ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىك ئادەتلىرىگە نەزەر 1 ?. f. `# C1 ]8 I+ d1 P. ^$ t( v \- @ ئەجدادلىرىمىز مەنىۋى گۈزەللىككە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، تاشقى گۈزەللىككىمۇ ئېتىبار بىلەن قاراشقا ئادەتلەنگەن. ئۇيغۇر ئاياللىرى كىيىم – كېچەك، زىبۇ زىننەت، ياسىنىش – تارىنىش، گىرىم قىلىش جەھەتلەردە باشقا مىللەت ئاياللىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئېسىل ئادەتلەرنى يېتىلدۈرگەن. تۆۋەندە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى تاشقى گۈزەللىك ئادەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز. 9 d# ~2 k0 t2 w9 E6 j0 j& v9 f$ D: n v( z. _ كىيىنىش ئادىتى. ئۇيغۇر ئاياللىرى تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا بىر قاتار كىيىنىش خاسلىقلىرىنى ياراتقان، كىيىم – كېچەكلەر چوڭ جەھەتتىن تاش كىيىم ۋە ئىچ كىيىم، دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. پائالىيەت ئېھتىياجى نۇقتىسىدىن ئۆيلۈك كىيىم، تالالىق كىيىم، كەسپىي كىيىم، مۇراسىم كىيىمى، ئىش – ئەمگەك كىيىمى، قارىلىق كىيىم دېگەندەك تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. دوپپا، ياغلىق ئاياللارنىڭ ئاساسلىق باش كىيىمى ھېسابلانسا، كۆڭلەك، چاچمىلىق چاپان قاتارلىقلار ئاياللارنىڭ ئاياللىق نازاكىتىنى، ئانىلىق سالاپىتىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان كىيىم – كېچەك ھېسابلىنىدۇ. ئاياللار، ئادەتتە، ياش قۇرامى، بەدەن شەكلىگە قاراپ ئۆزىگە ياراشتۇرۇپ كىيىنىشكە ئادەتلەنگەن. نارەسىدە قىزلار، بويىغا يەتكەن قىزلار، يېڭى ئانا بولغانلار، چوڭ ياشلىق ئاياللار ۋە مومايلارنىڭ كىيىم – كېچەكلىرى بىر – بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. ھازىر زامان تەرەققىي قىلىپ ئاياللارنىڭ تاشقى گۈزەللىك قارىشىدا نۇرغۇن ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، ئەمما كىيىم – كېچەكنى ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ كىيىش ئادىتى ھېلىھەم داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. + _" B( N) f) q/ M: w0 `. `' _5 c% n' \2 v* N# z7 Z ئوسما قويۇش ئادىتى. ئوسما قويۇش ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆزگىچە گۈزەللىك ئەنئەنىلىرىنىڭ بىرى. قېشى شالاڭ ئاياللار ئوسما قويۇش ئارقىلىق بۇ جەھەتتىكى ئېۋەننى ياپىدۇ. ئوسما نۆۋىتىدە قاشنى ئۆستۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئوسما تېرىيدۇ ۋە ئەتىياز كۈنلىرى بىر نەچچىسى بىر يەرگە يىغىلىپ بىر – بىرىگە ئوسما قويۇشىدۇ. ئوسما ياراشتۇرۇپ قويۇلسا، ئاياللارنىڭ چىراي گۈزەللىكىگە ئۆزگىچە سۆلەت بېغىشلايدۇ. ئوسما ھەققىدە مۇنداق قوشاقلارمۇ بار:( C: V* }- i! X* I! k, J! u
' n+ O1 z `5 ]( U5 c9 Y قېشىڭ ئەسلى قارادۇر، 7 O0 S7 C/ P9 Y! c- P & L3 C" Y0 s6 ~; c ئوسما قويغىنىڭ يالغان.0 t- k$ @* H: S% U8 ^
. W* v5 [9 s( J1 n2 f0 \9 B: @ مەن كۆيسەم ساڭا كۆيدۈم، ) \. j1 t- {3 {6 v, ?' g) I7 v! v8 E& D4 i5 ] سېنىڭ كۆيگىنىڭ يالغان. " i: |7 N: ?1 D" C9 G r ; J5 n3 r7 A$ U1 z! ^- R: E) J ئوسما ھازىر چاچ ئۆستۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئوسمىنىڭ چاچ ئۆستۈرۈش رولى بار، دەپ قارىلىدۇ. بەزى شىركەتلەر ھازىر ئوسمىدىن قىممەت باھالىق گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، زور ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىۋاتىدۇ." N) V' j r7 V2 b 6 p9 q, {( G8 X يېلىم چېپىش ئادىتى. جىگدە يېلىمى تەبىئىي پەرداز بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ. يېلىم چاچنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىپ، ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ، چاچنى قارايتىدۇ. يېلىم چېپىش ئادىتى، ئاساسەن، ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىغىلا خاس چاچ ئاسراش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش بۇيۇمىدۇر. يېزا – قىشلاقلاردىكى قىسمەن ئاياللار ھېلىھەم جىگدە يېلىمى چېپىش ئادىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ناۋادا، جىگدە يېلىمى ئوراپ قاچىلىنىپ، تەبىئىي ھالىتى بىلەن بازارغا سېلىنسا، جەزمەن بازارلىق مەھسۇلات بولۇپ قالىدۇ. ( X x) I5 p; N5 r* M5 ] w7 | چاچ قويۇش ئادىتى. ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرى ئىلگىرى ئۇزۇن چاچ قوياتتى، ھازىر ئۇزۇن چاچلىقلار ئاندا – ساندا ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى. بۇرۇن ئاياللاردا ئۇزۇن چاچ قويۇش، ‹‹چاچ كەسمەسلىك››، ياش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ چاچ قويۇش ۋە بېزەش ئاممىۋى ئادەت ئىدى. بۇ ئادەت بەزى رايونلاردا ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ. خانىم – قىزلىرىمىز چاچ تارىغاندا، چۈشكەن چاچنى ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تاشلىمايدۇ، بەلكى مەخسۇس ‹‹چاچ خالتىسى›› دا ساقلايدۇ ياكى دەرەخ، تال تۈۋىلىرىگە كۆمۈپ قويىدۇ. چۈشۈپ كەتكەن چاچقا باشقىلارنىڭ چېچى ياكى قاتتىق – يىرىك نەرسىلەر ئارىلىشىپ قالسا، چاچنىڭ كۆپلەپ چۈشۈپ كېتىشىگە، باشنىڭ سانجىلىپ ئاغرىشىغا سەۋەب بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. / ~, r& B3 n- a' p: G C 3 h# z8 T9 L% s) z4 q. d* s سۈرمە سۈرۈش ئادىتى. ئۇيغۇر ئاياللىرى كۆز ئەتراپى گۈزەللىكىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن سۈرمە سۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. سۈرمە ئۇيغۇر تېبابىتىدە سەككىزنى ئاسراش رولىغا ئىگە بىر خىل مەدەن، دەپمۇ قارىلىدۇ. سۈرمە قارامتۇل، يۇمشاق بولۇپ ئۇنى كىرپىك ۋە قاشقا ئىشلەتكەندە، كۆزگە سېھىر – جەزىبە بەخش ئېتىدۇ.& t6 X" w8 X: a! Y * _7 a' L6 q" O& Z, p+ Y سۈرمىنى چاچقا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ، چاچقا قىسمەن ئىشلەتكەندە چاچنى ئۆستۈرۈش، چاچنى قارايتىش، نەملىكىنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇر ئاياللىرى سۈرمىنى مۇھىم پەرداز بۇيۇمى سۈپىتىدە ئىشلىتىپ كەلگەن. % O3 V2 ?6 ?, U / F/ |0 Q8 y" D7 z2 @ خېنە قويۇش ئادىتى. ئەجدادلىرىمىز ياشاش مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، گۈل – گىياھ تىكىش، ئۆستۈرۈشكە ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. تۇرپان ئۇيغۇرلىرىغا دائىر قەدىمكى ھۆججەتلەردە كۆرگۈ (ئەينەك)، تارغاق، ئۇپا – ئەڭلىك، خېنە قاتارلىق سۆزلەر ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خېلى بۇرۇنلا خېنە قويۇشقا ئادەتلەنگەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. " |7 _' X) S* e2 J4 ]6 m 5 L" M+ @5 n5 d! d" R3 J, b% t لەۋ سۇرۇخ سۈرۈش ئادىتى. ئۇيغۇر ئاياللىرى لەۋ سۇرۇخ ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن. بۇمۇ بىر خىل پەرداز بۇيۇمى سۈپىتىدە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. تۇرپان ئاستانىدىن قېزىۋېلىنغان ‹‹مۇزىكىلىق ئۇسسۇل›› ناملىق رەسىمدە ئۇسسۇلچىلارنىڭ لەۋلىرىگە قىزىل لەۋ سۇرۇخ سۈرۈپ قويۇلغان، تارىخىي مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، قەدىمكى كۈسەن ئاياللىرىدىمۇ لەۋ سۇرۇخ سۈرۈش ئادىتى بولغان.* Y$ p: p4 o1 o
3 G: S% c# h5 k; _ ئۇپا – ئەڭلىك سۈرۈش ئادىتى. مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› ناملىق ئەسىرىدە ‹‹ئەڭلىك خوتۇنلارنىڭ مەڭزىگە سۈرىدىغان بىر خىل ئاچ قىزىل بوياق›› دېيىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، تۇرپان ئاستانىدىن قېزىۋېلىنغان قىسمەن رەسىملەردىمۇ ئۇپا – ئەڭلىك ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. % i x4 t' y; h3 D 3 W# G% ?$ u m, K# | ھازىر قىسمەن ئاياللار تەبىئىي پەرداز قىلىش ئۇسۇللىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، قىممەت باھالىق گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىدىغان بولدى. ئەجدادلىرىمىزنىڭ پەرداز قىلىش ئەنئەنىلىرىدىن، ئەتراپىمىزدىكى مەنبەلەردىن پايدىلىنىپمۇ پۇل خەجلىمەي ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ |