ئۆگىنىشتە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى قانداق يېتەكلەش كېرەك؟ 6 Q/ p8 X2 c, ^; p9 V( ? , @5 A2 ^4 p2 R" E& v$ ?ئوقۇتقۇچى ئۆگىنىشتە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشى، ئۇلارغا كۆيۈنۈشى ۋە ئۇلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىشى كېرەك: " Z$ o# V: d# g$ W3 h; n 1 . ئۆگىنىشتە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىززەتلەپ، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىنى چۈشىنىشى كېرەك. ئۆگىنىشتە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس غۇرۇرى بولىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ يېقىملىق، ئىشەنچ بىلەن قىلغان سۆزى بەزىدە ئۇلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ، ھەتتا شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىستىقبالىنى بەلگىلىشى مۇمكىن. ئوقۇتقۇچى بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا ئەستايىدىل ۋە سەمىمىيلىك بىلەن كۆڭۈل بۆلسە، بۇ ئوقۇغۇچىلار ھېسداشلىقنى ھېس قىلىپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن تەسىرلىنىپ، ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تۈزىتىشنى ئويلايدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئۇلارغا كۆپرەك كۆيۈنۈشى، سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىشى، ھەرگىز قوپاللىق قىلماسلىقى، ئۇلارنى ھاقارەتلىمەسلىكى كېرەك.; r- M6 G& H+ n/ [ 2 . ئۆگىنىشتە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئۆگىنىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي پائالىيىتى بولۇپ، ئۇلار زېھنى، قۇۋۋىتىنى ئۆگىنىشكە قاراتقاندىلا، ئاندىن ئالغا باسالايدۇ. ئۆگىنىشتە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارغا مەقسەتلىك ھالدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى ئالدىن بىر قىسىم ئاددىي سوئاللارنى تەييارلاپ، مەقسەتلىك سوراپ، توغرا جاۋابقا ئېرىشكەندە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ماختىشى، جاۋاب بېرەلمىسە يەنىمۇ ئويلىنىپ پىكىر قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە ۋە ئۆگىنىشكە بولغان ئىشەنچىسى كۈچىيىپ، ئۇلاردا دەرسنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدىغان، سورالغان سوئاللارغا دادىل جاۋاب بېرەلەيدىغان جۈرئەت شەكىللىنىدۇ. 1 Z2 N; I/ e1 @. `) D 3 . ئۆگىنىشتە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە بېرىشنىڭ پەيتىنى، سورۇنىنى توغرا تاللىشى كېرەك. تەربىيە بېرىش سورۇنىنى تاللاش – تاللىماسلىق شۇ قېتىمقى تەربىيەنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇش – بولماسلىقى، ئوقۇغۇچىنىڭ قوبۇل قىلىش – قىلماسلىقى، تەربىيە بەرگۈچى ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزىنىڭ ئوقۇغۇچى ئىدىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىش – كۆرسەتمەسلىكىگە باغلىق. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىغا تەربىيە بەرگەندە مىجەز – خاراكتېرى، ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئاساس قىلىش كېرەك. : E$ y4 d4 K8 Q 4 . ئۆگىنىشتە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ يېتەكلىشى كېرەك. ھەرقايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىجەز – خاراكتېرىگە ماس كېلىدىغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۇلاردىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارنى قېزىشقا ماھىر بولۇشى، ئۇلارنى ياخشى مۇھىت ۋە ياخشى شارائىت بىلەن تەمىن ئېتىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئەركىن – ئازادە ھېس قىلىپ، بىلىم ئىگىلەش ئىرادىسىنى كۈچەيتىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى بۇ ئوقۇغۇچىلاردا ئازراقلا ئىلگىرىلەشنى سەزگەن ھامان ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك. . @( n- ]7 g) U 5 . ئاتا – ئانىلار بالىلارغا تەلىم – تەربىيەنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئائىلە تەربىيەسى پۈتكۈل تەربىيە سىستېمىسى ئىچىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەركىب بولۇپ، ئۇ بالىلارنى تەربىيەلەشتە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئائىلە تەربىيەسى تەربىيەنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە ئاساسىي تەربىيەنىڭ بۆشۈكى، ياخشى ئائىلە تەربىيەسى مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ داۋامى ۋە زۆرۈر تولۇقلىمىسى، ئاتا – ئانا بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ. ھەر بىر ئاتا – ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ ياراملىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇڭا، ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئۆگىنىش ئەھۋالىنى داۋاملىق ئىگىلەپ تۇرۇش بىلەن بىللە، مەكتەپ ئاچقان ئاتا – ئانىلار يىغىنغا تولۇق، ۋاقتىدا قاتنىشىشى، مۇۋاپىق پۇرسەت بولسىلا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ تۇرۇشى كېرەك. |