ئىنسان جەمئىيەت ۋە دۆلەتنىڭ كەڭ دائىرىلىك مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن قانچىلىك پايدا يەتكۈزسە، ئۇ شۇنچىلىك كاپالەتكە ئېرىشىدۇ
جەمئىي مىكروبلوگ 1184 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئابلەت تۈنۈگۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي  دوسلار  تېمىلارغا ئىنكاس ۋە كۆزقارشىڭلارنى يېزىڭلار !!تېما يوللاڭلار !!!

  • ئابلەت تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي  دوسلار  تېمىلارغا ئىنكاس ۋە كۆزقارشىڭلارنى يېزىڭلار !!باشقىلارنى قوللاڭلار

  • ئابلەت تۈنۈگۈن 23:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي  دوسلار  تېمىلارغا ئىنكاس ۋە كۆزقارشىڭلارنى يېزىڭلار !!شەربەت گۈللەنسۇن!!!

  • xarbat 2013-1-19 01:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىللاغا زۆرۈر ئېھتىياجلىق بولسىڭىز «ۋەزىپە»گە كىرىڭ

  • ئابلەت 2013-1-14 13:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۇيىل كىرىپلا ئۆلۈم يېتىم تولا بولۇپ كەتتىغۇ  

  • 天使 2013-1-13 23:21 [ئىنكاس(1)] [...]

    بىلەلمىدىم قانداق قىلشنى

  • نازاكەت 2013-1-7 22:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى ھىس قىلاي دىسڭىز،ھاياتقا كۈلۈپ قاراشنى ئۆگىنۋېلىڭ.

كۆرۈش: 205|ئىنكاس: 3

[قائىدە-نىزام]يول يۈرۈشتە دىققەت قىلىشتىكى زۆرۈر مەسىلىلەر

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

28

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1728

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3121
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 2
تىللا: 448
تۆھپە : 122
توردا: 34
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 19:23:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يول يۈرۈشتە دىققەت قىلىشتىكى زۆرۈر مەسىلىلەر

6 P+ O2 _/ q, B, X6 V( jئاپتور: تۇرغۇن يىلتىز     شەھەر-بازار يول - كوچىلىرىدا يول يۈرگەندە، قاتناش قائىدىسى بويىچە يۈرۈش، يەنى پىيادىلىكلەر ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە ۋېلىسىپىت يوللىرىغا كىرىۋالماسلىق، پىيادىلىكلەر يولىدا ئوڭ قولىنى بېسىپ مېڭىش، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يولىنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يېرىدىن كېسىپ ئۆتمەسلىك، ئۆتۈشكە توغرا كەلسە بەلگىلەنگەن يەرلەردىن، يەر ئاستى يوللىرىدىن، يول ئۈستى كۆۋرۈكلىرىدىن ئۆتۈش قاتارلىق قائىدىلەرنى ھەممە ئادەم دېگۈدەك بىلسىمۇ، ئەپسۇسكى ئايرىم بىر قىسىم كىشىلەر مۇشۇنداق ئەقەللىي ساۋاتلارنى بىلىپ تۇرۇقلۇق، يەنە ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىدۇ. بۇ، ئەدەپ - قائىدىسىزلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر خىل قاراملىق، مەدەنىيەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، سىز پىيادە يول يۈرگەندە، كىچىككىنە قۇلايسىزلىقتىن قېچىپ ياكى ئازراق ۋاقىتنى تېجەيمەن دەپ ئەدەپ-قائىدىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىز، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىڭىز لازىم.' b" L. G. K3 N" `1 a" n
     كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەرنىڭ بىرمۇنچە پالاكەتكە، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىغا ۋە بەختسىزلىكلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاقسىزلىق ئامىللىرىنى سادىر قىلغانلىقى سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ئاتا-بوۋىلىرىمىز: «تەلىيىڭنىڭكاجلىقىنى ئۆز خۇيۇڭدىن كۆر» دېگەن. يول-كوچىلاردا ماڭغاچ ئۇياق-بۇياققا قاراپ ھاڭۋاقتىلىق قىلىش، يول بويلىرىدىكى ۋىۋىسكا، ئېلان قاتارلىقلارنى ئوقۇش، مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىش، ماتېرىيال كۆرۈش، بىر نەرسىلەرنى يېيىش قىلىش ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش ئەدەپسىزلىككە ياتىدۇ. يول يۈرگەندە دىققىتىڭىز بۆلۈنسە ياكى ئەتراپىڭىزغا سەل-پەللا دىققەتقىلمىسىڭىز، كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا كۈتۈلمىگەن ئىشلار يۈز بېرىشى تۇرغانلا گەپ. كىشىلەرگە سوقۇلۇپ كېتىشىڭىز، بۇنىڭ بىلەن كۆڭۈلسىزلىككە يولۇقۇشىڭىز مۇمكىن. كىچىك بالىلارنى ئۇرۇۋېتىشىڭىز، پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشۈشىڭىز، بىرەر نەرسىگە ئۈسۈۋېلىشىڭىز مۇقەررەر ئەھۋال. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەدەپ-قائىدىسىزلىكنىڭ ئاقىۋىتى بولۇپ، ناۋادا چوڭراق بىرەر كېلىشمەسلىككە يولۇقسىڭىز، ئۇ چاغدا ئۆمۈرلۈك پۇشايماننى ئالىدىغانغا قاچا تاپالماي قالىسىز. شۇڭا، يول بويلىرىدىكى ۋىۋىسكا، ئېلانلارنى كۆرمەكچى، مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلانماقچى ياكى ماتېرىيال كۆرمەكچى بولسىڭىز، يولنىڭ چېتىگە چىقىپ توختاڭ. مانا بۇ ھەم ئەدەپ-قائىدىلىك بولغانلىق، ھەم بىخەتەرلىككە دىققەت قىلغانلىق بولىدۇ.7 \- J! Z2 X: Z* O
كوچىلاردا بوۋاي-مومايلارغا، ئاجىز-مېيىپلارغا، خانىم-قىزلارغا ۋە ئۆسمۈرلەر-بالىلارغا، ئىككىقات ئاياللارغا يول بەرگۈلۈك. بىر قانچە ئادەم بىللە كېتىۋاتقان بولسا، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بۆسۈپ ئۆتمىگۈلۈك. بولۇپمۇ ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن، ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئاراچلىرىدىن قىسىلىپ ئۆتكۈلۈك ئەمەس. كېتىۋاتقان كىشىلەرگە بەك سەپسېلىپ قاراش، يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يات جىنسلىق كىشىلەرگە قايرىلىپ تۇرۇپ كەينىدىن كۆز يۈگۈرتۈش، بىللە كېتىۋاتقان كىشىنى توختاشقا مەجبۇرلاپ پاراڭ قىلىش، كوچىدا ئۇزاق توختاپ گەپلىشىش، يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەش، ۋارقىراش-جارقىراش، قاتتىق تېلىقىپ كۈلۈش ياكى يىغلاش، جېدەل-ماجىرا قىلىش، كىشىلەرنىڭ قوي-كالا، ئىت-مۈشۈك، توخۇ-ئۆردەك، كەپتەر قاتارلىق ھايۋانلىرى ۋە قۇشلىرىنى ئۆركۈتۈۋېتىش، يول-كوچىلاردا يېتىش، ئۇخلاش، ئۇدۇل كەلگەنلا يەرگە بىرنەرسە تاشلاش، تۈكۈرۈش، مىشقىرىش قاتارلىق ئىللەتلەر ئەخلاقسىزلىقتىن، تومپايلىقتىن بېشارەت بېرىدۇ.
1 `& r; ]0 S# Z$ p( A     باشقىلار بىلەن سالاملىشىش-كۆرۈشۈشكە توغرا كەلگەندە ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق: «نەگە؟»، «نەدىن كېلىۋاتىسىز؟»، «نەگە ماڭدىڭىز؟»، «نېمە ئىش قىلماقچىسىز؟»، «بۈگۈن نېمە ئىش قىلدىڭىز؟»، «قولىڭىزدىكى نېمە؟» دېگەندەك ئورۇنسىز سوئاللارنى سورايدىغان، كېتىۋاتقان ۋە ئالدىغا ئۇچرىغان كىشىلەرنى بىكاردىن-بىكار ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق قۇرۇق گەپكە تۇتىدىغان ئادەملەرنى دائىم دېگۈدەك ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. بۇمۇ ئەدەپسىزلىكنىڭ ساقىندىلىرىدۇر. ئەگەر كېتىۋاتقان ياكى ئالدىڭىزغا ئۇچرىغان بىراۋدا ئىشىڭىز بولمىسا، ئۇنىڭدىن يۇقىرىدىكىدەك تۇتۇرۇقسىز گەپلەرنى سوراپ يۈرمەڭ. قىزغىنلىقىڭىزنى سالاملىشىپ قىسقىچە ئەھۋاللىشىش ئارقىلىق ئىپادىلىسىڭىزلا كۇپايىلىنىدۇ. بىرمۇنچە كىشىلەر مۇشۇنداق قىلچە زۆرۈرىيىتى بولمىغان ئورۇنسىز سوئاللارنى سوراپ، باشقىلارنى قۇرۇق گەپكە تۇتۇپ تەڭقىسلىقتا قويىدۇ... يول-كوچىلاردا ئۇچراتقان تونۇش-بىلىش، دوستلىرىڭىزنى بىھۇدە گەپكە تۇتماڭ. يولدا باشقىلار بىلەن بىللە كېتىۋاتقان بولسىڭىز، يولدا ئۇچرىشىپ قالغان بىراۋلار بىلەن ئۇزاق پاراڭغا چۈشۈپ كېتىپ، بىللە مېڭىۋاتقان ھەمراھىڭىزنى ساقلاتماڭ. باشقىلارنى ئاللىقانداقتۇر بىر يەرلەرگە بىللە بېرىشىپ بېرىشكە ياكى بىللە كوچا ئايلىنىشقا زورلىمىغىنىڭىز ياخشىراقتۇر.$ ~7 U' I$ Q$ |2 }- I
     كىشىلەر سۇ ئىچىدىغان ئېرىق-ئۆستەڭلەرگە، كۆللەرگە چۆمۈلمەڭ، ئۇ يەرلەردە قول-پۇت، باش-كۆزىڭىزنى يۇماڭ. ئادەم ساقلاشقا ۋە ئۆچىرەتلەردە تۇرۇشقا توغرا كەلگەندە، جەزمەن تېگىشلىك ئورۇنغا بېرىپ تۇرۇش، جىق ئادەم بار يەردە قىستاشماسلىق، كوچا ئاپتوبۇسلىرىغا چىققاندا، پەلەمپەيلەردە، لىفىتلاردا، تار-قىسىلچاقلاردا بوۋاي-مومايلارغا، چوڭلارغا، ئاجىز-مېيىپلارغا، كېسەلمەن كىشىلەرگە، ئاياللارغا ۋە ئۆسمۈر-بالىلارغا ئورۇن بېرىش؛ باشقىلارغا يۆلىنىۋالماسلىق، چاپلىشىۋالماسلىق كىشىلەرنىڭ ئايىغىغا دەسسەپ سېلىشتىن ياكى ئايىغىڭىزنى بىراۋنىڭ ئايىغىغا تەگكۈزۈۋېتىشتىن ئېھتىيات قىلىشىڭىز كېرەك. ئەرلەر ئەرلەرنىڭ قېشىدىراق، ئاياللارمۇ ئاياللار قېشىدىراق تۇرغىنى ياخشىدۇر. باشقىلارنى ئىتتىرىۋېتىشتىن، باشقىلارغا ئۇرۇلۇپ كېتىشتىن ھېزى بولۇڭ. ئاپتوبۇستا، پويىزدا ياكى ئايروپىلان، پاراخوتلاردا قېشىڭىزدا ئولتۇرغان كىشىگە يۆلىنىپ ئۇخلىماڭ، يات جىنسلىق كىشىلەر بىلەن بىر ئورۇندا ئولتۇرغان بولسىڭىز تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىڭ. سەپەردىشىڭىزغا ھەمكارلىشىڭ، يول قويۇڭ ئۇ بىرەر ئىش بىلەن ئورنىدىن ئايرىلسا، ئۇنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇۋالماڭ، يېتىۋالماڭ، ئۇنىڭ ئورنىغا ۋە نەرسە-كېرەكلىرىگە قاراپ قويۇڭ. كىچىك ماشىنىلارغا ئولتۇرغاندا يىغىنچاق ھالىتىڭىزنى ساقلاڭ، باشقىلارنى قىستاپ قويسىڭىز ئوبدان بولمايدۇ.# r  Y" ]6 ^$ ~% n. w
     يولدا كېتىۋاتقاندا، مەقسەتسىز ياكى مەقسەتلىك ھالدا گال قىرىش، غەلىتە يۆتىلىش، قالايمىقان ئاۋاز چىقىرىشتىن ساقلىنىڭ. يول - كوچىلاردا بولۇنۇۋاتقان ناتونۇش كىشىلەرنىڭ پارىڭىغا، ئىشىغا ئۆزىڭىزچە ئارىلاشماڭ. زۆرۈر تېپىلمىسا، ناتونۇش كىشىلەرنىڭ جېدەل-ماجىرالىرىدىن نېرى بولغايسىز، ئۆز يولىڭىزغا ماڭغايسىز. ئەتراپتا ئادەم بولسۇن-بولمىسۇن، يول بويلىرىغا، دوقمۇشلارغا، بۇلۇڭ-پۇچقاقلارغا ياكى يول بويلىرىدىكى دالدا يەرلەرگە چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىشتىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ. شەھەر-بازار يوللىرىدا كېتىۋاتقاندا چوقۇم ھاجەتخانىلارغا كىرىشىڭىز، يېزا يوللىرىدا بولسا يولدىن يىراقراق دالدىغا ئۆتۈپ ھاجەت قىلىشىڭىز شەرت. يېزا يوللىرىدا يۈرگەندە زىرائەت ئېتىزلىرىنى، كىشىلەرنىڭ ھويلا-ئارام، باغلىرىنى ئارىلاپ كېسىپ ئۆتۈشتىن ھەزەر ئەيلەڭ. كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىگە چېقىلىش، يول بويلىرىدىكى مېۋە-چېۋىلىرىگە خالىغانچە قول ئۇزىتىش، ناتونۇش كىشىلەرنىڭ ئىشىكى ئەتراپىدا ئولتۇرۇش، ئىسقىرتىش، ناخشا ئېيتىش قاتارلىقلارمۇ ئەدەپ-قائىدە بىلمىگەنلىك بولىدۇ. بىرەر ئىش بىلەن باشقىلارنى ئىزدەپ بارغان بولسىڭىز، ئىشىڭىزنى تۈگىتىپلا قايتقىنىڭىز، ئۇنىڭ يېنىدا بىھۇدە پاراڭ قىلىپ ئولتۇرمىغىنىڭىز ياخشىدۇر." N1 J7 h( i2 s8 q  x% y8 ]
     يۈرۈش-تۇرۇشتا دىققەت قىلىش زۆرۈر بولغان ئەدەپ-ئەخلاق ئۆلچەملىرى يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەنلىرىمىز بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بۇلاردىن باشقا، يەنە قانداق قىلغاندا يۈرۈش-تۇرۇشتا تېخىمۇ ئەدەپ-قائىدىلىك بولغىلى، كىشىلەردە ياخشى تەسىر قالدۇرغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ھەربىر ئەقىل ئىگىسى ئويلىنىپ كۆرسە بولىدۇ.( h5 N' \1 o5 ~
$ n, }- m& j% Q5 J( O# U: {
                              (ئاپتور: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتىدا)' a8 ~# @6 |5 m

; J7 T6 X& S/ Q! o1 D- o0 l' S
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتەجرىبەقىزغىنلىقتىللاتۆھپەيىغىشسەۋەبى
xarbat + 17 + 12 + 2 + 3بارىكاللا!

ھەممە باھا نومۇرى : تەجرىبە + 17 قىزغىنلىق + 12 تىللا + 2 تۆھپە + 3  باھا خاتىرىسى

ئەگەر يالغۇز بولساڭ ھەمدەم كىتابتۇر، بىلىم سۈبھىدىكى نۇر ھەم ئاپتاپتۇر.

wolqan ئىسىم ئۆزگەرتتى

2918

تېما

2

ئەگەشكۈچى

4 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 5731
نادىر تېمىسى: 93
تىللا: 15218
تۆھپە : 2880
توردا: 4162
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-28

مائارىپچى ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 20:37:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپىمىزدا ھەرۋاقىت يۈز بېرىۋاتقان،ئەمما كۆرسەكمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ئىچ-ئىچىمىزدىن بىزار بولساقمۇ نەتىجىدە ئۆزىمىزگە كېلىدىغان ئاۋارىچىلىقلاردىن قېچىپ «پوققا چالما ئاتساڭ ئۆزۈڭگە چاچرايدۇ»،«ئۆزۈڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي» دىگەندەك ماقال-تەمسىللىرىمىزنى دەستەك قىلىپ ئەزەلدىن شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك ئىشلاردەك ئېڭىمىزغا سىڭىپ كەتكەن ئىشلار ماھىرلىق بىلەن ئېچىپ تاشلىنىپ ئۆتكۈر تىللار بىلەن قامچىلىنىپتۇ، جەمئىيەت ئەخلاقىنى تۈزەش ئەڭ ئالدى بىلەن ئائىلە ئەخلاقىنى ياخشىلاشتىن باشلىنىدۇ. ھەربىرىمىز ئۆز ئائىلىمىزگە مەسئۇل بولۇپ ئائىلە ئەزالىرىمىزدىكى تېمىدا ئېيتىلغاندەك ئەدەبسىز قىلمىشلارنى توسۇش ئېڭى شەكىللەنسە ۋە ئادەتكە ئايلاندۇرالىساق مېنىڭچە بۇ مەسىلىلەرمۇ تەبىيلا ئوڭشىلىپ كەتكەن بولاتتى.
ئۈمۈدىمىز بىلىمگە چاڭقىغان قەلىبلەرگە شېرىن-شەربەت بولۇش!

دۇنيا بىلىپ قوي ،مەن ئۇيغۇر!!

97

تېما

6

ئەگەشكۈچى

7864

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  839
يازما سانى: 984
نادىر تېمىسى: 9
تىللا: 2644
تۆھپە : 714
توردا: 250
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-28

ۋولقان تۆھپىكارىتىرىشچان ئەزا ئوردىنىباشقۇرغۇچى ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىۋولقان شائىرىۋولقان قىزىقچىسىۋولقان يازغۇچىسىمۇنبەر نازارەتچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 22:43:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىز بىردەك دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەر ئىكەن!!
سۈتتىن ئاغزى كۆيگەن ،قېتىقنىمۇ پۈۋلەپ ئىچەر.

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

17

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2257
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 9
تۆھپە : 1
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-12-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-30 20:41:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە شام ئەپەندى مۇشۇنداق ئېسىل تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ تۇرمىغاي!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

يانفۇن|ئاددى بەت|ئالاقىلىشىڭ|( 新ICP备11001587号-6  
بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
بېكەتنىڭ قانونى ۋەكىلى : شەربەت QQ:359903451 E-mail:359903451@qq.com
بىز ئەڭ ياخشى مۇنبەر قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز!
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2013-1-28 05:06

چوققىغا قايتىش