     

| ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى(2) 9 |0 i* W2 e* L6 F; L, J" u
(ئەركىن سىدىق، 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى) 1 T7 d# j( h6 u' Cئويلاشنىڭ ئوخشىمىغان يۆنىلىشى ئۈچۈن ئالتە خىل رەڭنى ۋە ئالتە خىل رەڭلىك قالپاقنى ئىشلىتىشنىڭ مەلۇم ئىلمىي ئاساسى بار. مەسىلەن، سىز بىر كىشىدىن مەلۇم بىر ئىشقا نىسبەتەن قانداق ھېسسىياتتا بولىۋاتقانلىغىنى سورىسىڭىز، سىز ئۇنىڭدىن بىر سەمىمىي جاۋابقا ئېرىشەلمەسلىگىڭىز مۇمكىن. بۇنىڭ سەۋەبى نۇرغۇن كىشىلەر ھېسسىياتچان بولۇشنى، ھېسسىياتقا تايىنىپ ئىش كۆرۇشنى خاتا دەپ ھېساپلايدۇ. لېكىن «قىزىل قالپاق» دېگەن سۆز نېيترال بولىدۇ. سىز بىرسىدىن ھازىرچە بەك ئېھتىياتچان بولۇپ كەتمەسلىكنى تەلەپ قىلغانغا قارىغاندا، «ھازىرچە قارا قالپاقنى كەيمەي تۇرسىڭىز» دەپ تەلەپ قىلىش كۆپ ئاسانغا توختايدۇ. يەنى، رەڭنىڭ نېيتراللىغى سىزنىڭ باشقىلارنى ئوڭايسىزلاندۇرماي تۇرۇپ ھەر خىل قالپاقلارنى ئىشلىتىشىڭىزنى، نەسىھەت ۋە ئەيىپلەشلەرنى ئارلاشتۇرماي تۇرۇپ ئويلاش جەريانىنى مەلۇم قائىدە-تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىشىڭىزنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىدۇ. مەسىلەن، سىز تۆۋەندىكىدەك سۆزلەرنى ناھايىتى ئاسانلا قىلالايسىز: 3 M% {4 h3 Z; Y; _. `% p7 S– ھازىر ھەممىڭلار قارا قالپىغىڭلارنى ئېلىۋەتىڭلار.9 `! l3 n: x7 |) O. K4 ~ – كېيىنكى بىر قانچە مىنۇت ئىچىدە ھەممىمىز قىزىل قالپىغىمىزنى كىيەيلى.5 O5 ?1 d3 d \) @1 C9 s
* }6 |( @9 C) ?7 Y# {تۆۋەندە مەن ئويلاشنىڭ ئالتە خىل رەڭلىك قالپىغى توغرىسىدا ئايرىم-ئايرىم توختۇلىمەن. 9 }/ ~/ D$ A; ~7 Q, J 9 K \+ e' g/ Z . T0 h: Z( g8 |* k0 E5 j# v$ j% u: `! _3 o2 Y2 r0 r8 E * 1) ئاق قالپاق , p ^+ g0 } A0 O% K" k $ J1 h/ T' m+ }) |$ L) ^بىر پارچە ئاق قەغەزنى ۋە بېسىپ چىقارغان بىر ۋاراق يازمىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۇرۇپ بېقىڭ. ئاق قالپاق ئۇچۇر توغرىسىدا بولۇپ، ئۇنى ئىشلەتكەندە ھەممە ئادەم ئۆز زېھنىنى ھەر خىل مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا مەركەزلەشتۇرىدۇ. سىز بېشىڭىزغا ئاق قالپاقنى كېيگەندە، تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشىسىز:7 V' E0 `+ |: ^' H0 m# Q. x
7 `. i* i$ f# c# c' V7 R– بىزدە ھازىر قانداق ئۇچۇرلار بار؟ ' d3 d: L6 g$ s& ~1 _' w! p' A( M – بىزگە يەنە قانداق ئۇچۇرلار كېرەك؟1 F+ K/ ~4 s' B1 [" \! h" X " d) @# Y8 e4 i5 ?* q! ~8 U3 @ – بىزدە قانداق ئۇچۇرلار كەمچىل؟( N9 D( V4 M. O! E( C- b8 N2 f! l" P
% R$ j& S7 u! e, f5 f– بىز ئۆز-ئۆزىمىزدىن قانداق سواللارنى سورىشىمىز كېرەك؟ $ a+ _8 l4 a: t) Q / Z H/ }5 o6 R8 ~– بىزگە زۆرۈر بولغان ئۇ ئۇچۇرلارغا بىز قانداق ئېرىشىمىز؟ 6 A0 w: A& S+ ^- F8 j% b* e2 b5 _2 z بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان ئۇچۇر توغرا-خاتالىغىنى تەكشۇرۇپ ئېنىقلىغىلى بولىدىغان ئېنىق پاكىت بىلەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداقلا پىكىر ۋە ھېسسىياتقا ئوخشاش يۇمشاق ئۇچۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھېسسىياتىنى بايان قىلسىڭىز، ئۇ قىزىل قالپاققا تەۋە بولىدۇ. ئەمما سىز باشقىلار تەسۋىرلىگەن ھېسسىياتنى بايان قىلسىڭىز، ئۇ ئاق قالپاققا تەۋە بولىدۇ. # \+ k2 j# J, l, b# K/ T' y $ d; C0 t# N" f! |8 r8 Iئاق قالپاق باسقۇچىدا ئەگەر ئىككى پارچە ئۇچۇر بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ چىقىپ قالسا، ئۆز-ئارا مۇنازىرلىشىشكە يول قويۇلمايدۇ. ھەر ئىككى ئۇچۇر ئوخشاش دەرىجىدە مۇامىلە قىلىنىپ، ئۇچۇرلار جۇغلانمىسىغا كىرگۇزىلىدۇ. پەقەت بۇ ئىككى ئۇچۇردىن بىرنى تاللاشقا مەجبۇرى بولۇپ قالغاندىلا ئۇلاردىن بىرسى تالللىنىلىدۇ.2 P, ?4 q* s: D# }0 ^* l: U 9 B) W2 T" }4 D* L0 G ئاق قالپاق بىر ئويلاش جەريانىنىڭ ئەڭ دەسلىۋىدە كىيىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاشۇ بىر ئويلاش جەريانىنىڭ ئارقا كۆرىنىشى بولۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئاق قالپاقنى بىر ئويلاش جەريانىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا چىقىرىلغان قارارلارنى باھالاپ كۆرۇش ئۈچۈن ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، سىزنىڭ تەكلىپلىرىڭىز ھازىرغىچە يىغىلغان ئۇچۇرلارغا ئۇيغۇن كېلەمدۇ؟( {0 Y# C; `! l7 t 7 M9 g/ Q+ j( u4 _! B0 e0 ~ ?) m; Y ئاق قالپاق نېيترال كېلىدىغان بولۇپ، ئۇ شۇ چاغدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان دۇنيا ئۈستىدە دوكلات بېرىدۇ. ئاق قالپاق يېڭى ئىدىيىلەرنى بەرپا قىلىشقا ئىشلىتىلمەيدۇ. لېكىن ئۇنى ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان ياكى بۇرۇن ئىشلىتىلىپ باققان ئىدىيىلەرنى دوكلات قىلىشقا ئىشلەتسە بولىۋېرىدۇ.$ _+ O O7 W; S% M
2 v4 F! n( `; O7 L1 Fئاق قالپاقنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر قىسمى كەمچىل بولغان ۋە زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلارنى تېپىپ چىقىشتىن ئىبارەت. ئۇ سورۇلۇشقا تىگىشلىك بولغان سوئاللارنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ. شۇنداقلا زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلارنى قولغا كەلتۇرۇشنىڭ ۋاستىلىرىنى تېپىپ چىقىدۇ. ئاق قالپاق زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلارنى تېپىپ چىقىش ۋە تىزىپ چىقىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. 3 Q- _* x F R: K. ^7 Q' ]" y5 H! c+ \& c/ t9 v9 L 2 {7 c: E4 g1 N' ?0 `" V' {6 x& L$ r/ ? * 2) قىزىل قالپاق8 T* x4 _3 F% d4 N: C% F, K . A% G% h7 _; y: ^ قىزىل رەڭ ئادەمگە ئوت، ئىسسىقلىق ۋە ھېسسىياتنى ئەسلىتىدۇ. قىزىل قالپاق باسقۇچىدا، كىشىلەرگە ئۆز ھېسسىياتى، كەيپىياتى ۋە بىۋاستە تۇيغۇسىنى ئەركىن ئىپادىلەشكە پۇرسەت بېرىلىدۇ. بىر نورمال خىزمەت مۇزاكىرىسىدە سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىزنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇزاكىرە بىلەن ئارلىشىپ كېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. بىر قارار چىقىرىش يىغىنىدا قىزىل قالپاقنى كېيگەندە بولسا، سىز ئۈچۈن ئۆز ھېسسىياتىڭىز، كەيپىياتىڭىز ۋە بىۋاستە تۇيغۇلىرىڭىزنى ئەركىن-ئازادە ئوتتۇرىغا قويۇدىغانغا بىر مەخسۇس پۇرسەت يارىتىپ بېرىلىدۇ. 0 v/ I9 C; r( x4 v* r ; Q t: m5 f7 ^% Qبىۋاستە تۇيغۇ نۇرغۇن ئەمىلىي تەجرىبىلەرگە ئاسانلانغان بولىشى مۇمكىن. ھېسسىيات، كەيپىيات ۋە بىۋاستە تۇيغۇلارنى ئىپادىلەشنىڭ مۇنداق مىساللىرى بار:4 }) B. r# P6 I0 ]; i3 T, `- v! L
L+ {4 x0 S( k* ]; u– مېنىڭچە ماۋۇ كىشى مۇشۇ ۋەزىپىگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ.2 D3 S* {4 w/ y* ?0 s0 i' k- m$ O Q4 D* N. m# w, B% w# o& ] g1 ] – مېنىڭچە بۇ ئىشتا تەۋەككۇلچىلىك بەكلا ئېغىر. 3 I8 N1 X5 q4 t, Y8 W7 V l$ P. x9 ] – مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە بۇنداق چۈشەندۈرۈش بەك مۇرەككەپ بولۇپ كېتىدۇ. / h2 j( u) [% r# L/ O- O" K: V% L# _) b r+ \" R% T9 D) h& F يوقۇرقىدەك ھېسسىياتلارنىڭ پايدىسى بار. لېكىن بىۋاستە تۇيغۇنىڭ دائىم توغرا بولۇشى ناتايىن. دۇنياغا مەشۇر ئېينىشتېيننىڭ بىۋاستە تۇيغۇسىمۇ ھېيسېنبېرگنىڭ ئېنىقسىزلىق پرىنسىپىنى ئىنكار قىلغاندا خاتا بولۇپ چىققان ئىدى. s, R2 A$ U2 r ' n% r$ b0 K; D6 i3 m) M, B قىزىل قالپاقنى كىيگەندە ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ بىر قاتار ھېسسىياتىنى ئىپادىلىسە بولىدۇ. ئاشۇنداق ھېسسىياتنى ئىپادىلەشكە ئىشلىتىدىغان سۆزلەردىن مۇنداقلىرى بار: " V d6 I& M1 V5 Z9 J# H* T, x7 d5 b, i4 v$ ^0 u! _ – مېنىڭ بۇ ئىشقا ناھايىتى يوقۇرى قىزغىنلىغىم بار. * N; {0 q0 _% w1 C; a$ C& G: }3 ~1 O ?( q2 o7 H6 I U( c" }: p – مەن بۇ ئىشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن.$ i, v) j" I$ l. N: Z1 l* r / j5 W, U' [1 J) X – مەن بۇ ئىشقا نىسبەتەن نېيترال پوزتسىيىدە بولىمەن .* c* d1 n: M0 e+ w' {+ _% R y$ {+ k& T' n3 c% E – مەندە بۇ ئىشقا نىسبەتەن بىر ئېنىق ئىدىيە يوق. V0 L& p) @" l9 R) ] . _/ n3 Z2 k& k' k8 f9 _ f – مەن بۇ ئىشقا دېگەندەك ئىشەنچ قىلالمايمەن. 0 d4 K' i! W& w$ Y h* |# R" n( h5 N$ J2 O7 J2 [- k8 y/ _3 E – مەن بۇ ئىشقا نىسبەتەن بىر مۇرەككەپ تۇيغۇدا بولىۋاتىمەن.# a1 ~2 }) {" d
4 G. U4 [% \' s& C. f– مەن بۇ ئىش ئۈچۈن ئانچە خوشال ئەمەس. 2 C! I3 d+ O, S. e: F/ m! O- a( Y z% W6 n – مەن بۇ ئىشنى ئانچە ياخشى كۆرۈپ كەتمەيمەن.: ~ `$ T) v0 P5 I . W- {/ S( d; y- y/ Y – مەن بۇ ئىشقا ناھايىتى ئۆچ، ۋە باشقىلار. 3 |$ f, K/ T' j% y/ N' a! ^ , z$ _7 |9 Y" ~, T$ w" bھېسسىياتنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئوخشىمىغان مىللەت ۋە ئوخشىمىغان مەدىنىيەت ئۈچۈن ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، ياپونلۇقلار ئۆز ھېسسىياتىنى “مەن بۇ ئىش توغرىسىدا چوقۇم بىر ئويلۇنۇپ باقمىسام بولمايدۇ.” دېگەندەك سۆزلەر بىلەن مۇلايىم ئىپادىلەيدۇ. ئامېرىكىلىقلار بولسا ئۆز ھېسسىياتىنى “بۇ بىر ناھايىتى قاملاشمىغان پىكىر ئىكەن.” دېگەندەك سۆزلەر بىلەن كۇچلۇك ھالدا ئىپادىلەيدۇ. ئۇيغۇرلاردا بولسا ئۆز ھېسسىياتىنى ئەينەن ئىپادىلىمەيدىغان ئەھۋاللار خېلىلا ئېغىر. 5 e2 R/ F. r$ A+ B 6 x' P+ O! O6 J$ d2 Pقىزىل قالپاقنى كېيگەندە، ئۆز ھېسسىياتىنى چۈشەندۈرۈش ياكى ئۆز ھېسسىياتىنىڭ توغرىلىغىنى ئىسپاتلاشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇنىڭ ئەكسىچە، يىغىن باشقۇرغۇچى ئۇنداق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا كىشىلەر پەقەت توغرا ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىيالايدىغان ھېسسىياتنىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ، باشقا ھېسسىياتنى دىگىلى ئۇنىمايدۇ. شۇڭلاشقا مۇزاكىرىنىڭ بۇ باسقۇچىدا ھەر بىر ئادەم ئۆز ھېسسىياتىنى ئەينەن ئوتتۇرىغا قويىشى كېرەك. ) E7 V* d# t( Z0 b9 m; h ; D2 r8 S$ d4 Qقىزىل قالپاقنى بىر قارار چىقىرىش يىغىنىڭ ئەڭ ئالدىدا بىر قېتىم ۋە ئەڭ ئاخىرىدا بىر قېتىم ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. ئەڭ دەسلەپتە ئىشلەتكەندە قىلماقچى بولغان ئىشقا نىسبەتەن ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ھېسسىياتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا بولسا كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىدا ئۆزگىرىش بولغان-بولمىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. 4 s, l+ w9 R E4 R( [5 n) y) g4 Q, L/ Z# E2 @. w قىزىل قالپاق دائىم بىر ئالاھىدە ئىدىيە ياكى بىر ئالاھىدە ئەھۋالغا قارىتا ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا قىزىل قالپاقنى ئىشلەتكەندە، ئۇنىڭ نىمىگە قارىتا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق بولىشى كېرەك. , O/ g; F- Y$ p$ D4 @. s9 D $ O" ]( w$ i) O/ }8 V" A! V8 Bقىزىل قالپاق بىلىم تەلەپ قىلىدىغان ھېسسىياتلارغىمۇ قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن:9 K6 g* Q) Z3 {3 U
2 y# r. B+ `) h; @- @7 h8 l% N– مېنىڭچە بۇ ئىدىيەنىڭ خېلى زور يوشۇرۇن كۈچى بار.7 J. [2 }, `* w Z7 W* } ) V4 W: o7 p! c2 s5 p& N6 U – بۇ ئىدىيە ناھايىتى قىزىقارلىق ئىكەن. 6 D6 `$ W; F: j' q3 }9 v) j$ _4 p- k) H$ g8 k – بۇ ئىدىيە ناھايىتى ئۆزگىچە ئىكەن.( ^7 W& G' v5 a* I : D: r2 _3 h! I قىزىل قالپاقنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ھېسسىياتىنى بايان قىلىش مەجبۇريىتى بار بولۇپ، ھېچ كىمنىڭ “بىرسى ئۆتۈپ كەتسۇن” دىيىشىگە يول قويۇلماسلىغى كېرەك. قىزىل قالپاقنىڭ مەقسىدى شۇ ۋاقىتتا مەۋجۇت بولغان ھېسسىياتنى ئەينەن بايان قىلىش بولۇپ، مەلۇم بىر ھۆكۈمنى چىقىرىشقا مەجبۇرلاش ئەمەس.4 w# q" B0 ]) o5 t6 C- M! g
4 l: _/ g% n& p8 k* O& H6 H8 l % j2 k/ b: ?* b% v4 |4 C7 K9 Q* s1 Z( b) P8 c) |+ i * 3) قارا قالپاق' ~4 L/ x0 ~% N& Q {- @1 ]) H 3 f: G# H, V- i$ u* o K) N0 Y5 K$ l قارا قالپاق ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ۋە ئەڭ مۇھىم قالپاق بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇ ئېھتىياتچانلىق ۋە پەخەسلىككە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ بىزنى قانۇنسىز، خەتەرلىك، پايدا يەتكۈزمەيدىغان، ھاۋانى بۇلغايدىغان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلىشتىن توسايدۇ. * Y% b! X4 T& I( D& o. @$ y! Q {/ o* S1 o- H" [8 }. O قارا قالپاق ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش (ئىنگلىزچە «survival») قالپىغى بولۇپمۇ ھېساپلىنىدۇ. ھەر بىر ھايۋان قايسى يىمەكلىكنىڭ زەھەرلىك ئىكەنلىگىنى، يىرتقۇچ ھايۋاننىڭ ئۆزىگە كەلتۈرىدىغان خەتىرىنىڭ ئىشارەتلىرىنى كۆرۈپ چۈشىنىدىغان بولىشى كېرەك. بىز ئۆزىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئېھتىياتچان بولىشىمىز كېرەك. قانداق ئىشلاردىن ساقلىنىش كېرەكلىگىنى، قايسى ھەركەتنىڭ ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىغىنى بىلىشىمىز كېرەك. بىز مانا مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. ئۆزىمىزنىڭ تەسەۋۋۇرغا قانچىلىك باي بولىشىمىزدىن قەتئى نەزەر، بەزىدە بىرەر ئەخمىقانە خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇش بىلەن ئۆزىمىزنى پۈتۈنلەي بەربات قىلىۋىتىشىمىزمۇ مۇمكىن.1 v8 i6 g6 v' |1 s# D
" I& s, v# s3 C" O9 h0 T' p% Lقارا قالپاق تەنقىدىي ئويلاشنىڭ ئاساسى بولۇپ، غەرب مەدەنىيىتىنىڭمۇ ئاساسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇ نىمىنىڭ ئۆزىمىزنىڭ بايلىق مەنبەسىگە، بىزنىڭ سىياسىتىمىزگە، بىزنىڭ ئىستراتىگىيىمىزگە، بىزنىڭ خىزمەت ئەخلاقىمىزغا، ۋە بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىزغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىغىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ. 9 R v7 T; v; ]8 W% B : V' b9 P$ N: ]+ }, M$ @/ j7 m/ Yئالتە قالپاق بويىچە ئويلاش ئۇسۇلىنىڭ بىر ئالاھىدىلىگى، قارا قالپاق كىيىلگەندە، ئويلاش جەريانىغا قاتنىشىۋاتقان ھەممە ئادەملەرگە ئەڭ يوقۇرى دەرىجىدە ئېھتىياتچان بولىدىغان ۋە ئەڭ يوقۇرى دەرىجىدە تەنقىدىي پۇزۇتسىيەدە بولىدىغان بىر ۋاقىت ياكى پۇرسەت يارىتپ بېرىلىدۇ. ئەمما بېرىلگەن بۇ ۋاقىتنىڭ سىرتىدا بولسا ھەر بىر نۇقتا ئۈستىدە تەنقىدىي پۇزۇتسىيەدە بولۇشقا يول قۇيۇلمايدۇ.& k; U8 I4 Z3 O/ N- q$ r * K1 D" ]5 l" p* a0 ~6 n: A0 X- r% r قىسقىسى، قارا قالپاق ئېھتىياتچانلىقنى كۆزدە تۇتىدۇ. بىر تەكلىپ ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ مەلۇم بىر باسقۇچقا كەلگەندە، بىز ئۇنىڭ تەۋەككۇلچىلىگى، خەتىرى، توسقۇنلىقى، يۇشۇرۇن مەسىلىسى ۋە پايدىسىز تەرىپى ئۈستىدە ئويلۇنىشىمىز كېرەك. بىر تەكلىپنىڭ قاراڭغۇ تەرىپى توغرىسىدا تولۇق ئويلانماي تۇرۇپ ئۇنى ئىجرا قىلىش بىر ئۇچىغا چىققان ئەخمەقلىك بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. قارا قالپاق بىزنى خەتەر ۋە قىيىنچىلىقتىن ساقلاپ قالىدۇ. ئۇ بىزگە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ! u* C' e+ p; z2 V , ^7 x* l; c2 y# n4 U5 N+ M, c % _% g' m4 S t' f, d: Y! S % ]2 ~0 @( q' w. a/ U9 L: K : f! \ H7 Y: d8 d5 W& o# D
9 X( ^: B5 a- y, s1 l% U * 4) سېرىق قالپاق% K0 F, A0 M! ]# ?- [, F
5 o1 \$ D; r0 q; f5 d9 Xسېرىق رەڭ بىزگە قۇياش نۇرىنى، ئۈمىدۋارلىقنى ئەسلىتىدۇ. بىر تەپەككۇرچى سېرىق قالپاقنى كىيگەندە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلگەن تەكلىپنىڭ بارلىق پايدىلىق تەرىپىنى تېپىپ چىقىشقا، قانداق قىلغاندا بۇ بىر ئىدىيەنى ئەمىليەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىغىنى ئويلاپ چىقىشقا تىرىشىدۇ.% D; B' t; w3 y/ b+ s
4 B- n7 B6 C0 B+ b, ^5 Hسېرىق قالپاقنى ئىشلىتىش قارا قالپاقنى ئىشلىتىشكە قارىغاندا سەل تەسراق. ئادەم مېڭىسىدە بىزنىڭ خەتەردىن ساقلىنىشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان بىر تىببىى مىخانىزم مەۋجۇت بولىدۇ. ئەمما سېرىق قالپاق ئۈچۈن بۇنداق مىخانىزم مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭلاشقا كۆپ ساندىكى كىشىلەر سېرىق قالپاققا قارىغاندا قارا قالپاقنى ئىشلىتىشكە ئۇستىراق كېلىدۇ. $ F( k2 E( U" E) |" r9 } 7 g7 o) n1 j h- Nبىز ئۆزىمىزدە «قىممەت سەزگۈرگىلى» نى يېتىلدۇرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى بىز قىلغان ئىشىمىزنىڭ خەتىرىگە قانچىلىك سەزگۈر بولغان بولساق، ئۇنىڭ قىممىتىگىمۇ شۇنچىلىك سەزگۈر بولىشىمىز كېرەك، دېگەندىن ئىبارەت. بۇنداق ئادەتنى ئەمىلىيەت جەريانىدا يىتىلدۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.2 l/ t+ p# Q, H j" P3 Q 7 o' [# p& ~' i$ y/ p& U* S1 ? سېرىق قالپاقنىڭ قىممىتى ناھايىتى يوقۇرى بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنى قىلماقچى بولغان ئىشىنىڭ قىممىتىنى بىر قېتىم دەڭسەپ كۆرۈشكە مەجبۇرلايدۇ. بەزىدە سىز ئۈچۈن ئۇنچىۋالا قىزىقارلىق كۆرۈنمىگەن بىر ئىش ناھايىتى يوقۇرى قىممەتكە ئىگە بولۇپ چىقىپ قالىدۇ. ئەگەر بىز قاتتىق ئىزدىنىدىغان بولساق، كىشىلەرنى ئانچە جەلپ قىلالمىغان ئىددىيىلەرنىڭ ئىچىدىنمۇ بەلگۈلۈك قىممەتكە ئىگە ئىددىيىلەر چىقىپ قالىدۇ.7 `; t& y' p$ O) f" N
& u }8 ]2 K8 ^5 tسېرىق قالپاقنىڭ لوگىكىلىق ئاساسى بولىشى، يەنى ھەر بىر ئىدىيىنىڭ قىممىتى بەلگۈلۈك ئاساسلار ئارقىلىق مۇەييەنلەشتۇرىلىشى كېرەك. ئۇنى ئىشلەتكەندە، مۇنداق سوئاللارغا جاۋاب تېپىش كېرەك:9 Z8 j* m3 F! I8 h/ [6 P # F7 F8 Y! G; W" K * ئۇنىڭ قىممىتى نىمە؟5 ^0 A- Y4 n8 q; h; g; h % g. x& r) {2 A0 N \7 v# w* M * ئۇ كىم ئۈچۈن؟6 d8 G7 C! }- Q: B; B3 i7 O/ E# d 8 ^# j3 c# w: c * ئۇ قانداق شارائىت ئاستىدا پايدا بېرىدۇ؟4 R- ]1 S" D( y2 H3 D4 {( h 2 a9 R3 T! m- l1 {. D * ئۇنىڭ قىممىتى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ؟ 2 R4 r; i, m( {% m; x! ~# P8 ~8 T1 E2 h, f( q * ئۇنىڭ باشقا قىممەتلىرىمۇ بارمۇ؟ , }+ d" W/ s& A" u3 F& G- l % y" g! W+ ~5 ?- s% nقىسقىسى، سېرىق رەڭ قۇياش نۇرى، يورۇقلۇق ۋە ئۈمىدۋارلىقنىڭ سىمۋولى بولۇپ، سېرىق قالپاق بويىچە ئويلاش ئىجابىي ۋە پايدىلىق تەرەپلىرىنى ئويلاشنى كۆرسىتىدۇ. خۇددىي قارا قالپاق بىر تەكلىپنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىنى باھالاپ چىقىشنى كۆرسەتكەندەك، سېرىق قالپاق بىر تەكلىپنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى، يەنى قىممىتىنى ۋە پايدىسىنى تېپىپ چىقىشنى كۆرسىتىدۇ. & J7 g5 T+ A5 B/ j' O( r: b5 u0 q& H0 z6 n! K# n) D 6 L4 P3 e: N" `' d
# K- H- s# L, f; z * 5) يېشىل قالپاق) U1 Q/ `7 j* f/ Z% M
1 c) W9 H+ Z* s- Vيېشىل رەڭ يېڭى يوپۇرماق ۋە يېڭى شاخلارنىڭ رەڭگى بولۇپ، ئۇ ئادەمگە زىرائەتلەرنى، ئۆسۈشنى، ۋە ئېنېرگىيىنى ئەسلىتىدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ ئىجاتكارلىقىغا ياكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. يېشىل قالپاقنى كىيگەندە، بىز يېڭى ئىدىيىلەرنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بىز ئۈچۈن مەۋجۇت بولغان بارلىق تاللاشلارنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. تەكلىپ قىلىنغان ئىدىيىلەرنى ئۆزگەرتىمىز ۋە ياخشىلايمىز.) Z/ r4 b! l! I' ] t1 B& |' H; Z يېشىل قالپاقنىڭ بىر ئالاھىدىلىگى، بۇ قالپاق كىيىلگەن ۋاقىتتا، يىغىنغا قاتناشقان بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان ئىش ئۈستىدە مەخسۇس يېڭىلىق يارىتىش پەللىسىدە تۇرۇپ ئويلاش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھەر بىر ئادەم ئۆزى ئويلاپ تاپقان يېڭى ئىدىيىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەگەر يېڭى ئىددىيىسى بولمىسا ئاۋاز چىقارماي جىم ئولتۇرىدۇ. ئادەتتە كىشىلەر ھېچ ئىش قىلماي جىم ئولتۇرۇشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىجاتكارلىغىنى ئىشقا سېلىپ، يېڭى ئىددىيىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش يولىدا توختىماي تىرىشىدۇ. يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇر قىلىشنىڭ مۇھىم بىر تەركىۋىي قىسمى بولغاچقا، يېشىل قالپاق ئويلاش قالپاقلىرىنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. . f- Q1 P! @2 I3 M4 t$ n* n, W& X9 ^9 M كىشىلەر باشقىلار ئۆزىدىن ئۈمىد قىلغان ئىشلارنى قىلىشقا بەكراق ئىنتىلىدۇ. يېشىل قالپاق كېيىلگەن ۋاقىتتا، يىغىنغا قاتناشقان بارلىق كىشىلەردىن يېڭىلىق يارىتىش تەرىقىسىدە تەپەككۇر قىلىش ئۈمىد قىلىنغان بولغاچقا، ھەممەيلەن يېڭىلىق يارىتىشقا تىرىشىدۇ. نەتىجىدە بۇرۇن ئۆزىنى ئانچە يېڭىلىق ياراتقۇچى ھېساپلىمايدىغان كىشىلەرمۇ بىرەر يېڭى ئىددىيىنى ئويلاپ چىقىشقا پۈتۈن كۇچى بىلەن تىرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىمۇ كۇچىيىپ، بىر دەمدىن كېيىن ئۇلارمۇ باشقىلاردەكلا يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر كىشىلەردىن بولۇپ قالىدۇ. & r' I' p. S9 ^( ]' K7 g! e- E7 ?1 e& z3 i يېشىل قالپاق كېيىلگەندە، كىشىلەرنىڭ ھەممە مۇمكىنچىلىكلەرنى ئوتتۇرىغا قويىشىغا يول قويىلىدۇ. مۇمكىنچىلىكنىڭ تەپەككۇر قىلىشتىكى رولى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۇنى كىشىلەر ئاسانلىقچە تونۇپ يېتەلمەيدۇ. مۇمكىنچىلىك بولمىسا ئالغا ئىلگىرىلەش بولمايدۇ. ئىككى مىڭ يىلنىڭ ئالدىدا جۇڭگونىڭ تېخنولوگىيەسى غەرىپنىڭكىگە قارىغاندا جىق تەرەققىي قىلىپ، ئاندىن ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى پۈتۈنلەي توختاپ قالغان. كۆپۈنچە كىشىلەر بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى جۇڭگولۇقلار ئىلمىي پەرەزلەرنى تەرەققىي قىلدۇرماسلىقتىن بولغان، دەپ چۈشەندۈرىدۇ. ئىلمىي پەرەز ۋە مۇمكىنچىلىكلەر روھىي يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئەڭ ئاچقۇچلۇق بىر قىسمى بولۇپ، ئەگەر ئۇلار بولمايدىكەن تەرەققىياتمۇ مۇمكىن بولمايدۇ. ' A) L- y5 `1 f5 l. u$ |. j* s1 C: c0 N; i بىر ئىشنى ئېلىپ بېرىشتىكى قەدەم-باسقۇچلار ئۈستىدىكى تەكلىپلەرمۇ مۇشۇ يېشىل قالپاق باسقۇچىدا ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ—“بىز ماۋۇ ئىشنى، ياكى ماۋۇ ئىشنى، ياكى ماۋۇ ئىشنى قىلالايمىز.” قارا قالپاق باسقۇچىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قىسىم قىيىنچىلىقلارمۇ مۇشۇ يېشىل قالپاق باسقۇچىدا ھەل قىلىنىدۇ. يەنى يېشىل قالپاق باسقۇچىدا بەزى قىيىنچىلىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن بەزى ئىدىيىلەرنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ. يېشىل قالپاق باسقۇچىدا بۇرۇنقىدىن باشقا يېڭى ئىدىيىلەرگە بولغان ئىھتىياجنى تەشەببۇس قىلسىمۇ بولىۋىرىدۇ. : T7 G! O# k6 e0 _* O 6 V5 A4 P0 o8 p" R/ U2 D; I/ Bئەگەر يېشىل قالپاق ناھايىتى كۆپ يېڭى ئىددىيە ۋە مۇمكىنچىلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، يېشىل قالپاق باسقۇچىدا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشقا ۋاقىت يېتىشمەسلىگى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا قىزىل قالپاقتىن پايدىلىنىپ، مەلۇم بىر ئەھۋالغا ئەڭ ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىدىيىلەرنى تاللاپ بىكىتسىمۇ بولىدۇ. . Q' \& F3 m) t) a- Y% u: m1 E7 N7 y1 K4 ?" m قىسقىسى، يېڭىلىق يارىتىش تەرىقىسىدە تەپەككۇر قىلىش مۇنداق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:: r% z3 `3 H! c6 a3 _( S! b # l9 T6 B, W" o# f$ Y * يېڭى ئىددىيە، يېڭى چۇشەنچە ۋە يېڭى ئۇقۇم. % V, ]/ A) [& c % y. V. S$ m3 R- G: Q* يېڭى ئىددىيىلەرنىڭ مەقسەتلىك ھالدا ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلىشى.( q( x0 C; [3 W" f W
l5 n9 E6 Y6 N4 P6 a+ {* پايدىلىنىشقا بولىدىغان باشقا يول ۋە باشقا ئۇسۇللار.. F, O9 c I9 m / e: ]7 Z; K" m! v * ئۆزگىرىشلەر.; u- v2 O/ u: B
( o' g" A# J5 S- E; S8 |* بىر مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرى. [" T# |' m7 R ; p% n% _+ D ^3 u, m R* i يېڭىلىق يارىتىش دىگىنىمىز قابىلىيەتمۇ، تالانتمۇ، ياكى كىشىلىكمۇ (ئىنگلىزچە «personality»)؟ بۇ سوالنىڭ توغرا جاۋابى، يېڭىلىق يارىتىش دېگەن قابىلىيەت، تالانت ۋە كىشىلىكنىڭ بىرىكمىسىدىن ئىبارەتتۇر. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قابىليىتىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشمىسىڭىز، ئۇ پەقەت سىزنىڭ تالانتىڭىز بىلەن كىشىلىك مىجەزىڭىزگە باغلىق نەرسە بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا سىز ئۆزىڭىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىڭىزنى ئۆستۈرۈش يولىدا مەقسەتلىك ھالدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىز كېرەك. شۇنىمۇ ئەستە تۇتۇش كېرەككى، بەزىلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى باشقىلارنىڭكىن ئۈستۈنرەك بولىدۇ. بۇ خۇددى بەزىلەر مۇز تېيىلىشتا باشقىلاردىن ئۇستۈنرەك تۇرغىنى بىلەن ئوخشاش. ئەمما مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر مەخسۇس تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقىتىدارىنى ئۆزىنىڭ ئىھتىياجىدىن چىقالايدىغان دەرىجىگىچە ئۆستۈرەلەيدۇ. بۇ جەھەتتە «پاراللېل ئويلاش» ئۇسۇلى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان بولۇپ، قىزىققان ئوقۇرمەنلەر مېنىڭ «ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە» دېگەن يازمامنى بىر قېتىم ئوقۇپ باقسا بولىدۇ. % P4 x, N! K1 |2 Q% }3 f. h# a' ]& K( b كىشىلەر قالايمىقان سۆزلەر ئارقىلىق يېڭى ئىددىيىنى ئويلاپ تېپىش ئۇسۇلىنىمۇ تېپىپ چىققان. بۇ ئۇسۇلنى ھەر قانداق ئويلاش جەريانىدا ئىشلەتسە ئۇنۇم بېرىدىغان بولۇپ، مەلۇم بىر يىغىندا كىشىلەر يېڭى ئىدىيە تېپىشتا قىينالغان ۋاقىتتا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. مەسىلەن، سىز شىركىتىڭىزنىڭ بىر رەھبەرلەر يىغىنىدا ئۆز شىركىتىڭىز ئۈچۈن بىر يېڭى مەھسۇلات ئويلاپ تاپماقچى. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئالدى بىلەن يىغىنغا قاتناشقۇچىلاردىن 20-30 دانە قالايمىقان سۆزلۈكلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى سورايسىز، ھەمدە ئۇ سۆزلۇكلەرنى بىر قەغەز تاختايغا يېزىپ چىقىسىز. بۇ سۆزلۇكلەر مۇنداق سۆزلۈكلەر بولىشى مۇمكىن: سوپۇن، كۆمۈر، بۈركۈت، چاشقان، تۆگە، تاكسى، بۇلۇت، خاتىرە، ۋاھاكازالار. ياكى بۇ سۆزلۇكلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر ھەرىپ بىلەن باشلىنىدىغان بولسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، بۈركۈت، بۇلۇت، بۆشۈك، بۇغداي، بوۋاق، ۋاھاكازالار. بۇ سۆزلۈكلەر بىر تاختايغا يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن، ھەممەيلەن ئاشۇ سۆزلۈكلەرگە قاراپ تۇرۇپ، يېڭى ئىددىيىلەرنى ئويلاپ تاپىدۇ.8 n2 u) e3 J+ w* t$ B. u" o
& x5 S* J" j# f5 Y3 G * 6) كۆك قالپاق* C+ v" X9 r- {% y+ ]: r5 q1 e9 I
! E% U& e7 t# \( B- q; D) Sكۆك قالپاق بىزگە كۆك ئاسماننى ئەسلىتىدىغان بولۇپ، ئۇ بىر ئىش ئۈستىدە ئومۇميۈزلۈك ئويلۇنۇشقا، بىر ئىش ئۈستىدە توغرا تەپەككۇر قىلىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ( r* h" m% s: y + V; y/ ~0 E: E% j5 Pكۆك قالپاق ئوركېسترنىڭ بىر دىرىژورىغا، ياكى بىر كوماندىرىغا ئوخشايدۇ. ئۇنى كېيگەن كىشى قىلماقچى بولغان بىر ئىشنى قايسى ۋاقىتتا قىلسا توغرا ۋاقىتتا قىلغان بولىدىغانلىغى ئۈستىدە توغرا قارار چىقىرىپ، قىلماقچى بولغان ئاشۇ ئىشتىن ئەڭ ياخشى نەتىجە چىقىرىشقا تىرىشىدۇ. يەنى كۆك قالپاق ئويلاش جەريانىنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش، ئۈنۈملۇك تەشكىللەش ۋە ياخشى كونترول قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.% M9 r z* c/ k# p. M $ d. S6 O& Q% p! ]1 S كۆك قالپاقنى ئاشۇ يىغىننىڭ باشلىغى، رەئىسى ياكى باشقۇرغۇچىسى كىيىدىغان بولۇپ، ئۇنى بىر مۇزاكىرە يىغىنىنىڭ ئەڭ ئالدىدا ئىشلەتكەندە، يىغىن باشقۇرغۇچى بۇ يىغىن نىمە ئۈچۈن ئېچىلغانلىغى، ئۇنىڭدا نىمە مەسىلە ھەل قىلىنىدىغانلىغى، بۇ قېتىمقى ئويلاش جەريانىنىڭ مەقسىدى نىمە ئىكەنلىگى، بۇ ئويلاش جەريانى ئارقىلىق قانداق مەقسەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقچى ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىندا ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىقىنى قايسى تەرتىپ بويىچە كىيىدىغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدۇ. يەنى كۆك قالپاق بۇ قېتىمقى يىغىندىكى ئويلاش ئىستراتىگىيىسىنى بەلگۈلەيدۇ. يىغىن جەريانىدا بولسا كۆك قالپاق يىغىننىڭ قائىدە-تۈزۈمىنى ساقلاش، كىشىلەرنىڭ پەقەت شۇ ۋاقىت ئۈچۈن بەلگۈلەنگەن قالپاقنىلا كىيىشىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ئىشلارغىمۇ مەسئۇل بولىدۇ. ئويلاش قالپىقىنى يېڭى بىر قالپاققا ئۆزگەرتىشنىمۇ يىغىندىكىلەرگە كۆك قالپاقنى كىيگەن كىشى ئۇقتۇرىدۇ. ) l+ _: G. J1 N3 `$ b - f6 w$ v5 n% E( [5 C: @گەرچە كۆك قالپاقنى پەقەت يىغىن باشقۇرغۇچىسىلا كىيىدىغان بولۇپ، بىر يىغىن جەرياندا بۇ كىشى باشقا بىر كىشىگە ئالماشتۇرۇلمايدىغان بولسىمۇ، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بۇ يىغىننى قانداق داۋاملاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە يېڭى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىۋېرىدۇ. ) T6 W) c$ S _ u; h & r5 A7 ^% [; |$ I5 x9 `يىغىننىڭ ئاخىرىدا كۆك قالپاقلىق كىشى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىدىن بۇ يىغىندىن قانداق نەتىجە چىقىرىش كېرەكلىگىنى سورايدۇ. بۇ يەردىكى نەتىجە بىر خۇلاسە، يەكۈن، قارار، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى، ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا بىر نەرسە بولىشى مۇمكىن. كۆك قالپاقلىق كىشى يىغىن ئاخىرىدا بۇ قېتىمقى يىغىندا ئانچە چوڭ ئىلگىرىلەش بولمىغانلىغىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ھەمدە كېيىنكى قېتىم ئېلىپ بارىدىغان ئىشلار، ئۇلارنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى، ياكى يەنە بىر قېتىملىق ئويلاش يىغىنىنى ئوتتۇرىغا قويسىمۇ بولىۋېرىدۇ. 0 |( W* ^. a9 W8 J * V; y7 M ]7 e8 \" qقىسقىسى، كۆك قالپاقنى كىيگەندە تۆۋەندىكى ئىشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ:8 @3 l) M7 w( u * بۇ قېتىمقى ئويلاش يىغىنى ئۈستىدە ئويلىنىش. : A+ d8 q. Y. |+ V1 e! n* بۇ قېتىمقى ئويلاش يىغىنىنى قانداق ئېلىپ بېرىشنى چۈشەندۈرۈش. ! V+ s4 G/ l" E- T/ r e% P* بۇ قېتىمقى ئويلاش جەريانىنى تەشكىللەش., y$ p) I v4 H * باشقا قالپاقلارنى ئىشلىتىش جەريانىنى كونترول قىلىش. |
|