىلىپ تاپقان پۇللارغا ھىلى كىپەز ئېلىپ ساتىمەن،ھىلى قوغۇنچىلىق قىلىمەن ھىلى ماشىنا ئالىمەن دەپ يۈرۈپ ئاخىرى مېنى سالغان دەسمىيدىنمۇ ئايرىدىڭىز،بۇلا بولغان بولسا مەيلى ئىدىغۇ،ئىككىنچى بالىمىزغا قۇرساق كۆتۈرگەندە <سىنىڭ ئايال تۇنۇشلىرىڭدىن ئەر تۇنۇشلىرىڭ كۆپ،يولدا ماڭساق خەق ماڭا ئەمەس ساڭا سالام قىلىدۇ.بۇسېنىڭ بۇزۇقچىلقىڭنى ئىسپاتلايدۇ دەپ ئاتالمىش ئەرلىك غۇرۇرڭىزنى باھانە قىلىپ ماڭا ھاقارەت قىلغىنىڭىز يەتمىگەندەك مېنى قاتتىق ئۇرۇپ بالامنى چۈشۈرۋەتتىڭىز. ئەسلىدە شۇ يىللا ئاجىرشىپ كەتسەك بولۇپتىكەن. سىزنىڭ يالغان ۋەدىللىرڭىز،ياشانغان ئانڭىزنىڭ كۆڭۈل قۇيۇشلىرڭىزغا ئالدىنىپ ئانامنىڭ كۆزنى ياشلىغان پىتى ساقىيا-ساقايمايلايەنە قايتىپ كەلدىم./ r1 ~3 t" K# |+ ~ شۇنىڭدىن كيىن بىزنى تىجارتىڭىز ئەپلەشمەي ئارقا-ئارقىدىن نەس باستى. دادڭىزدىن قالغان قورو جاينىمۇ ساتتۇق.شۇ چاغلاردىمۇ مەن قىلچىلىك ۋايساپ باقتىممۇ؟! / r: | K+ C, v4 p) R0 H. t كونىلار:<ئوغۇل بالىغا يەتتە قېتىم ئامەت كىلدۇ.>دەپ ئېيىتقان ئىكەن.بىزنىڭ كۇنلىرىمىزنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشنەتتىم. شۇڭا بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر دىگەن ئۈمىد بىلەن ياشىدىم.ئۇزاق ئۆتمەي باشقىلاردىن سۈت-قېتقنىڭ پايدىسى ياخشىكەن دەپ ئاڭلاپ ئۇرۇق تۇققانلىرىمدىن قەرىز ئېلىپ بىر كالا سېتىۋالدىم.دەسلەپكى كۈنلەردە ئانچە مەنپەئەت قىلمىدى.بوغۇزنى ياخشىلغانسىرى سۈتمۇ ئوبدان چىقىدىغان بولدى. بۇ تىجارەتكىمۇ ئوبدانلا كۆنۈپ قالدىم،ئەتتىگەندە ئائىللەرگە سۈت توشۇيمەن،چۇشتىن كيىن ئۇيۈتقان قېتىقلارنى بازارغا ئېلىپ چقىپ ساتىمەن . يىل ئاخىرغىچە ئالغان پايدامغا يەنە بىر كالا سېتىۋالدىم.شۇنداق قىلىپ تۆت يىل جەريانداتىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق سېغىن كالمىز يەتتىگە يەتتى. سىز شۇ كۈنلەردە ماشىنا سېتىۋالمەن دەپ كالىلارنى ساتمىغان بولسىڭىز بەلكىم بۇ كۈنلەرگىمۇ قالمىغان بولاتتۇق. 4 _6 N- v6 y/ j# H; Q& Qماشىنا ئېلىپ ئۇزاققا قالماي ئانىڭىزنىڭ كېسىلى ئېغىرلاپ بالنىسقا كىرىپ قالدى. جىددى قۇتقۇزۈشتا ئون نەچچە كۈن يېتىپ ئۈنۈم بەرمەي رەھمەتلىك بىزنى تاشلاپ كېتىپ قالدى. بىراق بىزگە خېللا كۆپ قەرىز قالدى.بەلكىم ئانىڭىزنىڭ ئۆلمىگە،ئۆزڭىزنىڭ ياخشى ئۆتكەن كۈنلىرڭىزگە ئىچىڭىز قاينىغان بولۇشى مۇمكىن . بارغانسىرى ئۆيگە پۇلمۇ ئەكىرمەس بولدىڭىز،بارا-بارا ھىچ ئىشمۇ قىلماس،ھىچ ئىش بىلەن كارىڭىزمۇ بولماس بولۋالدىڭىز.ئېيتىڭە،مەن شۇ كۈنلەردە سىزگە بىرەر قېتىم تاپا-تەنە قىلىپ باقتىممۇ؟ ئائىلنى قانداق قامداپ كېتۋاتقانلىقىمنى بىرەر قېتىم سوراپ باقتىڭىزمۇ؟ ئايال كىشى ئۇچۇن بۇنىڭ نېمدىن دىرەك بىردىغانلىقنى بىلەمسىز؟!.... & a. V0 d8 ^& ?/ \ دەل مۇشۇ كۈنلەردە سائادەت بىلەن شاپائەتكە ھامىلدار بولۇپ قالدىم.قېرىشقاندەك بۇ بالنىڭ قوشماق بولۇپ قالغىنىمۇ ئائىلمىزگە بېسىم ئېلىپ كەلدى.ئاي كۈنۈم يېقىنلاشقانسىرى ئائىلە ئىشلىرنىمۇ قىلالماس بولدۇم. مەن خىجىل بولغانسىرى سىز ئەزۋەيلەيدىغان بولدىڭىز،8ئاي بولا بولماي ئانامنىڭ ئۆيگە كۆچۈپ باردۇق،ئاش تامقىمىز،خەجىمىز ئانامدىن بولسىمۇ سىز پەقەت خىجىللىق ھىس قىلمىدىڭىز،تەلپىڭىز يۇقىرى گىپىڭىز چوڭ بولغاچقا ئانامنىڭ نەچچە رەت كۆڭلىنى ئاغرىتتىڭىز.خىجىلچىلىقتا قىرقىم توشۇپلا ئۆيمىزگە قايتىپ كەلدىم.بالىلار كىچىك، تىنىم ئاجىز بولغاچقا ئائىلە ئىشلىرى ۋەباللارنىڭ ھاجىتىدىن ئاران ئارانلا چىقاتتىم.بىر بالنى باقماق تەسكە توختىمىغان بىلەن ئىككى بالنى بېقىش ماڭا سەل تەسكە توختىدى.كېچە-كېچە ئوخلىماي ئىككى بۆشۈك ئارسىدا ئولتۇرۇپ بۆشۈك تەۋرىتىپ چىقىمەن،سىزنى ئويغاتسام ئاچچىقلايسىز،بەزدە بوپتىلا بۇمۇ بولسا ئارام ئېلۋالسۇن دەپ ئويلايمەن.بىراق سىز مېنى پەقەتلا ئويلىمىدىڭىز. ئەتتىگىنى بىر چىقىپ كەتسىڭىز كەچتە قايتىپ كىلسىز،ئەتتىگەندىن كەچكىچە ئۈچ بالامنىڭ مېنى قانچىلىك ھالسىرتىۋىتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمايسىز.1 J5 l& x. i9 m& s) C) l قوشماقلىرىمنى بۆشۈككە بۆلەپ بىر سائەت تەۋرەتسەم يېرم سائەت ئوخلايدۇ.بۇ جەرياندا ئۆيلەرنى يۇغۇشتۇرۇپ،بالنىڭ لاتىللىرنى يۈيۈپ بولغىچە بالىلار ئويغىنىدۇ.بۇلارنى قويۇپ قويۇپ باشقا ئىش قىلغىلى تېخى بولمىغان.بىرسى توختىسا بىرسى يىغلايدۇ.بەزىدە ھەر ئىككىلىسى تەڭلا يىغلايدۇ،تەرەت قىلىدۇ.تەڭلا قۇرسىقى ئاچىدۇ.بۇنداق چاغلاردا مەنمۇ ئۇلار بىلەن تەڭ يىغلايمەن. بۇنى بىلەمسىز؟! 8 Y2 t6 O3 V3 w+ z* Q سىزگە نەچچە قېتىم يالۋۇرۇپ كەتتىم باللارنىڭ بىرسىگە سۈت پاراشوگى بىرەيلى دەپ.ئەگەر بىرسىگە سۈت پاراشوگى بەرگەن بولساق مەنمۇ ھەرگىز ماغدۇرسىزلىنىپ كەتمەيتتىم.ھەر قېتىم سىزگە :<جېنىم ئوسمان،مەن خۇش بولاي ،كېچىسى تىخى ئۇخلىماي،كۈندۈزى تېخى ئارام ئالالماي بەك قىيلىنىپ كەتتىم >دىيىشلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭىز... 5 T2 ~9 }% h3 p! p/ _# z4 T قەدىرلىك ئوسمان،شۇ خىل ئەھۋالدا تۇرساممۇ سىز يەنىلا مەندىن رازى بولمىدىڭىز.پايپىقىمنى يۈيۈپ قويماپسەن دەپ مەن بىلەن ئۇرۇشتىڭىز.ئىككى ئېغىز لىللا گەپ قىلىپ قويغىنىمغا ئاجىز بەدىنىم سىزنىڭ مۇشىت ،تىپىكلىرڭىز ئاستىدا ئازاپلىق ئېڭرىدى.<بولدى قىلىڭ،مەندىن ئۆتۈپتۇ،سىزدىن ئۆتۈنەي....>دەپ يالۋۇرۇشلىرىمغا نارسىدە ئۈچ قىزىمزنىڭ يىغلاشلىرىغىمۇقىلچە پەرۋاقىلمىدىڭىز.تاياق زەربىسىگە چىدىماي سىزدىن ئاجىرشىمەن،سىزنى كۆرەركۆزۈم يوق دىگنىمنى بىلمەن.سىز تخمۇ ئەسەبىيلىشىپ ئۇرغىلى تۇردىڭىز، ئەگەر نالىلىرىمىزنى ئاڭلاپ كىرگەن خوشنىلار كىرىپ مېنى قۇتقۇزۋالمىغان بولسا بەلكىم ئۆلۈپ قالار بولغىيتتىم.سىزدىن قورقۇپ كەتكەچكە ئۆيگىمۇ كىرمىدىم. بۇ بىر كېچە مەن ئۈچۈن نەچچە ھەسسە ئۇزۇن ،شۇنچە زۇلمەتلىك ،تاڭ ئاتماس كېچىدەك بىلىندى.چۈنكى، مەن ئويلىنىش ئارقىلىق تاڭ ئاتسىلا ئايرىلىپ كېتىشنى قارار قىلغان ئىدىم. مەن سىزبىلەن تۇنۇشقاندىن تا ھازىرغىچە بولغان ئىشلارنى ئويلىسام مەن سىزگە،باللىرىمغا يۈز كىلەلمىگدەك ئىش قىلماپتىمەن.نەتىجە دىسە مۇشۇنى دىسەم بولغىدەك.ئاخىرى سىزدىن ئايرىلىپ كېتىش قارارغا كەلدىم. شۇڭا بالىلارنى،ئالدىنقى ھەپتە مىڭ بىر تاپا-تەنە بىلەن بەرگەن بۇ ئايلىق 285يۇئەن تۇرمۇش پۇلىنى ئېلىپ بۇ ئائىلنى سىزگەقالدۇرۇپ چىقىپ كەتتىم. # ^7 p5 ~+ c4 Uئوسمان،بەلكى سىزگە نىسپەتەن رەھىمسىزلىك قىلغاندىمەن.بىراق ئويلاپ بېقىڭ ماڭچۇ؟!سىزنىڭ قىلغانلىرڭىزنى ئويلىسام بۇ دۇنيادا ياشغۇچىلىكممۇ قالمىدى.ئەمما سەبىھ ناتىۋانلىرىمغا مەن بولمىسام بولمايدۇ. مەن ئۇلارنى چۇقۇم ياخشى تەربيلىشىم كىرەك.سىزغۇ مەسئۇليەتتىن قاچتىڭىز مەنمۇ قاچسام بولماس؟.../ o) j* Y4 n1 N* |; ]0 t/ q سىز مىنى ئىزدەيمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ، مەن ئاناملارنىڭكىگە،ئۇرۇق تۇققانلىرىمنىڭكىگىمۇبارمايمەن.چۇنكى،ئۇلارغائەمدى قارىغۇچىلكىممۇ،ئېغىرچىلقىمنى سالغۇممۇ يوق. خاتىرجەم ياشاڭ.ئەمدى سىزگەيۈك بولدىغانلار يوق،ئويقۇڭىزنى بۇزدىغانلارمۇ يوق. سىزدىن بىرقانچە تۈرلۈك ئۈمىدىم بار ئىدى،چۇقۇم ئەمەل قىلشىڭىزنى سورايمەن.بىرىنچىسى:ئەمدى مەن يوق ئانڭىزنىڭ تۇپراق بېشىغا چىقىشنى ئۇنۇتماڭ.ئىككىنچىسى:سىز يۇقىرى ئىستىمالغا ئىگە ئادەم.شۇڭا كۈچڭىزنى خار قىلسىڭىزمۇئۆزڭىزنى خار قىلماڭ.چۇقۇم ياخشى ياشاڭ سالامەتلىكڭىزنى ئاسراڭ.ئۇچىنچىسى:ھەر قانداق ئىش يۈز بىرشىدىن قەتئنەزەر بۇ ئۆينى ھەرگىز ساتماڭ.چۇنكى ،بۇ ئۆي مىنىڭ قان تەرىم بەدلىگە كەلگەن،بۇ ئۈچ قىزىمنىڭ نېسىۋىسدۇر. 7 y5 J- d) L, {/ k خەيىر –ئامان بولۇڭ.6 ?# j) b; N* Z7 I. q" Q. e5 e ئايالڭىز:+ y0 v8 J9 s2 y2 p+ Y: T% b& X B پاتىمە>>7 q6 o [) @# ?6 N! Z! h% S2 F, v ئاردىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى بىلمەيمەن،بىر چاغلاردا ئېسىمگە كەلسەم قولۇمدا ئايالىمنىڭ خېتى،قەلبىمدە ھەسرەتلىك ئۆكۈنۈش،كۆز ئالدىمدا قېچىپ قوتۇلۈپ بولالمايدىغان ۋەھىمە ...... ?0 M9 g. o9 ?+ y t" O+ k مەن نېمە ئىشلارنى قىلىپ قويدۇم.ھەي ئىسىت....راسىت ئېيىتتىڭ پاتىمە، مەن سىنى كۆپ قىينىدىم، مەندىن ئايرىلىپ توغرا قىلدىڭ.ئىختىيارسىز ئېغزىمدىن چىققان بۇ سۆزلەرگە ئۆزەمنىڭمۇ ئىشەنگۈم كەلمىدى.لىكن بۇ راست.قەلبىمنىڭ چەكسىز ئۆكۈنىشدىن چىققان ئاجىز نىداسى ئىدى.ئەگەر مۇشۇ پۇشايمان ياشلىرىم بەدىلگە ئۇنى قايتۇرۇپ كېلەلگەن بولسام ،مۇشۇ پۇشايمان ياشلىرىم بەدىلگەئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمنى تۈزتىۋالالغان بولسام ،مۇشۇ پۇشايمان ياشلىرىم بەدىلگەماڭا ئوخشاش نامەرت ۋاپاسىز ئەرلەرنىڭ قىلمىشىغا خاتىمە بىرەلگەن بولسام ،مۇشۇ پۇشايمان ياشلىرىم بەدىلگە بۇ دۇنياغا ۋاپادارلىقنىڭ ئۇرۇقىنى چاچالغان بولسام نېمە دىگەن ياخشى بولغان بولار ئىدى ھە!؟5 M( C/ U+ h( k/ `8 ~
|
ھەممە باھا نومۇرى : تەجرىبە + 44 قىزغىنلىق + 31 تىللا + 8 تۆھپە + 8 باھا خاتىرىسى
|