پەرزەنت تەربىيىسىدىكى 10 خىل سەۋەنلىك ) h+ d! H1 f1 v9 j# ^
ئەخمەتجان مۇھەممەتئىمىن 4 O1 U; u+ U. W/ [6 ~5 ] ئاتا –ئانا بالىنىڭ تۇنجى ئۇستازى ، بالىنىڭ تەقدىرىگە ئەڭ ئاۋۋال كۆڭۈل بۆلگۈچى . ھەر قانداق ئاتا –ئانا پەرزەنتىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ يېتىلىپ ، جەمئىيەتتە بىر كىشىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ . شۇ سەۋەبتىن پەرزەنتلىرىگە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ . ئەگەر ئاتا – ئانىلارئۆز پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشۇشجەريانىدا تەربىيە ئۇسۇلىغا دىققەت قىلمىسا ، تەربىيە ئەكس تەسىر كۆرسىتىپ ، ئۇلارنىڭ بالىدىن كۈتكەن ئۈمىدى قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ .3 V( u0 }1 |4 [7 h; ^- K Y: r # g3 `7 y0 i4 T- w9 p 1.ھەددىدىن زىيادە ماختاش . N1 v8 x5 L0 k' e& }$ U بەك كۆپ ماختاش بالىنى چۈشەپ قويۇش بىلەن بىللە ، بالىغا روھىي جەھەتتىن يۈك بولۇپ قالىدۇ . ئاتا –ئانسىىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمىغاندا بالىدا ناھايىتى ئوڭايلا ئوڭۇشسىزلىق پىسخىكىسى پەيدا بولۇپ ، روھىي جەھەتتىن ئازابلىنىدۇ .ئاتا –ئانا بولغۇچى بالىنى ھەمىشە ‹‹بەك ئەقىللىق›› دەپ ماختىسا ، ئەمما ئىمتىھان نەتىجىسى بىرەر قېتىم كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالسا تاپا – تەنە قىلىپ تىللىسا ياكى ئۇرسا ، بالىدا ئۆزىنى ئەيىپلەش ، تۆۋەن كۆرۈش تۇيغۇسى كۈچىيىپ كېتىپ ، ئىشەنچسىنى يوقىتىپ قويىدۇ .8 c S& Q% W# D% u بالىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشتىكى توغرا ئۇسۇل ، كونكرېت ئىشلاردا ماختاپ تۇرۇش ، بالا بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولغاندا :‹‹مەن ساڭا ئىشىنىمەن ، سەن ئۇ ئىشنى چوقۇم قىلالايسەن››دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئىلھاملاندۇرۇش ، بالا غەلىبە قازانغاندا بولسا :‹‹ قارا ، سەن بۇ ئىشنى شۇنداق ياخشى قىلدىڭ ، قالتىسكەنسەن ›› دېيىش ، لېكىن مۇئەييەنلەشتۈرگەندە ۋە ئىلھام بەرگەندە ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ماختاشتىن ساقلىنىشتۇر .+ y& s& }% Q, T2 |8 [( ? 1 Z# {1 W4 G* @3 S% L' z 2.كۆپ سۇئال سوراش % z5 {& _* x4 d5 f" Y# C نۇرغۇن ئاتا –ئانىلار بالىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىشى ئۈچۈن ، بالا مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن توختىماي سوئال سوراپ بالىلارنى زېرىكتۈرۈۋېتىدۇ . مەسىلەن : ‹‹بۈگۈن مۇئەللىم سەندىن سوئال سورىدىمۇ ؟ ›› ،‹‹ماتېماتىكا دەرىسىدە سوئاللارغا جاۋاب بېرەلىدىڭمۇ ؟ ›› ، ‹‹كىملەر بىلەن بىللە ئوينىدىڭ ؟ ›› . . . دېگەندەك . بەك كۆپ سورالغان بۇنداق سوئاللار بەزىدە بالىنىڭ كۆڭلىگە ياقماي بالىدا بىزارلىق ۋە قارشىلىشىشنى پەيدا قىلىدۇ . چۇنكى بالىلارنىڭ كۈندۈزدە مەكتەپتە بولىدىغان ۋاقتى ئۇزۇنراق بولۇپ ، ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۆگىنىش قىلىش داۋامىدا چارچايدۇ . شۇڭا بالا ئۆيگە قايتىپ كېلىشىگىلا ئۇنىڭدىن مەكتەپتە نېمە ئۆگەنگەنلىكىنى سورىماي ، ئازراق ئارام ئېلىۋېلىشى ياكى ئوينىۋېلىشىغا يول قويۇش كېرەك . بۇنداق قىلغاندا بالىنىڭ جىسمانىي كۈچى ئەسلىگە كېلىپ ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ .( Q ^: m' q7 ] ) Z4 a0 w& w$ _$ K. { 3.كۆپ بۇيرۇق قىلىش 9 ^; V& A. H3 N8 i2 s' |, T) [ ‹‹تاپشۇرۇقۇڭنى ئىشلە ! ›› ، ‹‹تېلېۋىزورنى ئۆچۈر ! ›› ، ‹‹كىيىمىڭنى پاسكىنا قىلىۋەتمە! ›› . . . گە ئوخىتىاش بۇيرۇقلار بالىدا ئوڭايلا ‹‹ ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسقا سېلىۋالىدىغان ››قاشاڭلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، بالىنىڭ تەشەببۇسكارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ ، شۇنداقلا بالا ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى تۆۋەن مۆلچەرلەيدىغان بولۇپ قالىدۇ . ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ، ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا بولغان ئىشەنچىسى ئاجىزلاپ ، ئۆزىنى مەڭگۈ چوڭ بولالمايدىغاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ . شۇڭا ئاتا –ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆز قىزىقىشىغا ئاساسەن ئىش قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك . 5 t4 k- m4 j' b & F e2 f$ [/ O3 M# U4.زىيادە قاتتىق تەلەپ قويۇش0 w% a6 `. I9 J& O بالىلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى چەكلىك بولغاچقا ، يا ئۇنداق ، يا مۇنداق يېتەرسىزلىكلەرنى سادىر قىلىپ تۇرىدۇ . ئاتا –ئانىلار بالىغا بەك قاتتىق تەلەپ قويۇۋالسا ، بالىنىڭ ئىززەت –نەپسىگە تېگىپ قويىدۇ . بالىنى مەلۇم نەرسىنى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرغاندا ، ئۇلارنىڭ ئەسىلىدىكى سەۋىيىسى بىلەن ئۆگەنمەكچى بولغان نەرسىسىنىڭ پەرقىنى بەك چوڭ قىلىۋەتمەسلىك كېرەك . بولمىسا بالىلار ئۆگىنىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ ، شۇنداقلا ئۇلاردا زېرىكىش ياكى قارشىلىشىش كەيپىياتى شەكىللىنىپ قالىدۇ . ئائىلە تەربىيىسىدە ئاتا –ئانىلار پەرزەنتىنىڭ جىىمانىي ۋە پسىخىك جەھەتتىكى تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ھەمدە ئۆگەنمەكچى بولغان بىلىمنىڭ ئەمەلىي سەۋىيىسىنى ئەتراپلىق ئىگىلەپ ، ئاندىن شۇ ئاساستا مۇۋاپىق تەربىيە مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىنى تاللىشى ، بالا مەلۇم ئىشنى قىلالماي مەغلۇپ بولغاندا ، ئۇنى دادىللىق بلەن قايتا سىناپ بېقىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ، بالىنى مۇۋەبپەقىيەت قازىنىشتىكى ھەر خىل يوللار ۋە ئىمكانىيەتلەرنى ئويلىشىشقا تەدرىجىي ئادەتلەندۈرۈشى لازىم .6 ^" _8 O# O! J7 W+ O بىز بالىلارنىڭ خاتالىق ئۆتكۇزشىگە يول قويۇشىمىز ، ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بالىلاردا مەغلۇبىيەتكە دۇچ كەلگەندە بېلىنى قويۇۋەتمەيدىغان ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھنى يېتىلدۈرەلىشىمىز كېرەك .5 Y0 ]) P2 W* w& {! T+ O0 I3 ~ 7 i; y+ @2 F9 c( M: T0 j5 n, E 5.كۆپ ئەيىبلەش(ئۆزىنى تۇتىۋالالماي ۋارقىراش،تىللاش ۋە مەسخىرە قىلىش) 8 U# L* A' s- F ]. H6 d9 y بالىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاندا ، بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويغاندا ‹‹ئىمتىھاننى قانداق بەرگىنىڭ بۇ ؟ دۆت ، قاباقباش! ›› ،‹‹مۇشۇنچىلىك ئىشنىمۇ قىلالمامسەن كالۋا ! ›› دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئەيىبلەش بالىدا ئاسانلا ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك ، قورقۇش پسىخىكىسىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ . بالىلار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ، ئاتا – ئانىىسنىڭ تەسەللى بېرىشى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشىغا تېخىمۇ موھتاج . شۇڭا ئاتا –ئانىلار بالىنىڭ مەغلۇبىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىكى تەجرىبە –ساۋاتلىرىنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ ، ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ ، قەيەردە يىقىلغان بولسا شۇ يەردە ئورنىدىن تۇرۇشىغا مەدەت بېرىشى ، نامۇۋاپىق سۆزلەرنى ئىشلىتىپ ئەيىبلەشتىن ساقلىنىش كېرەك .( {7 n. B5 n. w8 \4 q
z% K& s; Z. O/ V4 G. q, e& N% | ئەگەر بالىڭىزنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز ھەم ئاراڭلاردىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئويلىسىڭىز ، بالىغا ئالدىراپ ئاچچىقلانماڭ ياكى ئاچچىقلىنىشتىن ئىلگىرى ، نېمىگە ئاچچىقلانماقچى بولغانلىقىڭىزنى ئوبدان ئويلاپ ، كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇلنى تپپىپ چىقىڭ . بالىنىڭ بىلىپ –بىلمەي ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلىرىگە نىسبەتەن زىيادە قاتتىق قوللۇق قىلماي ، مۇلايىملىق بىلەن تەربىيە بېرىش ، يەنى بالىلارغا قىلغان ئىشىنىڭ خاتا بولۇپ قالغانلىقىنى سوغۇققانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈش ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇل . 8 c7 G. B7 `0 P0 m' Y, s; P4 Y 2 [- x* x4 N2 M5 V# [ ئاتا –ئانىلار بالىلىرىغا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇشتىن قورقماسلىق ، خاتالىقىنى تونۇشقا جۈرئەت قىلىش ، تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا خاتالىقىنى تۈزىتىش توغرىسىدا تەربىيە بەرسە ۋە بالىنى شۇ ئاساستا يېتەكلىسە ، ئاتا –ئانا بولغۇچى ئۆزىمۇ ئوڭايسىزلىنىپ قالمايدۇ ، بالىمۇ خاتالىق ئۆتكۈزۇشنىڭ ئاتا –ئانىسىنىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ .$ e) I- N# J1 N/ u. S- ?
( U- [1 P# n/ R( u; T6.ئۆزىنىڭ بالىسى بىلەن باشقا بالىلارنى سىلىشتۇرۇش1 O1 E! R$ ~5 j ھەممە بالىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى ۋە ئاجىزلىقى بولىدۇ . لېكىن كۆپىنچە ئاتا –ئانىلار بۇ نۇقتىغا سەل قارايدۇ ھەمدە باشقىلارنىڭ بالىسى قىلالىغاننى مېنىڭ بالاممۇ قىلالىشى كېرەك ، دەپ قاراپ ، بالىسىغا ئۇ خشاش ئۆلچەمدە تەلەپ قويۇپ بېسىم ئىشلىتىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن بالىدا نارازىلىق ۋە ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ . نۇرغۇن ئاتا –ئانىلار دائىم ئۆزىنىڭ بالىسىنى باشقىلارنىڭ بالىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ :‹‹سەن نېمىشقا پالانچىدەك بولالمايسەن››دېگەندەك تاپا –تەنىلەرنى قىلىدۇ . بۇ بالىلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدۇ . چۇنكى بۇنداق ئەيىبلەشلەر بالىنىڭ باشقا ياشتىكى بالىلارغا يەتمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ قويىدۇ . ئەمەلىيەتتە ، بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى تەرەققىياتىدا پەرق بولىدۇ . ئاتا –ئانىلار بالىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى قوبۇل قىلىپ ، بالىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكلىرىنى كۆزىتىپ بايقاشقا ماھىر بولۇپ ، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان ئۇسۇل ۋە چارىلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ ، ئاجىز نۇقتىلىرىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىشى لازىم . بۇنىڭدىن باشقا ، بالىلارنى باشقىلارنىڭ بالىسى بىلەن سېلىشتۇرماي ، كۆپرەك بۇرۇنقى ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ، بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئىلگىرىلىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە ماھىر بولۇشى كېرەك .8 j+ d) x! ?3 y Q" K: j- w* G
+ I) d1 g2 ]3 T; r: ]* I 7.بالىنىڭ گىپىنى دىققەت قىلىپ ئاڭلىماسلىق،ئۇلارنىڭ تەلىپىگە كۆڭۇل بولمەسلىك.6 {4 Y, e: K) O* G$ o% ?; | M بالىنىڭ گېپىنى دىققەت قىلىپ ئاڭلىماسلىق — بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنى بوغۇش بىلەن باراۋەر . ئەگەر بالىلارنىڭ تەپەككۇرى بوغۇلسا ، كېيىن تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ، ئويلىغانلىرىنى ئىپادىلىيلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ . بۇ پەرزەنت تەربىيىسىدىكى چوڭ خاتالىق .غەربلىكلەرنىڭ‹‹ھەيران قېلىش تەتقىقاتنىڭ ئاتىىسى ، ئۇتۇق قازىنىشنىڭ ئانىسى ››دەيدىغان گېپى بار . بالىلارنىڭ قىزىقىشى ئەقلىي تەرەققىياتىنىڭ باشلىنىشى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ھېىابلىنىدۇ . قىزىقىش بالىلارنىڭ ئىلىم –پەننىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشى ھەم يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى . بالىلار مۇستەقىللىقىنىڭ يېتىلشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرگە يولۇقىدۇ ھەم كۈچلۈك ھەيرانلىق ھېسسىياتى بىلەن ئۆزلىرى بايقىغان ھەرقانداق نەرسىنى چۈشەنمەكچى بولىدۇ .بۇ بالىلارنىڭ بىلىم ئېلىش ئارزۇسى ، ئىجادىي تەپەككۇرىنىڭ بىخ سۇرگەنلىكىدۇر .بالىلارنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز ، ئۇلارنى قوللىشىمىز ، ئىلھام بېرىشىمىز ، ئۇلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا ئويلىنىپ جاۋاب بېرىشىمىز ، كەلسە –كەلمەس تەنقىد قىلماسلىقىمىز كېرەك . 9 b6 s$ L7 k$ ^5 D4 y' {4 v. a0 L1 q9 a# r* X3 N4 o گەرچە بالىنىڭ دەۋاتقىنى بىر خام خىيال بولسىمۇ ، ئاتا –ئانىلار ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلىشى ھەم بالىنىڭ ئۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىغا ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشى كېرەك . 1 q, J( u2 S5 D1 G* y4 V& f8 d0 @; X! X. g بۇنىڭدىن باشقا ، ئاتا –ئانىلار يەنە بالىلار بىلەن ىىردىشىشقا ، ئۇلارنىڭ ئايرىم پسىخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى بايقاشقا ماھىر بولۇشى ، بالىنىڭ مەسىللەرنى مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىشى ، تەسەۋۋۇرىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم ۋە ئىلھام بېرىشى ، ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرىشى ، رەسىم سىزىشقا يېتەكلىشى كېرەك .8 y* j& |4 J1 Y5 ?( T% E8 u7 E
8 `% v. |& n/ z j& _, V8.بالا بىلەن بىللە بولۇشقا ۋاقىت چىقارماسلىق , s, A W0 I) I. m( r' P بىر قىسىم ئاتا –ئانىلار خىزمەت ، تىجارەت جەھەتتىكى ئالدىراشلىقى ، تۇرمۇشتىكى خاتىرجەمسىزلىكى تۈپەيلىدىن بالىلىرى بىلەن ئانچە كارى بولمايدۇ ، پەرزەنتىنىڭ ھەرقايىىس تەرەپلەردىكى ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ ، بالىلىربنىڭ نېمىنى ئويلاپ ، نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ .ئاتا –ئانىلار ئىمكان بار ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ بالىلىرىنى سىرتلارغا ئەچىقىپ سەيلە قىلدۇرۇپ ، تەبىئەت بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرۇپ ، بالىلارنىڭ تۇغما ئەقلىي تالانتىنى قېزىشى ،ئەتراپتىكى شەيئىلەرگە قارىتا قىزىقىش پەيدا قىلىشى كېرەك . بالىلار بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇپ بەرگەندە ، بالىلارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ . شۇڭا مۇۋاپىق ۋاقىت ، مۇۋاپىق ئورۇن ، مۇۋاپىق رەۋىشتە بالىلارنى ئۆزى ئويلاشقا ، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەشكە ، ئۆزى تەجرىبە قىلىشقا ، ئۆزى ئىزدىنىشكە ، ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئىپادىلەشكە ۋە ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرۈشكە رىغبەتلەندۇرۇشىمىز ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بالىلارنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش جەريانىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىغا ئۆز ۋاقتىدا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك . ( ]- ~2 `) B& x) g' R' N O8 w* Q4 A' ? 9.بالىنى ھەددىدىن زىيادە ئاسراش ) n3 v* v2 Q _ ھەرقانداق ئاتا –ئانا ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ، دۇنيادا ئۆز پەرزەنتىدىن ‹‹تاتلىق ›› نەر سە بولمايدۇ .ئەمما بەزى ئاتا –ئانىلار پەرزەنت تەربىيىلەشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلىنى بىلمىگەنلىكتىن بالىغا بولغان ئامراقلىقنى ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىدۇ . بالىغا بولغان زىيادە ئامراقلىق ۋە ئۇلارنى ئورۇنسىز ئاسراش بالىلارنىڭ پسىخىك جەھەتتە ساغلام يېتىلەلمەسلىكىگە سەۋەبچى بولۇپ ، ئۇلارنى ئەمەلىي چېنىقىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ . جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يالغۇز پەرزەنتلىك ئائىلىلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە . يالغۇز بالىلار ئائىلىدە ئاتا –ئانىسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆيۈنۈشى ، چوڭلارنىڭ ئاسرىشى ، قەدىرلىشى بىلەن چوڭ بولغاچقا ، ئۇلارنىڭ مۇ ستەقىل ياشاش ئىقتىدارى بارغانسېرى ئاجىزلاپ كېتىۋاتىدۇ . ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىنىڭ ھەممە ئىشىنى قىلىپ بېرىشى بالىلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ۋە سىناپ بېقىش ئارزۇسىنى سۇسلاشتۇرۇپ ، بالىلارنى ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلىش ھوقۇقىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىپ قويماقتا . بۇ ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنىڭ نورمال تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي ، ئىقتىدار ئۆگىنىدىغان ۋاقتىنىمۇ كەينىگە چېكىندۈرۈپ قويىدۇ . بۇنداق تىپىك مىساللار ئەتراپىمىزدىمۇ ئاز ئەمەس . ھازىر تولۇق 2–يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ كىيىمىنى يۇيالماسلىقى ، تولۇقسىز 3–يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۇندىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئاددىي ئىشلاردىمۇ ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىقىدەك ئەھۋاللار بىز ئۈچۈن ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس .4 S. b: b- R5 X8 E3 y5 m- U( Q
$ p0 P: _' Y7 {: } بالىنى ئاسراش ھەددىدىن ئېشىپ كەتسە بالا ئۆزىنى يارامسىز ھېس قىلىپ قالىدۇ . ئاتا –ئانا دائىم بالىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزى باشقۇرسا ياكى توغرا–خاتانى ئايرىماي بالىنىڭ قارارىنى ئىنكار قىلسا ، بالىنىڭ پەزىلىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ قويىدۇ . ئەگەر بالىلار قۇربى يېتىدىغان يېنىك ئىشلارنى قىزىقارلىق ئويۇندەك بىلىپ قىلىشقا يېتەكلەنسە ، ۋاقىت ئۇزارغانچە ئۇلارغا ئەمگەكنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى مۇھىم رولىنى بىلدۇرگىلى ، ئىرادىسىنى تاۋلاپ ، تەدرىجىي ھالدا مۇستەقىل ياشاش قابىلىيىتىنى يېتىلدۇرگىلى بولىدۇ . شۇڭا ئاتا –ئانىلار كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق بالىلارنىڭ مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇشى ، ‹‹بالىلار ئۆزلىرى ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئىشلارنى ئۆزى قىلىشى كېرەك ›› دەيدىغان پرىنسىپنى ئېسىدە چىڭ ساقلىشى ، بالىلارنىڭ كاللىسىدىكى ‹‹مۇمكىن ئەمەس ›› دېگەن ئىدىيىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىشى كېرەك . 7 I u1 ]) L& r% F9 N, @- e 0 ^& G" W$ }2 ^* L6 Y% D) w+ Y' e3 K10.بالىنىڭ دوستلىشىشىنى توسۇش H$ t! R( @! y7 [& A ئۇزۇن مۇددەت تەنھا يۈرۈش بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى تەرەققىياتىغا ئىنتايىن پايدىسىز . بىر قسىىم ئاتا –ئانىلار بالىلىرىنىڭ دوستلىرى بىلەن ئويناپ ئارازلىشىپ قېلىشىدىن قورقىدۇ . ئۇلار بالىلارنىڭ ياشاش قابىلىيىتىنىڭ دەل ئەمەلىي تۇرمۇش جەريانىدا توپلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ .ئاتا –ئانىلاردىكى ھەممىگە چات كېرىۋالىدىغان ئەھۋال كۆپەيگەنسېرى ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا –ئانىلار بالىلارنى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا يېتەكلەپ ھەم ئۇلارغا باشقىلار بىلەن دوستلىشىش ، ئۆز ئارا ياردەملىشىش ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىشنى ئۆگىتىپ ، شاد –خۇرام كەيپىياتنى ساقلايدىغان قىلىپ تەربىيىلىشى لازىم . ! D: Y& k, m+ P% }" \8 q5 N" z% ^/ f4 T, ` u بالىلىق دەۋردىكى ئەقىل –پارا سەتنىڭ تەرەققىياتى ئادەمنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدىكى تەرەققىياتىغا بىۋاىىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇنىڭ ئۇچۇن ، ئاتا –ئانىلار بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان بالىلىق دەۋرىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ ، ئەڭ كىچىك ئىشتىن باشلاپ بالىلارنىڭ ئۇتۇق قازىنىش تۇيغۇسى ، غەلىبە قىلىش تۇيغۇسى ، ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشى ، ئەقىل –پاراسەت جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى ئۆز ۋاقتىدا ئېچىشى ، ئۇلارنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيىلىشى ، ئۇلارغا مەغلۇبىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىشى كېرەك . + x. l: H4 r& @. q/ ?( a' G 9 ~. y, \- q) ^‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى››ژورنىلىنىڭ 2008 – يىللىق 11 – سانىدىن ئېلىندى' p) L4 J4 W1 F$ c) ^( m* u $ V' d6 x" K: x) a, W. F' |- @* }
|