بۇلاپ قاچقىلى بولمايدىغان گۆھەر % \5 Z5 n5 l- ^; ^ W9 I: ^3 Q% w+ F- O* K% g8 I2 N4 Q يەھۇدى بالىلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك ئائلىسىدە مۇنداق بىر تېپىشماق خاراكتېرىدىكى سۇئالغا جاۋاپ بېرىش كېرەك ئىكەن :«ئەگەر بىر كۈنى سېنىڭ ئۆيۈڭ كۆيدۈرلۈپ ،مال –مۈلۈكۈڭ بۇلاڭ –تالاڭ قىلىنسا ،سەن نېمىنى ئېلىپ قاچىسەن ؟ »ئەگەر بالا پۇل ياكى ئالماس دەپ جاۋاپ بەرسە ،ئانىسى يەنىمۇ بىر قەدەم ئېلگىرلىگەن ھالدا :«شەكلى ،رەڭگى پۇرقىمۇ بولمىغان مۇنداق بىر گۆھەر بار .سەن ئۇنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن ؟»دەپ سورايدىكەن .بالا يەنە توغراجاۋاپ بىرەلمىسە ،ئانا:«بالام ،سېنىڭ ئۆزۈڭ بىلەن ئېلىپ ماڭىدىغىنىڭ پۇل ياكى ئالماس ئەمەس،بەلكى ئەقىل –پاراسەت .چۈنكى ،ئەقىل –پاراسەتنى ھەر قانداق ئادەم بولاپ كېتەلمەيدۇ .سەن ھاياتلا بولىدىكەنسەن ،ھەر قەدەمدە ئەقىل –پاراسەتكە مۇھتاق بولىسەن »دەپ چۈشەندۈرىدىكەن . 7 W9 Q3 ^* J6 t. I# _, o% L" B$ j$ m! K8 D تارىختا يەھۇدىلار كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان ،مال-مۇلىكى بۇلاڭ- تالاڭ قىلىنغان ،ئۆيلىرى كۆيدۈرلۈپ ،يۇرت –ماكاندىن قوغلاپ چىقىرلىپ ،قىرغىن قىلىنغان ،ئەمما يەھۇدىلار بۇ جەرياندا بىلىمگە ئېنتىلىپ ،ئەقىل –پاراسەتنى ئاشۇرۇشنى ئۆزنى قوغداشنىڭ بىر خىل قۇرالى قىلىۋالغان .يەھۇدىلار ئۆز بىلىمى بىلەن تىرىكچىلىك قىلىشتەك ئالاھىدىلىكنى ئەۋلادمۇ –ئەۋلاد مىراس قىلىپ قالدۇرىدۇ . |