| مەلىكە ئاماننىساخان( e/ @# d6 u6 `; }! P ) w9 r( o8 T2 K, _. Y9 |8 o& \ئاماننىساخان ئۇيغۇر بەدىئىي تەپەككۇر تارىخى شۇنداقلا ئۇيغۇر مۇزىكا تارىخىدا ئاياللار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان،ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىنىڭ زۇلمەتلىك كۆكىدە ئەڭ يارقىن پارلىغان يېگانە يۇلتۇز. : `+ K2 @# Y3 g3 S! uئاماننىساخان سەئىدىيە خانلىقىنىڭ مەشھۇر خانلىرىدىن بىرى بولغان سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئەتىۋارلىق خانىشى ھەم سەئىدىيە خانىدانلىقىنىڭ مەشھۇر مەدەنىيەت ئەربابىدۇر.. k5 }* F- t3 o; g \+ r& e شۇنى قەتئىي ئۈزۈپ ئېيتىش كېرەككى،بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مۇقام- مۇزىكا تارىخىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرگە تەۋە ساھەلىرىنى ئاماننىساخانسىز شەرھلەش ۋە تەتقىق قىلىش مۇمكىن ئەمەس.بىراق، شۇنداقتىمۇ، ئۇيغۇر مۇقام-مۇزىكا تارىخى توغرىسىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، بولۇپمۇ،ئۇيغۇر مۇقام-مۇزىكا پېشۋاسى مەلىكە ئاماننىساخان توغرىسىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ تازا چوڭقۇرلاشماسلىغى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئەت تارىخىمىزدىكى بۇ مەشھۇر زاتنىڭ بىئوگىرافىك بەدىئىي ئوچىرىگىنى تۇرغۇزۇپ چىقىشىمىزغا زور قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈردى.شۇنداقتىمۇ بىز بۇ يېگانە زاتقا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىمىزنىڭ تۈرتكىسىدە تارىخ بەتلىرىگە ئىزى چۈشكەنلىكى ئۇچۇرلارنى توپلاپ، ئۇنىڭ ھەققىدە ئىزدىنىپ، تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان ئۇستازلىرىمىزنىڭ ئەھمىيەتلىك ئەمگەكلىرىدىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تولۇق پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ قىسقا، ئەمما سەمەرىلىك بولغان بەدىئىي بىئوگرافىيىسىنى تۇر غۇزۇپ چىقىشقا تىرىشتۇق. # k7 `' ?1 E' R ?( Z; Y/ L4 r, Fشۇنداق، مەلىكە ئاماننىساخان ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىمىزغا مەنسۇپ بولغان سەئىدىيە خانىدانلىقىنىڭ خانى سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ خانىشى، خانىدانلىقنىڭ ئەتىۋارلىق مەلىكىسى، جامائەت ئەربابى، مەدەنىيەت ئەربابى، مۇقام- مۇزىكىشۇناس، مۇقام بۇلبۇلى، يېتۈك شائىرە، بىراق، ئەپسۇسكى ئاماننىساخان توغرىسىدا،ئۇ ياشىغان دەۋرىنى ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلغان، بەلكى ئۇنىڭ بىلەن زامانداش مەشھۇر تارىخچى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگاننىڭ داڭلىق ئەسىرى «تارىخى رەشىدىي» ناملىق ئەسىرىدە ئۇنىڭ ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن، بۇ بەلكىم، سۇلتان ئابدۇرەشىدخان بىلەن مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگاننىڭ شەخسىي زىددىيىتى تۈپەيلىدىن، تېخىمۇ ئۇچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگاننىڭ ئابدۇرەشىدخان تەختكە چىققاندىن كېيىن، كەشمىرگە كېتىپ، ئابدۇرەشىدخان دەۋرىنىڭ تازا گۈللەنگەن مەزگىللىرىدىكى ئەھۋاللاردىن خەۋەرسىز بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك.+ s. \! L' Y, B5 t& v0 n, ] ئۇنىڭدىن باشقا يەنە،ماخمۇت جوراسنىڭ«تارىخى رەشىدىينىڭ» («زەيلى »)،جۈملىدىن،موللامىرسالىھ كاشغەرىنىڭ «چىڭگىزنامە» («قەشقەرتارىخى») دىمۇ، موللا مۇساسايرامىنىڭ«تارىخى ئەمىنىيە»سىدىمۇ پەرەز قىلىشقىلا بولىدىغان ئەپسانىۋى ئۇچۇرلاردىن باشقا ھېچقانداق مەلۇمات يوق. بۇ ھەقتىكى يېگانە مەلۇمات پەقەت، 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى خوتەندە ئۆتكەن مۇقام-مۇزىكا تارىخچىسى موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزىنىڭ «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»ناملىق ئەسىرىلا بىزنى قىسقىغىنا مەلۇمات بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.ئەمما بۇ مەلۇمات ئاماننىساخاننىڭ پۈتۈن ھاياتى پائالىيىتىنى يۇرۇتۇپ بېرەلمەيدۇ، ئەلۋەتتە ئېلىمىزدە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى باشلانغاندىن بېرى ئاماننىساخان توغرىسىدا خېلى كۆپ ماتېرىياللار ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ يازما تارىخىي ئاساسى يوق.ئۇلار كۆپرەك خەلق ئارىسىغا تارقالغان ئېغىزچە تارىخ ۋە بەزى رىۋايەتلەرگە تايىنىدۇ. مۇنداق ماتېرىياللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ،ئۇلارنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق مەنتىقىسىگە تايانغاندا،ئاماننىساخان 1523-يىلى دولاننىڭ (ھازىرقى مەكىتنىڭ)تىزناپ دەرياسى بويىدىكى قومۇشلۇق مەھەللىسىدە كەمبەغەل مۇزىكانت ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئاماننىساخاننىڭ ئاتىسى ماخمۇتنىڭ ئالدىدىكى بالىلىرى تۇرمىغىنى ئۈچۈن ئاماننىساخان تۇغۇلغاندا ئۇنىڭغا ئۇيغۇر ئىتنوگرافىيسىنىڭ كونا ئادىتى بويىچە«ئىرىم قىلىپ» ئاماننىسا (ئامان-ئىسەن بول!)دەپ ئىسىم قويغان.بۇ ھەقتە خوتەننىڭ ھازىرقى زامان يەرلىك تارىخچىلىرىنىڭ ئاخىرقىسى بولغان مۇھەممەد ئابدۇللا بەگھاجى«ۋەقەئاتى خوتەن»ناملىق ئەسىرىدە(بۇ ئەسەر قوليازما ھالەتتە بولۇپ،ھازىر جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك قەدىمىي ئەسەرلەر ئىشخانىسىدا يۇرۇقلۇققا چىقىشنى كۈتۈپ ساقلانماقتا) مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ:« يەتتە شەھەر خەلقى 48يىل ئابابەكرىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا تۇرغانلىقتىن، ئاڭ-سېزىم ۋە ئەقىل- ئىدراكلىرىنى يوقىتىپ، ئىنسانلىق تۇيغۇسىدىن ئايرىلىپ، ئاڭ-سەۋىيە جەھەتتە گاس بولۇپ قالغان ئىكەن. سۇلتان سەئىدخان خەلقنىڭ بۇنداق بولۇپ كەتكەنلىكىگە ئېچىنىپ؛«كىمدە كىم ئىككى كۇپلېت شېئىر يېزىپ، ئالدىمغا ئېلىپ كەلسە مىڭ تەڭگە ئىنئام قىلىمەن»دەپ،ئېلان يېپىشتۇرۇپتۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مىڭ تەڭگە پۇلنى ئېلىشنى ئارزۇ قىلىلىشقان بولسىمۇ،لېكىن ئىككى كۇپلېت شېئىر يازالمىغانلىقتىن، يەرلىكلەردىن ھېچكىم بۇ مىڭ تەڭگىنى ئالالماپتۇ. لېكىن بۇ سۆز ھەرقايسى شەھەر، يېزا-قىشلاقلارغىچە تارىلىپ، ئاخىرى چەت بىر جاڭگال ياقىسىدا ئولتۇرۇشلۇق مەخمۇت ئىسىملىك بىر ئوتۇنچىنىڭ قۇلىقىغا ئاڭلىنىپتۇ. ئوتۇنچى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ«مەن تۇمشۇقۇم يەرگە تەگكۈدەك بولۇپ، ئېلىپ كەلگەن ئوتۇنۇمنى ئارانلا بىر تەڭگىگە ئالىدۇ ۋە بەلكى ئالمايدۇ. مەن بىر ئۆمۈر ئىشلىسەممۇ مىڭ تەڭگە پۇلغا يېتەلمەيمەن. ۋاي خۇدايىم، ئىككى كۇپلېت شېئىرىي سۆز تىلىمغا كەلتۈرۈپ بەرسەڭ، مەن بۇ ئوتۇنچىلىق زۇلۇمىدىن قۇتۇلسام»دەپ يىغلىغان ھالدا مېڭىپ كېتىپ، بېرىپ ئىككى كۇپلېت شېئىرىي سۆز تىلىغا كەپتۇ؛* D# m$ R+ o2 ^/ P1 `4 B/ ~ ئوتۇن كەسكىلى كىردىم جاڭگال ئارا، & {& Q4 V/ _1 J# O4 t! v0 y ئەزەلدىن پۈتۈلگەنمۇ بېشىمغا ئۇشبۇ جاپا، 6 S4 \" ? ]; g4 ?% G7 u: B7 c پادىشاھ ئىنئامىغا لايىق قىل مېنى ئى خۇدا، ( k! z; k: V$ ?' c& A" {پادىشاھ ئىنئامىنى ئالسام،- M& h' ^/ P! Z) i3 w3 _ ئابرۇيلۇق بولۇرمەن خەلق ئارا. 7 Q" g6 ~) f; P w* y$ S: B9 Z9 \ ئوتۇنچى بۇ شېئىرنى ھەجىلەپ، سەئىدىيە خانلىقى ئوردىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ ۋە «مەن سۇلتانغا شېئىر ئېلىپ كەلدىم»دەپتۇ، ھەمدە سۇلتاننىڭ ئالدىغا كىرىپ تەزىم بەجا كەلتۈرۈپتۇ،خان:«ھە، قېنى شېئىر ئېيتىڭ»دېگەندە «ئوتۇن كەسكىلى كىردىم جاڭگال ئارا» دەپتۇ-يۇ، ئىككىنچى مىسراسىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ، ئۇنىڭ خەت ساۋاتى بولمىغانلىقتىن، بۇ شېئىرنى خەتكە ئالالمىغانكەن. سۇلتان؛ «ئىككىنچى مىسرانى ئېيتىڭ؟» دېگەندە، ئۇ ئېيتالماي شۈك تۇرۇپ قاپتۇ، ئۈچىنچى قېتىم سورىغاندىمۇ ئېيتالماپتۇ، سۇلتان ئۆزى شائىر بولغىنى ئۈچۈن «ئېغىزىغا مۈشۈك پوقى،يۈزىگە قارا سۈرتۈڭلار»دەپتۇ. ياساۋۇللار ماخمۇت ئوتۇنچىنىڭ ئېغىزىغا مۈشۈك پوقى،يۈزىگە قارا سۈركەپ ئوردا دەرۋازىسى ئالدىغا باغلاپ قويۇپتۇ،ئۇ شېئىر ئېيتىمەن دەپ كەلگىنىگە يۈزمىڭ پۇشايمانلارنى قىلىپ، يىغلاپ ئولتۇرۇپ يەنە دىلىغا مۇنداق بېيىت كەپتۇ؛ . ~4 W9 Z1 E# ~- C' m بىلمىگەن سۆزنى قىلىپ بولدۇم بالاغا مۇپتىلا، 6 }4 C9 p9 G% i ~. S خويمۇ لايىق بولدىلەر سۇلتان ماڭا بەرگەن جازا.7 H: I4 d+ Y! G* S% s9 y, E& B بۇنى ھەجىلەپ ئولتۇرغاندا،سۇلتان سەئىدخان ئوردا ئالدىغا چىققان ئىكەن، ئوتۇنچى «تاپتىم، تاپتىم!»دەپ ئۈنلۈك ۋارقىراپتۇ. سۇلتان ئۇنىڭ ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلاپ؛« نېمىنى تاپتىڭ؟»دەپتۇ،ئوتۇنچى بۇ شېئىرنى ئېيتقاندىن كېيىن، سۇلتان تەبەسسۇم قىلىپ كۈلۈپ، ئۇنىڭغا مىڭ تەڭگە پۇل ئىنئام قىپتۇ، ماخمۇت ئوتۇنچى مىڭ تەڭگە پۇلنى ئېلىپ ئائىلىسىگە بېرىپتۇ، قوي،كالا ۋە ئېشەك قاتارلىق چارۋىلارنى سېتىۋېلىپ، ئوتۇن يۈدۈشتىن ئامان تېپىپتۇ، باياشات تۇرمۇشقا يىتىپتۇ. شۇچاغدا ئۇنىڭ خاتۇنى ھامىلىدار ئىكەن، بىر قىز تۇغۇپتۇ. «مەن ئامانلىققا ئېرىشكەندە تۇغۇلغان بۇ بالىنىڭ ئىسمىنى ئاماننىساخان قويىمەن»دەپ قىزىغا ئاماننىساخان دەپ ئات قويۇپتۇ». 3 R8 v$ E$ P* k) g2 y1 [& Gپۈتۈن ھاياتىنى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىشقا سەرپ قىلغان ئالىم شەرپىدىن ئۆمەر ئاماننىساخاننىڭ ئاتىسى ماخمۇت ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ:«ئاماننىساخاننىڭ ئاتىسى ماخمۇت دولان بويىچە كاتتا مۇزىكانت ۋە قوشاقچى ئادەم ئىكەن.ئېيتىشلارغا قارىغاندا، دولاندا بولىدىغان توي-تۆكۈن،مەشرەپلەر ماخمۇتسىز قىزىمايدىكەن. بۇ ئادەمنى خەلق ئۆز كەسپى بويىچە «ئۇستاز»دەپ ئاتىشىدىكەن...ماخمۇت چالغۇ ئەسۋابلىرى ياساپ سېتىپ كۈن كەچۈرىدىكەن.بۇنىڭغا قارىغاندا ماخمۇتنىڭ ئۇستا ياغاچچى ھۈنەرۋەنلىكى مەلۇم.ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئاماننىسا سەككىز ياشلارغا كىرگەندە، بەختكە قارشى ئانىسى كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ.بۇ چاغدا قىزىنى كۆز قارىچۇقىدەك ياخشى كۆرىدىغان، ساۋاتسىزلىقنىڭ دەردىنى تولۇق ھېس قىلغان ماخمۇت نارەسىدە ئاماننىسانى دىنىي مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇتىدۇ.ئاماننىسا كۈندۈزى ئوقۇسا، كېچىسى ئاتىسى ئۇنىڭغا مۇزىكا چېلىشنى ئۆگىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە،بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا،دولاندىكى مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى ماخمۇتتىن مۇزىكا بويىچە ساۋاقلار ئېلىشىپ، مەشرەپلەر قىلىشىپ تۇرىدىكەن.ھەتتا مۇنداق چاغلاردا يۈسۈپ قىدىرخانمۇ بىللە بۇلاتتى، يۈسۈپ قىدىرخان ماخمۇت بىلەن قويۇق ئارلىشاتتى،دېگەن مەلۇماتلار بار.بۇنى ئەقىلگە سىغىدۇ دېيىشكە بولىدۇ.بۇ چاغ سەئىدخان تەختكە ئولتۇرغان چاغ بولۇپ،قىدىرخان ئوردا ئەمەلدارى، ھەم داڭلىق شائىر، ھەم مۇزىكانت ئىدى.ئۇنىڭ شەخسىي خىسلىتىدىن قارىغاندا ئۇ ناھايىتى كەمتەر، جەندە-كولاھ كىيىپ يۈرىدىغان، تۆۋەن قاتلام ئاۋام خەلق بىلەن تولۇق ئارىلىشىدىغان.شۇ چاغ جەمئىيىتىدە ئەۋجىگە چىققان سوفىزىم- سوپى- ئىشانلارغا قارشى ئىلغار پىكىرلەر تەرەپدارى بولغان ئادەم ئىدى.ئۇنىڭ: n) M+ ~" t9 o& y1 t كەمبەغەل كىيسە كۇلاھنى،8 U8 n: r2 T& E0 E- |1 G% | شەيىخلىرىڭ ئادەم ئەمەس.3 t8 _$ Q% ]# P; F5 g ئۆلگۈچە ئېيتسام مۇقام، * S5 L V: L7 j' Nمەن ئۈچۈن ماتەم ئەمەس. & O$ O1 m% g1 @, ]- Nدېگەن جاراڭلىق خىتابى ئۇنى مۇزىكانت، مۇقامچى ماخمۇت بىلەن ئۇنى يېقىنلاشتۇرۇشى تەبىئىي ھال دېيىشكە بولىدۇ. 1 s6 ?0 }, Z- x q$ _ t6 |كەمبەغەل ئەمما ئالىيجاناب ماخمۇتنىڭ ئەتراپىدا مەيدانغا كەلگەن يۇقىرىقى ئىلمىي مۇھىت ئاماننىسانىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە چوڭ تۈرتكە بولغان دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.3 ^, s. _* @8 V0 W! |& n/ k تارىخ پېشقەدەملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاماننىسا 14 ياشقا كىرگىچە تەمبۈر، ساتار قاتار لىقلارنى چالالايدىغان، ئۆزى توقۇغان قوشاقلارنى «ئۆزھال»، «پەنجىگاھ»،«چەبىيات»،«ناۋا»مۇقاملىرىغا سېلىپ ئېيتالايدىغان بولدى. دېيىلگەن نلەرنىمۇ يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا باغلاپ قارىغاندا ھەقىقەتكە ئۇيغۇن كېلىدۇ.( e; Q( Q- Y. ` U& e' c تەخمىنەن 1531 -، 1532- يىللىرى ماخمۇت ئولتۇرغان-ئاماننىسا تۇغۇلغان دولاننىڭ (ھازىرقى مەكىت ناھىيىسىنىڭ) تىزناپ دەرياسى بويىدىكى قومۇشلۇق مەھەللە(ياكى شاھ تاتا)قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە دۇچ كېلىدۇ.بۇ چاغ سەئىدخان تەختكە ئولتۇرغىنىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى بولۇپ، سەئىدخاننىڭ سەمەرقەنتىن كەلگەن ئەبەيدۇللاخوجا ئەھرارنىڭ مۇرىتلىرى يۈسۈپ نۇراخۇجاگانغا قول بېرىپ، مۇرىت بولۇپ، چۈشكۈنلەشكەن دەۋرى ئىدى.3 {; M5 t* i, l' b بۇ يېزا بىر تەرەپتىن، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى، يەنە بىر تەرەپتىن، دوغىلارنىڭ پاراۋانلىق يىللىرىدىكىدەكلا باج-سېلىقلارنى قىستىشى، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشانلارنىڭ قەھەتچىلىكنىڭ تۇغۇلۇشىنى ماخمۇتنىڭ مۇزىكا مۇقاملىرىنىڭ كاساپىتى قىلىپ جۆيلۈشلىرى، ئۇنىڭ ھېسابىغا خەلقنى«نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزۈپ ئاللاھتىن پاناھ تىلەش»كە قىستىشى ماخمۇتنى ئانا يۇرتىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر قىلىدۇ.ماخمۇت ئاخىرى كىشى ئاياغ باسمايدىغان تەكلىماكاننىڭ بىر بۇرجىكىدىكى «قازان كۆل»دېگەن جايغا كۆچۈپ كېلىدۇ. بۇ جايدا ئۇلار يەككە -يېگانە ئۆيلۈك بولۇپ، ئاماننىسا ئوقۇيدىغان دىنىي مەكتەپتىنمۇ ئايرىلىدۇ. * r- T& ?3 U5 A+ }; oئەمدى ئۇ مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن چاغلاردا توپلىۋالغان لۇتفى، ئاتايى، سەككاكى، ناۋايى قاتارلىق ئۇيغۇر كلاسسىكلىرىنىڭ كىتابلىرىنى تېخىمۇ قېتىر قىنىپ ئوقۇپ، شېئىر ئىجادىيىتىگە كىرىشسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئاتىسى ماخمۇتتىن ساز، مۇقام ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.. n" O/ a( d# Z! m" i بۇ چاغدا ماخمۇتنىڭ ئائىلە خىراجىتى ئۈچۈن كىرىم ئۇلدىغان مۇزىكا ئەسۋابلىرىنى ئالىدىغان كىشى بولمىغىنى ئۈچۈن، توغراقنى كېسىپ ئېشەككە ئارتىپ ئاپىرىپ سېتىپ ئوتۇنچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ماخمۇت ئوتۇنچى دېگەن نام سىڭىپ قالىدۇ. ئوتۇنچى دېگەن بۇ نامنىڭ سىڭىپ قېلىشىغا قارىغاندا، ئۇ بۇ ئىش بىلەن خېلى ئۇزاق شۇغۇللانغان بولسا كېرەك»(شەرپىدىن ئۆمەر«ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى» 1-كىتاب.«شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى» 1996-يىل نەشرى 141-بەت).5 L+ i- b& }1 h' j ئاماننىساخاننىڭ ئابدۇرەشىدخان بىلەن تونۇشۇپ، ئوردىغا كىرگەن ۋاقتى 1537-،1538-يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ. ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئاماننىساخان بىلەن تونۇشۇش سەرگۈزەشتلىرى توغرىسىدا موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» ناملىق بۇ قىممەتلىك ئەسىرىدە تۆۋەندىكىلەرنى يازىدۇ: ' O& I, l! J& I2 C8 C+ R% ], l«مۇسىق ئىلمىنىڭ ئون يەتتىنچى پىرى مەلىكە ئاماننىسا خېنىم ئىدى. بۇ خېنىم سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ خانىشى ئىدى. ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ يېگانە شائىرەسى بولۇپ،«دىۋان نەفىسى»ناملىق شېرىن بىر كىتابنى يازغانىدى. خەتتاتلىقتا ئۈستۈن ماھارەتكە ئىگە ئىدى. مۇزىكا ئىلمىدىمۇ شۇنداق كامالەت ئىگىسى ئىدىكى،سۇلتان ئۇنىڭغا تاقەتسىز ئاشىق ۋە ئىختىيارسىز شەيدا بولغانىدى؛ سۇلتان ئۆز ۋەزىر-ئەمىر ۋە لەشكەرلىرى بىلەن پايتەختى يەكەندىن ئاتلىنىپ چىقىپ،تارىم دەرياسىنى بويلاپ، تەكلىماكان دەشتىگە شىكارغا يۈزلەندى ۋە بىر نەچچە كۈن ئەتراپتا بولدى. سۇلتاننىڭ كېچىلىرى دېھقانچە ساددا كىيىملەرنى كىيىپ، قۇنۇچى مۇساپىر سۈپىتىدە سەھرا ياقىلىرىدىكى ئۆيلەردە غېرىبانە قونىدىغان ۋە شۇ يول بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ رەئىيەلەرگە زۇلۇم-سەتەم قىلغانلىقىنى تەكشۈرىدىغان ئادىتى بارئىدى. بىر كۈنى سۇلتان شۇ يوسۇندا ئەكرەم ئاتلىق بىر مەھرىمى بىلەن بىر خارابە ئۆيگە قونۇچى سۈپىتىدە كىردى.بۇ ئۆي مەھمۇد ئاتلىق بىر ئوتۇنچىنىڭ ئۆيى ئىدى. بۇ مەلىكە بولسا شۇ مەھمۇدنىڭ قىزى ئىدى.سۇلتان ئۆينىڭ بۇلىڭىدا تۇرغان بىر تەمبۈرنى كۆرۈپ قېلىپ، مەھمۇددىن تەمبۈر چېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. مەھمۇد: «مەن تەمبۈرنى چېلىشنى بىلمەيمەن، مۇشۇ قىزىمىز ماڭا تەمبۈر ئېلىپ بەر دەپ خاپاقىلىپ ئالدۇرغان، قىزىم چالىدۇ»دەپ جاۋاب بەردى.سۇلتان:«ئەمىسە،قىزىڭىز چېلىپ بەرسۇن» دېدى.مەھمۇد قىزىغا ئەمىر قىلدى.قىز تەمبۈرنى ئېلىپ پەنجىگاھ مۇقامىغا شۇنداق چالدىكى، سۇلتان ھەيران قالدى.بولۇپمۇ قىز ئۆزى يازغان بىر شېئىرنى مۇقامغا سېلىپ ئوقۇغاندا، سۇلتان قىزنىڭ مۇھەببىتىدە كۆيۈپ، بىھوش بولۇپ كەتتى. شېئىرنىڭ باشلانما بېيىتى مۇنداق ئىدى: ( p% }. @! }# z+ z9 u4 O) Y h0 Yسەڭا يۈز شۈكۈر يارەب بىزگە ئادىل پادىشاھ قىلدىڭ،* U- @( o1 `( j' k! O' W فەقىر-مىسكىنغە ئابدۇررەشىدخاننى پاناھ قىلدىڭ.; h, f5 z* }+ ~) q& F3 v 8 i/ w# S- E+ c$ \, _ بۇ غەزەلنىڭ چۈشۈرگە بېيىتى مۇنداق باغلانغانىدى: ) R r! p. N5 C+ c ' o' p: I3 V. j# U; G نەفىسى كېچە-كۈندۈز قىل دۇئا تەڭرى تەقدىسىگە (تەقدىس-پاك، مۇقەددەس،ئەزىز)1 N0 Z0 U$ F# t, D4 ` كى شاھنىڭ ھەققىدە قىلماي دۇئا قاتتىغ گۇناھ قىلدىڭ.4 G3 D, y- Z0 f; R/ p5 K * K) M4 g, n+ s% x0 c( N D غەزەل تامام بولۇشىغا سۇلتان ئالدىراپ:«نەفىسى دېگەن شائىر كىم؟سىز بۇ غەزەلنى نەدىن ئۆگەنگەن؟»دەپ سورىغانىدى، قىز: «خەقنىڭ غەزىلىنىمۇ ياد ئېلىپ ئوقۇمدىكەن،مەن نەۋائى،فۇزۇلى، زەلىلىنىڭ(زەلىلى ‹مۇھەممەد سىدىق زەلىلى›ئاماننىساخاندىن كېيىن، مىلادىيە 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 18-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى.مۆجىزى ئاماننىساخان ھەققىدىكى بۇ رىۋايەتنى ئەسىرىگە كىرگۈزگەندە،بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلمىغان) شېئىرلىرىدىن باشقىنى ئوقۇمايمەن،بۇ غەزەل ئۆزۈمنىڭ، نەفىسى مىنىڭ تەخەللۇسۇم»دەپ جاۋاب بەردى.سۇلتان ئۇنىڭ نەچچە ياشقا كىرگەنلىكىنى سورىدى. ئاتىسى: «13 ياشقا كىردى»دەپ جاۋاب بەردى. سۇلتان تېخىمۇ ھەيران بولدى. ئاڭغىچە ئاماننىساخېنىم قوپۇپ،ئۆزى يازغان بىر نەچچە شېئىرلارنى ئەكېلىپ كۆرسەتتى.خېتىنىڭ ھۆسنى ئۆزىنىڭ ھۆسنى بىلەن بەسلىشەتتى. پادىشاھنىڭ بۇ خەتنى شۇنچە كىچىك نارەسىدىنىڭ يازغىنىغا ئىشەنگۈسى كەلمەي:«قېنى ئەمىسە، مەن قاراپ تۇراي، بىر شېئىر يېزىپ بېقىڭ»دېگەن ئىدى،قىز دۈۋەت- قەلەم ۋە قەغەز ئېلىپ كېلىپ تۆۋەندىكى بېيىتنى يازدى:6 \: N# Z* f* i/ \ E- p يارەب بۇ بەندە قىلدى ئەجەب سۇئىزەن مەڭا(سۇئىزەن-يامان نەزەردە)& a3 E! a- M* L* J1 Y# d گويا بۇ ئۆيگە ئۈندى بۇ ئاخشام تىكەن ماڭا. 5 L# u4 Z6 O+ u) Q$ l6 dسۇلتان كۈلدى. ئىشەندىم،ماڭا ھەجۋىي قىلمىسىلا،دېدى ۋە مەھمۇد بىلەن تاشقىرىغا چىقىپ:«بىز ھېلى كېلىمىز»دەپ كېتىپ قالدى. ئۇ لەشكەر گاھقا بېرىپ،ۋەزىر-ئەمىرلەرگە بولغان ئەھۋالنى بايان قىلدى. بېشىغا تاج كىيىپ، ئۈستىگە دەۋاج ياپتى.دەرھال ئون قوي ۋە شاھى ئەتلەسلەر تەييارلاندى،تۈن يېرىمدا قىرىق كىشى مەھمۇدنىڭ ئۆيىگە كېلىپ مەقسەتنى بايان قىلدى.پادىشاھ ئۆزىنى ئاشكارا قىلىپ،توي قىلىپ قىزنى نىكاھىغا ئالدى.بۇ مەلىكە 20يىل پادىشاھنىڭ نىكاھىدا تۇردى. خۇدايىتائالا بۇ قىزغا شۇنداق ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلغان ئىدىكى، تەرىپلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.«دىۋان نەفىسى»نى يازدى،خوتۇن-قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدا «ئەخلاقى -جەمىلە» (گۈزەل ئەخلاق)ناملىق بىر كىتابنى يازدى،«شورۇھۇلقۇلۇب»(قەلبلەر شەرھى)ناملىق بىر رىسالە يازدى،شائىرلىق، نەغمىچىلىك ۋە خەتتاتلىق توغرىسىدا بۇنىڭدەك مەنىلىك كىتاب ئاز.«ئىشرەت ئەنگىز»(شادلىق قوزغۇغۇچى)ناملىق بۇ مۇقامنىمۇ بۇ مەلىكە ئىجاد قىلغانىدى.كۈچلۈك رەشك يۈزىسىدىن سۇلتان بۇنى ئۆز نامىدا قىلىۋالغان ۋە شۇ بويىچە نەغمىچىلەرگە تۈگىتىلگەن. بۇ مەلىكە 34 يېشىدا تۇغۇتتا ۋاپات بولغان،دىيلىدۇ. مەلىكە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن،سۇلتان ئۆزىنى ئۆلتۈرگۈدەك ھالەتكە يىتىپ،سەۋدايىلىق كېسىلىگە مۇپتىلا بولدى. سۇلتان ئاخىرى يىغلاپ ئالەمدىن ئۆتتى،دىيلىدۇ»(موللائسمەتۇللابننى نېمەتۇللا مۆجىزى «تەۋارىخى مۇسقىيۇن»65-67-بەتلەر. مىللەتلەر نەشرىياتى 1982-يىل نەشرى)؛ ئاماننىساخان ھەققىدە «چىڭگىزنامە» (ئەسلى «قەشقەرتارىخى» دېيىلسە توغرا بولىدۇ)دە:«خان ئاخىرى ھالدا بىر رەئىف لۇلىنى ئالدىلار. چۈچۈك خانىم سەرزەنىش(تاپا-تەنە)قىلدى:‹سەن لۇلىنى ئالدىڭ›-دەپ. خان بۇ رۇبائىنى بەدىھە(توساتتىن)ئەيتتىلار:* {3 D3 s5 }* y! f مەھبۇب ئەگەر كۆڭۈل قەبۇلى بۆلسە،3 H6 f/ j2 D: B$ i شېرىن ھەرەكەت،خۇش ئۇسۇلى بۆلسە. 0 l2 V) i/ |1 d% k' b, Aجان ئوتراسىدا ئانىڭكى يولى بۆلسە، & w; a n k* N( | j+ n5 p! mنى ئەيىب ئانىڭ ئەسلىسى لۇلى بۆلسە. : l, N, @6 ]9 [+ Wخانىم ھەم گۈزەشت(كەچۈرۈش)قىلدىلار.»(موللا سالىھ كاشغەرى «چىڭگىز نامە» قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1984-يىل نەشرى 109-بەت) دەپ يېزىلىپ، ئاماننىساخاندىن بېشارەت بېرىلگەن. " H7 {/ f& W# Y N+ B% R+ T: o5 ~بۇ يەردىكى‹لۇلى›سۆزى ئەينى دەۋردە تارىم ۋادىسىدىكى دولان دىيارىدا ياشاپ كەلگەن سەنئەتخۇمار مەكىت قوۋمىگە قارىتىلغان بولۇپ، ئۇلار فېئودال مۇتەئەسسىپ سوپى-ئىشانلار تەرىپىدىن كەمسىتىلىپ، «لۇلى»دەپ ئاتالغانىدى. بۇ ئاماننىساخاننىڭ ناخشا-ئۇسۇلغا ماھىر،ئاددىي، سەنئەتكار خەلقنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ./ ^5 i4 A8 ~( q نىزامىدىن ھۈسەيىن«كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي ئوچىرىكلىرى»ناملىق ئەسىرىدە «سەئىدنامە»ناملىق پارىسچە قوليازما ئەسەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ تۆۋەندىكىلەرنى يازىدۇ: 1 J# v, ?7 e/ O# E2 H' h' w1 V«...مۇسۇلمانچىلىقتا كۇپرانە-ناشايان قىلىقلار،ساز،نەغمە-ناۋالار، كۈلكە- ئەپسانە قىلىقلار...قەتئىي تەرك ھېسابلانغان زامانلارنىڭ بىرى ئىدى. پىر- يارەن،ئۇلۇغلارنىڭ پايى-قەدەملىرى تېخى يەتمىگەن،دۇئا- نەپەسلىرى تەسىرى پۇرسەت تاپمىغان ئۇلۇغ ئېقىن بويلىرىدىكى يار باشى سەھراسىدا شاھ تاتا لىق چوكان-سېكىلەك خاتۇن ئامەتلىرى ئاسمانغا ئۆرلەپ شاھى رەشىدىل ئەزەم بىلەن 40كېچە-كۈندۈز كۇپرانە-ناشايان «ئۇششاق»بىدئەتچىلىكى سادىر ئەتتىلەر... شاھى ئالەم شادلىقى خالايىققا ئالقىش ئەتمەك ۋاجىپلىنىپ،بىدئەتلىك قىلىدىغان تەرسائى بەندىلەرنىڭ سانى ئېشىپ، نۇخالىرى ئۆرلەپ،ئاشكارا ئۇششاق قىلماقتا تۇتۇندىلەر...بۇ ئىش ئادەت بولۇپ يايىلدىلەر...شاھى ئالەم چوكان خاتۇنى بىرلە 40 كېنىزەك، 40 ئەللامە، سىپاھ ھەمراھ ئەيلەپ كۆكيەر، يولبۇرسى (قاغىلىقتىكى ھازىرقى كۆكيار،يۇۋس كەنتىلىرى – ئاپتۇرئىزاھى) ئوردىگاھلىرىدا ئۇششاق رەققاسلىرى، شادلىق كۆرسەتتىلەر...تاراتتىلەر، بۇ چاغلار تارىخقا توققۇز يۈز ئەللىك يەتتە رەجەپ،شەئىبان ئىدىلەر...» (نىزامىدىن ھۈسەيىن:«كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي ئوچىرىكلىرى»،«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى (ئۇيغۇرچە)، 1988- يىللىق 3-سان،59-بەت). ! L @3 Z$ E+ x5 \4 K«ئۇششاق» (ئاشىقلىق، ئىشقىي-مۇھەببەت) سۆزىنى ئىزاھلاش يۈزىسىدىن بېرىلگەن بۇ پارچىدىن سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ئاماننىساخاننى ئۆز ئەمرىگە ئالغاندىن كېيىن،ھىجرىيە 957-(مىلادىيە 1550)يىلىنىڭ 7~8- ئايلىرى يەكەن دەرياسى ۋادىسىنىڭ تەكلىماكان بىلەن تۇتاش سەھرالىرىدا 40 كېچە-كۈندۈز مەشرەپ-بەزمە ئۇيۇشتۇرۇپ، خەلق ناخشا-مۇزىكا، مۇقام سەنئىتى بىلەن ھوزۇلىنىپ كۆڭۈل ئاچقانلىقى، مەزكۇر سەنئەت بايرىمىغا ئاۋامنىڭ قىزغىن ئىشتىراك ئەتكەنلىكىنى بىلىش مۇمكىن، ن.ھۈسەيىن ئۇلۇغ ئېقىن بۇيىدىكى يار باشى سەھراسىنى ھازىرقى قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ ئۇلۇغ ئۆستەڭ ۋادىسىدىكى يار بېشى سەھراسى دەپ ئىزاھلىغان. ( ]: J: ^; h3 ]) J«سەئىدنامە»دە تىلغا ئېلىنغان «شاھ تاتا لىق چوكان-سېكىلەك خاتۇن... »دېگەن ئۇچۇر ئاساسىدا ئىزدەنگەن بەزى تەتقىقاتچىلار ئاماننىسا خاننىڭ يۇرتىنىڭ ھازىرقى قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ جاڭگىلىئەسكى يېزا قارا دۆڭ كەنتى بىلەن يەكەن ناھىيىسىنىڭ قاراسۇ يېزىسى(بۇ يېزا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھازىرقى ئېگەچى بازىرى قاتارلىق جايلار بۇرۇن «تاتار» دەپ ئاتالغان) شاپتۇللۇق كەنتى تۇتاشقان جايدىكى ئىسمى يۇقالغان شاخ تارتار (بۇ يەردىكى«تاتار»-تاتار،يەنى تارتىش، سۆرەش مەنىسىدىكى سۆز) مەھەللىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (ئابدۇقادىر داۋۇت: «ئاماننىسا خاننىڭ سەھرادىكى يۇرتى توغرىسىدا». «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى (ئۇيغۇرچە)،1996-يىللىق 3- سان، 90- بەت). ' {' m% d3 H. T: T7 n* k0 a" u0 ^ئاماننىساخاننىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ئېنىق بولمىغانلىقى(بۇ ھەقتىكى بۇرۇنقى يىلنامىلەر پەقەت پەرەزگە تايىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان) ئۈچۈن، «تەۋارىخى مۇسقىيۇن»دا ئېيتىلغان،مەلىكىنىڭ 34 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى، سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ مەلىكە ئۆلۈمىدىن كېيىن سەۋدايىلىق كېسىلىگە مۇپتىلا بولۇپ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى ھەققىدىكى بايانلارغا ئاساسلىنىپ، مەلىكە ئاماننىساخاننى،ھىجرىيە 930-يىللارنىڭ باشلىرى(مىلادىيە 1523- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى) دۇنياغا كېلىپ،ھىجرىيە 960-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى (مىلادىيە 1550-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى) ئالەمدىن ئۆتكەن،دەپ قاراش مۇمكىن. # \. U3 ? Y% o( X/ b0 Oرىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، مەلىكە ئاماننىساخان ئۆلۈم ئالدىدا«...مەن ئالەمدىن ئۆتىمەن، ئۆمرۈم بويى ئەلنىڭ مەرىپىتى ئۈچۈن تىرىشتىم، يازدىم، بۇنىڭدىن باشقا سەرمايەم، ياخشى خسلەت-پەزىلىتىممۇ يوق، كات ئۈستىدىكى تاغاردا ئۆز قولۇم بىلەن توپلىغان قومۇش قەلەم قىرىندىسى ھاياتىمدا يىغقان مېنىڭ خەزىنەم.ئۇ مېنىڭ تەۋرەتكەن قەلىمىمنىڭ ئەجىر مېۋىسى، ئۇنى باقىي ئالەمگە ئالغاچ كېتەي. شۇ قىرىندا بىلەن سۇ ئىسسىتىپ، مېنى يۇيۇڭلار. مەلىكە رازىيەنىڭ ياقۇت يېزىقى بىلەن «مەسھەت شەرپى»نى تېخى كۆچۈرۈپ بولالمىغانىدىم. قىزلاردىن بىرى ئاخىرىنى كۆچۈرۈپ، خەلققە تەقدىم قىلسا،پاتىمە بىننى ئەخمەتنىڭ خۇش خېتى بىلەن قەۋرەمگە خاتىرە يېزىڭلار!»دەپ ۋەسىيەت قىلغان، مانا مۇشۇنداق ئېغىزچە تارىخقا ئاساسلانغان رىۋايەتلەرمۇ بار.بۇنىڭدىن بىز مەلىكىنىڭ ناھايىتى كەمتەر، ئالىيجاناب خىسلىتىنى، بولۇپمۇ تاغارلاپ يىغقان قومۇش قەلەم قىرىندىسىدىن 20 يىللىق ھاياتىدا ناھايىتى نۇرغۇن نەرسە يازغانلىقىنى بايقىيالايمىز. # i( U( A. Q# e. |' D' Q; v9 cئۇيغۇر تارىخىدا شانلىق بىر دەۋرىنى ياراتقان سەئىدىيە خانلىقنىڭ ئەڭ مەشھۇر مەدەنىيەت ئەربابى بولغان مەلىكە ئاماننىساخان، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خانلىق قەبرىستانلىقى بولغان «ئالتۇنلۇق»مازارغا دەپنە قىلىغلىق.سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئەڭ شانلىق دەۋرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن قەيسەر، جەسۇر شاھ ئابدۇرەشىدخانغا ئۇنىڭ سۆيۈملۈك خانىشى ھەم دۆلەتنى باشقۇرۇش، خانلىقنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىشتا ئەڭ قابىل، ئەڭ سەمىمنى، ئەڭ جەڭگىۋار سەپدىشى بولغان مەلىكىنىڭ ۋاپاتى ناھايىتى قاتتىق تەسىر قىلغانلىقتىن،خۇددى «تەۋارىخى مۇسقىيۇن»دا دېيىلگىنىدەك سۇلتان ئابدۇرەشىدخان مەلىكىنىڭ ۋاپاتىدىن ئۈچ يىل كېيىن،«سەۋدايى»كېسىلىگە مۇپتىلا بولۇپ، ئالەمدىن ئۆتكەن. $ @2 f6 P. M( Eئەمما ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ ئۇلۇغ پەرزەنتى مەلىكە ئاماننىساخانمۇ خەلقنىڭ قەلبىدە«ئون ئىككى مۇقام»قانداق ساقلىنىپ كەلگەن بولسا،شۇنداق ساقلىنىپ كەلدى.ئۇ تارىخنىڭ ھەرقانداق دەھشەتلىك كۈچىدىن مۇقامدەك مەڭگۈ غالىپ كېلىدىغان ۋە غالىپ كەلگەن قۇدرەتكە ئىگىدۇر.ئۇ خۇددى «ئون ئىككى مۇقام»دەك خەلق قەلبىدە مەڭگۈ ساقلىنىپ، جاھان ئاۋازىدا مەڭگۈ جاراڭلايدۇ. + x9 z4 B M# Wشۇڭا خەلقىمىز بۈگۈنكى كۈندىمۇ،ئاشۇ ئۇلۇغ سىما ھەققىدە رومان، قىسسە، دراما، ئوپېرا، كىنو، تىياتىرلارنى يېزىپ، ئۇنى تارىخ خاتىر ىسىنىڭ مەڭگۈلۈك بەتلىرىگە سېغىنىش مېھرى بىلەن پۈتمەكتە. يەكەن شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى «ئالتۇنلۇق»مازاردا يېڭىدىن قەد كۆتۈرگەن ئاماننىساخان مەقبەرىسىنىڭ ئىچىدىكى تامغا قايسىدۇر بىر شائىر يېزىپ چاپلاپ قويغان مۇنۇ مىسرالار بىزگە ئۇنى تېخىمۇ سېغىندۇرىدۇ. + ^9 j- S. \$ S) t Vنەفىسى ئالەمدە گۈزەللىك سۇلتانى نازاكەتلىك،0 d0 g* t! n( b1 Q5 [! ~) f; c رەشىدىگە ياندىشىپ ياراتقان زامانى-پاراغەتنى. , p, u4 P; b# O$ eنامايان ئەيلىدى مۇقامنى ئون ئىككى يۇلتۇز كەبى، . R0 g6 o$ [+ p( k6 r( tتەرىپى دىللاردا داستان مەڭگۈلۈك ئىناۋەتلىك.0 y& p. j. b, k' E8 B0 M 2009-يىل 6-يانۋار. 2 I9 x; H8 q, N# m* V7 G% m# J; y% D$ i8 f& b. q# ]6 g
|
|