ئەتىگە مەبلەغ سالغان ئادەم رېئاللىققا سادىق ئادەم
جەمئىي مىكروبلوگ 1184 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئابلەت تۈنۈگۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي  دوسلار  تېمىلارغا ئىنكاس ۋە كۆزقارشىڭلارنى يېزىڭلار !!تېما يوللاڭلار !!!

  • ئابلەت تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي  دوسلار  تېمىلارغا ئىنكاس ۋە كۆزقارشىڭلارنى يېزىڭلار !!باشقىلارنى قوللاڭلار

  • ئابلەت تۈنۈگۈن 23:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي  دوسلار  تېمىلارغا ئىنكاس ۋە كۆزقارشىڭلارنى يېزىڭلار !!شەربەت گۈللەنسۇن!!!

  • xarbat 2013-1-19 01:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىللاغا زۆرۈر ئېھتىياجلىق بولسىڭىز «ۋەزىپە»گە كىرىڭ

  • ئابلەت 2013-1-14 13:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۇيىل كىرىپلا ئۆلۈم يېتىم تولا بولۇپ كەتتىغۇ  

  • 天使 2013-1-13 23:21 [ئىنكاس(1)] [...]

    بىلەلمىدىم قانداق قىلشنى

  • نازاكەت 2013-1-7 22:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى ھىس قىلاي دىسڭىز،ھاياتقا كۈلۈپ قاراشنى ئۆگىنۋېلىڭ.

كۆرۈش: 308|ئىنكاس: 9

[پوۋېست]يالغۇز توغراق

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

23

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1819

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2620
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 6
تىللا: 578
تۆھپە : 166
توردا: 24
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-12-31

تىرىشچان ئەزا ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان شائىرىۋولقان يازغۇچىسىئىجادكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 16:30:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالغۇز توغراق

6 I' C: Y1 Y5 [# U" F& Z+ u
(پوۋست)
( S# U8 B3 Y. Z. Z1 e3 J
تۇرسۇن جامال
$ i' f! \. ^3 f
)ئاپتۇر يەكەن ناھىيە خاڭدى بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
- }) Z9 y, g$ n: E

# R7 ?, a  S6 q& Y) w/ z# tمەن دوختۇرخانا بىلەن ئاسانلا ھىساۋاتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بالنىستىن چىقىپ كەتمەكچى بولدۇم. بۈگۈن يەكشەنبە كۈنى بولغاچقا ھىسابات مەركىزىدە ئادەملەر تولىمۇ ئاز ئىدى. ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇپ، سائەتلەپ ساقلاپ ھسابلىشىدىغان ئىشتىن خالى بولغاچقا شۈكۈر دىدىم-دە، ئىشنى پۈتتۈرۈپ، سىرتقا يول ئالدىم.مەن  بۇ يەردىكى ۋاڭ-چۇڭلۇق ھايات بىلەن تىزرەك خوشلىشىپ، ئۆز يېزامغا، خىزمەت ئورنۇمغا قايىتماقچى، ئاندىن ئاشۇ سەبى ئۆسمۈرنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ھەققىدىكى ئىشلارنى ئۇقۇشۇپ، بىر قانچە كۈندىن بىرى خەۋەرسز قالغان ئەھۋاللارنىڭ راۋاجىغا قاراپ قولۇمدىن كېلىشچە، ئۇنىڭ ئوقۇش ئىشلىرىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرماقچى.6 [2 E+ m0 f6 d' }! m' ?
دوختۇرخاننىڭ گۈللۈكى تولىمۇ چىرايلىق ئىدى. ئاسمان بىلەن بوي تالىشىپ ئۆسۈۋاتقان سۆگەتلەر، ئاكاتسىيە دەرىخى، چىنارلار. گۈللۈك ئەتراپىدىكى تەبىئى توساق قىلىنغان رېدە. گۈللەر بەرگىدىكى خۇددى مەسۈمنىڭ كۆز يېشىغا ئوخشايدىغان شەبنەم تامچىلىرى...
% I+ q( t, q; W( F& j1 N3 zمانا بۇلار مېنىڭ قەلبىمدە گۈزەللىكنىڭ غۇۋا تەسۋىرىنى ھاسىل قىلسىمۇ، قەلبىمدە قانداقتۇر بىر غايىۋى كۈچ، تىزرەك بۇ جايدىن ئايرىلىپ، يېزىغا قايتىشقا دەۋەت قىلاتتى. يېقىندىن بىرى قەلبىمنى ئىزچىل قىيناپ كېلىۋاتقان، گۇمان، ئەندىشە، ئۈمىد كە ئوخشاش  ئارلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ ھېسيات قوينىدا تېپىچەكلەۋاتقان قەلبىم قەدەملىرىمدىن بۇرۇن مەن بارماقچى بولغان ئاشۇ سەھراغا قايتىپ بولغان ئىدى...
5 v+ f/ U% k; R3 q3 W-تېچلىقمۇ مۇئەللىم؟
( |5 X. e. J3 v- g9 Zدەرۋزا ئالدىغا چىقىشىمغا قۇلاق تۈۋىمدە ياڭرىغان بۇ ئاۋازدىن چۆچۈپ ئالدىمغا قارىدىم. كۆز ئالدىمدا مېنىڭ قەدىردان كەسپدېشىم ھەم دوستۇم ئەزىز مۇئەللىم تۇراتتى. ئۇ داۋاملىق مۇشۇنداق باشقىلارغا خۇشچاقچاق ۋە قىزغىن مۇئامىلە قىلىشقا خۇشتار ئىدى. , a0 N/ w: y+ C" a
-تېچىلىق، ئۆزەڭلىچۇ؟ نىمە ئىش بىلەن كىردىڭلار؟
# _4 ]' e" q. o+ |! Z# ^% Zمەنمۇ ناھايتى ئوبدان. بۈگۈن ئىدارىگە سۇنىدىغان بىر ئېلتىماسىم بار ئىدى، شۇ ئىشنى بېجىرگەچ سېلىنى يوقلاپ ئۆتەي دەپ كېلشىم." e! T  p/ o: O5 Q3 Y# B/ N
- ياخشى بوپتۇ. يۇرتنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ سائادەتنىڭ ئوقۇش ئىشلىرى قانداق بولۇپ كەتتى؟
6 ]) }% f( X7 C" wئۇنىڭ چىرايىدىكى خۇشاللىق بىردەمدىلا غايىپ بولدى. كۆڭلۈمدە بىر كۆڭۈلسىزلىكنى پەملىدىم-دە، ئۇنىڭدىن  ياندۇرۇپ سورىدىم:
- `. B; z! z8 O; y/ L3 Z: T2 j1 \-گەپ قىلمامسىلەر، ئادەمنى تولا تەقەززا قىلماي.5 g' l$ v: g% s0 l" P+ A' Z
ئۇ جاۋاپ ئورنىغا بېشىنى يىنىك لىڭىشتتى. ئاندىن؛- ھەي نىمىسىنى دەيسىلەر، ئۇ ئوقۇغۇچىڭلار ئۆلۈپ كەتتى. نىمە بولغىنىنى بىزمۇ بىلمىدۇق. بىر كۈنى ئۇنىڭ بىر مەھەللىكى باغاق كۆتىرىپ كەپتىكەن، شۇنىڭدىن بىلدۇق. تۇپراق بېشىدىغۇ ھىچقانداق گەپ سۆز بولمىدى. ئاياللار ئارىسىدا سائادەتنىڭ ئانىسى« ھاپىز مۇئەللىم قىزىمنى تېخنىكۇمدا ئوقۇڭ دەپ بېشىغا پىت سالمىغان بولسا قىزىم ئۆلىۋالمايتتى، بۇ ھېساب-كىتابنى ھاپىز مۇئەللىم بىلەن چۇقۇم قىلىمەن» دەپتۇدەك. پەتىگە بارغان ئايال ئوقۇتقۇچىلار شۇنداق دىدى.
, B, C  z7 B! u! B- l/ o/ Lمىڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتكەندەك بولدى. ۋۇجۇدۇم غايىپ بىر غەزەپتىن سىلكىنەتتى. كۆڭلۈمدە بولسا سائادەتنىڭ ئاتا-ئانىسىغىمۇ، كەنت باشلىقىغىمۇ، ياكى يېزا باشلىقىغىمۇ ئەيتاۋۇر كىملەرگىدۇر لەنەت ئوقۇيتتىم. بايامقى يېزىغا قايتىش توغرىسىدىكى خىياللىرىم  ۋە قىزغىنلىقىم بىردىنلا يوققا چىقتى. بىراق، قايتماي نېمە ئامال؟ تۈنۈگۈن دوختۇرلارنىڭ بىر مەزگىل داۋالىنىپ تەلتۆكۈس ساقايغاندىن كىيىن ئاندىن بالنىستتىن چىقىش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى رەت قىلىۋەتكەن ئىدىم. ئەمدى يەنە بالنىستقا قايتىشنىڭ ئورنى يوق.
2 E* P1 }6 |# S/ Z6 J# H         ئاپتۇبۇس بىلەن يۇرتۇمغا چۈشتۈم. ئۆيگە قايتىشقىمۇ، مەكتەپكە بېرىشقىمۇ رايىم يوق ئىدى. ئاخىرى كۆڭلۈم خالغان بىر تەرەپنى نىشانلاپ يول ئالدىم. «خۇددى كونىلارنىڭ بېشى قايغان، پۇتى تايغان تەرەپكە» دېگىنىدەك.
$ r- Z; |( \% b% o3 ]* M# W. zچۈشكۈن قەدەملەر بىلەن كىتىۋاتىمەن.كاللامدا قانداقتۇر باش-ئاخىرى يوق گادىرماش سۇئاللار بىلەن ئاشۇ ئاچچىق تۇرمۇشنىڭ بىر ئېچىنىشلىق كارتىنىسى گىرەلىشىپ، مېنى تېخىمۇ چۈشكۈنلەشتۈرۋەتكەنىدى. مەن ئەتراپىمغا قارىدىم.دىگەر ۋاقتى بولۇپ، قۇياش ئاللىبۇرۇن غەرپكە قىيسايغانىدى. ئاسماندا بولسا ئاقۇش تۈتۈنرەڭ بۇلۇتلار لەيلەپ يۈرەتتى.سىنتەبىر ئايلىرى بولغاچقا ھاۋا تېخى سوۋۇمىغان،پىشانەمدىن مۇنچاق-مۇنچاق تەرتامچىلىرى چىپىلداپ چۈشۈپ تۇراتتى.مېڭىۋىرىپ دەريا بويغا كىلىپ قالغىنمنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن.دەريا سۈيى ناھايتى لاي بولۇپ، ئۇنىڭدا قۇم ئارىلاش دوغاپلار ئېقىۋاتاتتى.دەريانىڭ ساھىللىرىدا بۈك جىغانزارلىق بولۇپ، بۇ مەنزىرە ئادەمنىڭ خېلىلا زوقىنى كەلتۈرەتتى.دەريا بويىدىكى پادىچى بالىلارنىڭ ناخشىلىرى، كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى بۇيەردىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تاشلاپ جانلاندۇرۋەتكەنىدى.- O0 u$ |) Q7 v+ d3 N: C9 ^
مەن دەريا قىرغىقىدا زوڭزايدىمدە ، بۇ مۇھىتنى تاماششا قىلىشقا  باشلىدىم.گەرچە بۇ مەنزىرە قەلبىمدىكى ۋىجدان ئازاۋىنى ،ئېچىنىش ئىچىدىكى ئەسلىمىلەرنى يوق قىلىۋىتەلمىسىمۇ، لىكىن قەلبىمگە ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئارام بىرەر...( ~7 L- b) J! {& p
مەن خىيالغا  كەتتىم.5 }2 @& r4 z( v8 t$ p

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
xarbat ياخشى: 5
بارىكاللا،قولىڭىزنى دەرت كەلمىسۇن!  يوللىغان ۋاقتى 2012-11-3 22:30
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتەجرىبەقىزغىنلىقتىللاتۆھپەيىغىشسەۋەبى
xarbat + 20 + 15 + 5 + 4ئېسىل!

ھەممە باھا نومۇرى : تەجرىبە + 20 قىزغىنلىق + 15 تىللا + 5 تۆھپە + 4  باھا خاتىرىسى

23

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1819

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2620
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 6
تىللا: 578
تۆھپە : 166
توردا: 24
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-12-31

تىرىشچان ئەزا ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان شائىرىۋولقان يازغۇچىسىئىجادكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 16:31:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تولۇقسىز 3-يىللىقنىڭ سىنىپ مۇدىرى ئىدىم.سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى يېزا تەۋەسىدىكى چەت جايلاردىن كىلىدىغىنىغا قارىماي، خېلىلا سەھەر كىلىپ تازىلىق ۋە ئۈگىنىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، شۇ كۈندىكى دەرسكە مۇددەتتىن بۇرۇن ئەتراپلىق تەييارلىق قىلاتتى.شۇڭا سىنىپمنىڭ دەرس ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىجتىمائى پائالىيەتتىكى نەتىجىلىرىمۇ مەكتەپ بويچە يۇقۇرى ئىدى.سىنىپتا سائادەت ئىسملىك بىرقىز بولۇپ، ئائىلىسى سىنىپتىكى باشقا ساۋاقداشلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئەڭ يىراقتا، تەخمنەن 10-12كىلومىتىر كىلەتتى.شۇنداق بولىشغا قارىماي، ئۇ سەھەردىلا سىنىپنىڭ ئالدىغا ياكى ئىشخانىنىڭ ئالىدىغا ئۈنۈپ بولاتتى.يەنە سىنىپتا ئۇ ئەلاچى ھەم ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ سەھرا قىزلىرىغا خاس تەبىئى گۈزەللىگى،كۆزلىرىدىن ئۆتكۈر پىكىرلىكى چىقىپ تۇرىدىغان چىچەنلىكى ، كەمسۆز، ئېغىر-بېسىقلىقى، ئەخلاقىنىڭ ياخشىلىقى بىلەنمۇ سىنىتىلا ئەمەس مەكتەپ بويچە ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچى ئىدى.بولۇپمۇئۇنىڭ قوي كۆز مۇلايىم چېھرى، «ئىلىپ»تەك تۈز كىچككىنە بۇرنى ، سېرىققا مايىل ئاقسۈزۈك يۈزى ، ئويماقتەك ئېغىزى كەكلىكتەك زىل ئاۋازى ۋە ئەدەپلىك مۇئامىلىسى بىلەن ھەرقانداق كىشىنىڭ زوقىنى قوزغايتتى.ئشقىلىپ سائادەتتە يۇقارقى خىسلەتلەر بولغاندىن سىرت، مەن سنىپقا قۇبۇل قىلغاندىن بۇيان ، بىرەر مىنۇت دەرس قالدۇرغىننى ياكى مەندىن سورىغىننى بىلمەيتتىم. پەقەت ئۇنىڭ ئوقۇتۇش بىناسى ، ئىشخانا بىنالىرىنىڭ ئەتراپىدا دەرس تەكرارلايدىغان ئادىتىلا ماڭا ئەڭ تونۇش ئىدى.مەن دەسلەپتە سىنىپ قۇبۇل قىلغاندىلا بۇ ئوقۇغۇچى دەل مۇشۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن كۆزۈمگە چېلىققاچقا ، دەسلىپىدىلا ئۇنى سىنىپنىڭ ئۆگىنىش ھەيئىتى سايلاپ قويدۇم.ساۋاقداشلىرىمۇ ئۇنىڭدىن ناھايتى رازى ئىدى.سائادەتمۇ بارا-بارا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى، ئەستە ساقلاش ۋە چۈشىنىش قابىليتنىڭ يۇقۇرلىقى بىلەن تونۇلۇشقا باشلىدى.مەيلى سىنىپتىكى قايسىبىر ئوقۇغۇچىدىن سورىمايلۇق، «-سىنىپڭلاردا كىم ئەڭ ياخشى؟» دەپ سورىسا:«سائادەت»دەپ جاۋاپ بىرەتتى. ئىشقىلىپ سىنىپتا ، سىنىپتىلا ئەمەسمەكتەپتىمۇ ھەممە ئادەم نىڭ كۆزىگە كۆرۈنگىنى بىرلا سائادەت ئىدى. ئۇ ئۇدا ئۈچ يىل ئوقۇش جەريانىدا ،مەكتەپ ۋە ساۋاقداشلىرى ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئاجايىپ تالانىتلىق ئوبرازىنى ،ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنجىسى ۋە ئۈمىدىنى تىكلەپ كەلگەن ئىدى.ئەمما سائادەت بىر كۈنى تۇيۇقسىز مەكتەپكە كەلمەي قويدى.بۇ ۋاقتى 3-يىللىقنىڭ 2-ئوقۇش ماۋسۇمى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرىشىگە پەقەت 3ئايلا ۋاقىت قالغان ئىدى.مەن شۇكۈنى بىرىنجى سائەت دەرسكە كىرگەن ئىدىم ،سىنىپتا سائادەت يوق بولۇپ چىقتى.بۇنداق ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىدە ئادەتتە بىرەر ئىش يۈز بەرمىسىلا دەرس قالدۇرمايتتى.مەن بىر سائەت ۋاقىتنى تەس توشقۇزدۇم -دە،شىلەپەمنى كىيىپ،ۋېلىسپىتىمنى مىنىپ،سائادەتنىڭ ئۆيىگە ماڭدىم.تەخمىنەن يېرىم سائەت يول يۈرگەن بولساممۇ، بۇ ۋاقىت مەن ئۈچۈن تولىمۇ ئۇزۇن بىلىنىپ كەتتى.مەن ئىشىك تۈۋىدىلا سائادەتنىڭ دادىسى ماخمۇت ئاكا بىلەن ئۇچراشىتم. بىز تىنىچلىق سوراشقاندىن كىيىن ئۆيگە تەكلىپ قىلدى. ھويلىدا سائادەتنى ئۇچراتتىم. ئۇنىڭ كۆز جىيەكلىرى ئىششغان، قاپاقلىرى پولتىيىپ چىققان بولۇپ، مەن بىلەن غەمكىن سالاملاشقاندىن كىيىن ، يان ئۆيگە كىرىپ كىتىپ قايتا كۆرۈنمىدى. مەن ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن ، سائادەتنىنڭ ئانىسىغا كىلىشتىكى مەخسىدىمنى ئېيتتىم.& _$ ]1 Z( P/ S& L) ]
_بالىنىڭ دادىسى ھازىرلا سرىتقا چىقىپ كەتكەن،كىرسە سىلىگە سالىدىغان مۇھىم بىر مەسلىھەت بارئىدى." U7 W" R& w$ U4 s! z9 _6 t2 S+ H
ئالاھەزەل يېرىم سائەتچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن، ماخمۇت ئاكا يېزا باشلىقى ۋە دۈينىڭ سىكىرتارىنى باشلاپ، ئۆيگە كىردى.مەن ھەرقانچە تەكەللۇپ بىلەن ئۇلارغا تۆردىن ئورۇن بوشاتقان بولساممۇ، ئۇلار بۇ ئۆيگە «ئۆز» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ، ماڭا ئۆزرىخاھلىق قويۇپ، مېنى ئولتۇرغان ئورنۇمدىن قىمىرلاتمىدى.مەن بۇ كۆرۈنۈشكە ئانچە ھەيرانمۇ قالمىدىم.چۈنكى بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى باللىرىنى مەكتەپتىن چىقىرىۋىلىش ئۈچۈن، داۋاملىق يۈز-ئابرۇيلۇق يېزا كادىرى، ياكى مەرتىۋىلىك كىشىلەرنى ۋاستە قىلىپ، باش ئاغىرتىدۇ.ھېلىقىدەك «غوجاملىرىمىز»مۇ يىغىلىشلاردا مائارىپنى قوللاش شۇئارىنى كارنىيى يىرتىلىپ كەتكۈدەك توۋلىغىنى بىلەن ۋاقتى كەلگەندە  يەنە ئۆز سەنىمى، ئۆز نەپسى ئۈچۈن كەتمەن چاپىدۇ.بۇ ۋاقىتتا يەنىلا شۇ ئوقۇتقۇچى،بىچارە ئوقۇتقۇچى سىياسەت بىلەن ھېلىقىدەك غوجاملىرىمىزنىڭ ئەتەي يېقىنچىلىق،تەھدىت ئارلاشقان باش ئاغىرتىشلىرى بىلەن ئىككى قاپتال ئوتتۇرسىداتەڭلىكتەقالغىنى قالغان.ماھىيەتتە ئوقۇتقۇچىنى ھىچقايسى تەرەپ ياقتۇرمايدۇ.بۇ خۇددى لازىنى ئاچچىق كۆرۈپ، ھاۋانچىمۇ ، تاشمۇ ياقتۇرمىغاندەكلا بىر ئش.ئەگەر سەن بۇ ئىشتا سەللا  بىخەستىلىك قىلساڭ، ھېلىقىدەك لازىغىلا ئوخشايسەندە، بىرتەرەپتىن ھاۋانچا قىستىسا ، يەنە بىر تەرەپتىن تاش سوقۇپ ئارام بەرمەيدۇ...
- a* @$ J3 b& Q3 K3 xبەلكىم بايىقى مەسلىھەت دىگىنىمۇ، دەل سائادەتنى مەكتەپتىن چىقىرۋىلىش بولسا كىرەك.بىراق ۋاقىت ئازلا قالغان تۇرسا، پەقەت ئۈچ ئايلا تەخىر قىلسا بولماسمىدى؟ئۇنى ھازىر مەكتەپتىن چىقىرۋىلىپ نىمە ئشىقا سالار؟ بىرەر باشلىقنىڭ بالا باققۇچىلىقىغا ياكى ئۆي خىزمەتچىلىكىگە ئىشلتەمدۇ قانداق؟ يېقىندىن بۇيان مۇشۇندا ئىشلار بەك ئەۋج ئېلىپ كەتكەنىدى.ھېلىقى يېڭىدىن بالا يۈزى كۆرگەن باشلىقلىرىمىز ئۆز باللىرىنى ئامان-ئىسەن،«ساغلام، بۇدۇرۇققىنىە»چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشىۋىلىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ پەرزەنىتلىرنىڭ كەلگۈسىنى تىگىشىش بەدىلىگە ئۆز قولايلىقىدىن پائىدىلىنىپ ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ        مەكتەپلەردىكى ئەقىلى-ھوشى جايىدابالىلارنى مەكتەپتىن چىقىرۋىلىش ئارقىلىق ئۆز مەخسىدىگە يەتمەكچى بولاتتى. ۋە ھەرقانداق ۋاستىلەرنى قوللىنىڭ كۆزلىگنىگە يەتمەي قويمايتتى.بۇ ئىشتا كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچىلارۋە مەكتەپ مۇدىرنىڭ پىكرى بولسىمۇ ھېچكىمگە تىنالماي ئۆتۈشكە مەجبۇر ئىدى.مەن كۆڭلۈمدە گۇمانتالىق بىلەن كۆتىرىلگەن بۇ ئەبجەش سۇئاللارغا جاۋاپ ئىزدەش بىلەن ئەگەر خىياللىرىم رىئاللىققا ئايلىنىپ قالسا ئۇلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە باش قاتۇرۇشقا باشلىدىم.مۇھىمى سائادەتنىڭ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىدى.بىراق قانداق قىلىش كىرەك؟
, x' o+ S' U+ z- _   داستىخان كەلتۈرۈلۈپ قول سۈيى بىرىلدى. ئارقىدىنلا مەزىلىك پولۇ ۋە گۆشنىڭ ھىدى ئۇرۇلدى.
: Z5 H0 o# k. f  _بىزنىڭ خوتۇن سىلىنىڭ كىلىشلىرىدىن بىخەۋەر، يوقىلاڭ بىر ئىش قىلىپ ئولتۇرۇپتىكەن،-دىدى، سائادەتنىڭ دادىسى يېنىدىكىلەرگە مەغرۇر قاراپ، ۋە سىرلىق قىلىپ.
9 j. \7 p/ j. ?3 K' {; @( o" a   مەن بۇ سۆزنى ئەلۋەتتە چۈشەندىم.ئۇلار مېنى بۇ كۈتمىگەن ئامەتكە داخىل قىلىش ۋە «يوقىلاڭ»ئىشنى باھانە قىلىش ئارقىلىق «قېتىق ئىچكەن مۇشۇكنىڭ يۈزىنى سۆرۈن»قىلىپ ،كىيىنكى بەس-مۇنازىردە ئېغىزىمنى تۇۋاقلاش، ئەڭ بولمىغاندا مېنى يول قويۇشقا مەجبۇرلاپ ،توسالغۇسىزلا ئۆز مەخسىدىگە يىتىش ئىدى.مەن تاماق يىگەچ سۆھبەتداشلىرىمغا قارىدىم.ئۇلار بولسا خۇددى باياۋاندا ئاچ قالغان چىلبۆرىلەردەك، ئاشنى بىر-بىرىدىن قىزغىنىشىپ تارتقۇشلايتتى.«-ۋاي، بىچارىلەر، دەپ ئويلىدىم مەن، داۋاملىق بىكار تاماق يەپ ئۆزگىنى غاجايدىغان،ئۆز ئۆيىدىكىنى توپا-چاڭ بېسىپ كەتسىمۇ ،چىۋىن قوندۇرمايدىغان،ئالىدىغانغاشۆلگىيىنى ئېقىتىپ، بىرىدىغانغائون يەرگە پىچاق تىقسىمۇ بىر تېمىم قان چىقمايدىغان بۇ ئادەملەرگە ھەقىقىتەن ئىچىم ئاغرىدى.چۈنكى ئېيىغا ھەتتا كۈندە دىگۈدەك  مەسلىھەت چېيى، خەتنە تويى، ئۆي مەرىكىسى، تۇغۇت چېيى قاتارلىقلاردا كىلىپ تۇرىدىغان «ئادىمىگەرچىلىك»لەرنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى پەقەت مۇشۇلار ئۆزلىرىلا بىلەتتى. يەنە ئۇنىڭدىن باشقا ھەل قىلالمىغان مەسىلە ياكى شەخسى غەرەزلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كىلىۋاتقان ئوقەتلەر ئۇلارنىڭ يانجۇقىنى تومپايتىپ، ئۆيىنى قويالتىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا ئۇلارنىڭ تامادا مەيدىسى ئششىق.ماھىيەتتەن «ئادىمىگەرچىلىك» قىلغانلار ، شەخسى ئىش ئۈچۈن باشلىقنى ئىزدىگەنلەرنىڭمۇ ھال-كۈنى چاغلىق. ئۇلار يىل بويى ئشىلىسىمۇ،بىكارغا كۆنۈپ كەتكەن مونۇ ئادەملەرگە يەتمەيدۇ.ھەتتا سەن ئۈچۈن بېجىرىشكە تامامەن ئۇيغۇن بولغان،ھەقىقى تەلۋىڭ ئۈچۈن سياسەت ئېنىق بولسىمۇ، بۇلار ئالدىن ئازراق تاپان ھەققى ئالماي ئىش بېجىرىپ بەرمەيدۇ.تېخى «توق بۆرە ئاچ بۆرىنىڭ كۆتىنى يالاپتۇ.» دىگەندەك ئۇلارنىڭ تاماغا ئۆگىنىپ قالغان نەپسىنىڭ يوغىناپ كىتىۋاتقانلىقىنى دىمەمسەن؟
( g% B5 j3 n: ^* i  ھەرقانچە قىلساممۇ بىرى گېلىمدىن غىققىدە بوغۇۋالغاندەك تاماق ئۆتمىدى.
! d# V4 c" p( \% K_ئالسىلا، باقسىلا،-دىدى سائادەتنىڭ دادىسى تەكەللۇپ بىلەن.
' R$ F3 c. @' D! w4 ?$ d6 Nمەن تاماققا كۆڭلۈمنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتىپ ئۆزرىخاھلىق قويدۇم.ئەگەر راستىنلا سائادەتنى مەكتەپتىن چىقىرۋالماقچى بولسا مونۇ يۈز ئابرۇيلۇق كىشىلەر ئالدىدا زادى قانداق قىلىش كىرەك؟دەيتتىم ئۆز-ئۆزۈمگە.گەرچە ھازىر بۇ توغرىدا گەپ تىشىلمىگەن بولسىمۇ،يەنىلا يۈز بىرىش ئېھتىماللىقى بار ئىدى.دەرۋەقە ئويلىغىمدەكلا ئىش شۇ مىنۇتنىڭ ئۆزىدىلا يۈز بەردى:3 O* ?9 k! s' v; c
    _خوش، مۇئەللىم مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى قانداق؟
. i/ V6 U, a6 U' t) u  «قانداق بولاتتى،كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار باللىرىنى مەكتەپكە بەرمەسلىكنىڭ كويىدا .ئۇلارنىڭ قارىشىچە ، ئۇلارنىڭ مەكتەپتە بىلىم ئۈگەنگەن ۋاقتى ئۆمرىنىڭ ئسراپ بولۇپ كەتكەن ۋاقتى.ئۇلارنىڭ ئىددىيسىدىكى جاھىللىق بىرەر ئامال تاپسىلاباللىرىنى ئوقۇشتىن توختتىۋىلىشقا ئۈندەيدۇ.ئۇلار مائارىپنىڭ ئۆز تۇرمۇشىغا بىرىدىغان ماددى ۋە مەنىۋى بايلىقلىرىنى،ئۆزلىرىنىڭ نىمە ئۈچۈن نامرات، ھەم نادانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ.شۇڭا بەزىلىرى مۇئەللىملەر بىلەن تىركىشىپ، بويۇنتاۋلىق قىلىپ، باللىرىنىڭ پەن-مەدەنىيەت ئىگەللىشىگە ،مەكتەپكە بېرىشىغا باركۈچى بىلەن توسقۇنلۇق قىلىدۇ.ئوقۇتقۇچى چاقىرغىلى كەلسە ئۇلارنى ئەڭ سەت ھاقارەتلىك تىل بىلەن قارغاپ، مۇشىت كۆتىرىپ چىقىدۇ.ئوقۇتقۇچى، يەنىلا شۇ بىچارە ئوقۇتقۇچى ئاخىرى ئامالسىزبىچارىلەرچە بويۇن قىسپ بارماي ئامال يوق . ھېلىقىدەك «غوجام»لىرىمىز بولسا «ئوقۇتقۇچى  بولۇش ئۇنداق شەرەپ،ئوقۇتقۇچى ئەڭ ھۆرمەتلىك، ئوقۇتقۇچى ئەمگىگى جاپالىق ،ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلەش كىرەك»دىگەندەك قۇرۇق شۇئارلارنى توۋلاشقا ئۇستا بولغىنى بىلەن ئەمىليەتتىكى ئىپادىسى يەنىلا چاغلىق.ئوقۇغۇچىلار داۋامسىزلىق قىلسا مانچە پۇل دەپ بىكىتىلگەن بىلەن ئاتا-ئانىلار بىلەن تۈرتەكلىشىپ «مەجبۇرى مائارىپ قانۇنى»نى ئىجرا قىلغۇچىلارمۇ يەنىلا شۇ ئوقۇتقۇچىلار.ماھىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جەرىمانە ئېلىشقىمۇ قولىدا ھېچقانداق ئاساسى يوق.ئەگەر ئاساسى بولغان تەقدىردىمۇئاتا-ئانىلار جەرىمانە ئۈچۈن ئۆيلىرى  قۇرۇقدىلىنىپ قالسىمۇ پەرۋاسىز بېزىرىپ تۇرىۋىرىدۇ. بەزىلىرىنىڭ چارۋىلىرىنى سۆرەپ ماڭساڭ:«ئىشەكنى ئىمەرسەن، ئاناڭنىڭ نەزىرسىگە ئۆلتۈرۈپ بىرەرسەن» دەپ يۈزدىن يۈزگە ھاقارەتلەيدۇ.بۇلاردىن جەرىمانە ئالغان بىلەن يەنە نىمە قىلغىلى بولىدۇ؟ئۇلارنىڭ جەرىمانە ئۈچۈن ئېلىۋىلىنغان مۈلۈكلىرىنى سېتىپ دىھقان خەقتىن قۇتۇلغىلى بولاتتىمۇ؟بىچارە مۇئەللىم ئاخىردا يەنە ئوقۇغۇچىغا يالۋۇرۇپ، ئۇلارنى مەكتەپكە كۆندۈرۈشنىڭ كويىدا. ئۇلارنى مەكتەپكە ئۈگىتىش ئات-ئىشەكنى ھارۋىغا كۆندۈرگەندىنمۇ بەك ئاۋارىچىلىق.ئوقۇتقۇچى يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئىنتىزامىنى چەكتىن ئاشۇرۇپ بۇزۇشىغا ، ھەتتا مۇشت كۆتىرىشىگىمۇ سەۋرچانلىق بىلەن تەربىيە ئشىلەشكە ،ئېغىر-بېسىق بولۇشقا مەجبۇر. ئۇلار پەقەت سىنىپقا تولۇق  كىلىپ ، ئورۇن ساقلاپ ئولتۇرۇپ بەرسىلا پەخىرلىنىشكە تىگىشلىك.مانا بۇ يېزا مائارىپنىڭ ئومۇمى كۆرنىشى.تېخى بۇلار ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى دەپ  قارىلاتتى.
2 U7 J! R# d' \/ V4 F; y! K0 y3 O5 {   _يامان ئەمەس،-دىدىم مەن بىر پەس خىيالدىن كىيىن ئۆزلىرىنىڭ غەمخورلىقىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇراقلىشىش نىسپىتى خېلىلا يۇقۇرى بولىۋاتىدۇ., g3 B4 l/ O* Z5 I0 L
  مېنىڭ بۇنداق دىيشىم،قانداقتۇر خوشامەتچىلىكمۇ ئەمەس،بەلىكى باشلىقنىڭ ھېلىقىدەك ئېھتىماللىق ئاساسىدىكى غەرىزىگە تۇغان سېلىش ئىدى.
) u7 ]: R3 L$ j4 x/ `   _شۇنداق، -دىدى يېزا باشلىقى مەغرۇرلارچە گېدىيىپ،: R: d, D# m$ r+ K
ئالتۇن چىشلىرىنى پارقىراتقان ھالدا ،مەنمۇ خەلقىمىزگە باشقا ئىشلاردا يول قويغان بىلەن مائارىپنىڭ ئىشىدا يۈز خاتىرە قىلمىدىم.نىمىكەم بولمىسۇن مەكتەپتىكى يولداشلار بىلەن بىر-بىرىمىزنىڭ گىپىمىزنى ئىلىك ئېلىپ  كىلىۋاتىمىز.يەنە بىر-بىرىمىزگە ئەسقېتىپ قىلىشىمىز مۇمكىن.سىلىگە بىر مەسلىھەت، مۇمكىن بولسا ماخمۇت ئاخۇننىڭ قىزىنى ئاجىرتىپ بىرىشكە بولارمىكىن؟ بۇ بالا بىزگە لازىم بولۇپ قالدى.
1 p3 G' f( E+ |% O8 C& }  G( ]. |   يېزا باشلىقى ئەمدى «ئەسقېتىش» سۆزى بىلەن تەھلىكە سېلىۋاتاتتى.مەن «ياق»لا دىسەم ئۇنىمە قىلالايدىكىن؟ئۇمېنىڭ خىزمىتىمنى ئېلىۋىتەرمۇ؟مەن ئشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپمۇ ئولتۇرمىدىم.. f1 Z0 C% l, s; f7 n& e
   _مائارىپنىڭ ئىشىنى سىلى مەندىن بەكرەك بىلىلا،بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن ئوقۇغۇچىنى  چىقىم قىلىش ھوقۇقىمىز يوق،بىزنىڭ ۋەزىپىمىز-ئۇلارنى يىغىپ تەربىيلەش.بۇ سىلىنىڭ قوللىرىدىن كىلىدىغان ئىش بولغاندىكىن، بىرەر پارچە تامغىلىق خەت قىلىپ، چىقىم قىلىش توغرىسىدا قارار چىقىرىۋەتسىلە شۇ ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟
% s1 Z/ V% g1 r- ^% X: Q, A! ?   مېنىڭ بۇنداق دىگىنىم« ئەگەر  مەسئۇلىيەت كەلسە ئۆزەڭ ئۈستۈڭگە ئال،جاۋاپكارلىقىنى ئۆزەڭ بىل ،»دىگىنىم ئىدى.باشلىقنىڭ قوشۇمىسى تۇرۇلدى.
8 z; [; x6 ~0 L   _ھاپىزجان،دىدى ئۇ ئەمدى ئسمىمنى توغرىدىن توغرا ئاتاپ،_ئۇنچىۋالا پۇختىلىق قىلىپ كەتمىسىلە، ھەرگىز سۇغا چۆكۈپ كەتمەيلا، زىيان تارتمايلا، مەن سىلىنىڭ ھەرقانداق تەلەپلىرىنى ئورۇنداشقا ئۆزەم كىپىل.يېقىندا ئۆيلۈك يەر لازىم  دەپ يۈرەتتىلىغۇ،ئۇچاغدا بازارغا يېقىن، تۇپراق سۈيى كۆڭۈللىرىدىكىدەك يەردىن ئۆزەم ھەل قىلىپ بىرىمەن.تېخى تام  سالىمەن دەپ لايغا مىلىنىپ يۈرمەيلا.ياغاچ تېشىمۇ ئۆزلىكىدىن ھەل بولىدۇ.سىلە بىز ئۇنچىلىك ئاددى تەلەپنىمۇ ئورۇنداشمىساق قانداق بولىدۇ؟ئۆزەم ھەل قىلالايدىغاننىڭ ئىشى بولسا كىچىك بالىمۇ مەن، ئالدىلىرىدا بويۇن قىسىپ يۈرگىلى؟: H% y/ w) l/ R4 c1 S- z; ]: `
   _ۋاي،يېزا باشلىقى، دىدىم مەن ئاچچىغىمنى بېسىۋىلىشقا تىرىشىپ، ئەگەربىز ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بىرەر ئوقۇغۇچىنى چىقىم قىلىپ قويساق،مەكتەپكە ئوقۇغۇچىلارنى يىغىپ دەرس ئۆتىمەن دەپ ئاۋارە  بولمىساقمۇ بولىدۇ.يۇقىرىنىڭ تەلىۋىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈزدە-يۈز ئوقۇش پۈتتۈرشىگە كاپالەتلىك قىلدۇرۇش.بىزدەك بىر ئاددى ئوقۇتقۇچىدا ئوقۇغۇچى چىقىم قىلىشتەك مۇنداق چوڭ ھوقۇق نىمە ئىش قىلسۇن؟8 e7 Q  h3 P+ B& y7 x' O
  يېزا باشلىقىنىڭ چىرايى قارىداشقا باشلىدى.) g! x7 P* e9 p
_ھاپىزجان مۇئەللىم ، دىدى ئۇ تېخىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن، -بالىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ۋاقتىمۇ ناھايتى ئازلا قالدى.ئالمادىس بىرەر گەپ سۆز چىقىپ قالسا«تېخنىكۇمغا ئىمتىھان بەرمەيدىكەن» دەپلا قويسىلا ، يۇقۇرىدىن تەكشۈرۈشكە كەلسە مېنى  ئىزدىسىلە بالنىسىت قەغىزى تەييارلاتقۇزۇپ قويسام،ئاندىن دىپلۇم بىرىۋەتسەكلا  ئشى پۈتمىدىمۇ؟شۇنچىلىك ئشىقىمۇ ئەسقاتمىسىلا ئاغىينىدارچىلققا يارىمايدىكەنلا جۇمۇ سىلى؟2 j3 T! r8 x6 L, B
  يېزا باشلىقى ماڭا ئەمدى ئاغىنىدارچىلىق سۆزى بىلەن كۆڭلىنى تېخىمۇ يېقىن تۇتقىلىۋاتاتتى.
* {  v& {5 f; @1 ]( p. M  _قوللىرىدىن كەلگەندىكىن شۇنداق قىلماملا مۇئەللىم؟-دىدى دۈينىڭ سىكىرتارى يېزا باشلىقىنىڭ سۆزىگە لوقما سېلىپ، -بىزمۇ قاراپ ئولتۇرماسمىز!
3 t: I. @" S6 \1 N: s$ J   _سىلىدىن  خوش بولۇپ قالايلى مۇئەللىم-دىدى باياتىن بىرى  بىر چەتتە قاراپ ئولتۇرغان ماخمۇت ئاكىمۇ،_قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسمىز.2 b  {" i& C0 M5 v# S0 Y
  دىمەك ئۇلار ئاللىقاچان مەسلىھەتنى پىشۇرۇپ بولغان ئىدى.مەن يالغۇز، ئۇلار بولسا كۆپچىلىك .راستىنى دىسەم ئۇلارنىڭ ئەمدى ئومۇمىخور شەكىلدىكى بۇ ئۆتۈنۈشلىرى مېنى تولىمۇ تەڭقىسلىقتا قويىۋاتاتتى.# M- e8 ~4 F) |
   _مېنىڭچە مۇنداق قىلايلى، دىدىم مەن،ھەرقايسىلىرى مەكتەپ مۇدىرى بىلەن كۆرۈشۈپ باقسىلا،تىلەكلىرى ھەل بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.بىراق مەن ھەقىقىتەن ئامالسىزمەن. باشلىق ئەمدى چىداپ بولمايدىغان بىرخىل  تەلەپپۇز بىلەن ماڭا تىل سالدى:. m; D7 t& R# O! R. |
     _مەن سېنى خېلى ئەقلى ئشلەيدىغان ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن،ھاماقەت،قېنى كىيىن كۆرەرمىز،ئالدىمغا ھاجىتىڭ چۈشۈپ بىركىلىپ باققىن،شۇچاغدائامىتڭ كەلگەننى بىلمىگىنىڭگە،مېنىڭ گىپىمنى يىرغىنىڭغاپۇشايمانمۇ قىلىسەن تېخى!/ |! s% ]; p9 S* r$ q/ l
   باشلىق چالۋاقىغىنچە چىقىپ كەتتى.مەندە نىمە ئامال؟ئەگەر سائادەتنى مەكتەپتىن توختىتىۋىلىشقا يۇچۇق ئېچىلغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ كەلگۈسى ئىستقبالىنى نابۇت قىلىشىم كىرەكمىدى؟كىچىككىنە مەنپەئەت ئالدىدىدا بىر كىلىچەك ئىگىسىنىڭ بەختىنى قۇربان قىلىشىم لازىممىدى؟; u/ E3 Z: t+ R' k1 Z0 {
  ئۆي ئىچى سۆرۈنغىنا جىمجىتلىققا چۆمدى.سائادەتنىڭ ئوقۇشىنى توختىتىپ، ئۇلار سائادەتنى نىمە ئىش قىلدۇرماقچىدۇ؟ئۇنى بىرەر باشلىقنىڭ خىزمەتكارى ياكى بالا باققۇچى قىلماقچىمىدۇ؟ياكى سائادەتنىڭ ئوقۇشنىڭ ياخشىلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، تېخنىكۈم ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ قالسا ۋاقىتنىڭ ئۇزىراپ كىتىشى ۋە بىھۇدە چىقىم بولۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ كونىلىق بويچە ئۇنى ياتلىق قىلماقچىمىدۇ؟
/ A- }; b% V# K# |' b2 ~+ j  _مۇئەللىم ، دىدى كەنىت سىكىرتارى  ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ،-ئەگەر سائادەتنى ئوقۇشتىن توختتىۋىلىشنىڭ ئامالى بولۇپ قالسا ئۇنچىۋالا گىجىڭلىق قىلىپ كەتمىسىلە،باشلىقنىڭ غەمخورلىقىنىڭ ۋەزنىنىمۇ دەڭسەپ كۆرۈپ باقسىلا., ]) `& ?) S( {* ^/ _
  _ماڭا پەقەت مەكتەپ مۇدىرى سېنىڭ سىنىپڭنىڭ سانىنى كېمەيتتۇق دەپ ساندىن چىقىم قىلىپلا بەرسە بولغىنى.شۇ چاغدا مېنىڭ قوشۇلماسلىققا ئامالىم يوق.ھازىر مائارىپ سىياسىتى بىلەن ئويناشقىلى بولمايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ،مەن  سۆزلىگەنسىرى قىزىشىپ قالغانىدىم،يانجۇقۇمدىن  تاماكا چىقىرىپ، تۇتاشتۇرۋالدىم-دە، سۆزلەشكە باشلىدىم،-ئۇنىڭ ئۈستىگە سائادەتنىڭ ئوقۇشى ياخشى . ئىشىنىمەنكى ئۇ تېخنىكۈم ئىمتىھانىدىن شۈبھىسىز ئۆتۈپ كىتەلەيدۇ.مۇشۇنداق ئىقتدارلىق ئوقۇغۇچىنىڭ كەلگۈسى ئستىقبالىنى نابۇت قىلىۋەتسەك سىلىنىڭچە بولارمۇ؟
2 d; b1 y/ {( A  كەنىت سىكىرتارى مېنىڭ سۆزۈمگەمۇناسىپ جاۋاپ ئويلىنىۋاتسا كىرەك، جىمىپ قالدى.مېنىڭ بىردىنلا سائادەتنىڭ ئوقۇشنى توختىتىپ نىمە ئشى قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا گەپ تەشكۈم كەلدى.% }* Y" |6 U; T% {6 y
     _سائادەت يېزا باشلىقىغا نىمىگە لازىم بولۇپ قالغاندۇ؟& A5 B2 C. F9 F  U
كەنىت سىكىرتارى كۆز ئىشارىتى بىلەن ماخمۇت ئاكىنى سىرتقا چىقىرىۋەتتى.ئاندىن گېلىنى قىرىپ ئاللانىمىلەرنى دىمەكچى بولدىيۇ، خۇددى كارنىيغا شاپتۇل قېقى تۇرۇپ قالغان ئۆچكىدەك كىكەچلەپ سۆزلىيەلمىدى.( D. ^1 Y% O1 z5 u; c8 k) n+ {4 I
  _ئەمدى...ئەمدى...شۇ...شۇ...دىدى ئۇ دۇدۇقلاپ، باشلىقنىڭ بالسىنى باقىدىغان ئوخشايدۇ.ئۇ سۆزلەپ بولۇپ كۆزلىرىىنى مەندىن قاچۇردى.ئۇنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقى ئېنىق ئىدى.ئەگەر راستىنلا سائادەتكە يېزا باشلىقى بالا باقتۇرىدىغان ئىش بولسا،مەخمۇت ئاكىنى سىرتقا چىقىرۋىتىش كەتمەيتتى.مەن ھەرقانچە سۈرۈشتۈرسەممۇ ، بۇ ئادەمدىن گەپ ئالالماسلىقىمغا كۆزۈم يەتتى-دە ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىرتقا ماڭدىم.. A! B- _9 K2 m# Q
  _ئەگەر راستىنلا قولۇمدىن كىلىدىغان ئىش بولسا قولۇم كۆكسۈمدە ئىدى،-دىدىم  مەن ياسالمىلىق بىلەن ،-بىراق ،تەڭلىكتىكى ئادەممەن.يېزا باشلىقى مەكتەپ مۇدىرى  بىلەن كۆرۈشۈپ باقسۇن.ھەل بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.% g. B6 ^) [) _. b8 c3 `& e
  مەن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ نىمە دەيدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم.ئەمما سائادەتنىڭ داۋاملىق ئوقۇشىنى خالايتتىم.مەن سائادەتنى ۋېلىسپىتقا مىندۈردۈمدە ، يۈرۈپ كەتتىم.
% v% i' {* I) Q7 b: e
" J6 k4 G: Q9 q+ h! S2 k, Q

23

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1819

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2620
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 6
تىللا: 578
تۆھپە : 166
توردا: 24
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-12-31

تىرىشچان ئەزا ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان شائىرىۋولقان يازغۇچىسىئىجادكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 16:32:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچلىك پائالىيەت ۋاقتىدا سائادەتنى ئىشخانامغا چاقىرتتىم.ئۇمېنى كۆرۈپلا ئىسەدەپ يىغلىۋەتتى.غەرىزىم ئۇنىڭدىن ئاز-تولا گەپ ئېلىپ بېقىش ئىدى.
$ u& W$ Q3 s" y" c( `  _ بولدى ، يىغلىماڭ دىدىم مەن.$ b5 a, [2 K9 A6 p' O
شۇ تەرىقىدە بەش مىنۇتچە ۋاقىت ئۆتتى.ئەمدى ئۇنىڭ ئىسەدەشلىرىمۇ توختىغانىدى.7 P" s- ]5 z: E% A4 [. a6 ]# w5 `
_ئۆيدىكىلەر سىزنى ئوقۇشتىن توختىتىپ نىمە قىلماقچىكەن؟
9 \  {# A2 |3 n* s4 \_مېنى ...ياتلىق ...قىلىمىىز دەپ...' d4 x7 T( V: ~
ئۇنىڭ يىغىسى يەنە ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى.8 x0 k% y$ ^, W" W! l# I" j
_كىمگە؟; o: j) `- z% J3 I, {
_سىكىرتارنىڭ ئوغلىغا.$ u4 G5 \- |" M  r/ o. z/ j! {
مەسىلە ئايدىڭلاشتى.ئەسلىدە ئۇنى ياتلىق قىلماقچى ئىكەندە؟نىرىپلىرىم چىڭقىلىپ كىتىۋاتاتتى.مەسىلە خېلى ئېغىر ئىدى.ئەگەرمەن باشتىن – ئاخىر ھىمات بولۇپ ،پۇت دەسسەپ تۇرالىسام سائادەتنى ئوقۇتۇپ قېلىش مۇمكىن.بىراق ، يېزا باشلىقى بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆز مەخسىدىگە يەتمەي قويمايتتى.سىكىرتارنىڭ ئوغلى؟شۇئان ئالدىنقى يىلى ئوقۇش پۇتتۇرگەن كەپسىز، دورداي كالپۇك، قاپىقى تولىمۇ يامان بىر بالا ئىسىمگە كەلدى.ئۇ ئوقۇغان ۋاقىتلىرىدىمۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن كۈندە دىگۈدەك جىدەللىشىدىغان، كۆپ ھاللاردا دەرسكە كىرمەي،ھە دىسىلا بازارغا چىقىۋالىدىغان قۇلاق كەستى بىرنىمە ئىدى.ئۇ توغرىسىدىكى پىكرىم مېنى توساتتىن بىر مەسىلىگە ئېلىپ باردى:سائادەتلەرنىڭ ئىككىنجى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ئاخىرقى  مەزگىللەر بولۇپ، سائادەت ماڭا بىر كۈنى ئەرز ئېيتىپ كىردى.
; m% i: X1 p/ L8 c* [_مۇئەللىم ،دىدى  ئۇ يىغلامسىراپ، ئوسمان مېنىڭ ياشلار بايرىمىدا چۈشكەن بەش سوڭلۇق سۈرىتىمنى كۆرىۋاتقان ۋاقىتتىكى دىققەتسىزلىكىمدىن پائىدىلىنىپ، ئېلىۋالدى.قايتۇرۇپ بىرىڭ دىسەم ئۇنمىدى.
; J% q& S1 o; q2 {( ]! l9 r% u: {_نىمىدەپ بەرمەيدىكەن؟
8 m- K6 Y4 h, O1 z_شۇ...مەن ساقلاپ قوياي دەپ.
4 ]3 C; b4 U$ m! U' eمەن دەرھال ئوسماننى چاقىرىپ ئۇنى سوراق قىلغىنىمدا ئۇ تىرنىقىنى تاتلاپ، بىر تەرەپتىن ئالىيىپ دىگەندەك بېزىرىپ تۇردى.ئاخىرى ئۇنىڭغا بىرمۇنچە تەنبىھ بىرىپ،سائادەتنىڭ سۈرىتىنى قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدىم.
( J8 ]6 N) T* Y# y4 z+ s  _كۆزىڭىزنى بىھۇدە ياشلىماڭ، ئۆيدىكىلىرىڭىز بىلەن مەن سۆھبەتلىشەي،سىز كىلىپ دەرسكە قاتنىشىۋىرىڭ.ئويۇمدا سائادەتنى ئامال بار ئازاپ –ئوقۇبەت قوينىغا ئىتتەرمەسلىككە،ئۇنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى بۇزماسلىققا ،ئىرادىسىنى بوشاشتۇرۇپ قويماي،يۇقۇرلاپ ئوقۇتۇشقا بەل باغلىدىم.+ u! _: f6 r) s" l
   _بولدى ، سىز قايتىپ ئىشىڭىزنى قىلىڭ.' x( @: J+ j! Y: F4 ]5 M  v
   _مۇئەللىم، ئەتە ئۆيدىكىلەر مېنى يەنە دەرسكە قاتناشقىلى قويماسمىكىن؟/ J# N, K2 ~' O! ?1 s% S' o  Y0 p
  _ئەتە مەن يەنە بارىمەن، مۇئەللىم كىلىدىكەن دەپ مەكتەپكە كىلىۋىرىڭ.
* X* ~6 q# O6 H5 h3 k! aسائادەت چىقىپ كەتتى.«توۋا »دەيتتىم مەن ئۆز-ئۆزۈمگە،ماخمۇت ئاكا تېخى ئاغزىدىن سۈت تەمى كەتمىگەن ئاشۇ كىچىككىنە بالىنى ياتلىق قىلىپ زادى نىمە تاپماقچىدۇ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە سائادەتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە گەپ تېپىپ بىرەمدىكىن دەيدىغانغا ئەخلاقسىزمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇ ناھايتى ھايالىق، ئەدەپ-قائىدە ئۇقىدىغان قىزلاردىن بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەنسىرىشى ھاجەتسىز ئىدى.ئەگەر ماخمۇت ئاكا سائادەتنىڭ ھازىرقى مىجەز خارەكتىرىنى چۈشىنىپ يىتەلىسە ،تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كىيىنمۇ ئەدەپلىك ، ئىگلىكىنى ئۆزى مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلىيەلەيدىغان، ۋاپادار بىرىنىڭ بارلىقىغا كۆزى يەتسلا ئۇنىڭغا  يەنە تاللاش  پۈرسىتى بار ئىدى. ئېنىقكى ،ماخمۇت ئاكا بىلەن سائادەتنىڭ ئانىسى پەرزەنتىنىڭ كەلگۈسىدىن كۆرە كەنىت سىكىرتارىنىڭ نام –ئەمىلىگە، ئۇنىڭ كەينى تەرىپىدە ئارقا تىرەك بولۇپ تۇرىۋاتقان يېزا باشلىقىنىڭ يۈز-ئابرۇيى ۋە يالغان – ياۋىداق ۋەدىلىرىگە بەك قىزىققان ئىدى. ئىقتىسادى جەھەتتە بىر ئۆمۈر ئۆزىنى ئوڭشاپ بولالمايۋاتقان ماخمۇت ئاكا قىزىنىڭ سىكىرتارنىڭ ئوغلىغا ياتلىق قىلىنىشتىن ئىبارەت بۇ سۆز ئېغىزدىن چىقىشى بىلەنلا  ئاغرىق ئۆچكىگە پىچاق خوش ياققاندەك خوش ياققان.شۇنىڭ بىلەن ئىشنىڭ ئاخىرىنى ئويلاشمايلا ،قىزىنىڭ رايى بىلەن ھىساپلاشمايلا ئۆزىنى يىراقنى كۆرەر، دانا چاغلاپ، رازىلىق بەرگەن.بىراق سائادەت ھەرقانچە كىرسە 15ياشقا كىرگەندۇ.ئۇ تېخى توي قىلىش يېشىغا يەتمىگەن ئىدىغۇ؟بەلكىم  ماخمۇت ئاكا ئۆزىنىڭ مۇشۇ خىل «قارارى»بىلەن كەلگۈسىدىكى بىر تالانىت ئىگىسىنىڭ ئۇتۇق قازىنىش پۈرسىتىگە زىيان سېلىپلا قالماي،بەلكى سائادەتنىڭ مىجەزىنىڭ جاھىللىقى، ئىشنى بىرباشقا ئېلىپ چىقمىسا بولدى قىلمايدىغان خارەكتىرى بىلەن ئۇنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلىشى تامامەن مۇمكىن ئىدى.ماخمۇت ئاكىنىڭ بۇ ئىشتا كەنىتنىڭ سىكىرتارىدەك بىر ئادەم بىلەن قۇدا بولۇشتىن قانداقتۇر بىر «پايدا»غا كۆزتىكىۋاتقانلىقى ئېنىق ئىدى.ئۇ كۆڭلىدە پەقەت ئابرۇي، شۆھرەتكە ئىگە بولۇشنىلا ئويلىغان، ئەمما سائادەتنىڭ كىيىنكى تەقدىرىنىڭ قانداق بولىشى بىلەن ھىسابلاشمىغان ئىدى.كەنىت سىكىرتارىنىڭ ئوغلى ئۆتۈپ كەتكەن مۆڭ، تەلۋە بىر نىمە بولۇپ، سائادەتنىڭ خىلىمۇ ئەمەس ئىدى.شۇنداق  بولىشىغا قارىماي مەن ھەر قېتىم ماخمۇت ئاكىنىڭ قېشىغا سۆھبەتكە بارغاندا ئۆزىنىڭ گىپىنى توغرىغا چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ ئىشىكىنى يورغىلىتاتتى.مەنمۇ بۇ ئشلارنى ئويلىغانسىرى ئىچ-ئىچىمدىن ئۆرتىنپ زەردىگۆش بولاتتىم.بۇنىڭ سەۋەبىنى يەنىلا خەلق تەرىپدىن قان-قېنىغا سىڭدۈرۋىتىلگەن ئاتا-ئانىنىڭ نادانلىقى دەپ قاراشقا بولاتتى.بۇ سەھرادا تېخى كونا ئەدەپ-ئەخلاق قائىدىلىرى،فىئوداللىق قاراشلارنىڭ تەسىرى تۈگىمىگەن ئىدى.ئۇلارنىڭ قارىشىچە ،قىزلىرىنىڭ تەلپەك بىلەن ئۇرسا يىقىلىپ چۈشمىگۈدەك بولغان ۋاقتى نىكاھ يېشىغا يەتكەن ۋاقتى ھىساپلىناتتى.ئۇلار پەرزەنىتلىرىنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى يۈرەك پارىسىنىڭ كىيىنكى ساغلاملىقى ۋە تەقدرى ئۈستىدە توغرا يەكۈن چىقىرالمايتتى ياكى تاللاش ئېلىپ بارالمايتتى.كەلگۈسدە پەرزەنىتلىرىنىڭ يىراق شەھەرلەردە خىزمەت قىلىدىنىغا، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغىدەك بىرەر ئشىنى باشقا ئېلىپ چىقالايدىغانلىقىغا ئەسلا ئىشەنمەيتتى.شۇڭا ئۆزنىڭ ئويلىغانلىرىنىلا ئەڭ مۇقەددەس ھۆكۈم  دەپ قارايتتى. ئەگەر ئىشەنگەن تەقدىردىمۇ نىمىگە پايدىسى؟مانا بۇلار ھەممىلا نەرسىگە شۇنداق بىپەرۋا قاراپ ئادەتلەنگەن.ھەمدە جاھىللىق ئۇلارنىڭ ئۆزگەرمەس خارەكتىرىگە ئايلانغان ئىدى. شۇڭا يېزا مەكتىۋىدىكى قايسى بىر ئوقۇغۇچىدىن سورىمايلۇق، ئۇلار ھەرقاچان يېشىنى چوڭايتىپ كۆرسىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ.بۇ ئۇلارنىڭ يېشىنى چوڭ ھىساپلاپ، ئۇلارنى بۇرۇنراق تۇرمۇش قۇرۇشقا پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆگەتكىنى بويچە مەلۇم قىلىشىدۇ.بۇ چوڭىدىن-كىچىككىچە ئورتاق ئادەتكە ئايلانغان.; G9 C2 s% m  W: J8 ?' P6 |
بىر مەسۈمنىڭ كۆز ئالدىمدا كۆز يېشى قىلىشى  مېنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلار ،مەسئۇلىيىەت ۋە ئادەملىك بۇرچى ھەققىدە  ئىنچىكە ئويلىنىشىمغا مەجبۇر قىلدى.«مەن ئۇنىڭ ئۇستازى»دەيتتىم ئۆز-ئۆزۈمگە ،«شۇڭا ئۇنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ئۈچۈن باش قاتۇرۇشۇم، توغرا يولنى كۆرسىتىپ بىرىشىم ۋە يىتەكلىشىم،ئۆز مەسئۇلىيتىمنى ياخشى ئادا قىلىشىم كىيىنچە ۋىجدانىم ئالدىدا يەرگە قارىماسلىق ئۈچۈن  ھىمات بولۇپ، ئۇنى قوغدىشىم كىرەك ئىدى.بىراق ، ئۇنى قانداق  قوغدايمەن؟سائادەتنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ كىشنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدىكى جاھىللاردىن  ئىدى.ئۇلار «كەنىت سىكىرتارى بىلەن قۇدا بولۇش»تىن ئىبارەت بۇنداق «ياخشى پۈرسەت»نى ئالدىراپ قولدىن بىرىپ  قويمايتتى.شۇئان سائادەتلەرنى بىرىنجى يىللىققا قوبۇل قىلغىلى ئائىلە سۆھبىتىگە بارغاندىكى بىر ئىش ئىسىمگە كەلدى.بىز خىزمەتداشلاردىن بەشەيلەن بىر گۇرۇپپا بولۇپ، ئائىلە سۆھبىتىگە چىققان ئىدۇق.قالغان ئائىللەر ئاساسەن تۈگىگەن ،پەقەت سائادەتنىڭ ئائىلىسىلا قالغان ئىدى. بىز سائادەتلەرنىڭ ئىشىكى ئالىدىغا بېرىشىمىزغا بىزنى كۆرگەن ماخمۇت ئاكا توڭلۇق بىلەن  سورىدى:$ @' M& i! V8 u  E' A7 E
_بىرەر ئش-كۈشلىرى بارمۇ بۇيەردە؟' G  P, ]5 w$ r( }$ S+ @& E: @* @
_بىز سائادەتنىڭ مۇئەللىمى بولىمىز، دىدىم مەن ، سائادەتنى بارمىكىن دەپ كىلىۋىدۇق.# U# B5 [. Q  |( a8 E  U
_سائادەت بولۇشىغۇ بار.بىراق مەن ئۇنى بەش يىل ئوقۇتۇپ ساۋاتلىق قىلىپ بولغان.ئىشەنمىسىلە ئىمتىھان ئېلىپ باقسىلا بولىدۇ.مېنىڭ ئەمدى ئۇنى يەنە ئوقۇتۇشۇم يوق.قىزىممۇ بويىغا يىتىپ قالدى.قىز بالا چوڭ بولۇپ قالغاندا ئۇنى ئوقۇتۇپ نىمە قىلىمەن ؟رەنجىشمىسىلە، ھەربىر قايسىلىرىمۇ خېلى كىلىشكەن زەبەردەست يىگىتلەردىن ئىكەنلا ، ئەگەر راستىنلا ئوقۇتىمەن دەپ تۇرۇۋىلىشسىلا، مانا ، سائادەت ئۆيدە تۇرۇپتۇ، ئاپىرىپ ئالدى بىلەن نىكاھ چېيى ئىچكۈزۈپ ئوقۇتاملا ، ياكى خوتۇن قىلاملا ئۆزلىرىنىڭ ئىشى. بىراق ، ئەمدى ئۇنى ئوقۇتىمەن دەپ مېنى ئاۋارە قىلىشمىسىلا!
5 f" w# `9 K4 I3 p4 t-ئاكا، مۇشتۇمدەك كىچىك بالىنى نىكاھىڭغا ئال دىيىشتىن نۇمۇس قىلسىلىچۇ؟دىدى ، -شاۋكەت مۇئەللىم سالماقلىق بىلەن، بىز سائادەتكە چاي ئىچكۈزگىلى كەلمىدۇق،ئالدى بىلەن ئۇنى سىلىگە ئوخشاش ئاتا ئورنىدا تەربىيلەپ بىلىم بەرگىلى، بولمىغاندا مائارىپ قانۇنىنى ئىجرا قىلىپ، ئۇنى مەجبۇرى ئوقۇتقىلى كەلدۇق. سىلە ئاتا بولغان ئادەم بىزگە ئۇنداق تۈكى بار گەپ قىلىپ بەرمىسىلە!
; {) L' `8 Y  k  h' N7 q8 e. B2 K_ تۈكى بار گەپ قىلىپ- قىلماي،دىدى ماخمۇت ئاكا غەزەپتىن بوغۇلۇپ، -سىلگە مېنىڭ تېخى ئالىيىپ قارىغىنىم يوق.لىكىن سائادەتنى مەكتەپكە ئېلىپ بارىمەن دەپ ئاۋارە بولۇشمىسىلا!: F! o& V0 Q2 L% J: B
_ئۇنداقتا ، دىدىم مەن ، سائادەت مەكتەپكە بارمىسا بارماۋەرسۇن، جازاسىغا ماخمۇت ئاكا ھاشار ئىشلەپ، جەرىمانە تۆلەۋىرىدۇ.
+ f0 k# |1 q# ^& I- l. q, U_ماۋۇ غوجامنىڭ گىپىنىڭ چوڭلۇقىنى قاراڭ،-دىدى  سائادەتنىڭ ئانىسى پايپاسلاپ يۈگۈرۈپ چىقىپ، بىزگە خۇددى بالا تېپىشىپ بەرگەندەك گەپ قىلىدۇيا، جەرىمانە دىيىشكە بىرەر ئورۇننىڭ تامغىلىق ئۇقتۇرۇشى بارمۇ قوللىرىدا؟چوڭ سۆزلىمەي، بۇيەردىن  ئاستا كىتىپ قېلىشسىلا! 5 T* s1 H  J# C
_نىمە دەۋاتىدۇ ماۋۇ ئايال –دىدى ئاياللاردىن بىرى، ھۆكۈمەت بىزمەجبۇرى مائارىپ قانۇنىنى چىقىرىپ بەرگەن،بىزنىڭ ئۇقتۇرشىمىز شۇ،جەرىمانىغا يانجۇقتا پۇل بولمىسا ، ئۆيدە پۇلغا يارىغۇدەك بىرنەرسە بولسىمۇ بولىۋىرىدۇ.
1 n, J+ w0 \3 @* T1 Bبىز ئېغىلغا كىرىپ سائادەتنىڭ ھارۋىغا يېڭى كۆندۈرگەن كالىسىنى سۆرەپ ماڭدۇق.ئاياللار  بولسا سائادەتنىڭ قولىدىن يىتىلەپ ماڭدى
8 Z3 p. \, x" D3 I8 d! t$ Q_نىمە قىلىۋاتىدۇ ماۋۇ قەلەندەرلەر ئادەمنىڭ  نۇمۇسىنى كۆمۇپ، بوپتۇ، باش-كۆزىمىزنىڭ سادىغىسى بولار، بىراق سائادەت مەكتەپكە بارمايدۇ، ئۆتە بۇياققا!
6 X; Q) w. _4 n. z: uسائادەتنىڭ ئانىسى سائادەتنى سىلكىشلەپ ئۆيگە تارتتى.سائادەت بولساھەدەپ ئانىسىنىڭ قولىدىن يۇلقۇناتتى.مەن بۇ كۆرۈنۈشتىن سائادەتنىڭ  ئوقۇغۇسى بارلىقىنى ھېس قىلىدىم.3 _8 c" Q& f5 y9 n$ T7 B6 S
_سىلە مەكتەپكە  بېرىپ مۇدىر بىلەن كۆرۈشسىلە، دىدىم  مەن ماخمۇت ئاكىغاقاراپ، بۇ ئىشتا مېنىڭ ئامالىم يوق.ئاياللار سائادەتنى، ئەرلەر كالىنى ئېلىپ مەكتەپكە قايتتۇق.ماخمۇت ئاكا بولسا قاپاقلىرىنى تۈرگىنىچە ، لىۋىنى چىشلەپ بىزگە ئەگەشتى.2 C% L3 ]/ S5 T1 T2 y
مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن مۇدىر ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈچەپ تەربىيە ئىشلىشى بىلەن ماخمۇت ئاكا سائادەتنى مەكتەپكە  تولۇق ئىۋەرتىپ بىرىشكە كىپىللىك قىلىش ئۈچۈن ، بىر نۇسخا ھۆججەت بەردى.سائادەتنىڭ ئىلگىرى داۋامسىزلىق قىلغنىنى ھازىرچە كەچۈرۈم قىلىپ كالىنى قايتۇرىدىغان، ئەگەر سائادەت يەنە داۋامسىزلىق قىلسا جەرىمانىنى تولۇقلاپ ئالىدىغانغا كىلىشىپ يولغا سالدۇق.شۇنىڭدىن بىر سائادەت مەكتەپكە تولۇق كىلىۋاتاتتى. ھەم ئۆزىنىڭ زىرەكلىكى بىلەن تىزلا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى.يەنە بىر يىلى سائادەتنىڭ چوڭ ئانىسى قازا قىلدى.مەن پەتىگە بېرىپ، ماخمۇت ئاكا بىلەن ئازراق سۆھبەتلەشتۇق.شۇنىڭ بىلەن  ئاز-تولا چۈشنىش ھاسىل قىلغانمۇ بولدۇق.شۇنىڭدىن بىرى سائادەت داۋامدىمۇ، ئۆگىنىشتىمۇ ۋە باشقا ئىجتىمائى پائالىيەتلەردىمۇباشلامچى بولۇپ كىلىۋاتاتتى...
7 ]* J+ S+ Z9 _% ~8 t! H; H- H* X; k' m; B& y
  

23

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1819

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2620
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 6
تىللا: 578
تۆھپە : 166
توردا: 24
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-12-31

تىرىشچان ئەزا ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان شائىرىۋولقان يازغۇچىسىئىجادكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 16:33:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىسى سائادەت يەنە كەلمەي قويدى.مەن مەكتەپ مۇدىرغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ، ئاندىن ئىشنىڭ يۆلنىشنى بەلگۈلەش مەخسىتىدە مۇدىر ئىشخانىسىغا كىردىم.
2 W, a2 H: J- x; L_كىلىڭ ئولتۇرۇڭ ، دىدى مەكتەپ مۇدىرى دەرىجىدىن تاشقىرى قىزغىنلىق بىلەن .
# I. \" N, V3 w) bمەن ئارتۇقچە  تەكەللۇپ قىلمايلا ئولتۇردۇمدە ، كىلىشتىكى مەخسىدىمنى ۋە ئارلىقتىكى بولغان ئەھۋالنى قىسقىلا مەلۇم قىلدىم.$ K" C) V9 b9 f- h
تۈنۈگۈن مەي شاڭجاڭ ئۆزى كىرىپتىكەن،دىدى مۇدىر  سۆزۈمنىڭ ئارقىغا ئۇلاپلا، ئارلىقتا بولغان گەپ سۆزنى ۋە ئۆزنىڭ بۇ ئشتىكى قەتئى مىجەزىنى ئاشكارىلىدى.سىز دۈينىڭ سكىرتارى ۋە ماخمۇت ئاكا ئالدىدا يېزا باشلىقىنىڭ  ئاز-تولا ئىناۋىتىنى قىلماي ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپسىز،شۇنداقمۇ؟ تېخى ئۇ مېنىڭ ئابرۇيۇمنى تۆكتى دەيدۇ., S9 [+ P  z& \2 G" k
مىڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. تۈنۈگۈن باشلىقنىڭ ئاچچىقلىشى بىكار ئەمەسكەندە؟ بىراق مەن ئۆزۈمنىڭ ئامالىسز ئىكەنلىكىمنى ، بۇنىڭغا سىياسەتنىڭ يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەمەسمىدىم؟ ئىشنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ چوڭىيدىغانلىقىغا كۈزۈم يەتتى.يېزا باشلىقىنڭ ماڭا نىسپىتەن ھەرۋاقىت ئۆچ ئېلىش خەۋپى بار ئىدى.
6 c% B. ?6 x3 z9 i_مەن پەقەت ئامالسىزلىقىمنى ، سىز بىلە كۆرۈشۈش لازىملىقىنى ئېيتقانىدىم،-دىدىم مەن.
! v; w. d5 Q9 W_باشلىق ھازىر خىزمەتنىڭ قەغەز يۈزىدە ئاقىدىغانلىقىنى ، ھە دىسىلا پىرىنسىپقا ئېسلىۋىلىپ، خىزمەتنى ئاقتۇرمايدىغان سىزدەك ئوقۇتقۇچىنى ئىشلەتكەنلكىمنى تىلغا ئېلىپ مېنىمۇ يەرگە قارىتىپ قويدى.
" q4 x8 S! l' E2 p- Z9 V9 v+ F  C_ئۇنداقتا مېنى قوغلىۋىتەمسىز مۇدىر ، دىدىم مەن ئەستايىدىللىق بىلەن،قېنى ئېيتىڭا، يېزا باشلىقنىڭ ھوقۇقىنى پەش قىلىپ، باشقىلار ئۈچۈن ، مۇناسىۋەت ئۈچۈن ، كەتمەن چېپىشىمۇ، باشلىقنىڭ خىزمىتى دائىرىسىگە كىرەمدىكەن؟
9 ]* m, E- U! J* `1 k+ `+ ^مۇدىر كۈلۈپ كەتتى.
) ^0 z# H9 u/ p0 W_بولدى ، بۇ ئشىنى تەگەشمەيلى،دىدى ئۇ، سائادەتكە چاي ئىچكۈزۈلۈپ بولۇپتۇ، مەن ئەڭ بولمىغاندا سائادەتنىڭ ئىمتىھانى تۈگىگۈچە مەكتەپكە تولۇق كىلىش لازىملىقىنى ، ئەگەر نەتىجە بولمىسا دىپلۇم يازغىلى بولمايدىغانلىقىنى، دىپلۇمنى مائارىپ سېستمىسى بىرلكىتە يازىدىغانلىقنى ئېيىتقاندىن كىيىن، ئۇ سائادەتنىڭ بىر مەزگىل مەكتەپكە كىلىشىگە قوشۇلدى. 1 S3 I; Y% {3 z3 w
_ئەمىسە سائادەت بۈگۈنمۇ يوققۇ؟
9 {$ u1 E, @* H. g# H6 S. \  G_ھېلىغىچە كىلىپمۇ قالار، ياكى سىز بېرىپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.1 z% }  @8 w0 L
_قاراڭ ، دىدى مۇدىر يەنە ،بۇلتۇر مەكتەپ دىھقانچىلىق مەيدانىدىن ئېغىر زىيان تارتتۇق. بۇ يىلقى مەھسۇلاتتىنمۇ قىلچە ئۈمىد يوق. قۇرت دىگەن بۇ ئاپەت بەكمۇ ئەدەپ كىتىۋاتىدۇ.يۇقىردىن بىرىدىغان مائارىپ خىراجىتىنى توختاتتى. ھەرقايسى يېزا ئۆز تەۋەلىكىدىكى مەكتەپلەرنى ئۆزى ھۆددىگە ئالدى. بىز سەللا باشلىقنى نارازى قىلىپ قويساق بۇنڭدىن كىيىنكى چوڭ ئىشلاردا زىيان تارتىمىز.مەكتەپنىڭ كىرىممۇ چاغلىق. قىش كىلىش ئالىدىدا تۇرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىسىنىشقا پۇل كىرەك. ئوقۇتۇشنى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈنمۇ شۇنداق بولىدۇ. شۇڭا بۇ ئادەم بىلەن كۆرۈشكەندە سەل مۇئامىلىگە دىققەت قىلىڭ.
7 F. A3 \: ]8 q8 o' ]& S«گۆش بىلەن ياغ بىر تۇغقان ، پىيازنىڭ كۆيگىنى بىكار »دىگەندەك گەپ بولدى-دە بۇ، دىدىم مەن ئۆزۈمچە.
  P* {3 t7 x; H1 s-بىراق مۇدىر، دىدىم مەن، سائادەتنىنڭ ئوقۇشى شۇنىڭ بىلەن بىكار بولۇپ كىتەرمۇ؟ھەي؟!... شۇنچە زىرەك قىز ئىدى-ھە؟
! k; i9 }6 t1 K) vمۇدىر چۇڭقۇر بىر نەپەس ئالدى._راست ئەقىللىق قىز ئىدى،_دىدى مۇدىر ئەلەم بىلەن تولغىنىپ، ئۇنىڭ يۇقۇرلاپ ئوقۇشىغا بىز بەك كۈچەپ كەتسەك تېخى باشلىقنىڭ چىشىغا تىگىپ قويىمىز، كۈچىمىسەك تېخى...
0 ]; m& m$ {( `# }, c_سىكىرتارنىڭ ئىشغا يېزا باشلىقى نىمانچە بەك كۈچەيدىغاندۇ؟-دىدىم  مەن، يەنە.: D5 g2 ~' j  ]' O
_كۆپ سۆزلىسەك بولمايدۇ، بۇ تۆۋەن يۇقرىغا بويسۇنىدىغان،يۇقۇرى تۆۋەننى قوللايدىغان گەپ.2 W3 R7 \% r( W, l3 ^2 v* q
مەن ئارتۇق گەپ سۆزسىزلا قايتىپ چىقتىم.يۇقۇرى بىلەن تۆۋەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت دەپ ئويلىدىم مەن ئۆزۈمچە، ئائىلىسىدىكى نىكاھ، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم –يىتىم ۋەباشقا يىغىش قىلىش دائىرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەندە؟ئۇلارنىڭ خىزمەت بىلەن تامامەن مۇناسىۋىتى بولمىغان ئالاقىلىرىمۇ «قوللاش»،«بويسۇنۇش»ئىكەندە؟
* }  V8 V( M: U2 {; `مەن ئەمدى يېزا باشلىقىنىڭ كەنىت سىكىرتارىنى «قوللىشى»نى تاسادىپ ئىش دەپ قارىمىدىم. توغرا ، كەنىت سىكىرتارى «بويسۇنۇش» ۋاستىسى ئارقىلىق باشلىقنىڭ ئۆيىدىكى ئاغرىق سىلاق، خەتنە توي، ھازا ۋە باشقا شەكىللەردىكى يىغىلىشلاردا «سادىق»لىقىنى ئىپادىلەپ، باشلىقنىڭ روھى ئېچىرقاپ كەتكەن مىجەزنى ئوڭشاپ، ئۇنىڭغا پايدا يەتكۈزەتتى. باشلىق بولسا «قوللاش» ۋاستىسى ئارقىلىق ئۆزنىڭ ئارقا ئىشىكىدىن كىرىدىغان تۈگىمەس بايلىق ئۈچۈن تەلمۈرۈپ ھەپسىدىن چىقىپ  كىتىۋاتقان نەپسىنى دەقىقە بولسىمۇ باسالايتتى. يەنە ئۇلار ئەنە شۇنداق غەلىتە مۇناسىۋەتلىرىنى«بويسۇنۇش»،«قوللاشتىن ئىبارەت شۇئار بىلەن پەردازلاپ ھەل بىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ يىرتىق تون ئىچىدىكى رەزىل قىياپىتىنى ياپالايتتى-دە ،كىشى پەردىنى ئاچسىمۇ ھىچقانداق يىرگىنىش ھىس قىلمىغۇدەك بىر ھالەت شەكىللىنىەتتى.بۇنى يۇقۇرى سەۋۋىيەلىك ھىيلە –مېكىر دىسەكمۇ خاتا بولمايتتى.يۇقارقى ئىككى سۆز خۇددى بىر خاسىيەتلىك ئەڭگۈشتەرلىك رولىنى ئۆتەيتتى-دە ،شۇئان بۇ مۇناسىۋەت ئۇلارنىڭ خىزمەت دائىرىسىگە چېتىلاتتى.شۇنىڭ بىلەن ئارلىقتا ھىچقانداق «كاۋاك» قالمايتتى.ياكى «كاۋاك » ھېس قىلسىمۇ سۈرۈشتۈرۈشتىن كىشى بېزارلىق تۇيغۇسىغا چۆمۈلەتتى...  q* d1 w% O$ L% g' h0 V+ g; i
مەن سىنىپقا كىرگىنىمدە سائادەت كىلىپ  بولغان ئىكەن.ئۇنى چاقىرىپ سۆزلەشمەكچى بولدۇميۇ، لىكىن ساۋاقداشلىرىنىڭ ئوشۇقچە گۇمانىنى قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈن چۈشلۇك تاماق ۋاقتىدا چاقىرتتىم .ئۇ كىرىپ مەن ئېغىز ئاچقىچە كەينىدىنلا ئىشك ئېچىلىپ، يېزا باشلىقىنىڭ بېشى كۆرۈندى.ئۇنىڭ قولى ئىشىكنىڭ تۇتقىسىنى تۇتقىنىچە كىرمەي بوسۇغىدا ئىككى سىكۇنىت تۇرغاندىن كىيىن كەينىگە ياندى.ئۇ كىرىپ ئولتۇرمىدى،ياكى بىرەر ئېغىز سۆز قىلمىدى.
: ?* s, J; [. B" M0 [$ p9 \& |_كىرمەملا؟-دىدىم مەن ئارقىغا ئۇلاپلا.; ~. U, N- e+ Q- M3 x
مەن سىرتقا چىققىنىمدا باشلىق خېلىلا  يىراقلاپ كەتكەنىدى.مەن بۇ قىسقا چۈشنىكسىز ھەركەتنىڭ سەۋەبىنى ئويلىنىپمۇ ئولتۇرمىدىم. پەقەت سائادەتكە  يۇقۇرلاپ ئوقۇش ئارزۇيى بولسا تىرىشىپ ئۆگىنش لازىملىقىنى ،بارلىق قىيىنچىلىقلارنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ئۆزلىكىدىن ھەل بولۇپ كتىدىغانلىقىنى ،ئۇنىڭغا ھىمات بولىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ، خاتىرجەم قىلىپ بولغاندىن كىيىن چىقىرۋەتتىم.  w; E$ d; q0 X8 ?
شۇنىڭدىن كىيىن بىرەر ھەپتە جىممىدە ئۆتتى.سائادەتمۇ ئىلگىركىدەك مەكتەپكە تولۇق كىلىۋەردى.مەن ھامان بۇ ئىستىقباللىق كىلىچەك ئىگىسىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ئۈستىدە باش قاتۇراتتىم.ئەگەر ئادەتتىكى ئەھۋالدا بولسا ئۇ تېخنىكۈمغا ئىمتىھان بەرمەي، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇسا بولاتتى. بىراق، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇنىڭغا جان-جەھلى بىلەن قارشى تۇراتتى.شۇڭا ئۇنىڭغا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياردەم قىلىشىم ئەگەر تېخنىكۇم ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ قالسا ،كىيىنكى ئىشلارنى ئەھۋالغا قاراپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىدىم.ھازىر ئۇنى ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇشمۇ بىر مەسىلە ئىدى.بۇ ئىشنى سائادەتنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلسىغۇ چاغلىق،ئەگەر يېزا باشلىقى بىلىپ قالسا بۇ مەن ئۈچۈن خۇددى «يېڭى تۇغۇلغان موزاي يولۋاستىن قورقماپتۇ »دىگەندەك ئىش بولاتتى-دە ، ئش تېخىمۇ تەسكە چۈشەتتى.شۇڭا ھەممە ئىشنى ئاۋۋال يەڭ ئىچىدە ئېلىپ بېرىشنى ئويلىدىم.بىركۈنى توساتتىن سائادەت يەنە كۆز يېشىنى سۈرتكىنىچە قېشىمغا كىرىپ كەلدى.ئۇنىڭ ئەپتىدىن بىرەرسىدىن رەنجىگەنلىك ئالامىتى چىقىپ تۇراتتى.( r* ^7 ~/ Z7 G  T4 B: v$ @6 r: x
_نىمە ئىش بولدى؟سورىدىم مەن ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ مەيۈسلەنگىنىچە .
- K" d( {# h$ x9 _9 G+ G& W3 U3 [. A_مۇئەللىم...
  h- s% e# X7 P: K. l4 ?  _ئۇ ئۆكسۈپ –ئۆكسۈپ يىغلايتتى.يىغىسىنى توختىتالمىغانلىقتىن ئېنىقراق سۆزلىيەلمەيتتى.; t* L+ {, U* q; b% A9 P: {1 n' t
_زادى نىمە ئىش بولدى؟* N0 l# t9 b- q. J7 T* V1 O" S
_مۇئەللىم ...ماڭا چاي ئىچكۈزۈلگەنلىكىنى يېزا باشلىقىىڭ قىزى...بىلىپتىكەن...ئۇ سىنىپتىكى بالىلارغا ...بىر قىلىۋىتىپتۇ.بالىلار مېنى زاڭلىق قىلىپ...باش ...كۆتۈرگۈزمىدى...ئەمدى...مەن ...ئوقۇمايمىكىن...دەيمەن...
) k9 t0 g; }5 [1 T9 X_بولدى،يىغلىماڭ،-دىدىم مەن.
8 {; ?6 r+ ~( S+ Aيېزا باشلىقى بۇ ئىشلارنى ئائىلىسىدىمۇ سۆزلەپ يۈرۈپتۇ-دە،شۇئان يېزا باشلىقىنىڭ قىزىنىڭ تاتىراڭغۇ، ياسانچۇق سىماسى كۆز ئالدىمدا گەۋدىلەندى.ئۇ تولىمۇ ئورۇق، ھەم جاۋىلداق بولۇپ، سۆزلىگەندە مەنسىتمەسلىك نەزىردە قارايتتى.ئۇنىڭ ئىسمى گۈلپەرىزات ئىدى.ھەم سائادەتنىڭ ساۋاقدىشى، مېنىڭ ئوقۇغۇچۇم ئىدى.مېنىڭمۇ بۇ ئوقۇغۇچى بىلەن ئانچە خوشۇم يوق ئىدى.
- ]7 d7 U/ N/ q4 ~+ c* A* L5 h_ساۋاقداشلىرىڭىزمۇ ھامان بىر كۈنى چۈشىنىپ قالىدۇ.بىراق ، ئوقۇشنى تاشلىۋەتسىڭىز بولمايدۇ.مەن ساۋاقداشلىرىڭىزغا تەربىيە ئىشلەيمەن.ئەمدى ئۇلار سىزنى مەسخىرە قىلمىسۇن.لىكىن ئوقۇشنى توختاتماڭ، بولامدۇ؟7 s3 h. U7 z9 n0 q+ a$ y1 i
_ماقۇل.
: t- z' z1 `4 f0 w& \شۇنىڭدىن كىيىن سائادەتنى چىقىرىۋىتىپ، گۈلپەرىزاتنى چاقىرتتىم.
. p; O: y+ D- j$ P$ w, v* M0 A_سائادەتكە چاي ئىچكۈزۈلگەنلىكىنى سىز قانداق بىلدىڭىز؟-سورىدىم مەن زەردە بىلەن .- ?- X% W& ~2 B& O
_ماڭا دادام دەپ بەرگەن.6 }9 J( M! N1 a, ~/ z& d9 `  ~
_دادىڭىز ساۋاقداشلىرىڭىزغا دەڭ دىگەنمۇ؟
$ g( F  j- r9 U8 x8 |4 s_ياق، دىگەن بولسام نەرى يامان؟: ?$ j7 B, X" \
_مەن سىزنىڭ ئوقۇتقۇچىڭىز، ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلماسلىقىڭىزنى ئۆتىنمەن.قېنى ئېتىڭا؟ئەگەر سىز سائادەتنىڭ ئورنىدا بولۇپ قالسىڭىز مۇشۇنداق ھادىسىگە دۇچ كەلگەندە قانداق قىلاتتىڭىز؟
1 j2 [  Q. i& C' B6 L2 P_...4 `/ D. z$ y) U8 D" i
_دەپ بېقىڭا ؟ زادى قانداق قىلاتتىڭىز؟6 i* w7 z4 d: r' K) V% C
_مەنما،دىدى ئۇ تولىمۇ ئىزىلەڭگۈلۈك  بىلەن ئادەمنى بېزار قىلىدىغان بىرخىل تەلەپپۇزدا،-مېنىڭمۇ ئامالىم يوق ئىدى، پەقەت ئوقۇمايتتىم شۇ...
; V2 W- C. H3 U  }. L, L+ a( Qمەسىلە ئاشكارىلاندى. كىچىك بالىدا نىمە گۇناھ؟بۇ يېزا باشلىقىنىڭ سائادەتكە روھى زەربە بىرىپ، ئۇنى ئوقۇشتىن توختىتش ئۈچۈن ئوينىغان ئويۇنى ئىدى. ئۇ مېنىڭ ماڭا ئىشلەتكەن بېسىملىرىغا پەرۋا قىلمىغانلىقىم، شۇنداقلا سائادەتنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى كۆرۈپ، بۇ ئويۇننى ئوينىغانلىقى ئېنىق ئىدى.مەن ھەرھالدا يېزا باشلىقنىڭ ئۇنداق-مۇنداق ئادەملەردىن ئەمەسلىكىنى «تاكتىكا » جەھەتتىن خېلىلا پىشىقان ئادەملىكىنى تونۇپ يەتتىم.ئۇ مۇشۇ مىجەزى بىلەن ھەرقانداق چوڭ گۇناھ ھەتتا جىنايەت ئارتىلغان تەقدىردىمۇ، ھەرقاچان ئۆز ئىشى ئۈچۈن بىرەر قۇربانلىق تاپالايتتى.يەنە تېخى ئۆزىنىڭ ئەمەل ئورنى ۋە نوپۇزنى قوغداپ قالالايتتى.; ^4 S( x: H# f; X/ j$ x0 m% g4 [
_ئوقۇمىسىڭىز نىمە ئىش قىلاتتىڭىز؟
0 _8 f' z0 {* r! y9 D* J; w2 ]ئۇ ئەمدى پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى.مەن ئامالسىز ئۇنىڭ يىغىسىنى توختىتىشنى كۈتۈپ تۇرۇشقا مەجبۇر  بولدۇم.ئۇيىغىسىدىن توختىدى." }5 Q- B0 Z6 E- ~0 M
_مۇئەللىم، -دىدى ئۇ مەن خاتا قىپتىمەن...9 C& q7 A) ?* ^6 X
_شۇنى بىلسىڭىزلا بولدى، -دىدىم مەن  ئارتۇقچە گەپ قىلماي، بۇندىن كىيىن مۇنداق گەپلەرنى تارقىتىپ يۈرمەڭ...6 r1 o3 |3 B$ i
مەن ئۇنىڭ ئالدىمدىكى بۇ «سوت» مەيدانىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنلا خاتالىقىنى تونۇغانلىقىنى ھېس قىلدىمدە ، ئۇنى چىقىرۋەتتىم.ھەم بۇنىڭدىن  كىيىن يەنىمۇ سەگەك بولۇشنى ئويلىدىم.مەن ساۋاقداشلارغا بىرقۇر تەربىييە ئشىلىگەندىن كىيىن ھەممىسىنىڭ بېشى پەسكە چۈشتى.سائادەتنى بۇرۇنلا قايتۇرغانىدىم.قالغان ساۋاقداشلىرىنىمۇ تەربىيە ئشىلەپ قايتۇردۇم.
  m4 ?) C- n" M) J1 R" Z3 K

23

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1819

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2620
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 6
تىللا: 578
تۆھپە : 166
توردا: 24
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-12-31

تىرىشچان ئەزا ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان شائىرىۋولقان يازغۇچىسىئىجادكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 16:34:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ « ئارقا بىنام» دىگەن شۆبىسىگە «مۇئاۋىن  ئىلمىي مۇدىر» نامىدا يۆتكىۋىتلگەنىدىم.مەن يۆتكىلىش ئۇقتۇرشىنى تاپشۇرۋالغاندا بەكمۇ ھەيران قالدىم.ئەھۋالنى چۈشەنگەندىن كىيىن يېزا باشلىقىنىڭ تىزلا مەندىن  ئۆچ ئالغانلىقىنى بىلدىم.ئەمىليەتتە بۇ يۆتكىلىش ئەمەس باشلىقنىڭ كۆزىگە  تىكەن بولۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ،ئۇنىڭ خاتىرجەملىكىنى يوقاتقاندىن كىيىنكى «سۈرگۈن» دىيىشكە بولاتتى.مەن نىمە ئۈچۈن سۈرگۈن قىلىنغىنىمنى سۈرۈشتۈرۈپمۇ ئولتۇرمدىم.يېزا باشلىقىىڭ ئېيتىشچە خىزمەت ئىشلەشتىكى «ئالاھىدە ئىقتىدار»ىم بولغىنى ئۈچۈن مېنى يۆتكەپ ئشلىتىشكە مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسىنىڭ قارارىغا سالغانمىش،ياچىكىدىكىلەرمۇ ئۇنى توغرا تاپقانمىش.ئۇلارنىڭ بۇ  قىلىقى مېنى ئۆستۈرۈپ يوقىتىش ھىساپلىناتتى. «يولداشلار ،كادىر دىگەن ھۆكۈمەتنىڭ  چالمىسى،ئۇنى پارتىيە ھۆكۈمەت قەيەرگە تاشلىسا شۇ يەرگە چۈشىشى، شۇ يۇرتنىڭ  تۇپرىقىغا قېتىلىشى كىرەك،ھاپىزجان  مۇئەللىمنىڭ خىزمەت ئورنىنى تەڭشەپ ئۆستۈرۈپ ئشلىتىشمۇ خىزمەتنىڭ ئېھتىياجى.ئۇنىڭ ئۇستىگە بىز ھەركىمنى قابىيتىگە يارىشا ئىشقا قويدۇق.بۇ ھۆكۈمەتكىمۇ، شەخىسكىمۇ پايدىلىق.شۇڭا يولداش ھاپىز ھوشۇرنىڭ  باشقىچە پىكىردە بولماسلىقىنى، قابىليتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، تەشكىلگە ياخشى ماسلىشىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز»دىگەن ئىدى، -يېزىلىق تەشىكلات بۆلۈمنىڭ باشلىقى تۇرسۇن توختى،مائارىپ خىزمەت چوڭ يىغىندا .لىكىن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئېيتقىنى باشقا گەپ ئىدى.يېزا باشلىقى مەكتەپ مۇدىرغا مېنىڭ ھېلىقى كۈنى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدىكى سائادەت بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنى قانداقتۇر چەكتىن ئېشىپ كەتكەن بىنۇرمال مۇناسىۋەت ھىساپلىغانمىش.شۇڭا مېنىڭ تۇيۇق يولغا كىرىپ  قالماسلىقىم،ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاقىغا خىلاپ ھالدا «جىنايەت» سادىر قىلىپ قالماسلىقىم ئۈچۈن مېنى يۆتكەپ ئشلىتىش زۆرۈرمىش. ئەمدىلىكتە يېزا باشلىقىنىڭ ھېلىقى سائادەت بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئشكىتىن كۆرۈنگەن بېشى ئۆز مەسئۇلىيتنى تولۇق ئادا قىلىۋاتاتتى.دىمەك مەن قاپقانغا چۈشكەندىم.بۇ قاپقان شۇنداق تاسادىپى  توغرا كەپقالغان ئىدىكى بۇنى يېزا باشلىقى شۇنچىلىك قىسىقا ۋاقىت ئىچىدە قۇرۇپ قۇرۇپ ئۈلگۈركەنكەن.گەرچە كىيىنكىسى مەن ئۈچۈن بىر تۆھمەتنىڭ باشلىنىشى بولسىمۇ، لىكىن بۇنى بىر مەكتەپ مۇدىرلا بىلەتتى.شۇڭا بۇنىڭغا ئۇنچىۋالا  بەك ئەزۋەيلەش ھاجەتسى ھەم ئۆزۈمگە پايدىسىز ئىدى.بىر ئېغىزدىن چىققان بۇ ئىككى خىل گەپ، ماڭا نىسپىتەن قانداقتۇر تەھدىت، «غەمخورلۇق»ۋە ئۆچ ئېلىش بىلەن چىققان قاتتىق –يۇمشاق ۋاستىلەرنىڭ ياردىمى ئارقىلىق  مېنىڭ جەزمەن بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بېرىشىمدىن دىرەك بىرەتتى. ئەگەر بارمايلا قويىدىغان بولسام كىيىنكى ھېلىقى رەزىل ئويۇننىڭ قۇربانى بولۇپ قالاتتىم.ھەم ھېلىقى يالغان گەپ راستىقا ئايلىناتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە سائادەت ئۈچۈن ئىمتىھانغا قاتنىشش ھەققى تاپشۇرغان ئىدىم.بۇنى مەكتەپ تەشكىلى ۋە يېزا باشلىقىنىڭ ھېلىقى گۈلپەرىزات ئىسىلىك قىزىمۇ بىلەتتى.بۇ ھېلىقى تۆھمەتخور ئېغزغا تېخىمۇ يوغان «پاكىت»بولۇپ بىرەتتى-دە ،ئىش ماڭا بەكمۇ پايدىسىز بولۇپ چىقاتتى.شۇنداق قىلىپ  مەن يۆتكىلىدىغان بولدۇم.شۇ چاغدىلا ئۆزۈمنى شۇنچىلىك ئاجىز ۋە بىقۇۋۇل ھىس قىلدىم.ئىچ-ئىچىمدىن يىغا قاينايتتى.بۇ يىغا سائادەت ئۈچۈنمۇ ياكى ئۆزۈم ئۈچۈنمۇ، بۇنى بىلمەيتتىم.مەن يىغىدىن ئۆزەمنى تۇتۇۋىلىپ نەرسە كىرەكلىرىمنى رەتلەشكە باشلىدىم.دەل شۇ مىنۇتتا ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ھەممىسى چۇرۇقلىشىپ كىرىپ كەلدى.% n# e3 j. C  B% R$ B
_مۇئەللىم ، بىر يەرگە كىتەمسىز؟ -دىيىشتى ئۇلار.0 P) B3 B# `( j+ ]. U: P. }
_ياق، ھېچيەرگە بارمايمەن. مەن يەنىلا مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى،پەقەت خىزمەت ئورنۇمدا ئاز-تولا ئۆزگىرىش بولدى.مەن بۇ مەكتەپنىڭ ئارقا بىنامدىكى شۆبىسىدە ئىشلەيدىغان  بولدۇم.; [. W  k; Q5 q2 L- l4 d: [
ئەمىلىيەتتە مەن نەرسە كىرەكلىرىمنى رەتلەپ، ئۆزۈمنى توختىتىۋىلىپ، ئۇنىڭدىن كىيىن، ئوقۇغۇچىلىرىم بىلەن خوشلاشماقچى ئىدىم.ئۇلار مېنىڭ بۇ مەكتەپتىن يۆتكىلىدىغانلىقىمنى قانداق بىلگەندۇ؟* k9 R7 b3 U( @% _% r% ]
_بىز مەكتەپ تەشكىلىگە ئىلتىماس سۇنۇپ سىلىنى كەتكىلى قويمايمىز.
$ A5 ], R# N) G" g/ E4 v+ \7 k_ئۇنداق قىلماڭلار، بۇ ماڭىمۇ ، سىلەرگىمۇ پايدىسىز.0 D8 C7 H+ E+ p) C! M
ئۇلار جىمىپ قېلىشتى.نەرسە كىرەكلىرىم قولى-قولچە رەتلىنىپ بولدى.مەن ئۆزۈمنى توختىتىپ، ئۇلارغا ياخشى ئوقۇش توغرىسىدا تەربىيە قىلماقچى ئىدىم، بىراق ،بوغۇزۇمغا كەپلىشىۋالغان ئاچچىق يىغا بۇنىڭغا ئىمكانىيەت بەرمەيتتى.ئەگەر كۆزۈمدىن ياش چۈشۈپ كەتسىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە سېغىنىشنى كۇچايتىۋاتاتتىم ياكى ئىرادىسىز ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالاتتىم.شۇڭا مەن ئۇلارغا قارىمايلا ئېيتتىم:
  e* T& Y  l0 r! t* R5 u/ `_سىلەر قايتىڭلار.
# a# B  Q0 E! ?4 Z' r9 Vئوقۇغۇچىلار بىر-بىرلەپ قايتىپ كىتىشىتى.پەقەت سائادەتلا قالغان ئىدى.مۇئەللىم ، - دىدى ئۇ ئارىدىكى  جىمجىتلىقنى بۇزۇپ،-ئاڭلىسام سىلىنى ماڭا توغرا مۇئامىلىدە بولمىغان دەپ جازالاش ئۈچۈن يۆتكەپتۇ.شۇنداقمۇ؟& I, Y: Y. E( T$ I7 u9 J+ _6 e
_ئۇنداق گەپ يوق ،-دىدىم مەن ئەھۋالنى ئاشكارىلاشنى خالىماي.
; ], O' l( W! V! C! s- M8 X- lسىنىپتا يەنىلا شۇ يېزا باشلىقىنىڭ قىزى گۈلپەرىزاتنىڭ بۇ خەۋەرنى تارقاتقانلىقى ئېنىق ئىدى.مەن بۇ ئوقۇغۇچىدىن بەكمۇ ھەزەر ئەيلەيدىغان بولۇپ قالغانىدىم.يېقىندىن بۇيان ئۇنىڭ ئېغىزى پىتنە – پاساتنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتاتتى.مەسىلىگە ئەزەلدىن ئادىميلىك ، ئەخلاق نوقتىسىدىن قارىماي، ئۆزىنىڭ ھايۋانلارچە ئادىتى ۋە ئۆلچىمى بويچە چاكىنا ۋە ھاياسىزلىقى بىلەن كىشلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە باھا بىرىپ ئادەتلەنگەن يېزا باشلىقىنىڭ ھىچبىر تەپتارتماستىن بۇ ئىشنى ئائىلىسىدە ، ئۆزىنىڭ پۇشتى،جىگەر پارىسى،قەلبى خۇددى سۈتتەك ئاق مەسۈمە ئالدىدىمۇ بۇ ئىشقا يالغاننى قېتىپ، سۆزلەپ يۈرگىنى ئېنىق ئىدى.! {% h  S( ^4 G
_يۇشۇرغانلىرى نىمىسى؟-دىدى سائادەت ئۆكسۈپ يىغلىقىنچە،مەن سىلىگە زىيانكەشلىك قىلىدىم.ئۇئەمدى ئۈن قويۇپ يىغلاۋاتاتتى.ئىختىيارسىز مېنىڭمۇ كۆزلىرىمدىن ياش چۈشۈپ كەتتى.بىراق بۇ يەردە بۇنداق تۇرىۋىرىشكە بولمايتتى.9 |7 H; g" h) h3 J
_بولدى ، يىغلىماڭ، دىدىم مەن سائادەتكە ،-بۇ ئىشتا سىزمۇ ، مەنمۇ ئەيپلىك ئەمەس، ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت_نورمال پاك بولغان ئۇستاز-شاگىرتلىق مۇناسىۋىتى خالاس.
& b3 J) A+ A8 D  a* q& R; `' s# C* M$ Lگەرچە مەن ھەقىقى ئەھۋالنى پەردازلاپ كۆرسەتسەممۇ، لكىن بۇنى سائادەتتىن يۇشۇرۇپ  كەتكىلى بولمايتتى.شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭغا تەسەللى بەردىم.0 }+ p* L7 [: V7 A9 b9 e
_بۇ خىزمەتنىڭ ئېھتىياجى، تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويچە بولغان ئىش.بۇنداق ئىشلارغا ئۆزىڭىزنى ئۇپراتماڭ، ئۇمىدلىك بولۇڭ.8 C- \1 c  P5 a# C4 b. M# b2 B
يۈك تاقىلىرىمنى كىراكەش ئېلىپ چىقىپ كەتتى. مەن ۋېلىسپىتنى يىتىلىگەچ سائادەتكە ياندىشىپ ماڭدىم. مەقسىدىم- ئۇنىڭ قەلبىگە تەسەللى ۋە ئۈمىد بېغىشلىغۇدەك بىرەر ئېغىز گەپ قىلىپ قويۇش ئىدى. ئاڭغىچە ئۇ ئېغىز ئاچتى:
5 L& r0 j) K9 `) w& a" y6 ~-مۇئەللىم، مەن ئاجىزلىقىمدىن ئۆزەم بىلەنلا قالماي، بەلكى سىلىنىڭ ناملىرىنىمۇ بۇلغىدىم. ياخشى خىزمەت ئورنىدىنمۇ ئايرىدىم. مۇئەللىم، مېنى كەچۈرەلىمۇ؟  N/ G; }' O6 c5 Z5 d0 _2 B* j
بۇ بىر ئاجىز مەسۈمنىڭ ھەقىقىي يۈرەك نىداسى ئىدى. بۇ سۆزلەرگە ئۆزىنىڭ بىر قىز بالا يارىتىلىپ قالغانلىقىغا بولغان ئۆكۈنۈش، ئازاپ ئارىلاشقان. ئۇ ئۆزىنى  ساددىلىق بىلەن مېنىڭ يۆتكىلىشىمنىڭ بىردىنبىر جاۋاپكارى ھېسابلايتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ سەبى دىلى رېئاللىقتىكى بەزى مەسىللەرنىڭ مەنبەسىنى چۈشىنەلمەيلا قالماي، بەلكى ئىلىم-پەن ئۆگىنىشكە ھېرىسمەنلىكى بىلەن كونا ئادەت ۋە ئۇنى قوغدىغۇچى بىر توپ قارا قوللارنىڭ ئۆز ئىستىقبالىغا چاڭگال سالغاندىن كىيىنكى ئۆز تەقدىرىگە نىسبەتەن ئىككىلىنىش ئىچىدە تۇراتتى. ئۇ بۇ تەشۋىش ۋە ئىككىلىنىش ئىچىدە تۇرغاندا ئەمدى بىرەر تەتۈر شامال چىقىپ قالسا ئۇنىڭغا بەرداشلىق بىرەلمەيتتى-دە، ئۆزىنى يوقىتىپ قوياتتى. ھەم ھاياتتىن بېزارلىق تۇيغۇسى-ئۇنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە نىسبەتەن ئۈمىدىنى بىراقلا يوققا چىقىراتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ پاك دىلى مەندىن ئەپۇچانلىقنى تىلەۋاتاتتى. مەن خىيالدىن ئويغىنىپلا ئۇنىڭ سۆزىگە جاۋاپ بىرىش لازىملىقىنى ھېس قىلدىم-دە، ئېغىز ئاچتىم:) V; {; J$ y' E7 r- f3 r
-ئۇنداق ئىش يوق-دىدىم. مەن. مەن پەقەت تەشكىلنىڭ خىزمەت ئېھتىياجى بىلەنلا يۆتكەلدىم. بۇنىڭغا باشقا ئامال يوق. ئۇلارنىڭ مېنى يۆتكىشى سىزنى مەندەك روھى يۆلەنچۈكتىن ئايرىۋىتەلمەيدۇ. تېرىشىڭ. ئېمتىھانغا چوقۇم قاتنىشىڭ. كىيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئۆزەم كېپىل.
3 P) n# \# v% g" P7 Oئۇ بىر ئاز خاتىرجەملەنگەندەك بولدى ۋە نېمىنىدۇر ئېسىگە كەلگەندەك قىلىپ:* c) k/ g3 o3 G% I! U% D
-رەھمەت سلىگە مۇئەللىم،-دىدى. ۋە كىرپىكلىرىگە ئېسىلىپ قالغان ياشنى ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن سۈرتتى. & E1 l" p6 A: y
بىز سائادەتنىڭ ئۆيى تەرەپكە ئايرىلىدىغان دوقمۇشقا كېلىپ قالغان ئىدۇق.
6 g3 a8 A2 E1 Q/ g4 z* y  D-بىرەر پىيالە چاي ئىچىپ ماڭاملا؟
% @& w& ~1 k5 l# P-خوش.
/ `9 V/ y: ]9 q( ~$ l-خوش ئەمىسە.0 ]. `/ i: o2 H- m2 W) [) F3 X& v% `" h
بۇچاغ كۈن ئولتۇرۇشقا باشلىغان مەزگىل ئىدى. دەل-دەرەخلەرنىڭ ياپراقلىرى كەچكى قۇياشنىڭ ئاداققى نۇرىدا مىس تەڭگىدەك پارقىرايتتى. مەھەللىنى ياغنىڭ بىر خىل قاڭسىق ھېدى قاپلىغان ئىدى. ئاسماندا ئاندا-ساندا يۇلتۇزلارمۇ كۆرۈنۈپ تۇراتتى. مەن كىيىنكى خىزمەت ئورنۇم «ئار بېنام» شۆبە ئوتتۇرا مەكتىۋىگە يۈرۈپ كەتتىم.1 |: |3 ~/ U! x" s) ~' L

. u  t1 W$ s# Y) y( |3 }0 c

23

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1819

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2620
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 6
تىللا: 578
تۆھپە : 166
توردا: 24
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-12-31

تىرىشچان ئەزا ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان شائىرىۋولقان يازغۇچىسىئىجادكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 16:35:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەسلەپتە مېنى بۇ يەرگە يۆتكەش ئۈچۈن ئۈستۈمدىن توقۇپ چىقىرىلغان بۇ تۆھمەتنى قەلبىمگە سىغدۇرالماي غەزەپ ئوتىدا پۇچۇرلىنىپ يۈرەتتىم. ھەم يېزا باشلىقى ئۇچراپ قالسا ئىككى ئېغىز گەپ قىلىۋىلىپ ئاچچىقىمنى چىقىرىۋالارمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. لىكىن يېڭى خىزمەت ئورنۇمغا بارا-بارا كۆنۈپ قالغاچقا، ئۆتكەنكى ئىشلارنى ۋاقت ئۆتكەنسىرى ئۇنتۇلۇشقا باشلىدىم. ماڭا بۇ يەرگە كەلگىكى ھەش-پەش دىگۈچە بىر ئاي بولاي دەپ قالغان ئىدى. بۇ مەكتەپتە گەرچە «ياردەمچى ئىلمىي مۇدىر»بولساممۇ، مېنىڭ ھېچقانچە رولۇم يوق ئىدى. تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى بۇ يەردە مېنىڭ «ئۆستۈرلۈشۈم» توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئوقۇغاندا بىر تەرەپتىن قاتتىق غەزىپىم كەلگەن، يەنە بىر تەرەپتىن كۈلكەم قىستىغان ئىدى. چۈنكى بۇ مەكتەپكە قانداقتۇر «ياردەمچى ئىلمي مۇدىر» دىگەندەك ئەمەلدارمۇ كېرەك ئەمەس ئىدى. پەقەت ئەڭ چوڭ بولغاندا بىر گورۇپپا باشلىقى بولسىلا كۇپايە قىلاتتى. چۈنكى بۇ يەردە پەقەي بەشلا سىنىپ بار ئىدى. مەن بۇ يەردە بىر قارانچۇق ئىدىم خالاس.  مەن پەقەت بۇ يەردە ئادەتتىكىدەك دەرس ئۆتۈپ بەرسەملا كۇپايە ئىدى. كۈنلەر مەن ئۈچۈن بىر خىل رېتىمدا دەرس ئۆتۈش، دەرس تەييارلاش، تاپشۇرۇق كۆرۈش، ئەتتىگىنى مەكتەپكە كېلىش، كەچتە قايتىش دىگەندەك بىر قاتار تەكرار پائالىيەتلەر بىلەن ئۆتىۋاتاتتى. 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخنىكۇم ئېمتىھانى يېقىنلاپ قالغان ئىدى.گەرچە مەن يۆتكىلىپ كەتكەن بولساممۇ سائادەت ئۈچۈن بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى تېپىش ۋە رەتلەش ئىشلىرى بىلەن ئاۋارە ئىدىم.قالغان ئىشلار بولسا يۇقارقىدەك نورمال تەرتىپ بويچە يۈرۈشۈپ كىتەتتى. ئادەتتە مېنىڭ مەكتەپكە كېلىشىم ئۈچۈن ئىككى سائەت، ئۆيگە قايتىشىم ئۈچۈن ئىككى سائەتتەك ۋاقىت كېتەتتى. شۇڭا كۆپنچە ھاللاردا ياتاقتا قالاتتىم. بۈگۈن بولسا ھەپتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى بولغاچقا ئۆيگە قايتىشىمغا توغرا كەلگەن ئىدى. يولنىڭ ئۇزاقلىقىنى دېمەيلا قوياي، قىڭغىر ھەم توپا يوللار ئاران جېنىمنى قوياتتى. بىر تەرەپتىن چۆل يولىدا ئۇچۇشۇپ يۈرگەن پاشا-كۇمۇتلار كۆزلىرىمگە كىرىپ، باش-كۆزلىرىمگە يامىشىپ قىيىنچىلىق تۇغدۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئادەمنىڭ تىزىغىچە كىلىدىغان سۇيۇق توپا  ۋە كاتاڭلار جان قاقشىتاتتى. مەن مەكتەپ ئالدىدىن ئۇزىغىنىمدا سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى. مەن ۋېلىسپتنى مىندىم-دە، ئۆيگە قاراپ ماڭدىم. توساتتىن ھاۋا گۆلدۈرلەپ، چاقماق چېقىپ يامغۇر چىلەكلەپ قۇيىۋەتتى. يىلىڭ كىيىملىرىم ئۈستىدە تىزلا يامغۇر ئۆتۈپ خۇددى كىيىمىم بىلەنلا مۇنچىغا چۈشكەندەك بولۇپ قالدىم. ئۈستىبېشىم چىلىق-چىلىق سۇ بولغاننى ئازدەپ يوللارمۇ بارغانسىرى پاتقاقلىشىپ، ۋېلىسپىتنى مىنىش ئىمكانيتى بولماي قويدى. ئامالسىز ۋېلىسپىتنى يىتىلەپ ماڭدىم. بارا-بارا ۋېلىسپتنىڭ قاسقانلىرىغا لاي تىقىلىپ چاقى ئايلانمىدى. يا ئالدىمغا ماڭالمىدىم، يا ئارقامغا يانالمىدىم. شۇ تاپتا «كونا كېسلىم» قوزغىلىپ، يېزا باشلىقىغا ئۆچمەنلىكىم كۈچىۋاتاتتى. بىراق، نىمە ئامال؟ ئامالسىز تۈكۈرىگىمنى يۇتتۇم. ۋېلىسپىتىمنى يېقىن ئەتراپتىكى ئائىلىگە ئەكىرىپ قويدۇم ۋە  پىيادە كېتىشنى ئويلىدىم. بىراق، يېقىنلا يەردە ھارۋا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، ھارۋىكەشنى چاقىردىم-دە، كىرا قىلىپ يۈرۈپ كەتتىم.
8 ?+ {# \3 r0 T* [. t# j  , Q0 w$ g9 k- }
5 @/ @5 H( r. [' V. M0 u3 ~% {$ O5 |

23

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1819

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2620
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 6
تىللا: 578
تۆھپە : 166
توردا: 24
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-12-31

تىرىشچان ئەزا ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان شائىرىۋولقان يازغۇچىسىئىجادكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 16:35:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سائادەت مەكتەپ ئالغان تاللاش ئېمتىھانىدىن بىرىنجى بولۇپ ئۆتكەن ئىدى. بۇ خەۋەرنى ئىلگىركى خىزمەتدېىشم ئەزىز ماڭا يەتكۈزگەندە گەرچە خۇشاللىقتىن بېشىم كۆككە يەتكۈدەك بولغان بولسىمۇ، ئۇنى دۆلەتلىك ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇش بىر مەسىلە ئىدى. ئەلۋەتتە سائادەتنىڭ تۇرمۇش ۋە ئېمتىھان راسخوتلىرى مەندىن بولسىمۇ، ئۇنى ئىېمتىھانغا قاتناشتۇرۇشتىكى ۋاقىت مەسلىسى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئىدى. ئىمتىھان ناھىيدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۈچ كۈن داۋاملىشاتتى. ئەلۋەتتە، يېزا باشلىقى، كەنت باشلىقى، سائادەتنىڭ ئاتا-ئانىسى سائادەتنى  ئېمتىھانغا قاتناشتۇرۇشقا جان-جەھلى بىلەن قارشى تۇرغان يەردە، ئېمتىھانغا قاتناشتۇرىدىغان ۋاقتنى قولغا كەلتۈرۈش ياكى بۇنى يۇشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. تېخى يېزا باشلىقىنىڭ ھېلىقى گۈلپەرىزات ئسىملىك قىزى سائادەتنىڭ مەكتەپتىكى تاللاش ئېمتىھانىغا قاتناشقانلىقى ۋە يۇقۇرى نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئۆيگە دەپ چىقسا سائادەتنى ئېمتىھانغا قاتناشتۇرۇش ئېمكانيتىمۇ قالمايتتى. يېزا باشلىقى بار ئامالى بىلەن ۋەزىيەتنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، ئۇنى قالدۇرۇپ قوياتتى.
+ J# z" X1 G3 ^5 b   تەڭرى ئادەم بىلەن ھاۋانى زىمىنغا يارىتىش ئالدىدا كېيىنكى بەندىلەرنىڭ بىر-بىرىنى بوزەك  قىلىشىدىن، ئالداپ ئورىغا ئىتتىرىۋىتىشىدىن ، ساختىپەزلىك قىلىشىدىن،گۇناھ پاتقىقىغا پېتىپ، بىر-بىرىنىڭ رىزقىنى يەپ، جىدەل ماجرا تۇغدۇرشىدىن ئەندىشە قىلغانمىش. كىيىن ئادەم بىلەن ھاۋانى زىمىنغا ياراتقاندا، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ نىيىتى دۇرۇس بولمىغانلىقتىن ، ئۇلارنى بىر-بىرىنىڭ تىلىنى ئۇقمايدىغان قىلىپ جازالىغانمىش. شۇنىڭ بىلەن زىمىندا ئوخشاش بولمىغان قەۋملەر پەيدا بولۇپ، كۆپەيگەنمىش. شۇنىڭ بىلەن ھازىرقى ئېنسانلار توپى بارلىققا كەلگەنمىش.
% }7 Y# d6 m1 b, kشۈبىھسىزكى، ئۇلار ئىنسانىيەت تارىخىدا نۇرغۇنلىغان قائىدە-تۈزۈملەرنى بېكىتپ، ياخىشى-ياماننى ئايرىپ، ئۆزلىرىنىڭ تۈلۈك ئۆلچەملىرىنى بېكىتكەن بولسىمۇ،بەزىدە ئەمەل قىلدى، بەزىدە ئەمەل قىلمىدى. باشقىلارنىڭ كۆز يېشىدا ئۆزىنىڭ زېرائەتلىرنى سۇغاردى. باشقىلارنىڭ يايلىقىدا مال-چارۋىلىرىنى كۆپەيتتى. باشقىلارنىڭ ئازاۋىدىن خۇشاللىق تاپتى. قاقشىتىش بەدىلىگە بەختكە ئېرىشتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئوچۇق قالغان ئەۋرەتلىرىنى ياپماسلىقنى نۇمۇس دەپ بىلدى-يۇ، ياراتقان تەڭرى ئالدىدا، ئۆز قەۋمى ئالدىدا گۇناھكار بولۇشتىن قورقمىدى. ئۇلار، ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىك، بوزەك قىلىش، شەھۋەتپەرەسلىك، ئاچكۆزلۈك ۋە ھارامخورلۇقتىن يالتايمىدى.كەچۈرگىسىز جىنايەت ۋە گۇناھ ئىشلارنى قىلدى. ئۇلارنىڭ نېجاسەتلىرى ھەر بىر قەدەمدە كۆرۈنۈپ تۇرىۋەردى. ئەمدى مونۇ يېزا باشلىقىدەك ئادەملەرچۇ؟ ئۇلارمۇ ئۆز قەۋمىنى، قېرىنداشلىرىنى بوزەك قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋىلىپ، زىيانكەشلىك قىلىشنىڭ چوڭ جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلىشمىدى. ياكى بىلگەندىمۇ، ئۆز نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ، مۇشۇنداق كەچۈرگىسىز جىنايەتنى ئۆتكۈزۈشكە تەۋەككۈل قىلدى. نۇمۇسسزلىق بىلەن توپلىغان دۇنياسىنى ، ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن ئېرىشكەن ئىززەت ئىناۋەتتىن ئۈستۈن كۆردى. باشقىلارنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش يول تۇتىۋاتقىنىنى بىلىپ تۇرۇپ، بىلمەسكە، كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالدى. ئۇلارنىڭ ئىپلاس كۆڭلىنى« شاپائەت»سۈيى بىلەن سۇغىرىپ يول ئېچىپ بەردى. ياكى نىيىتى ئەمەلگەئاشمىسا باشقىلارنىڭ ئېشىغا زەھەرخەندىلىك بىلەن توپا سالدى. سائادەتنىڭ ئاتا-ئانىسى بولسا ئۆزىنىڭ ئىددىيسىدىكى نادانلىق ۋە جاھىللىق تۈپەيلى ئۆز پۇشتىنىڭ كىيىنكى ئىستقبالىغا چاڭگال سېلىۋاتقان ھېلىقىدەك نائەھلىلەرنى قانداقتۇر «يۆلەنچۈك»،«شاپائەتچى»، «ئامەت قۇشى قونغانلىق» ھېسابلاپ، ئۆز دىلپارىسىنڭ تەقدىرى ئۈستىدە توغرا تاللاش ئېلىپ بارالمايتتى. ئۇلارنىڭ تەبىئىتىدىكى ساددا، جاھىل، مەسىلىگە كونىلىق نوقتىئىنەزىرى بىلەن قارايدىغان، «بىرتال بۇغدايغا سەمىرىپ، بىرتال بۇغدايغا ئورۇقلايدىغان »ئىللەت تومۇر-تومۇرلىرىغىچە، قان-قېنىغىچە سىڭىپ كەتكەن ئىدى. خوراپى نەزەر بىلەن مەسىللەرنى كۆزىتىش ۋە فىئوداللىق ئەخلاق قارشىنىڭ بويۇنتۇرۇقى شىللىسىگە مىنگەن ھالەت ئۇلارغا ئەلۋەتتە يېڭىلىق، تەۋپىق يولى كۆرسىتىپ بىرەلمەيتتى. ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى شۆھرەتپەرەسلىك كەنت باشلىقى بىلەن قۇدىلىشىشنى قانداقتۇر «شەرەپ»ھېس قىلدۇراتتى. ئەمما يۈرەك پارىسىنىڭ تازا ۋايىغا يەتمىگەن يۇمران، نوتا ئىكەنلىكىنى ، ئۇنى ياتلىق قىلىش قىزىنىڭ باھار پەسلىدىكىدەك توسالغۇسىز يىتىلىۋاتقان غۇنچە ھالىتىگە مۇددەتتىن بۇرۇن زىمىستان پەسلىنى باشلاپ كىلىپ، غۇنچە ھالىتىدە خازانلىققا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى ئويلىمايتتى. سائادەتنىڭ كېلىچىكى ئالدىدا تېخىمۇ پارلاق، تېخىمۇ گۈزەل ئىستىقبالنىڭ ئەڭ گۈزەل پەسلىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتى. يېزا باشلىقى، بولۇپمۇ كەنت باشلىقى بۇنىڭدىن ئوبدانلا پايدا ئالاتتى. ئۇلار قولىدىكى ھوقۇقتىن پائىدىلىنىپ تەھدىت، سۈلھى، ساختا غەمخورلۇق ۋە قانداقتۇر ھېيلە-نەيرەڭلەرنى ئىشلىتىپ، سائادەتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى بويسۇندۇرالايتتى. بىچارە سائادەت يىلتىزىدىن قومۇرۇلغان قامغاقتەك قايسى تەرەپتىن شامال كەلسە شۇ ياققا ئۇچۇپ يۈرەتتى. قەلبى كەلگۈسىدىكى گۈزەل ھاياتنىڭ غەۋۋاسلىرىغا ئىنتىلگەن ھالدا، چەكسىز ئارمانلارغا تولۇپ تاشقان، گۈزەل غايىلەر، سەبى، شېرىن چۈشكە ئوخشاش خىياللار قەلبىدە بالىلارغا خاس رومانتىكا پەيدا قىلغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ بۇ ئستېتىك غايىلىرىنى كۆڭلىدىكى ئارزۇلىرىنى ئەسلا ئەمەلگە ئاشۇرالمايتتى. ئۆزىنىڭ ئىستىقبال يولىغا ، غۇچچىدە پۈرەكلەۋاتقان ئۈمىد گۈلىگە سۇنۇلغان يېزا باشلىقى ۋە كەنت باشلقىدەك ئۆزقەۋمىنى ئالداشتىن نۇمۇس قىلمايدىغان مۇناپىقلارنىڭ كۈچلۈك قارا قولىنىڭ سۇنۇلغانلىقىنى بىلسمۇ ئۇلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىشقا ئاجىز ئىدى. پەقەت كۆڭلى ئاغرىغان، قەلبى شىكەستىلەنگەن مىنۇتلاردىمۇ قەلبىدىكى ھاياتقا بولغان ساددا تەلپۈنۈشنىڭ ئالا-كۆنەس سايىسى ئاستىدا بارلىق خاپىلىق ۋە دىلئارازلىقىنى ئۇنتۇپ، كەلگۈسىنى نىشان قىلغان ھالدا تەسەۋۋۇر دۇنياسىدا ۋە خىيال چۇڭقۇرلۇقىدا ئۈزۈپ قەلبىدىكى ئازاپقا قىسقا بولسىمۇ تەسەللى تاپالايتتى. ئەمما بۇ مۇھىتتىكى بارلىق نەرسىنى، ئادەملەر، دەل-دەرەخ، كائىناتنى ساددىلىق نوقتىسىدىن كۆزىتەتتى. ھەتتا يېزا باشلىقى ۋە كەنت باشلىقىغا ئوخشاش ھاياتقا،كەلگۈسىگە ۋە كۆز ئالدىدا ئۆزلۈكسىز پەيدا  بولىۋاتقان ئادەملەرنىڭ تەبىئىتىگە يارىشا ئوخشىمايدىغان مۇئامىلە قىلىشنى ئەسلا بىلمەيتتى....  
* K: O$ n) C" U( L7 i; E- K  Q8 G' o$ M+ q; H- e

دۇنيا بىلىپ قوي ،مەن ئۇيغۇر!!

97

تېما

6

ئەگەشكۈچى

7864

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  839
يازما سانى: 984
نادىر تېمىسى: 9
تىللا: 2644
تۆھپە : 714
توردا: 250
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-28

ۋولقان تۆھپىكارىتىرىشچان ئەزا ئوردىنىباشقۇرغۇچى ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىۋولقان شائىرىۋولقان قىزىقچىسىۋولقان يازغۇچىسىمۇنبەر نازارەتچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 22:25:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا بەك ياخشى يېزىپسىز مەن تېخى  سىزنى پەقەت شىئىرلا يازامدىكىن دېسەم مۇنداق ھۈنەرمۇ باردەڭ تېخى / f) s! y( u5 s: \! b+ l! Z+ f+ a
: a4 N9 |$ L7 C$ R
قاللتىس !!!!
سۈتتىن ئاغزى كۆيگەن ،قېتىقنىمۇ پۈۋلەپ ئىچەر.

wolqan ئىسىم ئۆزگەرتتى

2918

تېما

2

ئەگەشكۈچى

4 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 5731
نادىر تېمىسى: 93
تىللا: 15218
تۆھپە : 2880
توردا: 4162
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-28

مائارىپچى ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-3 23:32:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشام يېرىم كېچىلەردە ئىشتىن چۈشۈپ بۇ ئەسەرنىڭ بېشىنىلا ئوقۇپ كىرىشىپلا كىتىپتىكەنمەن،ئەمما داۋامىنى تولۇق ئوقۇپ بولالمايلا چارچىغىنىمدىن كومپىيۇتىرغا يۆنىلىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. بۈگۈن باشتىن-ئاخىر تولۇق ئوقۇپ چىقتىم ۋە يەنە بىر نادىر ئەسەرنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ھىس قىلدىم ۋە ئاپتورغا بولغان ھۆرمىتىم باشقىدىن ئاشتى. ئەتراپىمىزدا  يۈز بېرىۋاتقان  رىئال مەسىلىلەر ئۆتكۈر تىللار بىلەن شۇنداق ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ.
, f, p: R+ k; W& b4 Mبارىكاللا دوستۇم، قەلەم قۇۋۋىتىڭىز ھەقىقەتەن بەك ياخشىكەن، داۋامىغا تەشنابىز!
ئۈمۈدىمىز بىلىمگە چاڭقىغان قەلىبلەرگە شېرىن-شەربەت بولۇش!

924

تېما

3

ئەگەشكۈچى

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  138
يازما سانى: 2755
نادىر تېمىسى: 13
تىللا: 8053
تۆھپە : 2370
توردا: 2318
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-27

ۋولقان تۆھپىكارىتىرىشچان ئەزا ئوردىنىئەتىرگۈل ئەزا ئوردىنىۋولقان مەلىكىسىباشقۇرغۇچى ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىتېما يوللاش ماھىرىئاكتىپ ئەزادوستلۇق ئەلچىسىمۇنبەر نازارەتچىسىئىجادكار ئەزائەلا يىتەكچى ئوردىنىماھىر تەربىيىچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-4 23:12:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇ كۈنلەردە بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىۋاتىمەن. تولۇق ئوقۇپ چىقىپ ئاندىن سۆزلەي جۇمۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

يانفۇن|ئاددى بەت|ئالاقىلىشىڭ|( 新ICP备11001587号-6  
بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
بېكەتنىڭ قانونى ۋەكىلى : شەربەت QQ:359903451 E-mail:359903451@qq.com
بىز ئەڭ ياخشى مۇنبەر قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز!
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2013-1-28 05:59

چوققىغا قايتىش