ئاق ئۈجمىنىڭ شىپالىق رولى 9 F9 t6 a2 S! n# _1 Y. E4 q / o' k3 U2 x" P5 m; u- k$ r+ Tئاق ئۈجمە پىشقاندا كۈنىگە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا 40 گىرامدىن 80 گىرامغىچە پاكىز يۇيۇپ يەپ بەرسە ، ئىچكى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەيدۇ ، بەدەننى ، بۆرەكنى جىگەرنى كۈچلەندۈرىدۇ ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ ، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ ، نېرۋىنى ياخشىلايدۇ ، قان كۆپەيتىپ ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ، قۇلاق غۇڭۇلداشقا ، قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ . . n3 d4 q7 Q" G7 c( N, U ئاق ئۈجمە يوپۇرمىقىنى كۈنىگە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا 15 گىرامدىن پاكىز يۇيۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ، قىزىتمىنى قايتۇرىدۇ ، يەلنى ھەيدەپ ، قاننى سۇيۇلدۇرىدۇ ، ئىسسىقتىن بولغان زۇكام ، يۆتەل ، باش ئاغرىقلىرى ، كۆزدىكى قىزىللىققا مەنپەئەت قىلىدۇ . توسالغۇلارنى ئېچىپ ، قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ . : P A8 D, s9 w. O1 p ئاق ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستىنى كۈنىگە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئېلىپ پاكىز تازىلاپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ، ئۆپكىنى ياشارتىدۇ ، يۆتەلنى توختىتىدۇ . دەم سىقىلىشنى ياخشىلايدۇ ، ئۆپكىنىڭ ئىسسىقتىن بولغان ئاغرىقلىرى ، قان تۆكۈتۈرۈش ، سۇلۇق ئىششىق ، قورساق كۆپۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ .(ئىزاھات : سوغۇقتىن بولغان يۆتەللەرگە بېرىلمەيدۇ) / q; d: Y- j3 X* h ئاق ئۈجمىنىڭ نوتا شېخىنى پاكىز تازىلاپ يالپاغداپ كېسىپ قاينىتىپ كۈنىگە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئىچىپ بەرسە ، رېماتىزىملىق بوغۇم ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ ، سوغۇق يەلنى ھەيدەپ ، پۇت–قول ئۇيۇشۇشنى ياخشىلايدۇ ، قاننى تازىلايدۇ . % H/ R2 K" Y( Y- x( [) z
|