كىيىنىش ۋە ياسىنىشتا دىققەت قىلىش زۆرۈر مەسىلىلەر 9 `) X2 ? |- x; t! `' ?
. M/ `; j$ A4 i) O% V دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس كىيىنىش ۋە ياسىنىش ئەنئەنىسى، ئۆرپ-ئادىتى، قائىدە-يوسۇنلىرى بار. شۇڭا تارىختىن بېرى ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېستېتىكىلىق قاراشلىرىدا مۇئەييەن پەرقلەر ساقلىنىپ كەلگەن. ئەمما، مەيلى قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىنسانلا بولىدىكەن، يەنىلا ئۇلارنىڭ كىيىنىش ۋە ياسىنىش سەنئىتىدە ھەم ئەخلاقىدا نۇرغۇن ئوخشاشلىقلار، ئورتاق تەرەپلەر ھامان مەۋجۇت بولىدۇ. 8 _ O9 D+ J7 _ گۈل ئۆزىنىڭ ياپرىقى بولغانلىقى ئۈچۈن گۈزەللىككە ۋە چىنلىققا تويۇنغىنىدەك، ئادەم كىيىنىش ۋە ياسىنىش بىلەن ئېسىل، قەددى - قامەتلىك، سالاپەتلىكتۇر. ئادەم سىرتقى جەھەتتىن ئېيتقاندا كىيىم-كېچىكى، ئۆزىنى تۈزىشى ۋە ھاياسى بىلەن ئادىمىيلىككە، جەلپكارلىققا ھەم ئەخلاققا ئىگىدۇر. ئادەملەرنىڭ ھايۋاناتتىن روشەن پەرقلىنىپ تۇرۇشىمۇ، ئۇنىڭ كىيىم-كېچەك ئارقىلىق ئۈستۋېشىنى يۆگەيدىغان مەخلۇقات بولغانلىقىدا خاراكتېرلىنىدۇ.5 l! Z4 P% Q8 u. n$ s ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر بولغان ھايا، جۈملىدىن ئەدەپ - ئەخلاق ھەرقاچان-ھەرزامان كىيىم -كېچەكنى، ياسىنىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. كىيىم-كېچەك ئادەمنىڭ يۆگەشكە تېگىشلىك جايلىرىنى يۆگەپ، «ئادەم»نى ئادەم قىلىدۇ. يارىشىملىق كىيىم-كېچەك ئادەمنىڭ ھۆسنىگە ھۆسن قوشىدۇ، قامىتىگە سۆلەت، چىرايىغا بەرنالىق ۋە زىبالىق بەخش ئېتىدۇ.ئۈستۋاشتىكى كىيىم-كېچەك كۆپىنچە ھاللاردا ئادەمنىڭ ئوبرازىغا، ئابرۇي-ئىناۋىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. كىيىم- كېچەك يەنە ئادەمنى سوغۇق، ئاپتاپ، شامال قاتارلىقلارنىڭ زەربىسىدىن ساقلاپ، سالامەتلىك جەھەتتە كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. شۇڭا، مىللىتىمىزنىڭ كىيىنىش ۋە ياسىنىش مەدەنىيىتىدە ئەزەلدىن ئىلمىيلىك، مەنتىقە، ئېستېتىكا كەم بولغان ئەمەس. " r) F% L, D+ `3 E بىزنىڭ كىيىنىش ۋە ياسىنىشىمىز گۈزەل ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە، قائىدە-يوسۇنلىرىمىزغا، مىللەت خاراكتېرى ۋە ئوبرازىغا، كەسپىي ئالاھىدىلىككە، تۈرلۈك سورۇن-يىغىلىشلارغا ئۇيغۇن، يارىشىملىق بولسۇن. ئادەتتە، كىيىم-كېچىكىنى ياش ئالاھىدىلىكى، بەدەن قۇرۇلمىسى ۋە كەسىپ خاراكتېرى قاتارلىق تەرەپلەرگە، شۇنىڭدەك زامان، ماكانغا لايىقلاشتۇرۇپ كىيەلىگەن ئادەم كىيىنىش ئەخلاقىنىڭ ئەقەللىي ساۋادىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. مەسىلەن، بەدىنىڭىز زىلۋا بولسا بەك كەڭ كىيىملەرنى، سېمىز بولسىڭىز، بەك تار كىيىملەرنى كىيمىگىنىڭىز تۈزۈك. يېشى چوڭلار ئۆزىگە ماس كەلمەيدىغان ياش - ئۆسمۈرلەرگە خاس كىيىملەرنى، ياشتا كىچىكلەر چوڭلارنىڭ كىيىمىنى كىيمىگىنى ياخشى. رەتسىز كىيىنىش، ئىسكەتىنى تۈزەپ يۈرمەسلىك ۋە كىيىمنىڭ رەڭگى، پاسونى، رەختىنى ئۆزىنىڭ رەڭگى، قامىتى، يېشى بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا ئېتىبارسىز قاراش، ئۆزىنىڭ يېشى، بەدەن قۇرۇلمىسى بىلەن ھېسابلاشماستىن، قارىغۇلارچە مودا قوغلىشىش، ئۆزىگە ياراشقان-ياراشمىغانلىقى بىلەن كارى بولماي غەلىتە گىرىم قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاقىلانىلىك بولمايلا قالماي، بەلكى مەنىۋى پۇچەكلىك ھېسابلىنىدۇ. ھەممىگە ئايانكى، ئايرىم خانىم-قىزلىرىمىزدا مودا قوغلىشىش خاھىشى خېلىلا گەۋدىلىك.- h" z, l+ h9 d& Q تەھقىقكى، مودا كىيىملەرنىڭ ئۆمرى ئىنتايىن قىسقا بولغاچقا، ئۆتكەن يىلدىكىنى بۇيىل كىيىشكە بولمايدۇ-دە، ئۈزلۈكسىز يېڭىسىنى سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىپ، ئىسراپچىلىقتىن ساقلانماق تەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مودا كىيىملەر ھەركىمگە ماس كېلىۋەرمىگەچكە، نۇرغۇن مودا قوغلاشقۇچىلار كىشىلەرنىڭ ‹‹پىچىر - پىچىر›› تېمىسى بولۇپ قالىدۇ. سەمىڭىزدە بولسۇنكى، مودا قوغلىشىش بىر خىل پسىخىكىلىق كېسەللىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. كىيىم كىيگەندە قارىغۇلارچە مودا قوغلىشىشتىن ساقلىنىپ، كىيىم-كېچەكنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى، بەدەنگە ھۇزۇرلۇق بولۇشىنى ۋە گۈزەللىك قىممىتىنى ئويلاشقان تۈزۈكتۇر.! _: j, Y! q$ s ~ كىيىم تاللاپ سېتىۋېلىشتا ۋە ھەر خىل كىيىملەرنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىشتە، پەسىل، سورۇن، تۈرلۈك مۇراسىم-يىغىلىشلارغا دۇرۇس كەلتۈرۈشمۇ ناھايىتى مۇھىم. خاس پاسون، رەڭ تاللاش ۋە كىيىملەرنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ كىيىش كىشىنى سۆلەتلىك، قەددى-قامەتلىك، جەسۇر، لىۋەن، گۈزەل ۋە ئەدەپ-قائىدىلىك قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئەرلەر ئايالچە كىيىملەرنى، ئاياللار ئەرەنچە كىيىملەرنى كىيمىسۇن. كىيىم-كېچىكىڭىز دائىم پاكىزە-رەتلىك، تۈگمىلىرىڭىز مۇۋاپىق ئېتىلگەن بولسۇن. ئىش ئورنىغا رەتسىز كىيىنىپ كېلىش، ساپما كەشى كىيگەن پېتى كېلىش مۇۋاپىق ئەمەس (ئىشخانىڭىزغا گىلەم سېلىنغان بولسا بۇ باشقا ئەھۋال). پۇلۇم بار دەپ ھەددىدىن زىيادە سۆلەتۋازلىق قىلىشتىن، قولۇم قىسقا دەپ بەك ئاددىي، كىشىلەر ئالدىدا چېنىپ قالىدىغان كىيىملەرنى كىيىپ يۈرۈشتىن ساقلىنىڭ. بەزى سورۇنلاردا كىيىم-كېچەككە قاراپ مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىمۇ سەمىڭىزدە بولسۇن. & H4 n& k! B. l ]9 Z% ]نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىدە مۇنداق بىر ھېكايە بار: نەسىردىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ كونا، ئادەتتىكىچە كىيىملىرىنى كىيگەن پېتى ئېشىكىنى يېتىلەپ، پادىشاھ ئوردىسىغا كىرمەكچى بولىدۇ. ياساۋۇللار ئۇنىڭ ئۈستۋېشىدىن ئۇنى گاداي ياكى ئادەتتىكى ئادەم دەپ قارايدۇ-دە، دەرۋازىدىن كىرگۈزمەيدۇ. ئەھۋالنىڭ تېگىگە يەتكەن نەسىردىن ئەپەندى قايتىپ كېتىدۇ ۋە ئېسىل تون-سەرپايىلەر بىلەن ياسىنىپ ھايال ئۆتمەستىنلا يەنە كېلىدۇ. بۇ چاغدا، ھېلىقى ياساۋۇللار نەسىردىن ئەپەندىگە ئېگىلىپ تەزىم بەجا كەلتۈرۈشىدۇ ۋە ئۇنى پادىشاھ ھۇزۇرىغا مەرھەمەت قىلىدۇ... بۇ گەرچە كونا زاماندىكى ئىش بولسىمۇ، ئەمما بۇ لەتىپە ھەر زامان، ھەر ماكاندا ئۆز تىندىنسىيىسى بىلەن كىشىلەرگە كىيىنىش ۋە ياسىنىشنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقى ھەققىدە ئەمەلىي دەرس بېرىدۇ. دېمەك، سىزنىڭ كىيىنىش ئادىتىڭىز ياكى سەنئىتىڭىز ئەدەپ - ئەخلاققا باغلىق بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى سىزنىڭ ئوبرازىڭىز، مىللەت خاراكتېرىڭىز ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىكى مۇۋەپپەقىيىتىڭىز بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. 9 u* Y2 b9 k4 e# w( V/ s7 v$ A* Y گېزى كەلگەندە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى، مىللىتىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ مۇھىم ئەڭگۈشتەرلىرىدىن ھېسابلىناتتى. لېكىن، ھازىر يېزا-قىشلاقلاردىكى ئايرىم ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مىللىتىمىزگە خاس كىيىم-كېچەكلىرىمىزنى سەھنىلەردىكى ئارتىسلارنىڭ ئۈستۋېشىدىلا كۆرۈۋاتىمىز. ئەسلىدە، بىر ئادەمنىڭ كىيىم - كېچىكىگە قاراپلا،ئۇنىڭ قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈۋالغىلى بولسا، ئاندىن كىيىم-كېچەك جەھەتتە مىللەت خاراكتېرىدىن سۆز ئاچقىلى بولاتتى. بىز بۇ جەھەتتە ياتلاشقان روھىمىزنى بالدۇرراق تونۇپ، ئۆزلۈك ئېڭىمىزغا سادىق بولۇشىمىز، مىللەتكە مەسئۇلىيەتچانلىق، پەرۋىشكارلىق پوزىتسىيىسىنى تۇتۇشىمىز قىممەتلىكتۇر. ! X' P/ y6 g2 e; j6 \7 I* @ بۇ يەردە ئالاھىدە تەكىتلەشكە تېگىشلىك بىر مۇھىم مەسىلە بار، ئۇ بولسىمۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىيىنىش ۋە ياسىنىش مەسىلىسى. ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرلىرىدىن بولغان ئوقۇتقۇچىلار ئۈستۋېشىدىكى كىيىم-كېچىكىنىڭ مەدەنىي، ئاددىي-ساددا، پاكىزە، رەتلىك بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلاردىن پەننىي بىلىملەرنى ئۆگىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كىيىنىش ۋە ياسىنىش سەنئىتى، خاراكتېر، ئەخلاق-پەزىلەت قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ تەرەپلىمىلىك بىلىملەرنى، تەسىرلەرنى ئالىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ كىيىنىش-ياسىنىشى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ھەم ئەمەلىي، ھەم تەسىر كۈچى زور، جانلىق ئۈلگىدۇر. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىسىنى دورايدۇ، ئوقۇتقۇچى مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاجايىپ-غارايىپ كىيىنىپ- ياسىنىپ، زىبۇزىننەت-زۇننارلارنى تاقاپ ياكى ئالىيېشىل كىيىملەرنى كىيىپ، چاكىنا ياسىنىپ دەرسخانىغا كىرمەسلىكى لازىم. بۇنداق قىلىش ئاممىۋى ئەدەپ-قائىدىگە خىلاپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كەسپىي ئەخلاققىمۇ مۇخالىپ كېلىدۇ. 7 x# [, t5 p& l7 q3 h5 h1 x' F ئوقۇتقۇچى ئاجايىپ-غارايىپ كىيىنىپ-ياسىنىپ دەرس ئۆتسە، ئوقۇغۇچىلارغا يامان تەسىر بېرىپ قويىدۇ، ھەتتا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلار قەلبىدىكى ئوبرازىغا ئېغىر تەسىر يېتىدۇ. ھەممىدىن يامىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتى چېچىلىپ، پسىخىكىسى غىدىقلىنىپ، دەرس ئۆزلەشتۈرۈش ئۈنۈمى تەبىئىي ھالدا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئوقۇتقۇچى خانىم-قىزلار غەيرىي كىيىنسە، ئالتۇن زىبۇزىننەت-زۇننارلارنى كۆپلەپ تاقىسا، چېكىدىن ئاشۇرۇپ گىرىم قىلسا، مۇقەررەر ھالدا قىز ئوقۇغۇچىلاردا بىنورمال ياسىنىش ئادەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولماي قالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن، كىچىك قىزلار ياسانچۇق بولۇپ قالىدۇ، كىيىم-كېچەك دېسە ئۆزىنى ئۇرىدىغان مىجەز يېتىلدۈرۈۋالىدۇ، ناچار ئادەتلەرنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈۋالىدۇ، ھەتتا تەدرىجىي ھالدا يامان يولغا مېڭىپ قالىدۇ. چۈنكى، خانىم-قىزلار ئۆزلىرىنىڭ كىيىم-كېچەككە، زىبۇزىننەت-زۇننارلارغا ئامراق بولۇشتەك كەمچىلىكىگە ھەر دائىم دىققەت قىلمىسا، ئۇلار ئائىلە تۇرمۇشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىشى، ئۆينى بۇزۇشى، ھەتتا ئاسانلا خاتا يولغا كىرىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ سەترىدە شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ: «بوياق بىلەن بويىغىچە تېشىڭنى، ئىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچىڭنى» دەپ ئىنتايىن توغرا ئېيتقان. بۇ يەردىكى مەنە چوڭقۇرلۇقى كىيىنىش ۋە ياسىنىش گۈزەللىكىگە قەلب گۈزەللىكىنىڭ ماس كېلىشى، بولۇپمۇ قەلب گۈزەللىكى كىيىنىش ۋە ياسىنىشتا ئالدىنقى شەرت بولىدىغانلىقى لىنىيىسىدە تىرەنلىشىۋاتىدۇ. مۇبادا، ئوقۇتقۇچىلاردا بۇ خىل ئەدەپسىزلىك ئىللەتلىرى ساقلىنىدىكەن، ئۇ ھالدا ئوقۇغۇچىلار تۈرلۈك پاسسىپ ئامىللارنى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئۆگىنىۋالىدۇ. ئەر ئوقۇتقۇچىلار ساقال-بۇرۇتلىرىنى ئۆستۈرۈۋالماسلىقى، چاچلىرى رەتسىز، ئاياغلىرى توپا ھالەتتە دەرسخانىلارغا كىرمەسلىكى لازىم. ئايال ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بەك قىسقا كىيىملەرنى، تار كىيىملەرنى ياكىمەيدىسى ئوچۇقكىيىملەرنى كىيمەسلىكى كېرەك. دېمەك، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىيىنىش ۋە ياسىنىش ئەخلاقى بىر پۈتۈن مائارىپنىڭ سۈپىتىگە بېرىپ تاقىلىدۇ.! u$ X' c2 }1 {3 B1 l كىيىم - كېچەكنى رەتلىك، پاكىزە، ئۆزىگە ماس كىيمەسلىك، زىبۇزىننەت-زۇننارلارنى مەنمەنلىك تالىشىپ چېكىدىن ئاشۇرۇپ تاقىۋېلىش، ئېسىۋېلىش،ئادەتتىن تاشقىرى گىرىم قىلىۋېلىش، بەدەننىڭ يۆگەشكە تېگىشلىك جايلىرىنى ئوچۇق قويۇش قاتارلىقلارمۇ ئەدەپ-ئەخلاققا يات ئىللەتلەرگە كىرىدۇ. خانىم - قىزلارنىڭ گىرىم قىلىشى مەسىلىسىدە، بىز يەنىلا تەبىئىي گۈزەللىكنى تەكىتلەيمىزكى، چېكىدىن ئاشۇرۇپ گىرىم قىلىش، ئۆزىنىڭ مىللەتكە خاس ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىپ چەت ئەللىكلەرنى قارىغۇلارچە دوراش، بەدەن تېرىسىنىڭ ئۇ يەر-بۇيېرىگە ياكى يۈز-كۆزىگە، قاش-قاپىقىغا خال چېكىش، خەت ۋە رەسىملەرنى سىزىۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى ناچار ئىللەت ھېسابلايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسى قېنىق گىرىم قىلىشنىڭ تەن سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. شۇڭا، چەكتىن ئاشۇرۇپ ياسانماسلىق، غەلىتە گىرىم قىلماسلىق، گىرىم قىلغاندا تەبىئىي گۈزەللىك ئاساس، سۈنئىي گۈزەللىك قوشۇمچە بولۇشى لازىم. 8 O7 L6 o* o. ?8 z6 }/ R ^# R! y ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، كىرلەشكەن، داغ چۈشكەن كىيىملەرنى، بولۇپمۇ ياقىسى كىرلەشكەن، پۈرلەش كىيىملەرنى، تۈگمىلىرى ئۈزۈلگەن، سىيرىتمىلىرى بۇزۇلغان كىيىملەرنى كىيىپ يۈرۈش ئۆز-ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاشنى بىلمىگەنلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئەدەپ-قائىدىنى بۇزغانلىق سانىلىدۇ. بىزدە: «دوستۇڭ بېشىڭغا قارار، رەقىبىڭ ئايىغىڭغا» دەيدىغان گەپ بار. بۇ، ئادەمنىڭ تاشقى سۈپىتىدە ئاياغ كىيىمنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، ئاياغ كىيىمگە ئېتىبارسىز قارىماسلىق لازىملىقىنى دەلىللەيدۇ. بەزى كىشىلەر قىممەت باھالىق ئاياغلارنى قوغلىشىپ كىيىدۇ-يۇ، ئايىغىنىڭ پاكىزىلىكىگە دىققەت قىلمايدۇ. بىلىشىڭىز كېرەككى، سىزنىڭ كىيىملىرىڭىزدە ئايىغىڭىزنىڭ پاكىزىلىكى كىيىمىڭىزنىڭ ياقىسىدىن قالسىلا، بەلگىلىگۈچ سالماق تۇتىدۇ.8 v e2 X3 [+ H+ t- ~ ئايىغىڭىزنىڭ قىممىتى پۇتىڭىزغا كىيگەندىن باشلاپلا، ماگىزىندىكى باھاسى بىلەن ئەمەس، بەلكى پاكىزە-پارقىراقلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئاياغ كىيىمنى مايلاپ، پارقىرىتىپ كىيىش، ھەركۈنى سۈرتۈشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، ئاياغ بوغقۇچىنى چىڭ چېگىش، ئاياغ ئىچىدىكى پېتەكلەرنى ۋاقتى- ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئىمكانىيەت يار بەرسە ئاياغ كىيىمنى پات-پات ئالماشتۇرۇش، پايپاقنى پاكىزە تۇتۇشمۇ ئەدەپ-ئەخلاق جۈملىسگە تەۋەدۇر. ( E* V. w! k2 F6 [ ئەرلەر چاچ ۋە ساقال-بۇرۇتلىرىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ياسىتىشقا دىققەت قىلسۇن. ساقال-بۇرۇت قويمايدىغان كىشىلەر ساقال-بۇرۇتلىرىنى قىرىپ، ئىڭەكلىرىنى پارقىرىتىپ يۈرۈشكە ئادەتلەنسۇن. بەزى ئەرلەرنىڭ خانىم-قىزلارچە، ئايرىم خانىم-قىزلارنىڭ ئەرەنچە چاچ قويۇۋېلىشلىرى مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىغا، قائىدە-يوسۇنلىرىغا تۈپتىن يات، خىجىل بولۇشقا تېگىشلىك قىلمىشتۇر. بىز ئىككى خىل جىنسقا خاس چاچ پاسونلىرىنى ئېلىشتۇرۇۋەتكۈچىلەرنى ۋە چاچلىرىنى غەلىتە، ئالىيېشىل بويىۋالغۇچىلارنى مىللىتىمىزنىڭ ئەخلاق تارازىسى بىلەن ئۆلچەپ قاتتىق تەنقىد قىلىمىز ھەمدە ئۇلارنىڭ تېزراق ئۆزىنى تېپىۋېلىشىنى، ئۆزلۈك ئەخلاققا قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز ئەرلەرنىڭ ئەركەكلەرچە چاچ قويۇشىنى، خانىم - قىزلارنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەللىك ئېلېمېنتلىرىدىن بىرى بولغان چېچىنى كەسمەسلىكىنى بۇ ھەقتىكى پارلاق تارىخىمىزنى سېغىنىش ئىلكىدە تەكىتلەيمىز. قۇشلار ئۆزىنىڭ پەي - قاناتلىرى بىلەن گۈزەل بولغىنىدەك، ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ مەجنۇنتالدەك ئۇزۇن چاچلىرى بىلەن ئوماق - چىرايلىقتۇر، مىللىتىمىزگە خاستۇر ھەم جەزبداردۇر. 7 _8 m$ ^, p) S+ f5 ` خانىم-قىزلىرىمىز كىيىنىش ۋە ياسىنىشتا كۆپرەك سادىر قىلىۋاتقان ھەمدە دىققەت قىلمىسا بولمايدىغان يەنە بىر مەسىلە بار. نۇرغۇن ئاياللار سىرتتا كىيىنىش ۋە ياسىنىشقا ئەھمىيەت بەرسىمۇ، ئەپسۇسكى ئائىلىدە بۇ ئىشقا ئېتىبارسىز قارايدۇ. «بۇ دېگەن ئۆز ئۆيۈمغۇ... قانداق كىيىنسەم بەرىبىرغۇ...» دەپ ئويلاپ، ئۆي ئىچىدە مەينەت-كىر، پۈرلەش كىيىملەرنى، جۇلۇقى چىقىپ كەتكەن ساپما كەشىنى كىيىۋالىدۇ. چاچلىرىنى تارىمايدۇ، ھەتتا ئۆزىنى تۈزەشتۈرمەي ئېرىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ ئالدىدا خۇددى ھازىرلا مۇنچىدىن چىققاندەك يۈرۈۋېرىدۇ... سىز ئاياللىق خاراكتېرىڭىز ۋە قىياپەت جەھەتتە ياسىنىش جەزبدارلىقىڭىز بىلەن ئايالسىز، سىزنىڭ ياسىنىشىڭىز ئالدى بىلەن ئائىلىڭىز ئۈچۈن، ئېنىقراقى ئېرىڭىز ئۈچۈن، ئاندىن ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ئۈچۈن بولۇشى كېرەك. «ئاياللار ئۆينىڭ گۈلىدۇر» دېگەن گەپ بىكاردىن چىقمىغان. بەزۈ ئەرلەرنىڭ:«خوتۇنۇمنىڭ تالالىقى بارۇ، ئۆي ئىچىلىكى يوق» دېگەن گېپىنى ئاساسسىز دېگىلى بولماس. بۇ گەپ گەرچە نوقۇل ھالدا كىيىنىش ۋە ياسىنىشنى كۆزدە تۇتمىسىمۇ، ئەمما ئاياللارنىڭ ئۆي ئىچىدە ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈشكە سەل قارايدىغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالماي قالمايدۇ. خانىم - قىزلار: «بۈگۈن مەن سىرتلارغا چىقمىغاندىكىن... زۆرۈرىيىتى يوققۇ...» دېمەسلىكى، ئۆي ئىچىدىمۇ مۇۋاپىق كىيىنىش ۋە ياسىنىشقا ئەھمىيەت بەرگىنى ياخشى.( j0 p" @; l: L( J2 L ئېرىڭىزنى «ئۆز» كۆرۈپ، ئەسكى كىيىملەرنى كىيىۋالغىنىڭىز، چېچىڭىزنى تۈزەشتۈرۈشكە ئېرىنگىنىڭىز بىلەن، شۇنداق چاغلاردا ئۆيىڭىزگە تۇيۇقسىز مېھمان كېلىپ قېلىشى، دەرھال سىرتلارغا چىقىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلۇشى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار يۈز بېرىشى ھەم ئوسال ئەھۋالدا قېلىشىڭىز مۇمكىن. بىزدە يەنە: «ئاناڭنى داداڭغا پەردازسىز كۆرسەتمە» دەيدىغان گەپمۇ بار. مانا بۇ، خانىم - قىزلارنىڭ ئەخلاق گۈزەللىكىنى، قىياپەت ئوبرازىنى ۋە جەزبدارلىقىنى ساقلىشىدا كەم بولماسلىقى زۆرۈر يەنە بىر مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. \% d y0 v, U- j! S3 ]2 j% v 2 d! X* L- Y/ e" G( Z
|