ئۈچ خىل نەرسىنى ئويلاش لازىم: ھايات، ئۆلۈم ۋە ئادىمىيلىك
جەمئىي مىكروبلوگ 1184 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئابلەت تۈنۈگۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي  دوسلار  تېمىلارغا ئىنكاس ۋە كۆزقارشىڭلارنى يېزىڭلار !!تېما يوللاڭلار !!!

  • ئابلەت تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي  دوسلار  تېمىلارغا ئىنكاس ۋە كۆزقارشىڭلارنى يېزىڭلار !!باشقىلارنى قوللاڭلار

  • ئابلەت تۈنۈگۈن 23:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي  دوسلار  تېمىلارغا ئىنكاس ۋە كۆزقارشىڭلارنى يېزىڭلار !!شەربەت گۈللەنسۇن!!!

  • xarbat 2013-1-19 01:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىللاغا زۆرۈر ئېھتىياجلىق بولسىڭىز «ۋەزىپە»گە كىرىڭ

  • ئابلەت 2013-1-14 13:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۇيىل كىرىپلا ئۆلۈم يېتىم تولا بولۇپ كەتتىغۇ  

  • 天使 2013-1-13 23:21 [ئىنكاس(1)] [...]

    بىلەلمىدىم قانداق قىلشنى

  • نازاكەت 2013-1-7 22:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى ھىس قىلاي دىسڭىز،ھاياتقا كۈلۈپ قاراشنى ئۆگىنۋېلىڭ.

كۆرۈش: 145|ئىنكاس: 3

[قائىدە-نىزام]سالاملىشىش،ئولتۇرۇش-قوپۇش، سۆزلىشىشتە دىققەت قىلىدىغان مەسىلىل...

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

28

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1728

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3121
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 2
تىللا: 448
تۆھپە : 122
توردا: 34
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 19:18:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالاملىشىش - كۆرۈشۈش ۋە ئولتۇرۇش - قوپۇش، سۆزلىشىشتە دىققەت قىلىش زۆرۈر مەسىلىلەر

' [% `4 K# t+ E$ v2 F     1. كىچىكلەر چوڭلارغا، ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار ئولتۇرغانلارغا، ئاز سانلىقلار كۆپ سانلىقلارغا، ئۇلاغلىق كىشى پىيادىلەرگە، ئىشىكتىن كىرگۈچىلەر خانا ئىچىدىكىلەرگە سالام قىلمىقى ئەۋزەلدۇر. سالام بەرگۈچىلەر ‹‹ئەسسالامۇئەلەيكۇم›› دەپ ئەھۋال سورىشى، سالامنى ئىلىك ئالغۇچىلار ‹‹ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام›› دېيىش بىلەن ئەھۋاللىشىشى كېرەك. كىشىلەر بىلەن سالاملىشىش-كۆرۈشۈش ۋە خوشلىشىشلاردا كۈلۈمسىرەش، تەبەسسۇم قىلىش ياخشىراقتۇر. قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە، باشقىلارنىڭ قولىنى بەك چىڭ قىسىۋېتىش ياكى خوشياقمىغاندەك قول بېرىش، باشقا ئادەم بىلەن قول ئېلىشىۋېتىپ تۇرۇقلۇق، يەنە باشقا ئادەمگە، باشقا ياققا قاراش، قول ئېلىشىۋاتقان ئادەمگە ئېتىبارسىز مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلار ئەدەپسىزلىك جۈملىسىگە كىرىدۇ. بىر ئائىلە ئەزالىرى، قوشنىلار ۋە بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلارنىڭ ئەتىگەندە سالاملىشىپ ئەھۋال سورىشىدىغان، سىرتلارغا چىققاندا ياكى ئىشتىن چۈشكەندە ئۆزئارا ئامانلىق تىلەپ خوشلىشىدىغان ئادىتى ئەدەپ-ئەخلاق مىزانىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر. سالام بەرگەندە، ئوڭ قولىڭىزنى كۆكسىڭىزگە (قورسىقىڭىز ياكى كىندىك ئەتراپىغا ئەمەس) ئېلىپ، بېشىڭىزنى سەل ئېگىڭ.1 D, K. @$ ^3 e) Z( b* \5 d/ v; [  B1 H
     2. ئولتۇرۇش-قوپۇش ھالىتىڭىز دۇرۇس بولسۇن. ئادەم بارلىكى جايلاردا، بولۇپمۇ ئاممىۋى سورۇنلاردا ئولتۇرۇش ھالىتىڭىزنىڭ دۇرۇس بولۇشىغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. مەسىلەن، باشقىلارغا بەك يېقىن ئولتۇرۇش، سۈركىلىپ ئولتۇرۇش، پۇتىنى ئۆز ئۇدۇلىغا قويماي باشقىلارنىڭ ئالدىغا سۇنۇپ ئولتۇرۇش، پۇتىنى باشقىلارنىڭ پۇتىغا تەگكۈزۈش، پۇتىنى توختىماستىن لىكىلدىتىش، باشقىلارنىڭ ئورۇندۇقى كەينىگە پۇتىنى ئېلىۋېلىش، چېتىنى كېرىپ، پۇت ياكى يوتىسىنى ئېچىپ ئولتۇرۇش، نامۇۋاپىق ھالدا باشقىلارغا كەينىنى قىلىۋېلىش، ئادەم بار يەردە قاقىرىپ تۈكۈرۈش، مىشقىرىش، باشقىلارغا قاراپ تۇرۇپ يۆتىلىش - چۈشكۈرۈش، كېرىلىش، قۇلاق - بۇرنىنى كولاش، چىشلىرىنى تازىلاش، ئاغزىنى توسۇۋالماي ئەسنەش، كىيىمىنى سېلىپ قېقىشتۇرۇش، ئاممىۋى سورۇنلاردا ئاچچىقلىنىش ياكى ھەددىدىن زىيادە تېلىقىپ كۈلۈش، ۋارقىراش-جارقىراش، تېلېفونلىشىش قاتارلىقلار ئەدەپسىزلىك بولىدۇ.9 n) H7 z# Q8 `7 x" n5 t% ^
     ئاشخانا-رېستورانلارغا ياكى بىراۋنىڭ ئۆيىگە ۋە ياكى توي - تۆكۈن، نەزىر-چىراغ قاتارلىق جامائەت سورۇنلىرىغا بارغاندا، تەكلىپ بويىچە ئۆز ۋاقتىدا بېرىش، تېگىشلىك جايدىن ئورۇن ئېلىپ ئولتۇرۇش، مويسىپىتلارنى ۋە چوڭلارنى، ئالىم-زىيالىيلارنى تۆرگە تەكلىپ قىلىش، تۆر تالاشماسلىق لازىم. سىرتتىن كىرگۈچىلەر ئولتۇرغانلارغا سالام بېرىپ، ئىمكان قەدەر ئولتۇرغانلارنى قوزغىۋەتمەستىن ئورۇن ئېلىشى، ناۋادا ئۇلار غىزالىنىۋاتقان بولسا، ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەسلىكى كېرەك. ئەگەر سورۇندا كۆرۈشۈش زۆرۈر كىشىلەر بولسا، جامائەتنى ئارىلاپ ئۇدۇل ئالدىغا بېرىپ كۆرۈشۈشكە ئالدىرىماسلىق، داستىخاندىن كېيىن مۇۋاپىق پۇرسەتتە كۆرۈشۈپ ئەھۋاللىشىش لازىم. باشقىلارغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇش ياكى بەدىنىنى ئۆزگىلەرگە تەگكۈزۈپ ئولتۇرۇش، قىستاش، دىۋاندا ئولتۇرغاندا سونايلىنىۋېلىش، ئولتۇرغان پېتى ئۇخلاش، بىراۋ سىرتقا چىقىپ كىرىش ئۈچۈن ماڭسا ئۇنىڭ جايىدا ئولتۇرۇۋېلىش، يېنىدا ئولتۇرغان بىراۋ بىلەن قانداقتۇر ئىشلار ئۈستىدە ۋالاقلاپ كۈلۈشۈش، بولمىغۇر قىلىق چىقىرىپ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا ئۇرۇنۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەدەپسىزلىك جۈملىسىدىندۇر.
3 Z6 h, ^) e# U' Q, z: [8 I) k     داستىخاندا ئاۋۋال چوڭلار مەزەگە قول ئۇزاتسۇن. تەخسىلەردىكى قورۇمىلارنى چوكىڭىز بىلەن ئاستىن-ئۈستۈن ئۆرۈمەڭ، بىر نەرسىلەرنى ئىلغىماڭ. ئالدىڭىزغا ئايرىم قاچىدا كەلتۈرۈلگەن غىزانى ئاشۇرۇپ قويماڭ، يەپ بولالماسلىق ئېھتىمالىڭىز بولسا، قاچىغا تەگمەي تۇرۇپ، ئېھتىياجىڭىزنى ساھىبخانغا ئېيتىڭ. غىزا - تائاملارغا ۋە گېزەك، يەل-يېمىشلەرگە ئاچ كۆزلەرچە تېگىش قىلماڭ، ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن تېتىپ كۆرسىڭىزلا كۇپايە.: J6 n7 P; H# j  t6 q
     ئۆيىڭىزگە مېھمان كەلگەندە، روھىي كەيپىياتىڭىزنىڭ نورماللىقىنى ساقلىشىڭىز، قىزغىن بولۇشىڭىز، قانداقتۇر مۇھىم ئىشلارنىڭ سىزنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى ئەسكەرتمەسلىكىڭىز، سائەتنىڭ نەچچە بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈرمەسلىكىڭىز ياكى سائەتكە تولا قارىماسلىقىڭىز،بالىلارغا ياكى ئىت - مۈشۇك، توخۇ - ئۆردەكلەرگە ئاچچىقلانماسلىقىڭىز لازىم. باشقىلارنى تائامغا، ئىچىملىك-چېكىملىكلەرگە زورلاش، قولنى يۇغاندا سىلكىش، يېمەكلىكلەرنى چېچىش، ئۇيەر - بۇ يېرىنى قاشلاش، قولىنى ياكى غىزا سايمانلىرىنى يالاش، داستىخانغا دەسسەش، باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى يېمەكلىكلەرنى تارتىپلا ئېلىۋېلىش، باشقىلار غىزادىن قولىنى تارتماستىنلا قول سۈرتۈشكە باشلاش قاتارلىقلار ئەدەپ جۈملىسىدىن ئەمەس. غىزادىن كېيىن ئاۋۋال چوڭلار دۇئاغا قول كۆتۈرسۇن، ئاندىن چوڭلارنىڭ ئىشىكتىن چىقىشىنى كۈتۈڭ؛ ئاۋۋال ئىشىككە يېقىن ئولتۇرغانلار، ئاندىن تۆردە ئولتۇرغانلار ئىشىكتىن چىققىنى مۇۋاپىق.
6 L5 X. [% |4 I1 ^) P8 R% `" y9 O1 \+ C     پۇت ۋە پايپاقنىڭ تازىلىقىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەزى كىشىلەرنىڭ پۇت ۋە پايپىقىنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلمايدىغانلىقىنى، ئايىغىنى سالسىلا سېسىق پۇراپ كېتىدىغانلىقىنى دائىم دېگۈدەك ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. سىز ئۆزگىلەرنىڭ گىلەم سېلىنغان ئۆيلىرىگە، ئىشخانىلىرىغا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش سورۇنلارغا كىرگىنىڭىزدە ۋەياكى كۆرپە ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا توغرا كەلگەندە، جەزمەن ئايىغىڭىزنى سېلىۋېتىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق چاغلاردا پايپىقىڭىزدىن پۇراق چىقسا، سىزنىڭ بۇنداق بولمىغۇر ئادىتىڭىز تەبىئىي ھالدا باشقىلارنى بىزار-بىئارام قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۆي ئىگىسى ئىشىك - دېرىزىلەرنى ئېچىۋېتىشى، ئەتراپىڭىزدىكىلەر سىزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا ئوزىڭىزمۇ ئوسال بولىسىز. ئادەتتە پۇت پۇراش ناھايىتى ئاز ساندىكى پۇت تەرلەش كېسەللىكىدىن كۆرۈلسە، كۆپ ساندىكىلىرى ئاخشىمى پۇت ۋە پايپاقنى يۇيۇۋېتىپ ياتماسلىقتەك ناچار ئادەتتىن كېلىپ چىقىدۇ. دېمەك، ھەر كۈنى ئاخشىمى پۇت ۋە پايپاقنى يۇماسلىق، ئاياغنى پاكىزە تۇتماسلىق، ھەتتا گىلەم، كۆرپىلەرنىڭ ئۈستىگە ئاياغ بىلەنلا چىقىپ ئولتۇرۇش قاتارلىقلار ئەدەپ - قائىدىگە يات ئىللەتلەردۇر.- M* ^0 G" l1 D0 X; Q
     تاماكا چېكىش ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ. باشقىلارنىڭ ئۆيىدە، ئىشخانىدا، تاماكا چەكمەيدىغانلار قېشىدا، ئاممىۋى سورۇنلاردا، خانىم - قىزلار، بالىلار-ئۆسمۈرلەر ھەمدە مويسىپىت-چوڭلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چېكىش ئەدەپسىزلىك بولىدۇ. بۇ جەھەتتە، چەت ئەللەردىكى بەزى ئەدەپ - قائىدىلەر بىزنىڭ ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. چەت ئەللەرنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدىن شۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ تۇرىمىز: تاماكا چەكمەكچى بولغان بىر كىشى ئۆي-خانىلەردىلا ئەمەس، بەلكى دەم ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، باغچىلاردا، ھەتتا ئوچۇقچىلىقلاردىمۇ يېنىدىكى ھەمراھىدىن: ‹‹يېنىڭىزدا تاماكا چەكسەم بولامدۇ؟› دەپ ئىجازەت سورايدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ تاماكا چەكمەيدىغان كىشىلەرنىڭ يېنىدا ئۆز مەيلىچە تاماكا چېكىشنى ئۆزگىلەرگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك، باشقىلارنىڭ ئىززەت-نەپسىگە تەگكەنلىك، كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزگەنلىك، دەپ قارىغانلىقىدىن بولغان. بىزدە ئاممىۋى سورۇنلاردا، كىشىلەرنىڭ يېنىدا تاماكا چېكىش چەكلىنىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان بولسىمۇ، ئەمما بەڭگىلەرنىڭ ئۆز مەيلىچە ئۇدۇل كەلگەن يەرلەردە تاماكا چېكىپ يۈرگىنىنى دائىم دېگۈدەك ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.3 ^- P, ^' E: f) h
     سىزنىڭ ئەدەپسىزلىككە ياتىدىغان تاماكا چېكىشتەك ناچار ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىپ ياكى تاماكا تاشلاپ، ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراش ھوقۇقىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىڭىز باركى، ئۆز خۇمارىڭىزنى بېسىش بەدىلىگە مۇھىتنى بۇلغاشقا، جۈملىدىن ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشكە زىنھار ھەققىڭىز يوق.% }8 x) S' I: H$ O# H8 M% b9 x
     3. سۆزلەش ۋە سۆزلىشىشتە دىققەت قىلىش زۆرۈر بولغان مەسىلىلەر يۈرۈش - تۇرۇشتىكى ئەدەپ-ئەخلاق مىزانىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىملىرىدىن بىرىدۇر. دانىشمەن ئاتا-بوۋىلىرىمىز ‹‹ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە›› دېگەن ھېكمىتى ئارقىلىق، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە سۆزلەش ۋە سۆزلىشىشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىدىن بىزگە تەربىيە بەرگەن. سۆز خۇددى ئاتقان ئوققا ئوخشىشىدۇ، ئۇ ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ؛ سۆز خۇددى تۇغۇلۇپ بولغان بوۋاققا ئوخشىشىدۇ، قىز ياكى ئوغۇل ئىكەنلىكىگە ئاساسەن ئۇنىڭغا ئىسىم قويۇلىدۇكى، ئۇنى قايتىدىن تۇغۇش - تۇغدۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس؛ سۆز خۇددى ئۆتكۈر تىغقا ئوخشىشىدۇ، يامان سۆز قەلبنى جاراھەتلەندۈرىدۇ، تەن جاراھىتىنى ساقايتىش ئاسان، ئەمما قەلب جاراھىتىنى ساقايتماق تەستۇر. دېمەككى، ئەدەپ - قائىدىگە مۇخالىپ كېلىدىغان سۆزلەردىن ھەربىر ئەقىل ئىگىسى ئۆزىنى چەكلىشى، ئېغىز قۇلۇپىنى ئەقىل-پاراسەت ئاچقۇچى بىلەن ئاچمىقى توغرىدۇر.3 N7 p- a3 C7 [# N
     ‹‹يولۋاس ئىزىدىن يانماس، يىگىت سۆزىدىن›› دېگەن ماقالدىكى ‹‹يىگىت›› سۆزى ئەرلەر تائىپىسىگىلا قارىتىلغان بولماستىن، بەلكى ‹‹لەۋزىدە تۇرىدىغان چىن ئادەم›› دېگەن مەنىدە كەلگەن بولۇپ، ئەر-ئايال پۈتكۈل ئىنساننى ئۆز ئىچىگە مۇجەسسەملەيدۇ. بۇ ماقال جىنس ئايرىمىسىدىن مۇستەسنا ھالدا چىن ئىنساننى ‹‹يىگىت›› سۆزى بىلەن سۈپەتلەيدۇ. بۇ يەردىكى چىن ئىنسانلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۈكسەك بولۇپ، راستچىللىق، سەمىمىيلىك ۋە ئۆزى قىلغان سۆزگە مەسئۇل بولۇشتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئەخلاق-پەزىلەتكە ئىگە چىن ئىنسانلىق دەرىجىسىنى ساقلاشنى، ئۇنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋايىغا يەتكۈزۈشنى، ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەقىقىي قەدىر - قىممىتىنى ھەم ئابرۇي - ئىناۋىتىنى ساقلاشنى، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاياتلىق يولىنى نۇرلاندۇرۇشنى ئويلايدىغان ھەربىر ئەقىل ئىگىسى ‹‹يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس›› دېگەندەك، گەپ- سۆزنى كۆڭۈل تارازىسىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن ئاغزىدىن چىقىرىشى، راست گەپ قىلىشى، سەمىمىي بولۇشى، كۆڭۈلدە غۇم ساقلىماسلىقى ۋە قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى شەرت. يالغانچىلىق، لەۋزىدە تۇرماسلىق، سەمىمىيەتسىزلىك، ئىككى يۈزلىمىلىك، ئالدامچىلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قاتارلىق قەبىھ ئىللەتلەر ئىنساننىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىنى پايخان قىلىدۇ، قەدىر-قىممىتىنى ۋە ئابرۇي-ئىناۋىتىنى يەرگە ئۇرىدۇ.0 q( X) I; c9 m- P# y/ c6 X) t
     سۆزلەش-سۆزلىشىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قاتار كونكرېت مەسىلىلەر بار. مەسىلەن، سۆزلىگەندە ئاڭلىغۇچىغا بەك يېقىن تۇرۇۋالماسلىق، ئاڭلىغۇچىغا تىنىق ئۇرۇلۇپ كېتىشتىن، تۈكۈرۈك چاچراپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەلۋەتتە، ھەربىر ئادەم ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر. سۆزلىگەندە توختىماي قول پۇلاڭلىتىدىغان، قول شىلتىيدىغان، ئاڭلىغۇچىنى پات-پات نوقۇپ قويىدىغان، ئۈستەلگە مۇشتلايدىغان، ئۇرىدىغان، يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەيدىغان ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ. باشقىلار سۆزلەۋاتقاندا گەپنى بۆلۈپلا سۆزلەپ كېتىش، سۆزلىگۈچىنىڭ سۆز تېمىسىنى باشقا ياققا بۇراش، سۆزلىگۈچىگە دىققەت-نەزەرنى بەرمەي ئۇياق - بۇياققا قاراش ياكى قولغا قانداقتۇر بىر نەرسىلەرنى ئېلىۋېلىپ باشقا ئىشقا مەشغۇل بولۇپ كېتىش قاتارلىقلار ئەدەپسىزلىككە ياتىدۇ. سىز ئىشلەۋاتقاندا، قېشىڭىزغا كەلگەن كىشى سىزگە گەپ قىلغان بولسا، قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى قويۇپ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاڭ. ئۈچ ئادەم بار يەردە ئىككىسى كۇسۇرلىشىپ سۆزلەشمىگىنى ياكى بىرنېمىلەرنى دېيىشىپ كۈلۈشمىگىنى ياخشى. ئەگەر سىز سۆزلەۋاتقاندا ئاڭلىغۇچى گېپىڭىزگە قىزىقمىغاندەك پوزىتسىيىدە بولسا، ئۇنى گېپىڭىزنى ئاڭلاشقا زورلىمىغىنىڭىز ياكى گەپنى باشقا تېمىغا يۆتكىگىنىڭىز ۋە ياكى گېپىڭىزنى پەم بىلەن ئاخىرلاشتۇرغىنىڭىز تۈزۈك. مېھمان بولغاندا ياكى مېھمان كۈتكەندە، سۆزلىشىشكە تېگىشلىك گەپنى سورۇندا تۈگىتىش، ئۇزىتىش ياكى خوشلىشىشتا ساھىبخاننى، مېھماننى تولا گەپكە تۇتماسلىق لازىم. جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەربىيىلىنىشى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى، مەسىلىلەر ۋە شەيئىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى، تونۇشى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا، بىراۋ ‹‹تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك›› سۆزلەپ كەتسە ياكى ئەمەس گەپلەرنى دېسە، ئۆزىڭىزنى تۇتۇشنى بىلىشىڭىز، ئۇنى مەسخىرە-مازاق قىلماسلىقىڭىز لازىم.2 z  L8 n$ v3 l/ a, v6 n& H
     ئورۇنسىز گەپ قىلىش، نادان بىلەن گەپ تالىشىش، قىلچە ئەھمىيىتى يوق گەپلەر ئۈستىدە مۇنازىرىلىشىش، بىراۋنى يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن ئەيىبلەش ياكى تەنقىدلەش جىم تۇرغان تامغا ئۈسۈگەنلىك بىلەن باراۋەر. بىزدە: ››ئالدىدا ماڭغاننىڭ بۇرنى قاناپتۇ، كەينىدە قالغاننىڭ كۆتىگە تاياق تېگىپتۇ›› دەيدىغان گەپ بار، ‹‹پۇت يۈگۈرۈكى ئاشقا، تىل يۈگۈرۈكى تاشقا›› دەيدىغان گەپمۇ بار. گەپ - سۆزدە ئالدىراقسانلىق قىلىش، گېپىم بار دەپ ھەممىنى بىراقلا تېرە ئۈستىگە تۆكۈۋېتىش، مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە ھاپىلا-شاپىلا پوزىتسىيە بىلدۈرۈۋېتىش، چوڭلارنىڭ سۆزىگە رەددىيە بېرىش، بىراۋ گەپنىڭ بېشىنى چىقىرىپ بولغۇچە ئاخىرىنى سۆزلەپ ئالدىپەشلىك قىلىش، كۆپ سانلىقلارنىڭ پىكىر يۆنىلىشىگە قارشى چىقىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەدەپ-قائىدىسىزلىك بولۇپ، بۇ خىل ئىللەتلەر ئادەمگە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. پالتىنىڭ ئىشىنى يىڭنە، يىڭنىنىڭ ئىشىنى پالتا قىلالمىغىنىغا ئوخشاش، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، كىشىلەرگە باھا بەرگەندە ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە، بىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، يەنە بىرىنى چۆكۈرۈشكە بولمايدۇ. كىشىلەرنى ماختىغاندا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش، تەنقىدلىگەندە ھەممىنى ئىنكار قىلىش ئەقىل ئىگىسىنىڭ ئىشى ئەمەس. غەيۋەتخورلۇق، چېقىمچىلىق، كاززاپلىق، پىتنە-پاسات تارقىتىش، بوھتان چاپلاش، گۇمانخورلۇق قاتارلىق ئىللەتلەر ئىنسان قېلىپىدىن چىققان نائەھلىلەرنىڭ قىلمىشى بولۇپ، ئەخلاق-پەزىلەت گۈلىستانىغا تەگكەن ۋابا، ئادىمىيلىك قوغۇنلۇقىغا ئۈنگەن شۇمبۇيىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
* {% _# {+ O% E# j) B6 p     مەخپىيەتلىكىڭىزنى بىراۋغا سۆزلەپ يۈرمەڭ، ئۆزىڭىز ساقلىيالمىغان مەخپىيەت ئىككىنچى بىرسىنىڭ قورسىقىدا جىم تۇرمايدىغانلىقى ئېسىڭىزدە بولسۇن. مەيلى مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا كىشىلەردىن گەپ كوچىلىماڭ، بىراۋنىڭ ئاللىقانداق مەخپىيەتلىكى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن. باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى سۆزلەپ يۈرۈش، شەخسىيىتىگە چېقىلىش، ئەيىب-نۇقسانلىرىنى ئاشكارىلاش، بىلىشكە تېگىشلىك بولمىغان ئىشلارغا يېپىشىۋېلىش، كىشىلەرنىڭ نەرسىلىرىنى ئاختۇرۇش، خەت-چەكلىرىنى كۆرۈش، نام-شەرىپىگە، غۇرۇرىغا چېقىلىش ئاقىللارنىڭ قىلىقى ئەمەس. ئۆزىدىن چوڭلارغا چاقچاق قىلىش، قىزىقچىلىق قىلدىم دەپ كىشىلەرگە ياقمايدىغان قىلىقلارنى چىقىرىش، ئۆزىدىن كىچىكلەرگە قاملاشمىغان گەپلەرنى قىلىش قاتارلىقلارمۇ ئەدەپ - قائىدىدىن چىققانلىق، تېتىقسىزلىق ھېسابلىنىدۇ. ئېرىڭىز ياكى ئايالىڭىزغا باشقىلارنىڭ ئەر - ئاياللىرىنى ماختاپ ئۇچۇرىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ يۈرمىگىنىڭىز ياخشىدۇر. ئائىلىدە بولۇنغان ھەر خىل گەپلەرنى، بولۇپمۇ ئائىلىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە تاقىلىدىغان ئىشلارنى باشقىلارغا دەپ يۈرۈش ھاماقەتلىك بولىدۇ.
/ M/ H# F3 V5 Z) Q     چىرايلىق سۆزلەش، گەپ - سۆزدە ئىلمىي ھەم سىلىق-سىپايە بولۇش، گەپنى مېغىزلىق، ئىخچام قىلىشقا ئادەتلىنىش ئىنسانغا ئەدەپ-ئەخلاق خەزىنىسىنىڭ ئېسىل نېمەتلىرىنى تەقدىم قىلىدۇ. سەت، بەدەۋى سۆزلەرنى قىلىش، گەپ - سۆزدە قوپال بولۇش، ئادەم تىلغا ئېلىشقىمۇ ئۇيىلىدىغان قىپيالىڭاچ سۆزلەرنى، ئۇياتلىق ئاتالغۇلارنى ئاتاش، تېتىقسىز گەپلەردىن تىلنى تارتماسلىق، تولا گەپ قىلىش، ئەزمىلىك، تەنە - ياپتا گەپ قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەدەپ -ئەخلاق گۆھىرىنى تاشقا ئۇرىدۇ. بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ مۇنداق چۈش كۆرۈپتۇ: چۈشىدە ئۇنىڭ ھەممە چىشى چۈشۈپ كەتكۈدەكمىش، پەقەتلا بىر تال چىشى قالغۇدەكمىش. ئەتىسى چاقىرتىلغان چۈش تەبىرچىسى: ‹‹پادىشاھىم، بۇ، سىلىنىڭ بارلىق ئۇرۇق - تۇغقانلىرى سىلىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى، سىلىنىڭ يالغۇز قالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرىدۇ›› دەپتۇ. پادىشاھ دەرھال بۇ تەبىرچىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىپتۇ. يەنە بىر چۈش تەبىرچىسى چاقىرتىلىپتۇ. ئۇ: ‹‹پادىشاھى ئالەم، بۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆمرى بارلىق ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن ئۇزاق بولىدىغانلىقىدىن بېشارەتتۇر›› دېگەنىكەن، بۇنىڭدىن پادىشاھ مەمنۇن بوپتۇ ۋە تەبىرچىنى تارتۇقلاپتۇ. ئىككى تەبىرچى ئېيتقان تەبىرلەرنىڭ مەنىسى ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما ئىپادىلەشتە، سۆزنىڭ ئېيتىلىشىدا مۇئەييەن پەرق بار. شۇڭا، بۇ ئىككى خىل تەبىرنىڭ ئاڭلىغۇچىغا ئىككى خىل - بىرىنىڭ يېقىملىق، يەنە بىرىنىڭ قوپال ئاڭلىنىشى تەبىئىي ئەھۋال. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، سۆزنى چىرايلىق قىلىشقا، كۆڭۈلدىكىنى ئەڭ گۈزەل تىل ۋاسىتىسى بىلەن ئىپادىلەشكە، سۆزنى مېغىزلىق ھەم ئاددىي قىلىشقا ئادەتلەنگەن كىشى ھەردائىم ئەخلاق-پەزىلەت بۇلىقىدىن كەۋسەر سۈمۈرىدۇ، گۈزەل سۆزلەر خاسىيىتىدىن نۇسرەت تاپىدۇ.
- E* @. s7 s1 J% }6 i. ^     يانفون، تېلېفون ئىشلەتكەندە ۋە ئىنتېرنىت تورىغا چىققاندا ئەدەپ-قائىدىلىك بولۇشمۇ ناھايىتى مۇھىم. تېلېفوندا تولا گەپ قىلىش، ئەتراپتا ئادەم بار-يوق دېمەي، تېتىقسىز سۆز-ئىبارىلەرنى تىلغا ئېلىش، كىشىلەر يىغىلغان تىنچ سورۇنلاردا تېلېفون قوبۇل قىلىش-ئۇرۇش، ۋارقىراپ-جارقىراپ سۆزلەش، ئۆزى تونۇيدىغان ياكى يېقىن ئۆتىدىغان يۇقىرى ئابرۇيلۇق ئەربابلارغا كىشىلەر ئالدىدا تېلېفون قىلىپ ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلىش دېگەندەك قىلمىشلار ئەدەپ-ئەخلاق بابىغا زىت ناچار ئىللەت ھېسابلىنىدۇ. تىياتىرخانا، دەرسخانا، مەجلىسخانا قاتارلىق سورۇنلاردا يانفون ئىشلەتكۈلۈك ئەمەس. يانفونىڭىزنىڭ ئېكرانىدىن، ئېلېكترونلۇق يوللانما قوبۇل قىلىش-يوللاش ئىقتىدارىدىن، ئاۋازسىزلاندۇرۇش، تىترىتىش قاتارلىق ھەر خىل رولىدىن پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. بۇلار سىزنىڭ يانفون ئىشلەتكەندە ئەدەپ-قائىدىلىك بولۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. يانفون شەخسىي مۈلۈك بولۇپ، ئۇنى ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشى ئەدەپسىزلىك بولىدۇ.# ~6 T, m8 c+ B) C2 X
     ئائىلە ۋە ئىشخانىلاردىكى خاس تېلېفونلارمۇ ئىگىسىگە تەۋە بولۇپ، ئۇنى باشقىلارنىڭ خالىغانچە ئىشلىتىشىمۇ ئەدەپ جۈملىسىگە كىرمەيدۇ. دوستلىرىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ، ئايالىڭىز ياكى ئېرىڭىزنىڭ يانفونىنى نازارەت قىلىدىغان، ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرلىرى ھەمدە يانفوندىكى قىسقا ئۇچۇرلارنى ئوغرىلىقچە كۆرىدىغان بولمىغۇر قىلىقتىن ھەزەر ئەيلەڭ. باشقىلارنىڭ يانفونى ياكى خاس تېلېفونىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ئىگىسىدىن ئىجازەت سورىغىنىڭىز، باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئۆي تېلېفونىنى ئىشلەتمىگىنىڭىز دۇرۇستۇر.
, \- f, S  f2 o6 P8 w  \. |     ئىنتېرنىت تورىدا ئەدەپلىك بولۇشنى تەكىتلەش ھازىرقى ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ھەممە نەرسىنىڭ ياخشى ۋە يامان تەرىپى بولغىنىدەك، ئىنتېرنىت تورىدىمۇ بەزى پاسسىپ، ناچار نەرسىلەر مەۋجۇت. ئىنتېرنىت تورىدىن شەھۋانىي، مەزمۇنى ساغلام بولمىغان نەرسىلەرنى كۆرۈش، ناتونۇش كىشىلەرگە قالايمىقان يوللانمىلارنى ئەۋەتىش، تور بېكەتلىرىنىڭ سۆز قالدۇرۇش مۇنبەرلىرىگە قاملاشمىغان مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى قالدۇرۇپ قويۇش قاتارلىقلار ئەخلاقسىز، پەزىلەتسىز، روھىي جەھەتتىن چۈشكۈنلەشكەن بىنورمال ئادەملەرنىڭ قىلمىشىدۇر. ئىنتېرنىت تور بېكەتلىرىدىكى ‹‹چايخانا›› ۋە QQ لاردا ناتونۇشلار تونۇشىدۇ، تورداشلار پاراڭلىشىدۇ، يېقىن دوستلار كۆرۈشۈپ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. بۇ يەردىكى پاراڭلىشىش-مۇڭدىشىش ھەر خىل تېمىلاردا، كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارىچە بولىدۇ. بۇ خىل پاراڭلىشىشتا، مەدەنىيەتلىك، ئەدەپ-قائىدىلىك بولۇش، گۈزەل سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش، ئۆزئارا ھۆرمەت-ئىززەتنى ساقلاش لازىم. ھە دېسىلا، بىر-بىرىنىڭ شەخسىيىتىگە، غۇرۇرىغا تېگىش، يوقىلاڭ سەۋەبلەرنى دەپ قوپال، سەت سۆزلەرنى ئىشلىتىش، ھەتتا تىللىشىش، ھاقارەت قىلىشتەك ئەدەپسىزلىك ئامىللىرىدىن ساقلىنىڭ
8 M5 ?$ ]6 h5 a, E     4. ۋاقىتقا رىئايە قىلىش، ۋاقىتنى قەدىرلەش - ئىنسانىي سۈپەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى7 m$ D* D6 d; v1 r
ئادەم ئۈچۈن نېمە ئەڭ قىممەتلىك؟ ھايات، تۇرمۇش، مۇھەببەت، ئۆگىنىش، ئىجاد-ئىختىرا، تىرىكچىلىك، خىزمەت، دوستلۇق، ئەخلاق-پەزىلەت، ئابرۇي-ئىناۋەت، ئىززەت-ھۆرمەت، قەدىر-قىممەت، ۋىجدان-غۇرۇر، ۋاپا-ساداقەت، پۇل، مال-دۇنيا ... شۇنىڭغا ئوخشاش ئامىللارنىڭ ھەر بىرسى يۇقىرىقى سوئالغا جاۋاب بولالىشى مۇمكىن. ئەمما، تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئامىللار سوئالىمىزنىڭ ھەقىقىي، توغرا ھەم مۇپەسسەل جاۋابى بولالمايدۇ. ئۇنداق بولسا، بۇ سوئالغا قانداق جاۋاب بېرىش كېرەك؟ بىز بۇ سوئالغا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھايات-پائالىيىتى، ۋاقىت قارىشى، توغرا دۇنياقارىشى، كىشىلىك قىممەت قارىشى بويىچە ۋە ھاياتلىق مەركىزىمىزدە تۇرۇپ مۇنداق جاۋاب بېرىمىز: ئادەم ئۈچۈن ۋاقىت ئەڭ قىممەتلىك. چۈنكى، ۋاقىت بولغاندىلا ھەممە مەۋجۇت بولىدۇ. دۇنيا ۋاقىتنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتەلمەيدۇ، ۋاقىت ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ۋاقىت ھەممىنى تەشكىللەيدۇ، ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ، ۋاقىت ھەممىنى ئىسپاتلايدۇ، ۋاقىت ھەممىنى ھەل قىلىدۇ.8 V, z5 J# ~0 o* G" Y
     شۇڭا، ۋاقىتنى قەدىرلىگەنلىك - ھاياتنى قەدىرلىگەنلىكتۇر. تەھقىقكى، ۋاقىت - ھايات، ۋاقىت - تۇرمۇش، ۋاقىت - مۇھەببەت، ۋاقىت - ئۆگىنىش ھەم نەتىجە، ۋاقىت - ئىجاد-ئىختىرا، ۋاقىت - ھۈنەر-كەسىپ، ۋاقىت - خىزمەت، ۋاقىت - دوستلۇق، ۋاقىت - ئابرۇي-ئىناۋەت، ۋاقىت - قەدىر-قىممەت، ۋاقىت - ۋىجدان-غۇرۇر، ۋاقىت - ۋاپا-ساداقەت، ۋاقىت - پۇل ھەم مال-دۇنيا، ۋاقىت - مۆجىزە ...
6 d# b) r* G0 N! `     كىشىلىك قەدىر-قىممىتى ئىلىم بىلەن ئۆلچىنىدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئىلىم - ئىنسانغا پايدىلىق بولغان پۈتكۈل بىلىم-ساۋاتلارنى كۆرسىتىدۇ، بۇ بىلىم-ساۋاتلار چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىلماستىن، ھاياتلىقنىڭ ھەممە تەرىپىنى، جۈملىدىن مەنىۋى ۋە ماددىي ئامىللارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دېمەك، ئادەم ھەقىقىي قەدىر-قىممەتكە ئېرىشىش، ئىنسانىيەت ئۈچۈن بەخت يارىتىش، ھاياتىدىن مەڭگۈلۈك ئىز قالدۇرۇش، ئەقەللىيسى ئۆز تۇرمۇشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئىلىم ئىگىلىشى، ئۆگىنىشى، ئىزدىنىشى، بىرەر ھۈنەر - كەسىپ بىلەن مەشغۇل بولۇشى، ئىختىرا قىلىشى لازىم. مانا بۇلارنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ۋاقىت بولۇشى شەرت. ۋاقىت - ئىنسان ھاياتىنى تەشكىل قىلغۇچى بىردىنبىر مۇھىم ئامىل بولۇپ، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ۋاقتى شۇ كىشى ئۆمرىنىڭ مۇئەييەن بۆلىكىدۇر. شۇڭا، كىشىلەر ۋاقىتتىن، ماھىيەتتە ئۆز ئۆمرىدىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلىشى دۇنيادىكى ھەرقانداق بىلىمدىنمۇ مۇھىم بىلىم ھېسابلىنىدۇ." e; `1 Q& [/ K8 T! d
     ئەجدادلىرىمىز بىزگە ۋاقىتنىڭ قىممىتى ھەققىدە ‹‹ۋاقتىڭ كەتتى - بەختىڭ كەتتى›› دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ھېكمەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. بۇ ھېكمەتلەر ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ۋاقىت قارىشىنى، شۇنداقلا مىللىتىمىزنىڭ گۈزەل ئەدەپ-ئەخلاق يوسۇنلىرىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ۋاقىتنى قەدىرلەشتىن ئىبارەت گۈزەل ئەخلاق ئەلمىساقتىن تارتىپ بىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىمىز بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلىرىمىزدە ۋاقىت قارىشى تۆۋەن بولۇشتەك يامان ئادەت داۋاملىق مەۋجۇت بولماقتا. ئالايلۇق، بىزدە توي باغاقلىرىغا ‹‹سائەت ئىككىگە›› دەپ يېزىلسا، مېھمانلار سائەت تۆتكە بارىدىغانلىقى، باشقا ھەرخىل سورۇنلارغا تەكلىپ قىلىنغاندىمۇ مېھمانلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر سائەتتىن ئىككى سائەتكە قەدەر كېچىكىپ بارىدىغانلىقى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ‹‹سائەت مانچىدە كۆرۈشەيلى...›› دەپ ۋەدىلەشكەن تۇرۇپمۇ، ۋاقىتقا رىئايە قىلمايدىغانلىقىدەك ئىنتايىن ناچار ئىللەتلەر مەۋجۇت. شۇنى قەيت قىلىش زۆرۈركى، ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزۈش - ئۆزىنى ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلتۈرۈۋېلىشتۇر؛ ۋاقىتقا رىئايە قىلماسلىق - ئۆزىنىڭ گۆھەردەك قەدىر-قىممىتىنى تاشقا ئۇرغانلىقتۇر؛ باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىش - قاتىللىق قىلغانلىق، قان تۆككەن بىلەن باراۋەردۇر.# |9 B8 I( N5 B  C/ N$ i
     بىز ھەقىقىي مەنىسىدىن ئىنسانىي سۈپەت يېتىلدۈرىمىز دەيدىكەنمىز، ئەڭ ئالدى بىلەن، ۋاقىتقا رىئايە قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى قەدىرلىشىمىز، جۈملىدىن ئۆز ھاياتىمىز ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىغا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز شەرت. يۈكسەك دەرىجىدىكى ۋاقىت قارىشىغا ئىگە بولماي تۇرۇپ ئۆگىنىش، تەتقىقات، خىزمەت، ھۈنەر-كەسىپ، تۇرمۇش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە باشقا ئىشلاردا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىن سۆز ئېچىش مۇتلەق مۇمكىن ئەمەس. ۋاقىت قارىشىغا ئىگە بولۇش ھەمدە ۋاقىتقا رىئايە قىلىش ئۈچۈن، ئىشنى يەنىلا كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. يەنە كېلىپ، ۋاقىتقا رىئايە قىلىش مەلۇم ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئىشى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى ئادەم دەپ ھېسابلايدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ ئورتاق ئىشى.1 Y& s) i% d4 j3 ~) P4 g1 N
     ۋاقىت قارىشى يېتىلدۈرۈش ھەمدە ۋاقىتنى قەدىرلەش ئۈچۈن، ھەر بىر ئادەمنىڭ تەرتىپلىك پىلانى بولۇشى لازىم. بۇ خىل پىلاننى يىللىق، پەسىللىك، ئايلىق، ھەپتىلىك، كۈنلۈك، سائەتلىك دەپ تۈزۈۋېلىش مۇمكىن. ھەممىگە ئايانكى، بىر كۈن سەھەردىن باشلىنىدۇ. شۇڭا، بىر كۈنلۈك ئىشنى سەھەردىن باشلاپ تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇۋېلىپ، بىر كۈن ئىچىدە شۇ بويىچە ھەرىكەت قىلغاندا، ۋاقىتنىڭ بىلىپ - بىلمەي ئىسراپ بولۇپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، ياخشى تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئاتا-بوۋىلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپلا سەھەر تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، مىللىتىمىز كىشىلىرى ئارىسىدا ئادەتتە تاڭ يورۇش ئارىلىقىدا ئورۇندىن تۇرۇپ كېتىش ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشقان. شۇڭا، بىزدە كۈن قىزىلى ۋاقتىدىمۇ ئورۇندىن تۇرماسلىق، ھەتتا ئاخشىمى ياتقانچە ئەتىسى قۇياش چىققاندىمۇ ئورۇندىن قوپماسلىق ئىنتايىن قەبىھ ئىللەت، مەينەتچىلىك ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، سىز سەھەر تۇرماسلىق، ۋاقىت قىستاپ كەلگەندە ھاپىلا - شاپىلا ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، يۈز-كۆزىڭىزنى چالا-بۇلا يۇيۇپلا ئىشقا مېڭىش، ئاندىن ئىش ئورنىڭىزدا ناشتا قىلىشتەك ناچار ئادىتىڭىز بولسا دەرھال ئۆزگەرتىڭ. ئاخشاملىرى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بەك كەچ يېتىشمۇ ئەتىسى سەھەر تۇرۇشىڭىزغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھەتتا بىر كۈنلۈك كەيپىياتىڭىزنىڭ نورمال بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، پۈتۈن بىر كۈنلۈك ئىشلىرىڭىزنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇۋېلىڭ.7 {3 n) a) G# S% E; f
     تۈرلۈك سورۇنلارغا دەل بېكىتىلگەن ۋاقىتتا بېرىپ بولۇڭ. باشقىلار بىلەن مەلۇم جايدا كۆرۈشمەكچى بولغان بولسىڭىز، بېكىتىلگەن ئورۇنغا دەل ۋاقتىدا ھازىر بولۇڭ، كىشىلەرنى ساقلاتماڭ، كىشىلەرنىڭ ۋاقتىنى زايە قىلماڭ.0 o; i8 Y$ B" e: y1 T' m
     بىراۋ بىلەن كۆرۈشمەكچى، بىراۋنى ئىزدەپ بارماقچى، كېسەل يوقلاپ بارماقچى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلماقچى بولسىڭىز، شۇ كىشى بىلەن ئالدىن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ ۋاقتى بار-يوقلۇقىنى سوراڭ ھەمدە مەقسەتنى ئېنىق ئېيتىپ، كۆرۈشمەكچى بولغان يەرنى، ۋاقىتنى ئېنىق بېكىتىۋېلىڭ. بۇنداق بولغاندا، ھەم باشقىلارنىڭ ۋاقتىغا ھۆرمەت قىلغان بولىسىز، ھەم ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز بىھۇدە ئاۋارە قىلىۋېلىشتىن ساقلىنالايسىز.+ w; j2 I) O- A- O4 b. V
     ھەرخىل سورۇنلاردا، سورۇندىكى كىشىلەرنىڭ ۋاقتىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. باشقىلارنى ئۇزاق ئولتۇرۇشقا قىستاش، قۇرۇق گەپ سېتىپ، باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىش، باشقىلارنى ئۆزىڭىزگە ھەمراھ بولۇشقا زورلاش قاتارلىق قىلمىشلار ئەخلاق جۈملىسىدىن ئەمەس.: k& u4 I- H2 D$ N2 M3 m' u
     5. ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىق ۋە ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش5 X4 w! V# o1 `
‹‹ئۆمۈر - ئاتقان ئوق››. خۇددى مىلتىقتىن ئېتىلىپ چىقىپ كەتكەن ئوقنى قايتۇرۇپ ئەسلىدىكى ھالىتىگە كەلتۈرگىلى بولمىغىنىدەك، كەتكەن ئۆمۈرنى زىنھار قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ. ئادەمنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنى 70 يىل دېگەندىمۇ، مۇشۇ ۋاقىتنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۇخلاش ۋە ئارام ئېلىش ئۈچۈن سەرپ بولىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئادەمنىڭ ئۆمرى ناھايىتى قىسقا بولۇپ، ئۆگىنىش، ئىختىرا، خىزمەت، ھۈنەر-كەسىپ قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋاقتىمىز ئاران 15-20 يىل ئەتراپىدا بولىدۇ... بۇنى ئويلىسا، ھەر كىمنىڭ كۆڭلى يېرىم بولماي قالمايدۇ.
/ i: Q7 ?( _) u! j: i, q     ۋاقىتنى قەدىرلەش ۋە ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن، ھەممە نەرسىگە تەڭ ئېسىلىۋېلىشتىن، ئۇدۇل كەلگەنلا ئىشلارغا زېھىننى چېچىشتىن، پىلانسىزلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. گېرمانىيىلىك ئالىم ھېگىننىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بىر ئالىم كېچە-كۈندۈز تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلىسىمۇ، ئۇ، بىر كۈن ئىچىدە ئۆز كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك كۆرۈش زۆرۈر بولغان ماتېرىياللارنىڭ پەقەت بەش پىرسەنتىنىلا كۆرەلەيدىكەن.
: j7 Y, ~; T+ ^8 i- E% ~" c  D     بىر خىمىيە ئالىمى ئەگەر ھەپتىلىك كىتاب ئوقۇش ۋاقتىنى40 سائەت بويىچە ھېسابلىسا، ئۇنىڭ دۇنيا بويىچە بىر يىلدا نەشردىن چىققان خىمىيىگە ئائىت ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ماتېرىياللارنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقىشى ئۈچۈن 48 يىل ۋاقىت كېتىدىكەن. لوندوندا ‹‹دۇنيا ئەدەبىياتى بىئوگرافىيىسى›› نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇ جەمئىي 754 تومنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ھەجمى 52 مىليون 72 مىڭ بەت ئىكەن، ئېغىرلىقىمۇ ئىككى يېرىم توننا كېلىدىكەن... بۇ مىساللار بىزگە كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىشتىمۇ ئېنىق نىشان بولۇشى كېرەكلىكىنى، چەكلىك ۋاقىتتىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىق كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
2 T, d8 Q' D; `' j: Y- l8 M     ھەردائىم سەمىڭىزدە بولسۇنكى، يۈرىكىڭىزنىڭ ھەر بىر سوقۇشى - سىزنىڭ ئۆلۈم دەرۋازىسىغا بىر قەدەم يېقىنلىشىۋاتقانلىقىڭىزدىن، ۋاقتىڭىزنىڭ بارغانسېرى ئاز قېلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۆمۈر دېمەك - ۋاقىت دېمەكتۇر. بىز ئۆمرىمىزنى قەدىرلەيمىز دەيدىكەنمىز، ھەر بىر سائەت، ھەر بىر مىنۇت ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلماسلىقىمىز، شۇنداقلا ئۆزگىلەرنىڭ ۋاقتىنىمۇ ئىسراپ قىلىشنى ئەڭ چوڭ جىنايەت ھېسابلىشىمىز لازىم.
9 ^& p) u( |9 K) Y4 w1 w3 z8 L5 o. P1 I7 |4 p- m2 z
ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىتەجرىبەقىزغىنلىقتىللاتۆھپەيىغىشسەۋەبى
مەرىپەت + 10 + 8 + 2 + 2ئېسىل!
xarbat + 20 + 12 + 3 + 3يارايسىز!

ھەممە باھا نومۇرى : تەجرىبە + 30 قىزغىنلىق + 20 تىللا + 5 تۆھپە + 5  باھا خاتىرىسى

ئەگەر يالغۇز بولساڭ ھەمدەم كىتابتۇر، بىلىم سۈبھىدىكى نۇر ھەم ئاپتاپتۇر.

wolqan ئىسىم ئۆزگەرتتى

2918

تېما

2

ئەگەشكۈچى

4 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 5731
نادىر تېمىسى: 93
تىللا: 15218
تۆھپە : 2880
توردا: 4162
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-28

مائارىپچى ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 20:38:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موشۇنداق ئېسىل ماقالىلەرنى داۋاملىق يوللاپ شەربەتتىكى ھەربىر دىللارغا يورۇتقۇچى ماياك بولۇشىڭىزغا تەشنامەن شام ئۇستاز،رەھمەت سىزگە!
ئۈمۈدىمىز بىلىمگە چاڭقىغان قەلىبلەرگە شېرىن-شەربەت بولۇش!

دۇنيا بىلىپ قوي ،مەن ئۇيغۇر!!

97

تېما

6

ئەگەشكۈچى

7864

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  839
يازما سانى: 984
نادىر تېمىسى: 9
تىللا: 2644
تۆھپە : 714
توردا: 250
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-28

ۋولقان تۆھپىكارىتىرىشچان ئەزا ئوردىنىباشقۇرغۇچى ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىۋولقان شائىرىۋولقان قىزىقچىسىۋولقان يازغۇچىسىمۇنبەر نازارەتچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 22:48:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىزگە يول كۆرسىتىپ ئىسمىڭىزگە ئوخشاش شام بولىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن !!!
سۈتتىن ئاغزى كۆيگەن ،قېتىقنىمۇ پۈۋلەپ ئىچەر.

924

تېما

3

ئەگەشكۈچى

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  138
يازما سانى: 2755
نادىر تېمىسى: 13
تىللا: 8053
تۆھپە : 2370
توردا: 2318
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-27

ۋولقان تۆھپىكارىتىرىشچان ئەزا ئوردىنىئەتىرگۈل ئەزا ئوردىنىۋولقان مەلىكىسىباشقۇرغۇچى ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىتېما يوللاش ماھىرىئاكتىپ ئەزادوستلۇق ئەلچىسىمۇنبەر نازارەتچىسىئىجادكار ئەزائەلا يىتەكچى ئوردىنىماھىر تەربىيىچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 23:52:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شام ئەپەندىمنىڭ ھەر بىر يوللىغان تېمىلىرى شۇنداق ياخشى. مۇشۇنداق ياخشى تېمىلىرىڭىز بولسا ئۈزۈلدۈرمىگەيسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

يانفۇن|ئاددى بەت|ئالاقىلىشىڭ|( 新ICP备11001587号-6  
بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
بېكەتنىڭ قانونى ۋەكىلى : شەربەت QQ:359903451 E-mail:359903451@qq.com
بىز ئەڭ ياخشى مۇنبەر قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز!
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2013-1-28 04:48

چوققىغا قايتىش