ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان كەسپىي كېسەللىكلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - b8 q; c6 N" _1 D, }. ^' x ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھازىرقى سالامەتلىك ئەھۋالى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئوقۇتقۇچىلاردا كەسپىي كېسەللىكلەر يەنىمۇ كۆپىيىپ، نېرۋا ئاجىزلىقى، دوۋساق ياللۇغى، خەت يازغاندا بارماق تارتىشىۋېلىش، زىيادە سەزگۈرلۈك، بۇرۇن ياللۇغىغا ئوخشاش كېسەللىكلەرمۇ كۆرۈلۈۋاتىدۇ. % t* V) B, a9 U; Eئۆتكۈر ياكى سۆرەلمە يۇتقۇنچاق ياللۇغى ئوقۇتقۇچىلاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كەسپىي كېسەل بولۇپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ لېكسىيە سۆزلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالدىنى ئېلىشتا، كېكىردەكنى ئىلمىي ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىپ، دەرس ئۆتكەندە دەرسنى ئەڭ ياخشىسى ئادەتتىكىدەك ئاۋازدا سۆزلەش، ئۇنداق قىلسا بولمىغاندا مىكروفونغا ئوخشاش ياردەمچى سايمانلاردىن پايدىلىنىش كېرەك؛ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە توزۇماس بور ئىشلىتىش لازىم؛ دەرسكە كىرگەندە بىر ئىستاكان چاي ئالغاچ كىرىپ، پات-پات ئوتلاپ تۇرۇش لازىم؛ ۋارقىراپ سۆزلەش ۋاقتى ئۇزاق بولۇشتىن، تاماكا چېكىش، لازا ياكى غىدىقلاش خاراكتېرىگە ئىگە يېمەكلىك، ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم؛ يۇتقۇنچىقى قۇرۇش، ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە خۇاسۇپيەن تابلېتكىسى (华素片)، دېڭىز مارجان ئېلېمېنتى تەركىبلىك تابلېتكا (草栅瑚含片) غا ئوخشاش دورىلارنى ئىستېمال قىلىپ، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىش ۋە تۈگىتىش، شۇنىڭدەك ھەممىباب كاپسۇل (万应胶囊) ، يۇتقۇنچاق ئاسراش كۇمىلىچى (清咽利喉颗粒) غا ئوخشاش جۇڭيى دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىپ بېرىش ياكى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىتىش لازىم. 3 J6 G4 C- u3 O3 E- a( rئوقۇتقۇچىلار كۆكرىكىنى داۋاملىق ئۈستەلگە قويۇپ ئىشلەيدىغان بولغاچقا، بويۇن ئومۇرتقىسىدا چېكىنىشلىك كېسەل ئۆزگىرىشى كۆرۈلۈپ، يۇلۇن، نېرۋا تۈۋى ياكى قان تومۇرىنى غىدىقلاش ياكى بېسىشتىن كېلىپ چىقىدىغان كلىنىكىلىق ئالامەتلەرمۇ بويۇن ئومۇرتقىسىنى ئالدىغان ئېگىپ، بويۇن ئومۇرتقىسى كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق چاغدا ئوقۇتقۇچىدا باش قېيىش، باش ئاغرىش، مۈرىلىرى ئۇيۇشۇشقا ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇمۇ ئوقۇتقۇچىلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان كەسپىي كېسەل. ئالدىنى ئېلىشتا، خىزمەت بېسىمىنى تۈرلۈك يوللار بىلەن يېنىكلىتىش لازىم؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۇرۇش ھالىتىنىڭ توغرا بولۇشىغا دىققەت قىلىش، بويىغا ماس ئۈستەل-ئورۇنداق ئىشلىتىش ئارقىلىق بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ئېگىلىشىنى يېنىكلىتىش لازىم؛ ئۇخلىغاندا ياستۇق بەك ئېگىزمۇ، بەك پەسمۇ بولماي، بەدەن تۈز تۇرىدىغان بولۇش (ياستۇقنىڭ ئېگىزلىكى 8 - 10 سانتىمېتىر بولۇش)، ياتقان يەر يۇمشاق بولۇش لازىم؛ ئۇزاق ۋاقىت ئېڭىشىپ ئىشلەشتىن ساقلىنىش، ئۈستەلگە مەيدىسىنى قويۇپ ئىشلەيدىغانلار ئەڭ ياخشىسى ئىككى سائەتتە بىر قېتىم تالاغا چىقىپ 15 مىنۇت ھەرىكەت قىلىشى ياكى بويۇن ساقلىقىنى ساقلاش گىمناستىكىسى ئوينىشى، لېكىن جىددىي ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىشى لازىم؛ بويۇننى ئىسسىق تۇتۇش، شامالدۇرغۇچ، ھاۋا تەڭشىگۈچكە ئۇدۇل تۇرماسلىق لازىم؛ قاتناش ۋاسىتىلىرىگە چۈشكەندە ۋە ھەرىكەت قىلغاندا بويۇننى ئاسراشقا دىققەت قىلىپ، ئىتتىك بۇرۇلۇش، ئۆزىنى جىددىي تورمۇزلاش ياكى بويۇننى تۇيۇقسىز تولغاشتىن ساقلىنىش لازىم.+ i/ S5 f' | d بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى تومپىيىپ قېلىش، ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىش ۋە سۆڭەك ئۆسۈش، يۇلۇن كانىلى تارىيىشقا ئوخشاش بەل ئومۇرتقىسى كېسەللىكلەرنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدا كۆرۈلۈش نىسبىتى خېلى يۇقىرى. ئالدىنى ئېلىشتا، ئۇزاق ئۆرە تۇرۇشتىن مۇمكىنقەدەر ساقلىنىش، تۇرۇش ھالىتىنى مۇۋاپىق ئۆزگەرتىپ تۇرۇش، دەرس ئۆتۈش ۋاقتى سوزۇلۇپ كېتىدىغان بولسا ئولتۇرۇپ ئۆتۈش؛ مۇۋاپىق ۋاقىتتا يېتىپ دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىش؛ مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، قىسمەن ئەزالاردا قاننىڭ ئايلىنىشىنى تېزلىتىش؛ كېسەل ئالامەتلىرى ئېغىرلار دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىتىش لازىم.1 [* E2 s9 ?$ q9 }8 v9 H ئوقۇتقۇچىلار داۋاملىق ئوڭ قولى بىلەن دوسكىغا خەت يازىدۇ، شۇڭا ئو تاغاق بوغۇم مۇسكۇلى تارتىشىپ، قىسمەن مۇسكۇلغا قان، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ياكى مۇسكۇل پەيلىرى، كۆمۈرچەكلەر زەخىملىنىپ، تاغاق ياللۇغلىنىپ قېلىشقا ئوخشاش بوغۇم كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ. ئالدىنى ئېلىشتا، خىزمەت قىلغاندا پات-پات دەم ئېلىپ تۇرۇش، ئىش بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، بىر خىل ئىشنى قىلىش ۋاقتى يېرىم سائەتتىن ئارتۇق بولماسلىق لازىم؛ بۇنىڭدىن باشقا، يەنە قىسمەن ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ تۇرۇش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش ياكى ئۇۋۇلاپ بېرىش لازىم؛ كېسەل ئالامەتلىرى ئېغىر بولسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش لازىم., j+ C+ K& L% f, y x( \ ۋېنا ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشىمۇ ئوقۇتقۇچىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئالدىنى ئېلىشتا، بوغۇملار سوزۇلىدىغان ھەرىكەتلەرنى كۆپ قىلىپ بېرىش، ئارىلاپ پۇتنى ئېگىز كۆتۈرۈپ بېرىش ئارقىلىق پۇتتا قاننىڭ ئايلىنىشىنى تېزلىتىش، ۋېناغا چۈشىدىغان بېسىمنى ئازايتىش لازىم؛ ئاياللار ئېلاستىكلىق پايپاق كىيىشى؛ كېسەل ئالامەتلىرى ئېغىر بولسا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىتىشى لازىم.( t) e4 j4 n4 w# r# n يۇقىرى قان بېسىمىغا ئوخشاش يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىمۇ ئوقۇتقۇچىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. تەتقىقاتتىن مەلۇمكى، ئۇزاق مۇددەت جىددىي ئىشلىگەندە، بەدەندىكى ۋېگېتاتىۋ نېرۋىلار قولىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ، يۇقىرى قان بېسىمى كۆرۈلۈشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بېرى. ئۇ يەنە كەيپىياتنىڭ تۇراقلىق بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مېڭە قان تومۇرى ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئوتتۇرا ياش ئوقۇتقۇچىلاردىمۇ ئارتېرىيە قېتىش، ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈۋاتىدۇ. ئالاقىدار ستاتىستىكىغا قارىغاندا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەخمىنەن 30 پىرسەنتىدە ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى بار ئىكەن ھەم ئاشقازان يارىسىغا ئوخشاش ئاشقازان كېسەللىكلىرى كۆپ ئىكەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە خېلى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار جىگەر، ئۆت، بوۋاسىر قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ھەر خىل دەرىجىدە گىرىپتار بولغان، شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئادەتتىكى چاغلاردا ئىش بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە كۆپرەك دىققەت قىلىشى، تۇزسىزراق يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشى، قان بېسىمدىكى ئۆزگىرىشنى قەرەللىك ئۆلچىتىپ ۋە بەدىنىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى لازىم. P9 @7 H4 w/ j; T ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھازىرقى سالامەتلىك ئەھۋالى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئوقۇتقۇچىلاردا كەسپىي كېسەللىكلەر يەنىمۇ كۆپىيىپ، نېرۋا ئاجىزلىقى، دوۋساق ياللۇغى، خەت يازغاندا بارماق تارتىشىۋېلىش، زىيادە سەزگۈرلۈك، بۇرۇن ياللۇغىغا ئوخشاش كېسەللىكلەرمۇ كۆرۈلۈۋاتىدۇ، ئۇلار ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھاياتىغا ۋە سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت بولماقتا. شۇڭا، مائارىپ تارماقلىرى ۋ مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت مۇھىتىنى ياخشىلىشى، ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈمى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى پات-پات تەكشۈرۈپ تۇرۇشى، ئەڭ ياخشىسى يىلدا بىر-ئىككى قېتىم تەكشۈرتۈشى، كېسەللىك بىخى بايقالغان ھامان ئالدىنى ئېلىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ، كېسەلنى داۋالىتىش پەيتىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىكى لازىم. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزىدىن ئالغاندا، خىزمەت مىقدارىنى مۇۋاپىق تىزگىنلەپ، كۆڭۈل ئازادىلىكىنى ساقلىشى، قۇۋۋەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى تەڭشەپ ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىپ، نەپەس يولى ۋە يۇتقۇنچاق شىلىمشىق پەردىسىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى، تەركىبىدە ۋىتامىن A، C ، E مول يېمەكلىكلەرنى، كۆكتات، ھايۋان ئاقسىلى، پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى لازىم. بۇنىڭدىن باشقا، داۋاملىق تەنھەرىكەت قىلىپ چېنىقىپ، قاننىڭ ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، روھىي جىددىيلىكنى پەسەيتىپ، مېڭە ھارغىنلىقىنى چىقىرىپ، تېنىنىڭ ساغلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. 0 Q& q) ?) F8 y 7 \6 Q+ d- `( f' @3 d(«جۇڭگو ئوقۇتقۇچىلىرى» ژۇرنىلىدىن |