ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى(1) 0 X% h9 ]; ]* A# q# Q# a(ئەركىن سىدىق، 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى) 8 v5 Z- Q5 Z9 X+ d. }! Q9 \دۇنياغا مەشۇر فىزىكا ئالىمى ئالبېرت ئېينىستېين (Albert Einstein، 1879-1955) مۇنداق دېگەن: «بىز ھازىرغىچە بەرپا قىلغان بۇ دۇنيا بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزنىڭ مەھسۇلاتىدۇر. شۇڭلاشقا ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ، بۇ دۇنيانى ئۆزگەرتەلمەيمىز.» 19- ئەسىردە ياشىغان ئىككى قېرىنداش «William Hare» بىلەن «Charles Hare» مۇنداق دېگەن: «ئادەم بىر يەلكەنلىك كېمە، بىلىم كېمىنى ھەيدەش بولۇپ، تەپەككۇر بولسا ئاشۇ يەلكەنلىك كېمىنى ئىتتىرىدىغان شامالدىن ئىبارەتتۇر.» يېقىنقى بىر قانچە ئەسىردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئانچە كۆپ ئويلانمايدىغان مىللەتلەر قاتىرىدا ياشاپ كەلدى. بولۇپمۇ ياپونلۇق ۋە يەھۇدىلارغا ئوخشاش ھازىر تەرەققىي تاپقان مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھازىرقى ئۇيغۇرلارنى كۆپ ئويلايدىغان مىللەت ئەمەس، كۆپ ئوينايدىغان مىللەت، دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەمما، ئادەمنى خوشال قىلىدىغان بىر ئىش شۇكى، يېقىندىن بۇيان ھەر خىل مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلاش، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىش جەھەتتە ئۇيغۇرلاردا يېڭىدىن ئويغۇنۇش ۋە زور ئىلگىرلەشلەر بولىۋاتىدۇ. كىشىلەر ھازىر ئويلاۋاتقان ۋە ئىزدىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ئىچىدە مىللەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىغى قاتارلىق چوڭ-چوڭ ئىشلارمۇ بار. ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىدا بىر قانچە كەسىپلەر ئىچىدىن بىرنى تاللاشتەك پەقەت بىر ئادەمنىڭ ئۆز تۇرمىشى ۋە ئۆز ھاياتى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولغان، بۇنىڭدىن كېيىن مېڭىشقا بولىدىغان بىر قانچە يولنىڭ ئىچىدىن بىرىنى تاللاشتەك ئىشلارمۇ كۆپ. مەيلى بىر ئادەم بولسۇن، بىر گۇرۇپپا ئادەم بولسۇن، ياكى بىر تەشكىلات بولسۇن، مەلۇم بىر ئىش ئۈستىدە ئويلۇنۇپ، چوڭقۇر تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ، ئاخىرىدا بىر قارارغا كېلىش، ناھايىتى مۇرەككەپ بىر جەرياندۇر. مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياشلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر مۇۋاپىق كەسىپ تاللىۋىلىشىغا بىر ئاز ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن، «ئومۇرلۇك كەسىپنى قانداق تاللاش كېرەك؟» دېگەن بىر يازمىنى تەييارلىغان ئىدىم. مۇشۇ يازمىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىققان ياشلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملىرى ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر مۇۋاپىق كەسىپ تاللاشتا ياردەم قىلىشىمنى سوراپ ماڭا يەنىلا داۋاملىق ئېلخەت يېزىۋاتىدۇ. مانا بۇ بىر ئىش ئۈستىدە ئويلۇنۇپ قارار چىقىرىش بىر ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە ئىنتايىن قىيىن جەريان ئىكەنلىگىنىڭ بىر مىسالىدۇر. ھازىر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر يېڭى شىركەت قۇرۇش، ئۆز شىركىتى ئۈچۈن بىر يېڭى مەھسۇلات تېپىش، بىر ياكى بىر گۇرۇپپا ئادەم ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ماڭىدىغان يولىنى ياكى يېتىدىغان نىشانىنى تاللاشقا ئوخشاش ئىشلاردا ئويلۇنۇپ قارار چىقىرىش جەريانىغا بۇرۇنقىدىن كۆپرەك ۋە كەسكىنرەك ھالدا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇرلار ھازىر چوڭقۇر ئويلانمىسا بولمايدىغان بىر دەۋىرگە قەدەم قويدى، دىيىشكە بولىدۇ. T* W, u0 C5 C: x$ A - {$ N- w1 i& w$ x X3 \مەن يېقىندا ئۆز ئىدارەمدە ئويۇشتۇرۇلغان «ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى» (ئىنگلىزچە « Six thinking hats ») دېگەن ئىككى كۈنلۇك دەرسكە قاتناشتىم. بۇ ئەسلىدە بىر پاراللېل ئويلاش ئۇسۇلى بولۇپ، غەرب ئەللىرىدە ئۇ بىر ئىلىم بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن. بۇ پاراللېل ئويلاش ئۇسۇلىنى دوكتۇر ئېدۋورد دە بونو ئەپەندى ئۆزىنىڭ 1985-يىلى تۇنجى قېتىم نەشىر قىلىنغان «ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى» دېگەن بىر كىتاۋىدا ئوتتۇرىغا قويغان. ئاپتور ئەنگلىيەدىكى ئوكسفورد (Oxford)، كامبرىج (Cambridge) ۋە لوندون ئۇنىۋېرسىتلىرىنىڭ ۋە ئامېرىكىدىكى خارۋورد (Havard) ئۇنىۋېرسىتىنىڭ پروففىسسورى بولۇپ ئىشلىگەن، ھەمدە نۇرغۇن دۇنياغا داڭلىق چوڭ شىركەتلەرگە مەسلىھەتچى بولغان. دە بونونىڭ بۇ كىتاۋى 1999-يىلى 2-قېتىم نەشىر قىلىنغان بولۇپ، شۇنىڭغىچە بولغان 14 يىل جەريانىدا دە بونونىڭ بۇ پاراللېل ئويلاش ئۇسۇلىنى IBM ، NASA ، DuPont ، NTT (ياپونىيە)، Shell ، BP ، Statoil (نورۋىگىيە)، Marzotto (ئىتالىيە) ۋە Federal Express غا ئوخشاش دۇنياغا داڭلىق چوڭ شىركەتلەرنىڭ نۇرغۇنلىرى قوبۇل قىلىپ، ناھايىتى زور ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. مەسىلەن، مۇشۇ پاراللېل ئويلاش ئۇسۇلىنى قوللۇنىشقا باشلىغاندىن بۇيان، IBM نىڭ ھەر بىر باشلىقلار يىغىنىنىڭ ۋاقتى %75 قىسقارغان. توك چىقىرىش ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش تېخنىلوگىيەسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئابب شىركىتى بۇرۇن ھەر بىر يېڭى پروجەكت يىغىنى ئۈچۈن 20 كۈندەك ۋاقىت سەرىپ قىلىدىغان بولۇپ، دە بونونىڭ پاراللەل ئويلاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندىن بۇيان ئۇنداق يىغىننى پەقەت ئىككى كۈندىلا تاماملايدىغان بولغان. گەرمانىيەدىكى 400،000 دىن ئارتۇق خادىمى بار، يىللىق سودىسى 60 مىليارت دوللاردىن ئاشىدىغان سىەمەنس شىركىتىدە ھازىر مەخسۇس ئۆز خادىملىرىنى ئاشۇ «ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى» بويىچە تەربىيىلەيدىغانلاردىن خادىملاردىن 37 كىشى بار ئىكەن.8 b; Y3 p- `0 E* D7 l5 F- | : e1 M. n) {( A3 h0 ^ ھېلىقى ئىككى كۈنلۇك كۇرۇس جەريانىدا، بىزگە مەشىق سۈپىتىدە ئىدارىمىزنىڭ ماشىنا توختىتىش ئورۇنىنىڭ يېتىشمەسلىگىدىن ئىبارەت بىر جىددىي مەسىلىسىنى ھەل قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش ۋەزىپىسىنى بەرگەن ئىدى، بىز ئاشۇ پاراللېل ئويلاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئىككى سائەت ۋاقىت ئىچىدە بىر مۇكەممەل پىلاننى تۈزۈپ چىقتۇق. بۇ پىلان خېلى يوقۇرى سەۋىيەلىك بىر پىلان بولۇپ چىققاچقا، بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئۇنى رەتلەپ، دوكلاد قىلىپ تەييارلاپ، ئىدارە رەھبەرلىگىگە يوللاشنى قارار قىلدۇق. شۇنىڭدىن باشلاپ، بۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۆزەم قاتنىشىدىغان بارلىق قارار چىقىرىش يىغىنلىرىدا ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە مۇشۇ پاراللېل ئويلاش ئۇسۇلىنى قوللۇنىش قارارىغا كەلدىم.6 n4 E6 {8 w4 c4 \ ; i$ v- I( ~' i: G) H" O) C; y دە بونونىڭ دىيىشىچە، مۇشۇ ئالتە قالپاق بويىچە ئويلاش ئۇسۇلىنى 1999-يىلىغىچە بولغان ئالدىنقى 230 يىلنىڭ ئىچىدە ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىدا يۈز بەرگەن ئەڭ مۇھىم ئۆزگىرىش، دەپ قاراشقا بولىدىكەن. مەن ئىككى كۈنلۈك دەرس ئارقىلىق مۇشۇ ئۇسۇلنى ئوگەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىگىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ يازمام ئارقىلىق بۇ ئۇسۇلنى ئۇيغۇرلارغا قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ بېرىش قارارىغا كەلدىم. ئالتە قالپاق بويىچە ئويلاش ئۇسۇلى دە بونونىڭ «ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى» دېگەن 173 بەتلىك بىر كىتاۋىدا تەپسەلىي بايان قىلىنغان بولۇپ، ئىنگلىزچە بىلىدىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاشۇ كىتاپنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى، شۇنداقلا ۋەتەندىكى قىزىققان قېرىنداشلارنىڭ بۇ كىتاپنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن (بۇ كىتاپ ئىنتايىن ئاددىي تىل بىلەن يېزىلغان بولۇپ، مېنىڭچە تەرجىمە قىلىش ئانچە قىيىنغا توختىمىايدۇ). - @! R0 @4 T+ u0 } b8 y5 V' m" ?; k, y $ H$ F7 ~3 k0 Jمېنىڭ ئالدىن ئەسكەرتىپ قويۇدىغىنىم، تۈزۈلىشى ۋە مەزمۇنى جەھەتتىن قارىغاندا ئەسلىدىكى كىتاپ ۋە ئۇشبۇ يازما بىر ئاز «قۇرۇق» بولۇپ، ئوقۇرمەننى ئاسانلىقچە چوڭقۇر جەلىب قىلالماسلىغى مۇمكىن. لېكىن بۇ ئىلىمنىڭ پايدىسى ناھايىتى زور. شۇڭلاشقا مەلۇم بىر مۇھىم ئىش توغرىسىدا قارار چىقىرىشقا ھازىر دۇچ كەلگەن ياكى كەلگۈسىدە دۇچ كېلىدىغان بارلىق شەخسلەر ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ ئۇشبۇ يازمىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ ئۆزلەشتۈرىۋېلىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن تەشەببۇس قىلىمەن. $ g) y( V9 {$ C! Y C& j- H; H) |8 G' H2 D. H5 r% B 1. ئالتە قالپاق بويىچە ئويلاش ئۇسۇلى توغرىسىدا ئومۇمىي چۈشەنچە ( |, s/ R$ M7 J2 s f! G- Dغەربلىكلەرنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى توغرىسىدىكى ئاساسىي ئىدىيە بۇنىڭدىن 230 يىل ئىلگىرى گرىكلەردىن تەركىپ تاپقان بىر «ئۇچ كىشىلىك گوروھ» تەرىپىدىن لاھىيىلەنگەن بولۇپ، ئۇ بەس-مۇنازىرە تەرىقىسىدە تەپەككۇر قىلىشقا ئاساسلانغان. «سوقراتلار» دەپ ئاتالغان بۇ گوروھ دىئالېكتىكا بىلەن بەس-مۇنازىرىنى ناھايىتى يوقۇرى دەرىجىدە تەكىتلىگەن. پلاتونىڭ يازمىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇ قاتناشقان، بەس-مۇنازىرە تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىلغان دىئالوگنىڭ 80 پىرسەنتىدىن ھېچ قانداق ئىجابىي نەتىجە چىقمىغان. ئۇ چاغدىكى غەرىپلىكلەرنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى «بۇ نىمە؟» (ئىنگلىزچە «what is») دېگەن تەرىقىدە بولۇپ، بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ئانالىز قىلىش، ھوكۈم چىقىرىش ۋە بەس-مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق بەلگىلەنگەن. / n1 c6 K ?+ w- N: P8 s {& k g8 f# Y1 b2 m ئەمما، تەپەككۇر قىلىشنىڭ پۈتۈنلەي باشقا بىر تەرىپىمۇ بار بولۇپ، ئۇ «بۇ نىمە بولالىشى مۇمكىن؟» (ئىنگلىزچە «what can be») دېگەن تەرىقىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ھەمدە ئۇ ئىجابىي ئويلاش، يېڭىلىق يارىتىش تەرىقىسىدە ئويلاش ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئالغا ئىلگىرلەش يولىنى لاھىيىلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 8 r1 q9 {4 H/ E+ J) r( b & ~% A, w$ |; S3 W* J# c0 jبۇرۇن ياشىغان بىر ئادەم ماشىنىسىنىڭ يېرىمىنى ئاق، يېرىمىنى قارا سىرلىۋاپتۇ. ئۇنىڭ دوستلىرى ئۇنىڭدىن نىمە ئۈچۈن ئاشۇنداق غەلىتە ئىشنى قىلغانلىغىنى سورىسا، ئۇ «بۇ مەن ئۈچۈن بىر ناھايىتى ياخشى كۆڭۈل ئېچىش بولىدۇ: ھەر قېتىم مەن بىر ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچراپ سوتقا بارسام، ئىسپاتلىغۇچىلارنىڭ بىر-بىرىگە قارىمۇ-قارشى سۆزلىگىنىنى ئاڭلايمەن» دېگەن. بۇ بەس-مۇنازىرىدە داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان بىر ئەھۋال بولۇپ، بەس-مۇنازىرىدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دىگىنى توغرا، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆزدە تۇتقىنى مەلۇم بىر ئەھۋالنىڭ ئۆز-ئارە ئوخشاشمايدىغان باشقا-باشقا تەرەپلىرى بولىدۇ.% c) X5 n; d& P+ L2 [. \
% d0 A5 D3 w1 O8 k8 Kئۇنداقتا «پاراللېل ئويلاش ئۇسۇلى» دېگەن نىمە؟ ئۇشبۇ يازمىدا «پاراللەل ئويلاش ئۇسۇلى»، «ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى» ۋە «ئالتە قالپاق بويىچە ئويلاش ئۇسۇلى» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر نەرسىنى، يەنى دە بونو ئوتتۇرىغا قويغان پاراللېل ئويلاش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. ئويلاش ياكى تەپەككۇر قىلىش ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي بايلىقلىرىنىڭ بىرى، ۋە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىدارى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئويلاشتىكى ئاساسىي قىيىنچىلىق قالايمىقانچىلىقتۇر. ئويلاش جەريانىدا بىز نۇرغۇن ئىشلارنى تەڭلا قىلىشقا ئۇرۇنىمىز. بىر ئىش ئۈستىدە ئويلانماقچى بولغىنىمىزدا ھېسسىيات، ئۇچۇر، لوگىكا، ئۈمىد ۋە يېڭىلىق يارىتىشچانلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مېڭىمىزگە تەڭلا كىرىۋالىدۇ. بۇ خۇددى بىر مۇنچە توپنى ئاسمانغا تەڭلا ئېتىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتىۋالماقچى بولغانلىق بىلەن باراۋەر. سىز داۋازچىلارنىڭ ئۈچ، بەش ياكى يەتتە دانە توپ ياكى باشقا بىر نەرسىنى ئاسمانغا بىردىن-بىردىن تەرتىپ بويىچە ئېتىپ، ئۇلارنى يەنە تەرتىپ بويىچە تۇتىۋالىدىغان ئويۇنلىرىنى كۆرگەن بولىشىڭىز مۇمكىن. «ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى» دېگەن كىتاپتا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى بىر ئاددىي ئۇقۇم بولۇپ، ئاشۇ ئۇقۇم بويىچە ئىش كۆرگەندە، بىر تەپەككۇر قىلغۇچى بىر ۋاقىتتا پەقەت بىرلا ئىشنى قىلىدۇ. مانا بۇ «ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى» ئۇقۈمىدىن ئىبارەتتۇر. مۇشۇ قالپاقنىڭ مەلۇم بىرسىنى كىيىش مەلۇم بىر خىلدىكى ئويلاشنى بەلگۈلەيدۇ. دە بونونىڭ كىتاۋىدا ئاشۇ ئالتە ئالتە قالپاقنىڭ ھەر بىرسىنىڭ ماھىيىتى ۋە قوشىدىغان تۆھپىسى تەسۋىرلەنگەن. % q q+ s: i+ _% N) g6 s 2 n0 ]+ R/ w+ |* Tپاراللېل ئويلاشنىڭ تۈپ ماھىيىتى شۇكى، مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە بولغاندا، ھەر قانداق بىر ۋاقىتتا يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر يۆنىلىشكە قارايدىغان بولۇپ، ئويلاشنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىدىغان بەلگە ئۈچۈن باشقا كىيىدىغان «قالپاق» ئىشلىتىلگەن. تەپەككۇر قىلغۇچىلار قاراپ چىقىدىغان يۆلىنىشنىڭ كۆپ خىلى بولىدۇ. مانا شۇ ئوخشىمىغان يۆنىلىشلەر ئۈچۈن ئوخشىمىغان رەڭدىكى قالپاق ئىشلىتىلىدۇ. يەنى بۇ يەردىكى «قالپاق» بىر سىمۋولدىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئوخشىمىغان رەڭدىكى قالپاق ئوخشىمىغان رولغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بەزى يىغىنلاردا كىشىلەر مەخسۇس ئويلاش ئۈچۈن تەييارلانغان قالپاقلارنى كىيىۋالىدىغان بولسىمۇ، كۆپۈنچە ئەھۋالدا بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «قالپاق» بىر خىيالىي نەرسىدىنلا ئىبارەت بولىدۇ. & `8 M0 x: m/ R. u3 q / M/ {/ a+ y5 D! {, e: qئويلاشنىڭ ئوخشىمىغان يۆنىلىشلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان قالپاقتىن جەمى ئالتە رەڭلىگى بار: ئاق، قىزىل، قارا، سېرىق، يېشىل ۋە كۆك. بۇ ئالتە قالپاق تۆۋەندىكىدەك ئويلاش يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ:0 r& N$ |. m) H4 b0 G* h+ c( e ئاق قالپاق: ئاق رەڭ نېيترال ۋە ئوبيېكتىپ كېلىدىغان بولۇپ، ئاق قالپاق ئوبيېكتىپ پاكىتلار ۋە سان-سىپىرلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 2 D1 W" K% T; y8 W vقىزىل قالپاق: قىزىل رەڭ ئاچچىقلىنىشقا، غەزەپكە، ۋە ھېسسىياتقا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، قىزىل قالپاق مەلۇم بىر ئىش توغرىسىدىكى ھېسسىياتنى ياكى ھىسسىي كۆز-قاراشنى ئىپادىلەيدۇ. 5 W7 @/ P. y) [: m9 S- H, ]/ b) |* @قارا قالپاق: قارا رەڭ قايغۇلۇققا ۋە كەسكىنلىككە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، قارا قالپاق ئېھتىياتچانلىقنى ۋە ئەستايىدىل بولۇشنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ مەلۇم بىر ئىدىيەدىكى ئاجىزلىقلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ' G% s/ `& {! m- c: R. Pسېرىق قالپاق: سېرىق رەڭ يورۇق ۋە ئىجابىي كېلىدىغان بولۇپ، سېرىق قالپاق ئۈمىدۋارلىققا، ئۈمىدلىك ۋە ئىجابىي ئويلاشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.7 w+ z- Y8 K3 T يېشىل قالپاق: يېشىل رەڭ ئوت-چوپلەرنى، ئوسۇملۇكلەرنى، كۆپلۇكنى ۋە ھۇسۇللۇق ئۆسۈشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، يېشىل قالپاق يېڭىلىق يارىتىش ۋە يېڭى ئىدىيەلەرگە ۋەكىللىق قىلىدۇ. ) d+ Z5 P* @6 O4 o% S8 k+ I8 a1 H" vكۆك قالپاق: كۆك رەڭ سالقىنلىقنى ھەمدە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئاسماننىڭ رەڭگىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، كۆك قالپاق كونترول قىلىش، ئويلاش جەريانىنى تەشكىللەش، ھەمدە باشقا قالپاقلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.$ u9 r0 o9 }9 `! [, F! ? يەنى، «ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى» دىگىنىمىز قارار قىلماقچى بولغان بىر مەسىلىگە قاراپ چىقىشنىڭ ئالتە ئوخشىمىغان تەرەپلىرىدىن ئىبارەتتۇر. ئاق قالپاق بويىچە ئويلىغان ۋاقىتتا، كىشىلەر پاكىتلارنى تىزىپ چىقىدۇ. قىزىل قالپاق بويىچە ئويلاش ۋاقتىدا كىشىلەر مەلۇم بىر ئىشقا نىسبەتەن قانداق ھېسسىياتقا كەلگەنلىگىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. قارا قالپاق باسقۇچىدا كىشىلەر بىر قارارنىڭ سەلبى تەسىرلىرى ئۈستىدە توختىلىدۇ. سېرىق قالپاق باسقۇچىدا كىشىلەر بىر قارارنىڭ ئىجابىي تەسىرلىرىنى تېپىپ چىقىدۇ. يېشىل قالپاق باسقۇچىدا كىشىلەر قىلماقچى بولغان ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتا پايدىلىنىشقا بولىدىغان باشقا يوللىرى ئۈستىدە توختىلىدۇ. كۆك قالپاق باسقۇچىدا بولسا گۇرۇپپا باشلىغى كىشىلەرگە شۇ ۋاقىتتا قايسى خىلدىكى ئويلۇنۇشنى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىغىنى كۆرسۇتۇپ بېرىدۇ. قىسقىسى، مۇشۇنداق ئوخشىمىغان ۋاقىتتا بىر ئىشنىڭ ئوخشىمىغان تەرىپى توغرىسىدا ئويلۇنۇش ياكى تەپەككۇر يۈگۈزۈش، ھەر بىر ئادەمنىڭ بارلىق تەجرىبىلىرىنى ۋە ئەقلىنى ئويلاشنىڭ ھەممە يۆنىلىشلىرى ئۈچۈن ئىشقا سېلىش ئارقىلىق، ئۆز-ئارا ئالاقىلىشىش، ئويلاش ۋە قارار چىقىرىش جەريانىنىڭ ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە يوقۇرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. |