
| ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈش پرىنسىپلىرى' v4 O& t& q* a, M: L1 o4 h1 _% A ھەرقانداق بىر يېزىقنىڭ ئۆزىگە خاس قائىدىسى بولىدۇ، بۇ قائىدىلەر شۇ يېزىق ئىپادىلىگەن تىلنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا تۈزۈلىدۇ، ئېلىپبەلىك يېزىقلاردا ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈشتە فونېتىكىلىق پرىنسىپ، مورفولوگىيىلىك پرىنسىپ، تارىخىي پرىنسىپ ئايرىش پرىنسىپى قاتارلىق پرىنسىپلارنىڭ بىر- ئىككىسى يېتەكچى قىلىنىدۇ. / x3 Q8 R) h& }! j: v 1) فونېتىكىلىق پرىنسىپ- n V+ u. m7 V" W' Z فونېتىكىلىق پرىنسىپ دېگىنىمىز، سۆزلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇمچىلىرى ئەدەبىي تەلەپپۇزدا قانداق ئېيتىلسا، يېزىقتا ئېلىپبەدىكى ھەرپلەر بىلەن ئىمكانىيەت يار بەرگەن دائىرىدە شۇنداق يېزىش دېمەكتۇر. يەنى سۆز تەركىبىدىكى تاۋۇشلارنىڭ ئىملادا تەلەپپۇز قىلىنغىنىغا ئوخشاش ئىپادىلىنىشى فونېتىكىلىق پرىنسىپ دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن «ئىجات- ئىجادى، ئىقتىساد- ئىقتىسادى، كىتاب- كىتابى، ئىنقىلاب- ئىنىقىلاۋى» دەپ تەلەپپۇز قىلىنسا، يېزىقتىمۇ شۇنداق يېزىلىشى؛ شۇنداقلا « باغ، تاغ، تەگ چىگ، ياتاق، پىچاق، تىلەك، ئىلمەك» قاتارلىق سۆزلەرگە قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا « باغ- باغقا، تاغ- تاققا، تەگ- تەككەن، چىگ- چىككەن، ياتاق- ياتىغى، پىچاق- پىچىغى، تىلەك- تىلىگى، ئىلمەك- ئىلمىگى» بولۇپ تۈرلىنىشى؛ «شامالباغ، بەلۋاغ، قاقۋاش، مارالبېشى» قاتارلىق سۆزلەرنىڭ « شامالۋاغ، بەلۋاغ، قاقۋاش، مارالۋېشى» يېزىلىشى فونېتىكىلىق پرىنسىپقا كىرىدۇ.5 h) v+ {* w& S+ P3 }9 m" c, c 2) مورفولوگىيىلىك پرىنسىپ + p5 k7 k( J) B2 ?7 L' R$ W4 Wمورفولوگىيىلىك پرىنسىپ دېگىنىمىز، سۆزنىڭ ئەدەبىي تىلدىكى تەلەپپۇزىنى ئاساس قىلماي، ئۇنىڭ مورفولوگىيىلىك قۇرۇلمىسىنى ئاساس قىلىپ، سۆزنىڭ يىلتىزىنى ئۆزگەرتمەي يېزىش دېمەكتۇر. يەنى سۆزدىكى مەنىلىك بۆلەكلەرنىڭ ئېيتىلىشى ۋە ئاڭلىنىشىنى ئاساس قىلماي، بەلكى سۆزنىڭ مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى، سۆز يىلتىزى، تومۇرى ھەم قوشۇمچىلارنىڭ مۇقىم شەكلىنى ئاساس قىلىپ، ئەدەبىي تىلدا قانداق ئېيتىلىشىدىن قەتئىينەزەر ئىملادا بىر خىل يېزىش پرىنسىپىدۇر. مەسىلەن: / Y# _: s- ], A' m ئازاب- ئازابى، تەركىب- تەركىبى، جاۋاب- جاۋابى، ئەجداد- ئەجدادى، تەنقىد- تەنقىدى، پەرزەنت- پەرزەنتى، جەسەت- جەسىتى، تەرتىپ- تەرتىپى، تاغ- تاغقا، باغ- باغقا، بەگ- بەگكە، تۈگ- تۈگكەن، ياتاق- ياتىقى، پىچاق- پىچىقى، تىلەك- تىلىكى، يۈرەكئالدى (يۈرىكالدى ئەمەس)، ئالدىنئالا (ئالدىنئالا ئەمەس)، ئاقئۆستەڭ (ئاقۆستەڭ ئەمەس)، ئاچائېرىق (ئاچېرىق ئەمەس).0 Y+ I5 B& b' F 3) تارىخىي (ئەنئەنىۋى) پرىنسىپ; `2 z' w* m% C+ F% M تارىخىي پرىنسىپ دېگىنىمىز، تىلنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەرەققىياتى جەريانىدا مەلۇم بىر شەكىلدە قېلىپلىشىپ قالغان سۆزلەرنىڭ قېلىپلىشىپ قالغان شەكلى بويىچە يېزىلىشىغا قارىتىلغان. بۇ پرىنسىپ بويىچە بەزى سۆزلەرنىڭ دەسلەپكى شەكلى، ئەسلى فونېتىكىلىق تەركىبى ساقلانماسلىقى مۇمكىن. مەسىلەن: 0 d/ M' l1 f$ z2 I0 g2 Qباغاق (بار+غاق)، بۆك (بۆرك)، قوشنا (قونشى)، يامغۇر (ياغمۇر)، قېيىناتا (قېيىن ئاتا)، قېيىنانا (قېيىن ئانا) 2 F$ T4 [6 q) [, q; \4 h' E4) ئايرىش پرىنسىپى , l) ]8 {5 p8 c8 _% M1 G تىلىنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا ئايرىم سۆزلەرنىڭ مەنىسى كېڭىيىپ، ئەسلىدىكى بىر سۆز كېيىن بىر نەچچە ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان، فونېتىكىلىق قۇرۇلمىسى جەھەتتىنمۇ ئۆزئارا پەرقلىنىدىغان بىر نەچچە سۆز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. تىل ئەمەلىيىتىدە مەنىسى ۋە فونېتىكىلىق قۇرۇلمىسى جەھەتتىن ئايرىلغان مۇنداق سۆزلەرنى يېزىقتا پەرقلەندۈرۈش مۇھىم، مۇنداق سۆزلەرنىڭ يېزىقتىكى شەكلىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش پرىنسىپى ئايرىش پرىنسىپى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: تۆۋەندىكى سۆزلەر ئېتىمولوگىيىسى جەھەتتىن ئەسلىدە بىر سۆز بولسىمۇ، تىلىمىزدا تارىخىي تەرەققىيات نەتىجىسىدە فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياساپ، شەكىل جەھەتتىن ئىككى سۆز تۈسىنى ئېلىپلا قالماي، بەلكى مەنە جەھەتتىنمۇ ئايرىلىپ كەتكەن. " P' H% L: u4 \, }/ B5 j(1) ئەتىۋار -ئەتىۋار بالا، ئەتىۋارلىماق) l9 W- S- d7 G( { ئېتىبار- ئېتىبار بەرمەك، ئېتىبارغا ئالماق ) g* `! h. m/ ~4 ]7 i (2) زېھىن- زېھنىي ئەمگەك، زېھنى ياخشى, R/ p3 m0 h8 G زەن- زەن سالماق، زەن قويماق' G. o, }8 m6 { (3) يوپۇق- ئاتنىڭ يوپۇقى 5 R" E3 S0 |( ]; O/ f& q% H يېپىق- يېپىق بوغۇم p$ J# ?4 z( x3 M5 F(4) قارار- قارار قىلماق $ U9 y) i) m- Z* o0 M5 K5 nقەرەل- قەرەللىك ئامانەت، ئۆز قەرەلىدە كەلمەك2 G9 e4 d8 ^5 t, B* D3 I& ]( T (5) دوختۇر- كېسەل داۋالىغۇچى 2 g7 Z9 I: Q- P+ Rدوكتۇر- ئىلمىي ئۇنۋان 0 [4 p+ q' P0 A) d(6) ئىشارەت- ئىما- ئىشارەت، ئىشارەتلىمەك Q- Y1 x& ^# T. L3 W3 b2 fشەرەت - شەرەت قىلماق 0 u/ e6 Q% M7 g" x" U8 `(7) ئوچۇق- ھاۋا ئوچۇق، ئوچۇق كۆڭۈل3 L& S1 {+ {2 j( W- ~) K$ [- l) B ئېچىق- ئېرىقنىڭ ئېچىقى' H( s' K4 z4 e! o0 o( z
|
ھەممە باھا نومۇرى : تەجرىبە + 14 قىزغىنلىق + 12 تىللا + 2 تۆھپە + 3 باھا خاتىرىسى
|